پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3608 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • 麦提图尔荪 13 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراقتەييارلانغان بۇلسا.ياردەم

  • ئوتلۇق 25 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    2-3كۇندىن بۇيان ئالدىراش بولۇپ قالدىم .

  • زەپەر 12 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى بارلىق باشقۇرغۇچىلار ياخشىمۇ سىلەر . ھەممىڭلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان . تىماڭلارنىڭ سەھىپىسىگ...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:29 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • تۇرپان_س تۈنۈگۈن 19:28 [ئىنكاس(0)] [...]

  • 麦提图尔荪 17 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراق قىلغان.ياردەم!

  • زەپەر 12 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • سەھرا13 تۈنۈگۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    خىزمەت بېسىمى نىمانچە ئېغىر بوپكەتتى،بۇ مائارىپ تەرەققىياتى،جەمىيەت تەرەققىياتىمۇ؟

  • 94机械 تۈنۈگۈن 17:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھويلامنى بىزەپ شۇ

كۆرۈش: 100|ئىنكاس: 4

سۆيۈملۈك ئايال بۇلاي دېسىڭىز...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

406

تېما

56

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
5035 سەر
تىللا
2199 دانە
تۆھپە
8452 سەر
شۆھرەت
3651 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 03:22:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-16 03:59  

سۆيۈملۈك ئايال بۇلاي دېسىڭىز...

046.jpg
  
بۈگۈنكى جەمئىيىتىمىزدىكى بىر قىسىم قىز-ئاياللىرىمىز سۆيۈملۈك ئايال بولۇشنىڭ ھەقىقىي ئۆلچەملىرىنى بىلمەسلىك، نىكاھقا يەڭگىللىك بىلەن بىرتەرەپلىمە قاراش، نىكاھنى پۇل تېپىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىۋېلىش، جۈپتىنىڭ ئۆزىنى ئەڭ قەدىرلەيدىغانلىقىغا قانائەت قىلماسلىقتەك ئازغۇنلۇق تۈپەيلى، تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىپ، پۇشايمانغا مۇپتىلا بولماقتا.
جەمئىيىتىمىزدىكى بەزى «ئەركەك»لىرىمىز ئۇلارنىڭ يولدىن تېيىشىغا رولچى، ئادىشىشىغا كومپاس بولماقتا. بۇنداق قوش يۆنىلىشلىك چېكىنىش ئاخىرىدا  ئۆزىمىزنىڭ، جۈملىدىن مىللىتىمىزنىڭ نامىغا داغ كەلتۈرمەكتە. ئۇلارنىڭ نەزەرىدە ئەينى زامانلاردىكى «سەنەم، شېرىن، زۆھرە، گۈلەمخان، رابىيە، گۈلنىسا، نوزۇگۇم....»لارنىڭ ئىش ئىزلىرى ئۆزگىچە چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولۇپ، ئۇلاردىكى روھ بىزدىن بارغانچە يىراقلاشماقتا.


بىرىنچى، نەزەرىيەۋى بىلىمگە ئىگە ئاياللار سۆيۈملۈك ئاياللاردۇر. بىلىم ئىنسانىيەتنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىدىكى تەجرىبىلىرىنىڭ يەكۈنى ۋە يىغىنچاقلىنىشى. بەزى ئاياللار تىرىشسىلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدىغان تۇرۇقلۇق، ئەرلىرىنىڭ ئۆزىنى ئۈستۈن چاغلىدى دېيىشىدىن ياكى باشقىچە تۇيغۇدا بولۇشتىن ئەنسىرەپ، ئۆز قابىلىيىتىنى ئىشقا سالمايدۇ، ئاشكارىلىمايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئەرلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ قولىدىن ئىش كېلىدىغان قابىلىيەتلىك ئاياللىرىدىن سۆيىنىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.

ئىككىنچى، ئۆزىنى قۇربان قىلىش روھىغا ئىگە ئاياللار سۆيۈملۈك ئاياللار. بۇنداقلار ئېرىنىڭ كۈلكىسىگە كۈلكە، يىغىسىغا يىغا ئاتا قىلالايدىغان، گېزى كەلگەندە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقالايدىغان ئاياللاردۇر. شۇڭا ئاياللار سۆيۈملۈك بولۇش ئۈچۈن «ئىتائەتمەن» بولۇش بىلەن «ئۆزىنى قۇربان قىلىش»نى ئىنىق پەرقلەندۈرۈۋېلىشى لازىم.


ئۈچۈنچى، خۇشخۇي، خۇشچاقچاق ئاياللار سۆيۈملۈك ئاياللاردۇر. چېھرىدىن تەبەسسۇم يىغىپ تۇرۇش روھەن ساغلاملىق ھەم ئۈستۈنلۈكنىڭ ئىپادىسىدۇر. چاقچاق غەم - ئەندىشىنى يوقىتىدۇ. قايسى ئائىلىدە چاقچاق ۋە كۈلكە كۆپ بولسا، شۇ ئائىلىنىڭ ئىناقلىقى كۈچىيىدۇ، ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولىدۇ. بىراق بەزى ئاياللار كۆپ ۋاقتى، زېھنىنى يوقىلاڭ تەشۋىشلىنىش، غەم - ئەندىشىدە  ئۆتكۈزۈۋېتىدۇ، قارىماققا ئۇلار ئائىلىسى ئۈچۈن غەم يەۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ بىردەممۇ ئېچىلمايدىغان سۆرۈن چىرايى ئېرىنىڭ نەزەرىدىكى «سۆيۈملۈك» ئوبرازىنى سۇسلاشتۇرىدۇ.


تۆتىنچى، سەۋەنلىكىنى دەرھال ئېتىراپ قىلالايدىغان ئاياللار سۆيۈملۈك ئاياللاردۇر. بۇنداق ئاياللار ئاق كۆڭۈل بولۇپ، ئېرىنىڭ سۆيۈنۈش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، ئۆزىنىڭ روھىي ئۈستۈنلۈكى بىلەن ئېرىنىڭ چىن دىلىدىن ياخشى كۆرۈشىگە مۇيەسسەر بولالايدۇ.

ئۇنداقتا سۆيۈملۈك ئايال بولۇش ئۈچۈن قانداق قىلىشى كىرەك؟  بۇنىڭ ئۈچۈن:

1.گۈزەللىكنى توغرا چۈشىنىشى كېرەك. گۈزەللىكنى سۆيۈش كىشىلەردىكى ئورتاقلىق. تولىستوي «ئادەملەر چىرايلىق بولغانلىقىدىن سۆيۈملۈك ئەمەس، بەلكى سۆيۈملۈك بولغانلىقىدىن چىرايلىقتۇر» دېگەن. ئاياللارنىڭ گۈزەللىكى كۆپ تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لېكىن بۇنىڭ ئاساسلىقى پىسخىكا جەھەتتىكى گۈزەللىكتۇر. بىز ئادەتتە بۇنداق گۈزەللىكنى قەلب گۈزەللىكى دەپ ئاتايمىز. شۇڭا ئاياللار تاشقى گۈزەلىككىمۇ مۇۋاپىق ئەھمىيەت بېرىشى، ئەڭ مۇھىمى قەلب گۈزەللىكىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.
ئەمما بۈگۈنكى كۈندە بەزى ئاياللار «باشقىلارغا تاقابىل تۇرمىسا ياشىماق قىيىن» دەپ قاراپ، ھەممە ئىشنى تەتۈرسىگە بۇراپ، گۈزەللىكنى روھىي جەھەتتىن ئىزدىمەي، كىيىم-كېچەكتە ۋە قاتار چايدا مودا قوغلىشىش، ئائىلە ئىقتىسادىنىڭ يار بېرىش-بەرمەسلىكى بىلەن ھېسابلاشماي، زىبۇ-زىننەت، پەرداز بۇيۇملىرىغا بېرىلىش، باشقىلاردىن بىرەر ئېغىز گەپنى كۆپرەك قىلىۋېلىشتەك ناچار «گۈزەللىك»نى قوغلاشماقتا. بۇ ھال ئاياللارنى ھەدېسىلا سۆلەتۋازلىق، مەنىسىز مەنمەنچىلىك، ئۆزئارا ئىناقسىزلىق پاتقىقىغا پاتۇرىدۇ.


2.ئاياللار ئېرىنى ۋە ئېرىنىڭ كەسپىنى قوللىشى كىرەك. بەزى ئاياللار ئېرىنىڭ ئۆزىگە ياردەم قىلىشىنى، ئائىلە ئىشلىرىغا ياردەملىشىشىنى ئېرىنىڭ ئۆزىگە بولغان كۆيۈنىشى دەپ قارىماستىن، ئېرىنى ئۆزىگە بويسۇنغانلىقىنىڭ نەتىجىسى دەپ قارايدۇ-دە، ئېرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىدىن مەھرۇم قالىدۇ. شۇڭا ئاياللار ئېرىنى توغرا چۈشىنىشى، ئۇنى قوللىشى، ئېرى ئۈچۈن قۇربان بېرىشكە تەييار تۇرۇشى كېرەك. چۈنكى بىر تەرەپنىڭ كەسىپتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ئەلۋەتتە يەنە بىر تەرەپنىڭ قوللىشىغا باغلىق. مەسىلەن، لۇشۈن ئەينى ۋاقىتتا ئىقتىسادتا قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە ئايالى شۈ گۇاڭپىڭ ئىش تېپىپ ئىشلەپ، ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى يەڭگىللەتمەكچى بولغان، لېكىن ئۇ، لۇشۈن بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، بۇنداق قىلسا ئېرىنىڭ يېزىقچىلىقىغا تەسىر يېتىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئۇنىڭغا خاتىرجەم ئىجادىيەت شارائىتى يارىتىپ بەرگەن. دېمەك، ئاياللار ئېرى بىلەن بىللە ھەمكارلىشىپ، ئىختىيارلىق پىرىنسىپى بويىچە ئىش قىلىش، مۇۋاپىق كېلىش - كەلمەسلىكىگە قاراپ ئىش قىلىش، ئۆزئارا ھۆرمەتلەشنى تەكىتلەش ئارقىلىق ئېرىنىڭ كەسپىنى قوللىسا سۆيۈملۈك ئايال بولالىشى ھەم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى مۇمكىن.


3.ئاياللار ئائىلە تۇرمۇشىدىكى سەككىز مىنۇتقا سەل قارىماسلىقى كىرەك. بەزى نىكاھ مۇتەخەسسىسلىرى ئائىلە تۇرمۇشىدا ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندىكى تۆت مىنۇت بىلەن ئىشتىن چۈشكەندىكى تۆت مىنۇت ئىنتايىن مۇھىم، بۇ سەككىز مىنۇتتىكى ئەھۋالنى ئائىلە ئىناقلىقى ۋە نىكاھ مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى دەپ قارىغان. شۇڭا بۇ سەككىز مىنۇتقا سەل قاراشقا بولمايدۇ. چۈنكى بۇ سەككىز مىنۇتتىكى ئىشلار ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز ھالدا جورىڭىزغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندىكى تۆت مىنۇت ھەممىدىن مۇھىم. بۇ چاغدا  ئەر-خوتۇننىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇئامىلىسى شۇ ئائىلە كىشىلىرىنىڭ بىر كۈنلۈك خىزمەت ۋە كەيپىياتىغا ئىنتايىن چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىكى تۆت مىنۇتتا كۆپلىگەن ئەر ھاۋا رايىنىڭ ئوساللىقىدىن، قاتناشنىڭ قىستاڭچىلىقىدىن، خىزمەتتىكى ئۇششاق ئىشلاردىن كەيپىياتى تازا ياخشى بولمىغاچقا، ئايالىنىڭ ئۆزىنى قىزغىن كۈتۈۋېلىشىنى خالايدۇ. لېكىن، بەزى ئاياللار ئېرىنىڭ ھالىتىنى چۈشەنمەي، ئۆز دەردى، بالىلارنىڭ قانداق خاپا قىلغانلىقى ... دېگەندەك ئۇششاق ئىشلارنى سۆزلەپ، كۆڭۈل ئۇتۇشنىڭ ياخشى پۇرسىتىنى كەتكۈزۈپ قويىدۇ.



سۆيۈملۈك ئاياللار بىلەن قەدىرلىك ئەرلەرنىڭ تۇرمۇشى، مىڭلىغان، مىليونلىغان ئائىلىلەر ھەم ھەر بىر جەمئىيەت ئەزاسىنىڭ بىۋاسىتە مەنپەئەتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىۋاتقان نىكاھ ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق كۈچ چىقىرىشى بىلەن كامال تاپىدىغانلىقى ئېنىق ھەقىقەت. شۇڭا، ئىتائەتمەنلىك، تىرىشچانلىق، ئەقىل-پاراسەت، ئىشچانلىق، باتۇرلۇق، ۋاپا-ۋىجدانلىقتەك قەلب گۈزەللىكىگە ئىگە ئاياللىرىمىز، بۈگۈنكى كۈندىمۇ، گۈزەللكىنى، قەدىرلىنىشنى ئۆزىنىڭ ئېسىل پىسخىك روھىي-ھالىتىدىن ئىزدەپ، سۆيۈملۈك ئايال بولۇشتىن ئىبارەت گۈزەل ئوبرازىنى تېخىمۇ نۇرلاندۇرىشى كېرەك.

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

482

تېما

22

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5663 سەر
تىللا
1765 دانە
تۆھپە
6469 سەر
شۆھرەت
4269 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 09:30:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېقىندىن بىرى  بەك ياخشى تىمىلارنى يوللاپ مۇنبەر ئەلىگە يوللاۋاتىسىز . رەخمەت ئامانجان مۇئەللىم . يەنە شۇ ئەر - ئاياللارنىڭ تۇرمۇش ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك تىمىللىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي .
ئۇقۇتقۇچىلارغا مۇناسىۋەتلىك تىمىلارنى كوپ يوللىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن

234

تېما

57

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5092 سەر
تىللا
905 دانە
تۆھپە
9303 سەر
شۆھرەت
4210 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 11:58:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامان ئەپەندىم ياخشىمۇسىز ؟
بۇ تېمىڭىزنى ئوقۇپ ئۆزەمنىڭ بىر سۆيۈملۈك ئايال ئىكەنلكىمنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتتىم رەھمەت .
(چاق چاق )
رەھمەت سىزگە ئاياللارنىڭ تۇرمۇش يولىنى  توغرا تېپىشىغا   ئېسىل تېمىلرىڭىز ئارقىلىق يول كۆرسۈتۈپ بېرىۋاتىسىز . ھارمىغايسىز ئۇستاز .

44

تېما

16

دوست

4762

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1099 سەر
تىللا
219 دانە
تۆھپە
1123 سەر
شۆھرەت
793 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 13:27:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامان مۇئەللىمنىڭ خانىم-قىزلىرىمىزغا ئاتالغان تېمىلىرى بىر -بىرىدىن ئېسىل چىقىۋاتىدۇ. مۇنبىرىمىزدىكى بۇ تېمىنى ئوقۇغان ھەربىر خانىم قىزلىرىمىز  بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ سۆيۈملۈك بولۇپ كېتىدىغان بولدى دېسە !  
ئەتەڭنى ئويلا،ئۆگۈنۈڭنى ئويلىما.چۈنكى، ئەتەڭ يەنە بىر ئەتىگە ھامىلدار!

10

تېما

0

دوست

653

جۇغلانما

ئەزىز مېھمان

Rank: 1

قىزغىنلىق
148 سەر
تىللا
24 دانە
تۆھپە
129 سەر
شۆھرەت
116 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 16:26:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىى ئوقۇغان ھەرقانداق ئايال سۆيۈملۈك بۇلۇپ ، جاھاندا سۆيۈملۈك ئاياللار كۆپىيىپ كەتسە نىمە دىگەن ياخشى. پايدىلىق قىممىتى يۇقۇرى تېما يوللاپسىز، نادىر  تېمىلىرىڭىىز مەڭگۈ ئۈزۈلمىگەي.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-11 12:48, Processed in 0.515470 second(s), 40 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش