- تىزىملاتقان
- 2012-7-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-21
- ھوقۇقى
- 30
- جۇغلانما
- 475
- نادىر
- 0
- تېما
- 10
- يازما
- 49
 
- يوقلىما
- 27
قىزغىنلىق- 123 سەر
تىللا- 8 دانە
تۆھپە- 79 سەر
شۆھرەت- 93 سەر
 
| ئۈچ ئاكا-ئۇكىنىڭ ئېچىنىشلىق كەچۈرمىشى يېقىندا،بىر خىزمەتدىشىم بىلەنتاماق سورۇنىدا قەشقەر ئەمگەك بىلەن تەربىيلەش(مەجبۇرى ئايرىپ زەھەر تاشلاتقۇزۇش) ئورنىمىزنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرى،بولۇپمۇ بۇ ئورۇنغا كېلىپ زەھەر تاشلاتقۇزۇش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىۋاتقانلارنىڭ ئېچىنىشلىق سەرگۈزەشتىلىرى ھەققىدە پاراڭلىشىپ قالدۇق. پاراڭ ئارىلىقىدا خىزمەتدىشىمدىن يېقىنقى ئىككى-ئۈچ يىل ئىچىدە بىر ئۆيدىكى ئۈچ ئاكا-ئۇكىنىڭ بۇ ئورۇنغا ئىككى-ئۈچ قېتىمدىن كېلىپ زەھەر تاشلاتقۇزۇش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىۋاتقانلىقىنى ،ھازىر ئۇلارنىڭ مۇشۇ ئورۇندا بارلىقىنى ئاڭلاپ،ئولارنى زىيارەت قىلىپ بېقىش ئىستىكى تۇغۇلدى ۋە خىزمەتدىشىمنىڭ ياردىمىدە ئۇلارنىڭ بىرسىنى زىيارەت قىلدىم.25ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان،ئوتتۇرا بوي،بۇغداي ئۆڭ،قاش-كۆزلىرى جايىدا بۇ زەھەر چەككۈچى بىلەن پاراڭلىشىپ،ئۇنىڭ پۇشايمان خاتىرىسنى جەمئىيەتتىكى كەڭ تاشلارغا سۇنغۇم كەلدى. ئەقلىمگە كەلسەم،دادام ئاتا كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىپ ،شەھەرنىڭ ئاۋات بىر كوچىسىدا ئاشخانا ئاچىدىكەن.بىز ئولتۇرغان ئۆيدىن باشقا يەنە شەھەر ئىچىدە ئىككى يەردە زېمىن ئۆيىمىز ،خېلىلا كۆپ ئىقتىسادىمىزمۇ بار ئىكەن. بىز ئۈچ ئوغۇل،بىر ئاكام بىر ئىنىم بار ئىدى. مەن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 1-يىللىقىغا چىققاندا،ئاكام تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈردى.ئاكامنىڭ ئوقۇشى تازا ياخشى بولمىغاچقا،دادام ئاكامنى ئاشخانا ئىشلىرىغا ياردەملەشتۈردى، سىنىپتىكى بىر قىسىم كەپسىز بالىلارغا ئارىلىشىپ مەنمۇ دەرسلەرگە تازا قىزىقمايدىغان بولۇپ قالدىم.ئاتا-ئانىسى تىجارەت قىلىدىغان بىرنەچچە ساۋاقدىشىمنىڭ مەكتەپتىن چىقىپ كېتىپ تىجارەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ،مەندىمۇ مەكتەپتە ئوقۇماي تىجارەت قىلىش ئويى تۇغۇلدى. بىر كۈنى بۇ ئويۇمنى ئانامغا دىسەم،ئۇ: _بالام،ئاكاڭ ياخشى ئوقۇيالمىغاچقا،داداڭنىڭ كەسپىگە ۋارىسلىق قىلسۇن دەپ ئاكاڭنى مەكتەپتىن چىقىرىۋالدۇق .زامان كۈندىن-كۈنگە تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ.تىجارەتچى بولساڭلارمۇ بىلىملىك بولمىساڭلار بولمايدۇ.