- تىزىملاتقان
- 2012-7-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-21
- ھوقۇقى
- 30
- جۇغلانما
- 475
- نادىر
- 0
- تېما
- 10
- يازما
- 49
 
- يوقلىما
- 27
قىزغىنلىق- 123 سەر
تىللا- 8 دانە
تۆھپە- 79 سەر
شۆھرەت- 93 سەر
 
| مۇھەببەت دىگەن نىمە؟  1.مۇھەببەت_ ئۇ كونا ئاتالغۇ،لىكىن ھەربىر يۈرەك ئۇنى يىڭىلاپ تۇرىدۇ،ئۇ قېرىمايدۇ،ئۆلمەيدۇ،باي-نامرات،پادىشاھ-قۇل،چوڭ-كىچىك دېمەيدۇ،ھەرقانداق بىر قەلىبكە ئۆز خاسلىقى ۋە مۇقەددەسلىكى ھەم جۇلالىنىپ تۇرغان پاكلىقى بىلەن كىرىپ كىلىدۇ. ئۇ پەقەت ئۆز قەدىر- قىممىتىنى تونۇپ يەتكەن غۇبارسىز يۈرەكلەردە قىممىتىنى تاپىدۇ،شۇنداقلا توي قىلمىغان قىز-يىگىتلەر ئوتتۇرسىدىلا ۋايىغا يىتىدۇ. يەنە شۇنىڭغا تەڭداش،ئادەملەرنىڭ ھەرىكىتىنى كونترول قىلىپ،پاكىز ،داغدام يولغا باشلايدىغان ئەخلاق دەيدىغان بىر نەرسە بار،شۇ نەرسە مۇھەببەتنىڭ پاك پېتى ۋايىغا يېتىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ،ئۇمۇ ئادەملەرنىڭ قەلبىدە بولىدۇ. ئەگەر ئۇ نەرسە قەلىبكە مۇھەببەت كىرىپ قالسا،مۇھەببەت خاسلىقىنى يوقۇتۇپ،ھەقىقى مەنىسى بىلەن تەرەققىي قىلالماي، باشقىچە بىر خىل ھەۋەسنىڭ قۇربانى بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا، مۇھەببەتنى ئەخلاق مىزانى بىلەن ئۆلچەپ،ئەخلاق ئىچىدە تەرەققىي قىلدۇرغاندا،ئۇ مەڭگۈ جۇلالىنىپ تۇرىدۇ. ئەخلاقنىڭ تەسەررۇپىدىن مۇستەسنا مۇھەببەتنى مۇھەببەت دىمەيمىز، شۇڭا ھەرقانداق ئادەم ئۆزىنى بىلەلىشى،كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ مۇھەببەتكە داغ كەلتۈرمەسلىكى كېرەك.......... 2.مۇھەببەت دىگەن يەنىلا مۇھەببەت،ئۇنى قۇش قىلىپ قەپەزگە سولىۋالغىلى،ئوتتا كۆيدۈرۈپ كەلكۈندە ئاققۇزىۋەتكىلى، چوڭقۇر يەر قاتلىمىغا كۆمۈۋەتكىلى ياكى بىر پىچاق بىلەنلا بوغۇزلىۋەتكىلى بولمايدۇ.ئۇ پۇل،مەرتىۋە،ئەمەل،نام-شۆھرەتكە بېقىنمايدىغان ئەركىن نەرسە،ئۇنىڭ ئۈچۈن لازىمى پەقەت ئۆزىنى قەدىرلەيدىغانلار. ئۇ تەڭسىزلىك،زوراۋانلىق ۋە ئەركىسىزلىككە ئۆچ، مۇھەببەت يەككە يىگانە ھالدا بىر جۈپ قىز-يىگىت ئوتتۇرسىدىكى ياخشى كۆرۈش بولۇپلا قالماستىن،بەلكى يەنە ئەركىنلىكنىڭ،ياخشىلىقنىڭ، گۈزەللىكنىڭ ۋە ئادالەتنىڭ سىمۋولى. مۇھەببەت ئاللاھنىڭ زۇننارىدىن ئېقىپ چۈشكەن ئەركىنلىك چەمبىرىكىدۇر. دۇنيادىكى بارلىق كۈچلەر ئىچىدە پەقەت مۇھەببەت كۈچىلا ئەڭ چەكلىمىسىز ۋە توسالغۇسىز كۈچتۇر. مۇھەببەت پەقەت ئەركىن ھالەتتىلا مەغرۇر چىناردەك بۈك-باراقسان بولۇپ شاخلىيالايدۇ. ئۇ تۇرمۇشنىڭ سىرلىق قاتلاملىرىدىكى گۈزەللىك بىلەن ئالىيجاناپلىق،ئىدراك بىلەن ئاق كۆڭۈللۈكنىڭ نامايەندىسى..........
|
|