پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3603 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • زەپەر 8 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • سەھرا13 تۈنۈگۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    خىزمەت بېسىمى نىمانچە ئېغىر بوپكەتتى،بۇ مائارىپ تەرەققىياتى،جەمىيەت تەرەققىياتىمۇ؟

  • 94机械 تۈنۈگۈن 17:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھويلامنى بىزەپ شۇ

  • ak@# تۈنۈگۈن 11:13 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىلا.............................نەدىسەن ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

كۆرۈش: 308|ئىنكاس: 16

قىزلار .... ھامان «پۇشايمان قىلىدۇ»

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

406

تېما

56

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
5035 سەر
تىللا
2199 دانە
تۆھپە
8452 سەر
شۆھرەت
3651 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-24 01:27:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-24 01:30  

تور زىيارىتى داۋامىدا ‹‹ئوكيان مۇنبىرى››دىن بۇ تېمىنى ئۇچرىتىپ قېلىپ، قىزىقىش ئىچىدە ئوقۇپ چىقتىم. ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن قىزىقىشتىن باشلانغان تۇيغۇم ھەيران قېلىش، ئويلىنىش ۋە ئاخىرىدا مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن خۇلاسىلاندى. ئاخىرىدا بۇ تېما كۆچۈرۈلمە بولسىمۇ مۇنبەرداشلارنىڭ نەزەرىگە سۇندۇم.

قىزلار كىمگىلا ياتلىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھامان «پۇشايمان قىلىدۇ»
145729pa3pn2k9k3kvf3fp.gif

ھەرقانداق بىر ئەرنىڭ بىرەر نام نىشان، مۇراد مەقسىدى بولغىنىغا ئوخشاش، قىزلارنىڭمۇ ئەرلەرنى تاللىشىدا مەلۇم ئوي پىكىرلىرى، تەلەپ-ئۆلچەملىرى بولىدۇ، ئەلۋەتتە. مەسلەن: ئىستىقبالى بولۇش، پىشقان بولۇش، كۆيۈمچان بولۇش... دېگەندەك. قىزلار زادى قانداق ئەرگە ياتلىق بولغاندا كېيىن پۇشايمان قىلىپ «ئەينى ۋاقىتتا كۆزۈم قارىغۇ بولۇپ قاپتىكەن» دەپ تىللايدىغان ئىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغاندۇ؟!  قېنى ئەمىسە، بىز بىر-بىرلەپ كۆرۈپ باقايلى!


  پۇلى كۆپ ئەلەرگە ياتلىق بولغاندا: يېيىشىڭىز ئېسىل تاماق، ئولتۇرىشىڭىز ئالىي ماشىنا، كاتتا ئۆي ئىمارەت، كىيىشىڭىز پۇزۇر داڭلىق كىيىملەر، تاقىشىڭىز قىممەت باھالىق زىبۇ- زىننەتلەر... بۇ خىل تۇرمۇش ئەلۋەتتە يامان تۇرمۇش ئەمەستە؟!! كىم راھەت كۆرۈشنى خالىمايدۇ، كىم جاپانى خالايدۇ، دەيسىز؟!  ئەمما، ئەرلەرنىڭ پۇل تېپىشى ۋاقىت ۋە زېھىن تەلەپ قىلىدۇ. پۇلى كۆپ ئەرلەر بىر بولسا كەچكىچە سودا قايناملىرىدىن بوشىيالمايدىغان سودىگەر، يا بولمىسا كەچكىچە زىياپەت ئولتۇرۇش، يىغىندىن بوشىمايدىغان كاتتا ئەمەلدار ياكى ئەرباب. سودىگەرنىڭ كاللىسىدا پايدا نەپتىن ئۆزگە نەرسە ئاز، كۈندە دېگۈدەك سالغان مەبلىغى بىلەن تاپقان پايدىسىنىڭ ھېساۋاتى، بۇ خىل ئۇزاق ۋاقىت داۋاملاشسا ئاستا-ئاستا ئۆيدىكى ئىللىقلىقنى سۇسلاشتۇرىدۇ. ئەمەلدار، پۇلدارلار بولسا كۈندە زىياپەت، يىغىن دېگەندەك ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولۇپ، ئۆيدىكى ۋاقتى ئازدىن- ئاز بولىدۇ.  پۇلدار ئەرلەر تولىراقى ئاياللىرىنى ئۆيگە يالغۇز تاشلاپ قويىدۇ، ئۆزلىرى سىرتتا ئالدىراش يۈرۈيدۇ. بۇنداق ئەرلەرگە ياتلىق بولسىڭىز، سىزنىڭ شۇ تېلىۋېزورغا، ھۆسۈن گۈزەللەشتۈرۈش ئورنىغا ياتلىق بولغان بىلەن ھېچقانداق پەرقى يوق. بۇ ۋاقىتتا سىز چىداشنى، روھىي جەھەتتىكى بوشلۇققا چىداشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىز كېرەك، شۇ روھىي جەھەتتىكى بوشلۇقنىڭ سىزگە ئېلىپ كەلگەن  ھاۋادەكلا بەختنى، قەلبىڭىزدىكى ئاچچىقنى يۇتقاندەك يۇتۇشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ.