شۇڭا داداڭ بىلەن مەسلىھەتلىشىپ،ئۇلاڭ بىلەن سىنى ئالىي مەلتەپكىچە،بولسا چەتئەللەردە ئوقۇتايلى دىيىشتۇق،بۇنىڭدىن كىيىن،ھەرگىز بۇنداق گەپلەرنى قىلما،ئۇكاڭغىمۇ دەپ قوي،ئۇمۇ ئوقىمايدىغان خىياللارنى قىلمىسۇن،ـدەپ نۇرغۇن تەربىيەلەرنى قىلدى. مەن ئاغزىمنىڭ ئۇچىدا‹‹ماقۇل››دەپ قويغان بولساممۇ،يەنىلا ئۈگىنىشكە كۆڭۈل بۆلمەي،بارا-بارا نەتىجىلىرىم تۆۋەنلەپ كەتتى. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىغا چىقىدىغان چاغدا،ئۆيدىكىلەر ئىككى يەردىكى زېمىن ئۆينى سېتىۋېتىپ،ئۈرۈمچىگە كۆچۈپ كەتتۇق. ئانام بىرنەچچە كۈن قاتراپ يۈرۈپ ،مىنى تولۇقسىزنىڭ 3-يىللىقىغا،ئۇكامنى 1-يىللىقىغا ئورۇنلاشتۇردى.دادام ئاۋات بىر كوچىدىن خېلىلا چوڭ بىر ئاشخانىنى سېتىۋېلىپ تىجارەتنى باشلىۋەتتى.ئاشخانىنىڭ سودىسى ناھايىتى ياخشى ئىدى.دادام دائىم ئۇكام بىلەن ماڭا: -بالىلىرىم ،ئاكاڭلارغۇ ئاخىرىغىچە ئوقۇيالمىدى،شۇڭا سىلەر چوقۇم ياخشى ئوقۇپ بىلىملىك ئادەم بولۇڭلار،-دەيتتى. مىنىڭ ئوقۇشۇم تازا ياخشى بولمىغاچقا،ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمەي،ئاتا-ئانامنى نائۈمىدتە قويدۇم.كىيىن چەتئەل تىلى كۇرسىدا ئوقۇپ،تىل ئۈگىنىپ ئۆزۈمنىڭ چىقىش يولىنى تاپاي،دەپ بىر چەتئەل تىلى ئۈگىنىش كۇرسىغا قاتناشتىم . ئۇكامنىڭ ئوقۇشىمۇ تازا ياىشى بولمىغاچقا،ئۆيدىكىلەر شۇنچە تەربىيە ئىشلىسىمۇ ئۇنىماي مەكتەپتىن چىقىۋېلىپ،بىر مەزگىل بىكار يۈرۈپ،ئاخىرى كىيىم-كىچەك دۇكىنى ئېچىپ،خېلى كۆپ پۇل تاپتى.مەن كۇرستا ئوقۇش جەريانىدا جەمئىيەتتىكى بالىلارغا ئارىلىشىپ نوچىلىق قىلىپ،دەسلىپىدە تاماكا چېكىش،ھاراق ئىچىشنى ئۈگەندىم.كۈندە ئەتىگەندە‹‹كۇرسقا بارىمەن››دەپ دادامدىن پۇل ئېلىپ ئۆيدىن چىقىپ،كۇرسقىمۇ بارماي ئويۇن-تاماشا بىەلن كۈن ئۆتكۈزدۈم.بىر كۈنى يېڭىدىن تونۇشقان بىر دوستۇمنىڭ باشلىشى بىلەن ئۇنىڭ بىر دوستىنىڭ ئۆيىگە بارساق،ئۇنىڭ دوستى بىرنەچچە قىز دوستى بىلەن ئولتۇرۇش قىلىۋېتىپتۇ،بىردەمدىن كېيىن ئۇلار‹‹باشلامدۇق››دىيىشىپ،تاماكىنىڭ پار-پۇر قەغىزىنىڭ ئۈستىگە ئۇندەك ئاق نەرسىنى تۆكۈپ،قەغەزنىڭ ئاستىغا چاقماق بىلەن ئوت يېقىپ،ئۇنىڭدىن چىققان سۇس تۈتۈننى قەغەز بىلەن ياسىۋالغان نەيچىلىرى بىلەن ھوزۇرلىنىپ شوراشقا باشلىدى. بۇنىڭدىن بۇرۇن باشقىلاردىن خىروئىننى ئاشۇنداق چىكىدىغانىلىقىنى ئاڭلىغانلىقىم ئۈچۈن،ئۇلارنىڭ خىروئىن چېكىۋاتقانلىقىنى بىلدىم. باشلاپ كەلگەن ئاغىنەم ماڭىمۇ چىكىپ باقامسەن دېۋىدى،رەت قىلسام،بىر قىز‹‹كەيىپتىن يانغان ئوغۇل بالا ئوغۇلبالا ئەمەس››دەپ مازاق قىلدى.كۆڭلۈمدە بۇ زاڭلقنى بەك ئېغىر ئالدىم-دە،‹‹بىر قىزبالىنىڭ ئالدىدا يەرگە قاراپ ئولتۇرغىچە چەكسەم چىكەي،بىر قېتىم چەككەنگە خۇمار بولۇپ قالماسمەن››دەپ،ئۈچ نۆۋەت شورىۋېدىم،كۆزۈم ئېلىشىپ ئولتۇرغان جايىمدا ئۇخلاپ قاپتىمەن.ئەتىسى ھېلىقى دوستۇم يەنە بىرسىنىڭ ئۆيىگە باشلاپ باردى.ئۇ ئۆيگە بارساقمۇ نەخ خىروئىن چېكىۋاتقان سورۇننىڭ ئۈستىگە بېرىپتۇق. ھەرخىل زورلاشلار تۈرتكىسىدە يەنە چېكىپ قالدىم، شۇنداق قىلىپ ئۇيەر-بۇيەرلەردە چېكىپ يۈرۈپ،ئۆزۈممۇ بىلمەيلا ئۇنىڭغا خۇمار بولۇپ قالدىم.ئۇنى چېكىشنى ئۈگىتىپ قويغان دوستلىرىم بولسا مىنى ئىزدىمەس بولىۋالدى.نائىلاج باشقا چىكىدىغانلاردىن‹‹ئاق›› ساتىدىغان يەرلەرنى سوراپ يۈرۈپ،دادامدىن ھەرخىل باھانىلەر بىلەن پۇل ئېلىپ،بىر يىل يوشۇرۇنچە چېكىپ يۈردۈم.بىر كۈنى دادامدىن پۇل سورىسام 30يۈەنلا بەردى،بۇنىڭغا ئاق كەلمەيتتى. ئاخىرى توي قىلىپ ئايرىم ئۆي تۇتۇۋاتقان ئاكام يادىمغا يەتتى-دە،ئۇنىڭدىن پۇل ئالاي دەپ ئۆيىگە بارسام،ئۇ بىرنەچچە دوسلىرى بىلەن ھەدەپ خىروئىن چېكىۋېتىپتۇ.مىنى كۆرۈپ ئۇجۇقۇپ كەتكەن ئاكام:-چەككىنىمنى دادامغا دەپ قويما دەپ،500يۈەن بەردى. كۆڭلۈمدە بۇنىڭدىن كىيىن ئاكامنىڭ بۇ ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ پۇل ئالاي دىگەنلەرنى ئويلىدىم. شۇنداق قىلىپ بىرقىتىم دادامدىن ئالسام،بىر قىتىم ئانامدىن،بىر قىتىم ئاكامدىن،بىر قىتىم ئاشخانا غەللىسىدىن پۇل ،كۇرسقىمۇ بارمىدىم. بىر كۈنى بىر دوستۇم بىلەن خىروئىن ساتىدىغان ئادەمنىڭ ئۆيىگە كىرىپلا كۆزۈمگە ئىشەنمەي قالدىم.قارىسام ئۇكام ئۇ ئۆيدە قورسىقىنى تۇتۇپ‹‹ۋايجان››دەپ تولغۇنۇپ،ھېلىقى ئادەمگە نېسىگە بەرگەن بولسىڭىز دەپ يالۋۇرغىلى تۇرۇپتۇ.بۇنى كۆرۈپ نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەيتۇرۇپلا قالدىم ھەمدە ئۇكامغا:‹‹سەن بولساڭمۇ بۇ ئشنى قىلمىساڭچۇ››،دەپ يىغلاپ كەتتىم. ئۇمۇ ماڭا ئېسىلىپ:‹‹جىنىم ئاكا،دوسلىرىمنىڭ ئارقىسىغا كىرىپ چىكىپ قاپتىمەن،ماڭا بىر بولاق ئېلىپ بەرگىن،بەك قىينىلىپ كەتتىم،قەسەم قىلاي،خۇمارىممۇ ئانچە ئېغىر ئەمەس،مۇشۇ بىر قېتىم چىكىۋالسام،ئەتىدىن باشلاپ قەتئىي چەكمەيمەن››دەپ يىلىنىشقا باشلىدى.ئۇ نىجىسنىڭنىڭ خۇمارىنىڭ قانداق تۇتىدىغانلىقىنى بىلگەچكە،ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىپ بىر بولاق ئېلىپ بەردىم.دادام قانداق بىلىپ قالغان،بىر كۈنى ئۈچەيلەننى ئۆيگە سولاپ: ‹‹سەن گۇيلارنى قانداق قىلىدىكىن دىسەم،بىرنەچچە يىلدىن بېرى يولدىن چىقىپ كېتىشكىلى تۇردۇڭ،ئىنسان بالىسى بولغاندىكىن تۈزۈلۈپ قالار دىسەم،ئۆزۈڭنى بىلىشمىدىڭ،نەچچە ۋاقىتتىن گۇمان قىلىپ يۈرگەن ئىدىم،بۈگۈن باشقىلاردىن ئاڭلىسام، سەن ئۈچىڭ خىروئىن چىكىشىدىكەنسەن،ئاشخانا غەللىسىدىكى،ئۆيدىكى پۇللار نىمىشقا ئازلاپ كىتىدىغاندۇ، دەپتىمەن تېخى،بۈگۈن ماڭا راست گېپىڭنى قىلىش،بۇنىڭدىن كىيىن ئۇ نىجىسنى تاشلىيالمايمىز،دىيىشسەڭ ھەرقايسىڭنى زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىغا ئاپىرىپ بىرەي،-دېدى.ئانام ئۈچەيلەننى باغرىغا بېسىپ يىغلاپ كەتتى. ئاخىرى ئاكام زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىغا بېرىپ زەھەر تاشلايدىغان،ئۇكام بىلەن ئىككىمىز ئاشخانىغا قاراشقاچ دادامنىڭ يېنىدىن ئايرىلماي تاشلايدىغان بولۇپ ۋەدە بېرىشتۇق.لېكىن ۋەدىمىزدە تۇرالمىدۇق . ئاكام زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىدا ئۈچ ئاي ياتقان بولسىمۇ،چىقىپلا يەنە چېكىشنى باشلاپتۇ. ئۇكام بىلەن مەنمۇ ھېلىقى قىلغان ۋەدىلەرنى قىلغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن بىر-بىرىمىزدىن يوشۇرۇنچە چېكىپ يۈردۇق. ئۇكام قولىدىكى دەسمايىسىدىن ئايرىلىپ دۇكىنىنى سېتىۋەتتى. دادام بىز ئۈچىمىزنى بىر-بىرلەپ زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىغا ئاپىرىپ بېرىپ،ئىككى-ئۈچ قېتىمدىن داۋالاتقان بولسىمۇ،چىقىپلا يەنە چەكتۇق.ئاتا-ئانىمىزنىڭ قىلغان تەربىيەلىرى زادىلا ئۈنۈم بەرمىدى.كىيىنچە ئۈچىمىز بىر-بىرىمىزنىڭ تاشلىمىغانلىقىمىزنى بىلىپ،بىرسىمىز تاپساق،ئىككىمىز شىرىك بولۇپ چېكىشتۇق.ئاخىرى ئاكام ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قالدى ۋە ئولتۇرغان ئۆينىمۇ سېتىۋېتىپ،ئايالى بىلەن ئاجرىشىپ كەتتى.ئارىدىن تۆت يىل ئۆتۈپ بىز قەرز ئالغان ئادەملەر دادامنى ئىزدەپ،دادام بىچارە قەرزلەرنى قايتۇرالماي ئولتۇرغان ئۆيىمىز ۋە ئاشخانىنى سېتىپ قەرز قايتۇرۇپ،بىزنى ئېلىپ قەشقەرگە قايتىپ كەلدى. يۇرتقا كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي،ئاكام ئۆينىڭ بىر تۈركۈم بىساتلىرىنى ئوغۇرلۇقچە سېتىپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى(كىيىن ئاڭلىساق ئىچكىرىگە كىتىپتۇ)،كىيىنچە مەنمۇ،ئۇكاممۇ بىر-بىرىمىز بىلەن بەسلەشكەندەك ئاتا-ئانىمىزدىن يوشۇرۇنچە ئۆيدىكى سەرەمجانلارنى،ھەتتا ئانامنىڭ ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلىرىنى ئوغرلاپ سېتىپ ئىسقا تېگىشىپ بولدۇق. كىيىن ئۇكام بىر تۇققىنىمىزدىن دادامنىڭ نامىدا5000يۈەن قەرز ئېلىپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. ھەرقانچە ئەسكى بولساقمۇ ئاتا-ئانا دىگەن پەرزەنتلىرىگە چىدىمايدىكەن،ئىككى پەرزەنتىدىن ئايرىلغان بىچارە ئانام تولا يىغلاپ كىسەلچان بولۇپ قالدى.داداممۇ ھالىدىن كېتىپ،تىجارەتنىڭو يىنىغا بارالمىغاچقا،تۇرمۇشىمىز كۈندىن-كۈنگە غۇربەتچىلىكتە ئۆتۈشكە باشلىدى. ئاخىرى ئاھالە كومتىتىدىن بەرگەن تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى پۇلىغا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرىدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدۇق. بىر كۈنى چىكەرمەن دوستۇمدىن بىرىنى تېپىپ بىر خۇماردىن چىقىشنى ئويلاپ بىر خالتا كوچىدا كېتىۋېتىپ،ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان بىر چىكەرمەننىڭ خىروئىننى ئۆزىگە ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇپ كۆز ئالدىمدىلا ئۆلگەنلىكىنى كۆرۈپ،بەدەنلىرىمنى تىترەك بېسىپ ھۇشۇمدىن كېتىپتىمەن،بىر چاغدا ھۇشۇمغا كېلىپ قارىسام،ج خ ئىدارىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ قاپتىمەن.مەن ئاخىر ئۆز-ئۆزۈمگە:‹‹توختا،مەن مۇشۇ نىجىسنىڭ ئىپلاس چاڭگىلىدىن بىر قۇتۇلاي››دېدىم-دە،ئىككىلەنمەيلا ساقچىلارنى ئىزدەپ،‹‹مەجبۇرىي زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنى››غا ئاپىرىپ قويۇشنى تەلەپ قىلدىم.شۇنىڭ بىلەن ئۇلارمۇ مىنى ئىككى يىللىق مۇددەت بىلەن بۇ يەرگە ئەكىلىپ قويدى.مەن بۇيەرگە كىلىپ ئۈچ ئايدىن كىيىن يىڭىدىن كەلگەنلەر قاتارىغا سەپسالسام،بىر تىرە بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان ئاكاممۇ لاغىلداپ تىترىگىنىچە شۇ قاتاردا تۇرىدۇ.ئانام يوقلاپ چىققاندا ئۇنىڭدىن ئاڭلىسام،ئۇكاممۇ ئۈرۈمچىدىكى‹‹مەجبۇرىي زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنى››دا ئىكەن،دادام بىچارە ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قاپتۇ. مانا بۇ بىز ئەقىلسىز ئۈچ ئاكا-ئۇكىنىڭ ھايات مۇساپىمىزدە باسقان تۇيۇق يولىمىز،ئەمدىلىكتە ئويلانساق،بىز ئۈچ ئاكا-ئۇكا بۇ دۇنياغا مىھرىبان ئانىمىزنىڭ باغرىنى يېرىپ چىققان ئىنسان بولساقمۇ، ئىنسان ماڭىدىغان يوللاردا ماڭماپتۇق.خىروئىن چېكىش بىلەن ئۆتۈپ كەتكەن ھايات مۇساپەمنى ئەسلەپ،ئۆز-ئۆزۈمگە :دادام بىچارىنىڭ بىر ئۆمۈر جاپا مۇشەققەتتە تاپقان پۇللىرى،ئىككى يەردىكى زېمىن ئۆيىمىز،بۇرۇنقى باياشات،خاتىرجەم تۇرمۇشىمىز،ئاتا-ئانىمىزنىڭ بىزدىن كۈتكەن ئۈمىدلىرىنى ۋەيران قىپتۇق.بىز ئۈچ ئوغۇل ئاتا-ئانىمىزغا ‹‹بالا››بولۇپلا قالماي،يەر زېمىن ئۈچۈنمۇ ئارتۇق يۈك،جەمئىيەت ئۈچۈن داشقال بولۇپ ياشاپتۇق. شۇڭا بار ئاۋازىم بىلەن شۇنداق توۋلىغىم بار: ھەي ئاق سۈت ئەمگەن بالىلار،ئىنسان بالىسى بولساڭلار بىز ماڭغان يولدا ماڭماڭلار! ئادەم بولۇپ تۆرىلىپ،بۇ دۇنيادىن ھايۋان كەبى كەتمەڭلار!!!!!!!! مەنبە: قەشقەر گېزىتى (قانۇن ۋە پۇقرا)
|
|