بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-29 00:32
ئامېرىكىدا بالىلارغا ئېلىپ بېرىلىدىغان مالىيە باشقۇرۇش تەربىيىسىنىڭ نىشانى ۋە تەلەپلىرى
![152110l1zf2txxef435bel[1].gif 152110l1zf2txxef435bel[1].gif](data/attachment/forum/201212/29/002553i7mwx7vwp5ppgzo6.gif) ئالتە ياشتا: سانى كۆپ بولمىغان پۇللارنى تونۇيالايدىغان، كۆپ مىقداردىكى تەڭگە پۇللارنى سانىيالايدىغان بۇلۇش.
يەتتە ياشتا: مال باھا كارتىسىنى چۈشىنەلەيدىغان بولۇش.
سەككىز ياشتا: ئىشتىن سىرت پۇل تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىش ۋە پۇلنى ئامانەت قويۇشنى بىلىش.
توققۇز ياشتا: ھەپتىلىك ئاددى چىقىم پىلانى تۈزەلەيدىغان ھەم مال سىتىۋالغاندا باھا سېلىشتۇرۇشنى بىلىدىغان، ئوخشاش بولمىغان تۈر، ئوخشاش بولمىغان قىممەتتىكى پۇللارنى ئېنىق تونۇيدىغان، بانكا كارتىسى ۋە پۇل چېكىنى بىلىدىغان ھەم بۇ ئىككىسىنى پەقەت بانكىدا ئامانەت پۇلى بولغاندىلا ئىشلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىدىغان، ئىناۋەتلىك قەرزنىڭ ئاساسى پرىنسىپىنى چۈشىنىپ، پۇل قەرز ئالغاندىن كېيىن قايتۇرۇشنى، پۇلنى ئامانەت قويۇش، مەبلەغ سىلىش ياكى ئاتا – ئانىسىغا ساقلاشقا بېرىشنىڭ ئارتۇقچىلىق–يېتەرسىزلىكلىرىنى سېلىشتۇرالايدىغان، پۇل تېپىش ئۇسۇلىغا دائىر مىساللارنى ئېيىتىپ بېرەلەيدىغان بولۇش.
ئون ياشتا: ھەر ھەپتىدە ئاز–ئازدىن پۇل تېجىگەندە، تەدىرىجىي پۇل توپلىغىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىش.
ئون بىر ياشتا: تېلېۋىزىيە ئىلانلىرىدىن ئەمەلىيەتنى بايقىيالايدىغان بولۇش.
ئون ئىككى ياشتا: ئىككى ھەپتىلىكتىن يۇقىرى چىقىم پىلانى تۈزەلەيدىغان ۋە ئەمەلىيلەشتۈرەلەيدىغان، بانكا مۇلازىمىتى توغرىسىدىكى بايانلارنى چۈشىنەلەيدىغان ۋە پايدىلىنالايدىغان بولۇش.
ئون ئۈچ ياشتا: ئۆزىنىڭ قىسقا مەزگىلدىكى ۋە كۆز ئالدىدىكى كىرىم–چىقىم نىشانىنى بېكىتەلەيدىغان (مەسىلەن، جۈمە كۈنى كەچتە سىنقويغۇ پىلاستىنكىسى ئىجارە ئېلىش، ياز كەلگۈچە يېڭى CD ئاپراتى سېتىۋىلىش قاتارلىقلارنى پىلانلىيالايدىغان)، ئاددى ئۆسۈملەرنى ھېسابلىيالايدىغان، خام چوت پىلانى تۈزەلەيدىغان ۋە ئۆزگەرتەلەيدىغان بولۇش.
ئون يەتتە ياشتا: بۇ ۋاقىتتا بالىلار ياشلىق مەزگىلىگە كىرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلاردىن تۈرلۈك ئامانەت قويۇش ۋە مەبلەغ سىلىش شەكىللىرىنىڭ خەۋپ–خەتىرى ۋە پايدىسىنى سېلىشتۇرالايدىغان، يىللىق ئۆسۈمنى ھېسابلاش ئارقىلىق پۇلنى نەگە ئامانەت قويۇش، نەدىن قەرز ئېلىشنى قارار قىلالايدىغان بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.
مەنبە: «شىنجاڭ مائارىپى» ژورنىلى
|