  ناھايتى قاملاشقان ئەرلەرگە ياتلىق بولغاندا: بۇ ئېنىقكى ئۆزىنىڭ پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپقانلىق. گەرچە ئۇ سومباتلىق يىگىت پەقەت سىزنىلا ياخشى كۆرسىمۇ، ئەمما ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان بەلكىم پەقەت سىزلا بولماسلىقىڭىز مۇمكىن، ھەم باشقا قىزلارنىڭ ھېچنىمىگە  قارىماستىن، پىدايىلارچە قىلغان ھۇجۇملىرىغا ئۈلگۈرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن، قاملاشقان ئەرلەرنىڭ گۈزەل نازىنىنلارنى ئۇچرىتىپ قېلىشىمۇ ئەلۋەتتە شۇنچىلىك قاملىشىپ كېلىدۇ، تېز كېلىدۇ. توساپمۇ توساپ بولالمايسىز-دە، ئاقىۋەت تۇرمۇشىڭىزدىن ئاستا-ئاستا مەسىلە چىقىشقا باشلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن سىز ئۆزىڭىز ئېيتىپ. ئۆزىڭىز ئوينايدىغان ئارتىسقىلا ئايلىنىپ قالىسىز، خالاس.

  سىزگە ھەمرا بولالايدىغان ئەرلەرگە ياتلىق بولغاندا: ئەر ھەر كۈنى سىزگە ھەمرا بولالايدۇ، ئۇنىڭ سىرتتىكى ئىشلارغا چىقارغان ۋاقتى ناھايتتى ئاز، تۇتىۋېلىش قابىلىيىتى ياخشى، سىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىڭىز، سىلەرنىڭ توي خاتىرە كۈنۈڭلار، ھەتتا ئاپىڭىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنلىرىنىمۇ شۇنچە ئېنىق ئېسىدە تۇتىدۇ. ئۇ ھەركۈنى ۋاقتىدا ئۆيگە قايتىدۇ،  يەنە بىر ئۈستەل  ياخشى تاماقلارنى ئېتىپ، قورۇما قورۇيدۇ. سىزگە ھەمرا بولۇپ، بازار ئايلىنىدۇ، بالا بېقىپ، تەربىيىلەشنى بىلىدۇ. سىزنىڭ ھەربىر كۈنىڭىز ئۇنىڭ ياردىمىسىز ئۆتمەيدۇ، مانا بۇغۇ كۆڭۈلدىكىدەك ئەر بولار؟! ئەمما، دائىم ئۆيدىلا بولىدىغان بۇ خىل ئەرلەرنىڭ قابىلىيىتى ئادەمنى گۇمانلاندۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئانچە كۆپ ئىقتىسادى كىرىمى يوق، بۇ چاغدا سىزنىڭ سىرتلاردا ئەرلەر بىلەن تەڭ جاپا چېكىپ، پۇل تېپىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ، شۇندىلا سىلەرنىڭ ماددى تۇرمۇشۇڭلار ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە بولغان بولىدۇ. باشقا ئاياللارنىڭ ئۆيلىرىدە خانىشتەك ئولتۇرۇپ، يولدىشىنىڭ تېپىپ بەرگەنلىرى بىلەن  ناز كەرەشمە ئىچىدە ياشاۋاتقىنىنى، قوللىرىنىڭ پاختىدەك يۇمشاق، يۈزلىرىنىڭ پارقىراپ تۇرغىنىنى كۆرگىنىڭىزدە، ئۆزىڭىزنىڭ سىرتلاردا ئالدىراش يۈرۈپ يىرىكلەشكەن يۈزلىرىڭىز، قوپاللاشقان، قاتتىق قوللىرىڭىز بىلەن سېلىشتۇرۇپ، يۈرۈگىڭىزنى چاشقان يېگەندەك بولىسىز-دە، كۆڭلىڭىزدە، باشقىلار نېمە ئۈچۈن ئالماس ئەرلىرىگە تايىنىپلا راھەت ياشايدۇ، مەن نېمىدەپ تۆمۈر-تەسەكتەك ئەر بىلەن جاپا تارتىمەن دەپ ئويلاپ ئازابلىنىسىز.

  شېرىن سۆزلۈك ئەرلەرگە ياتلىق بولغاندا: بۇنداق ئەرلەر بىلەن بىللە ئۆتكەندە سىزنىڭ كەيپىياتىڭىز ھەر ۋاخ چاغ يۈرۈيسىز، بۇ خىل ئەرلەر ئاياللارنىڭ ئارتۇقچىلىقنى بايقاشقا ئالاھىدە ماھىر كېلىدۇ. سىزنىڭ ھەربىر ئۆزگەرگەن چاچ پاسونىڭىز، ئالماشتۇرغان يىڭى كىيىملىرىڭىز، ھەتتا سۈرگەن لەۋسۇرۇخىڭىزنىڭمۇ باشقا ماركىغا ئالماشقانلىقى ئۇنىڭ كۆزىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ-دە، سىزنى ماختاپ قۇلاقلىرىڭىزغىچە قىزارتىۋېتىدۇ. ئەمما، سىزنىڭ چوقۇم بىر نەرسىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ، ئۇ بولسىمۇ بۇ خىل تىپتىكى ئەرلەر بۇنداق شېرىن-شېكەر سۆزلەرنى ھەر قانداق ئاياللارغا دېيەلەيدۇ، خۇددى سىزگە دېگەندەكلا! سىز ھەتتا ئۆزىڭىزنىڭ بۇ خىل گەپنى قانچىنچى بولۇپ ئاڭلىغىنىڭىزنىمۇ بىلەلمەي قالىسىز. بۇنداق ئەرلەر سەل خەتەرلىك، سەللا دىققەت قىلمىسىڭىز، باشقىلار بىلەن بىر يوتقاندا تەرلەشنىمۇ ئېغىر كۆرمەيدىغان بۇنداق ئەر سىزنى ئۆمۈرلۈك نادامەتتە قويىدۇ.

  ئادەتتىكىدەك ئاددىي-ساددا ئەلەرگە ياتلىق بولغاندا: سىز ئەلۋەتتە خاتىرجەم بولسىڭىز بولىدۇ، ئۇنىڭ سىزگە سادىقلىقىدا گەپ يوق، يېنىدىن ئۆتكەن ھەرقانداق قارا كۆز ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتالمايدۇ.  ئەمما، بۇ خىل ئەرلەرنىڭ ئىنكاسىنىڭ ئاستىلىقى سىزنى چۆچىتىپ قويىدۇ، سىزنىڭ ئالغىلى خېلى ۋاقىت بولغان ئايىقىڭىزنى تاسادىپىي كۆرۈپ قالىدۇ-دە، يېڭى ئالدىڭىزما؟ دەپ قويىدۇ. سىز ئۇنىڭدىن تىرناق لاكلىرىڭىزنىڭ قايسى رەڭگى بۇ ئاياققا ماس كېلىدىغانلىقىنى سورىسىڭىز، مەڭدەپ تۇرۇپ قالىدۇ. بۇ خىل ھېسىياتقا كەمچىل ئەرلەر سىزنىڭ گۈزەل چىرايىڭىز، لاتاپەتلىك تۇرقىڭىز، ئۇماق خۇلقى مىجەزىڭىزنىڭ قەدرىنى قىلىشنى پەقەتلا بىلمەيدۇ.

  تالانتلىق ئەرلەرگە ياتلىق بولغاندا: بۇنى قانداق دېسەك بولار؟  تالانتلىق ئەرلەرنى ئالدى بىلەن ئىككى تۈرگە بۆلەيلى: بىرى ئۇتۇق قازانغان تالانت ئىگىلىرى. بۇنداق ئەرلەر بىلەن توي قىلغاندا، بېشىدا ئالامەت رومانتىك، گۈزەل بولىدۇ. ئەمما  ئۇنداق تالانتى بار، ئۇتۇق قازانغان ئەرلەر كونىنى ياخشى كۆرمەيدۇ. ھەرۋاقىت گۈزەللىكنى قوغلىشىدۇ. يەنە بىرخىل تاللانتلىق ئەرلەر بولىدۇ، ئەمما بىر ئۆمۈر تەڭرىدىن زارلىنىپ، ھېچ ئىشنى بېشىغا ئېلىپ چىقالمايدىغان. بۇنداق ئەرلەر تېخىمۇ بولمايدۇ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆتسىڭىز، شۇ بىللە تەڭرىدىن زارلىنىپ، باشقىلارنى تىللاپ، ھاياتتىن ئۈمۈدسىزلىنىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ بۇنداق ئەرلەرنىڭ پىسخىكىسىدىنمۇ چاتاق چىقىپ، قورقۇنچلۇق بولۇپ قالىدۇ.

  كەسپىي ئەرلەرگە ياتلىق بولغاندا: ئاڭلىماققا يامان ئەمەس! مەسلەن: ئادۋۇكات، دوختۇر... ساقچى دېگەندەك، تويدىن كېيىن نېمىلا ۋەقەگە يولۇقسا، يۆلەنگۈدەك، ياردەم قىلالىغۇدەك ئادەم بار. بۇ خىل ئەرلەر ساپالىق كېلىدۇ، ئادەتتە، ئۆزىنىڭ كەسپىي ئەخلاقىغا يات ئىشلارنى قىلمىغىنىغا ئوخشاش، ئائىلىسىگە يات ئىشلارنىمۇ ئالدىراپ قىلمايدۇ. ئەمما، شۇ كەسىپنىمۇ سىزگە ئوخشاش ئايالى قىلىپ ئەمرىگە ئالغاندەك، چاقىرتىلغان زامان نەدە بولمىسۇن، كېتىپ قالىدۇ، بېرىپ كېلىشىنىڭ قارارى يوق بۇنداق تۇرمۇش، سىزنى زېرىكىش ھېس قىلدۇرۇش بىلەن غېرىبلىق ئائىلەڭلارغا ياخشى بولمىغان نەتىجە ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.

  مۇئەللىم ئەرلەرگە ياتلىق بولغاندا: مۇئەللىم ئەرلەرنىڭ يۇقىرىغا ئۆسۈش پۇرسىتى يوقنىڭ ئورنىدا، سىزگە ئويلىمىغان مۆجىزىلەرنىمۇ ھەم بېرەلمەيدۇ، خىزمەتتە تۆۋەندىن يۇقىرىغا ئالدىرىماي يامىشىدۇ. ياخشى يېرى پەقەت يىلدا ئۈچ ئاي ئۆي ئېرى بولۇش پۇرسىتى بار، بالىلارغا بىكارلىق ئائىلە ئوقۇتقۇچى بولالايدۇ.

   سىز بەلكىم مۇنداق دېيىشىڭىز مۇمكىن: ھەم پۇلدار، ھەم بىكار ۋاقتى كۆپ، ھېسىياتقا باي ھەم ماڭا سادىق بىرسىنى تېپىپ توي قىلساملا بولمىدىمۇ؟ مۇشۇنداق ئەرگە ياتلىق بولسام يەنە پۇشايمان قىلامتىم؟....  ئۇغۇ شۇ، بۇنداق ئەرگە ياتلىق بولسىڭىز ھەرگىز پۇشايمان قىلماسلىقىڭىز مۇمكىن! ئەمما  دۇنيادا نەدىمۇ بۇنداق ھەر جەھەتتىن مۇكەممەل ئەر بولسۇن دەيسىز؟! بولغان تەقدىردىمۇ، سىز بىلەن بىز ماس كېلىپ بولالمايمىز، چۈنكى ئۆزىمىز ئۇنچە مۇكەممەل ئەمەستە!!!  شۇنىڭ ئۈچۈن قىزلار كىمگىلا ياتلىق بولىشىدىن قەتئىينەزەر پۇشايمان قىلىدىغان ۋاقىتلىرى بولىدۇ، بىز پەقەت ئەنئەنىمىزگە مۇخالىپ بولمىغان ھالدا، شۇ نىكاھىمىزنى ساقلاپ قالىمىز، بۇنىڭدىن ھېچكىممۇ قۇتۇلالمايدۇ ئاخىر. چۈنكى، بىز ھەممىمىز كەمچىلىكىمىز ئارتۇقچىلىقىمىزدىن كۆپ ئادەملەردۇرمىز. بۇنىڭغا ئامال يوق، مانا بۇ تۇرمۇش!

مەنبە: ئوكيان تورى
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

44

تېما

16

دوست

4762

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1099 سەر
تىللا
219 دانە
تۆھپە
1123 سەر
شۆھرەت
793 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-24 03:46:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توي قىلغان 70%  ئادەم  جۆرىسىنى توغرا تاللىمىغانلىقى ئۈچۈن پۇشايمان قىلىدۇ ، دەپ ئاڭلىۋېدىم. راسكەن-دە !
ئەتەڭنى ئويلا،ئۆگۈنۈڭنى ئويلىما.چۈنكى، ئەتەڭ يەنە بىر ئەتىگە ھامىلدار!

29

تېما

3

دوست

2632

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
661 سەر
تىللا
172 دانە
تۆھپە
472 سەر
شۆھرەت
449 سەر

مائارىپچىتىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-24 12:05:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ ياخشىسى پۇشايمان قىلماسلىقنى، رىياللىققا يۈزلىنىشنى، قەدىرلەشنى بىلىشنى تەۋسىيە قىلىش كىرەك.
چۈنكى، ھەممە جەھەتتىن يىتىشكەن ئەر مەۋجۇت ئەمەس. مۇنداق ئەرنى ئۆزى لايىھىلەش كىرەك. بۇ ئەلۋەتتە مۈمكىن بولمايدۇ.

234

تېما

57

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5084 سەر
تىللا
905 دانە
تۆھپە
9295 سەر
شۆھرەت
4202 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-24 12:05:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامان ئەپەندى سىزنىڭ  بۇ ئەر- ئاياللار توغرىسىدىكى تېمىلىرىڭىزنى ئوقۇپ ئىختىيارسىز كۈلۈپ كېتىمەن . بەزىلرى شۇنداق قىزىقارلىق بولسا بەزىلىرى  ئەمىلى تۇرمۇش سىناقلىرىدىن ئۆتكەن يەكۈنلەر يەنە بەزىلىرى بولسا ئادەم ئويلاپمۇ باقمىغان   قىزقارلىق ئوخشىتىشلار .
بۇ تېمىڭىزمۇ ھەم شۇنداق قىزىقارلىق ھەم تۇرمۇش سىناقلىرىنىڭ يەكۈنى ئىكەن . ئادەم  نىمە  ئۈچۈن قانائەت قىلمايدىغاندۇ ؟  
  ھەر قانداق بىر كىشى قانائەت قىلىشنى ئۆگىنىۋالسا ئۇ چوقۇم بەختىنى تاپالايدۇ ھەم ئۆتكەن ھەر بىر كۈنىگە پۇشايمان قىلمايدۇ چۈنكى قانائەت قىلىش - بەختنىڭ ئاساسى .

باھا سۆز

مەرىپەت دوستۇم قانائەت قىلىپلا ئولتۇرساق بولماسمىكىن، بۇنى باشقىچە چۈشنۈپ قالماڭ يەنە، بۇ ئۇچۇر دەۋرىدە قانائەت قى تەپسىلاتىئىنكاس يوللىغان ۋاقتى 2012-12-24 13:33

136

تېما

62

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
2776 سەر
تىللا
1201 دانە
تۆھپە
1736 سەر
شۆھرەت
1500 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبايقاش مەلىكىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-24 13:17:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشقىلىپ كۆپىنچە ئاياللارنىڭ ئەرلىرىدىن زارلانغىنىنى، ئاجىرشىپ كەتكەن ئاياللارنىڭ مەڭگۈ توي قىلمايمىز دىگىنىنى ئاڭلىدىم. ‹‹ئىسنىڭ ئاچچىقىنى مۇرا بىلىدۇ››دە...

62

تېما

28

دوست

4729

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1019 سەر
تىللا
183 دانە
تۆھپە
910 سەر
شۆھرەت
934 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-24 13:25:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياتلىق بولماقچى بولىۋاتقان قىزلار بۇ تىمىنى كۆرسە قېرى قىز بولۇپ قالمىسۇن ماخما ؟ ئەڭ ياخشىسى بۇ تىمىنى ياتلىق بولمىغانلار كۆرمىسۇن دەپ ئەسكەرتىپ قۇيامىسز يا ؟
ئۇمۇ بولمىغىدەك ،توي قىلىپ بولغانلار كۆرسە كۆڭلى يېرىم بۇلۇپ قالغىدەك .
ئەڭ ياخشىسى بۇ تىمىنى ئۆچۇرۋېتەمسىز يا ؟
بايرىمىڭلارنى تەبرىكلەيمەن

136

تېما

62

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
2776 سەر
تىللا
1201 دانە
تۆھپە
1736 سەر
شۆھرەت
1500 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبايقاش مەلىكىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-24 13:33:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۇلزار يوللىغان ۋاقتى  2012-12-24 12:05
ئامان ئەپەندى سىزنىڭ  بۇ ئەر- ئاياللار توغرىسىدىكى تېم ...

دوستۇم قانائەت قىلىپلا ئولتۇرساق بولماسمىكىن، بۇنى باشقىچە چۈشنۈپ قالماڭ يەنە، بۇ ئۇچۇر دەۋرىدە  قانائەت قىلىپلا ئولتۇرۇپ يېڭىلىققا ئىنتىلمىسەك، ئىجات قىلىش روھى بولمىسا ،ئۆزلۈكسىز ئىزدەنمىسەك ، بىلىمىمىزنى ئۆزلۈكسىز يېڭىلىمىساق... نىمىگە ئوخشاپ قالارمىز؟

234

تېما

57

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5084 سەر
تىللا
905 دانە
تۆھپە
9295 سەر
شۆھرەت
4202 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-24 13:52:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرىپەت يوللىغان ۋاقتى  2012-12-24 13:33
دوستۇم قانائەت قىلىپلا ئولتۇرساق بولماسمىكىن، بۇنى ب ...

دوستۇم بۇ قانائەت قىلىش دىگەنلىكنى  سىز خاتا چۈشىنىپ قالغاندەك تۇرىسىز .
مەن ئامان ئەپەندىمنىڭ تېمىسىغا ئاساسەن  شۇنداق دىگەن . قاراڭ  قىزلار قاندقلا ئەرگە تەگسە پۇشايمان قىلسا ، ئۇنداق بولغاندا بىر بولسا بۇ تۇرمۇشىغا   قانائەت قىلىشى كېرەك بىر بولسا  ئەرسىز تۇرمۇش كەچۈرىشى كېرەكتە . شۇڭا ئائىلىنى دەپ بولسىمۇ ئەرلىرىدىن رازى بولمىسىمۇ  بۇ تۇرمۇشىغا قانائەت قىلىشقا مەجبۇردە .
  ئەمىليەتتە كۆپ قىسىم  ئاياللارنىڭ  ئائىلە ۋە  تۇرمۇشقا بولغان   تەلىپى ئۇنچە يوقۇرى ئەمەس ئۇلار  كۆيۈمچان  ئېرى ، ۋاپادار  پەرزەنتى بولسىلا شۇنىڭغا قانائەت قىلىدۇ دەپ ئويلايمەن .  
رەھمەت

باھا سۆز

مەرىپەت شۇنداقمۇ؟ ئەمىسە خاتا چۈشنۈپ قاپتىمەن.ئەمەلىي تۇرمۇشتا ئەرلەرگە قارىغاندا ئاياللارنىڭ ئىنتايىن قەيسەر، با تەپسىلاتىئىنكاس يوللىغان ۋاقتى 2012-12-24 14:43

136

تېما

62

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
2776 سەر
تىللا
1201 دانە
تۆھپە
1736 سەر
شۆھرەت
1500 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبايقاش مەلىكىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-24 14:43:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۇلزار يوللىغان ۋاقتى  2012-12-24 13:52
دوستۇم بۇ قانائەت قىلىش دىگەنلىكنى  سىز خاتا چۈشىنىپ  ...

شۇنداقمۇ؟ ئەمىسە خاتا چۈشنۈپ قاپتىمەن.
ئەمەلىي تۇرمۇشتا ئەرلەرگە قارىغاندا ئاياللارنىڭ ئىنتايىن قەيسەر، باتۇر ئىش- ھەرىكەتلىرىنى كۆردۈم(بۇنداق دىسەم بەزى مەسئۇلىيەتچان ئەرلەرگە ئۆتۈپ كەتمىسۇن). قەيسەر ئاياللارنىڭ ئەرلىرىگە قاراپ بەكمۇ ئەپسۇسلاندىم...

234

تېما

57

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5084 سەر
تىللا
905 دانە
تۆھپە
9295 سەر
شۆھرەت
4202 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-24 14:58:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرىپەت يوللىغان ۋاقتى  2012-12-24 14:43
شۇنداقمۇ؟ ئەمىسە خاتا چۈشنۈپ قاپتىمەن.
ئەمەلىي تۇرمۇ ...

قەيسەر بولمىسا نىمە ئامال دوستۇم  . ئانا ئائىلىگىلا ئەمەس ، دۇنياغىمۇ تەۋە .  شۇڭا ئاياللار  مېھرى بىلەن بىلەن  پەرزەنتلىرىگە ئىللىق ئائىلە ئاتا قىلسا ، قايسەرلىكى بىلەن  دۇنياغا  ھاياتى كۈچ ئاتا قىلىدۇ ئەمەسمۇ .

باھا سۆز

مەرىپەت ئەمما ئاشۇ قەيسەر ئاياللارنىڭ يېنىدا ئۇلارغا يار-يۆلەكتە بولىدىغان مەسئۇلىيەتچان ئەرلەر بولسا تېخىمۇ ياخش تەپسىلاتىئىنكاس يوللىغان ۋاقتى 2012-12-24 15:30
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-11 09:26, Processed in 0.430226 second(s), 46 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش