ئەر–ئاياللار نىمە دەيدۇ؟
كىشىلىك تۇرمۇش تولىمۇ مۇرەككەپ، تۇرمۇشتىكى خىلمۇ-خىل ھادىسىلەرنىڭ كىشىلەرگە بەخش ئېتىدىغان تەسىراتىمۇ ئۆزگىچە. قېنى دوستۇم، ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋىتىدىكى زىددىيەتلەرنىڭ ئەر-ئاياللارنىڭ ئېڭىدىكى ئىنكاسىنى كۆرۈپ بېقىڭ. قانچىلىك دەرىجىدە ئېتىراپ قىلىسىزكىن؟
ئەر–خوتۇنلار سوقۇشقاندا
ئەرلەر مۇنداق دەيدۇ : « ئايالىمىز بىلەن سوقۇشقاندا، دائىم ئىشلىتىدىغان قورالىمىز مۇشتۇم. زەربە بېرىدىغان ئورۇن ئۇلارنىڭ تېرىسى. كۆڭۈل بۆلىدىغىنىمىز تېزرەك غەلبە قىلىش ». ئاياللار دەيدۇ : « ئېرىمىز بىلەن سوقۇشقاندا ،ئۇزاققا سوزۇلغان ئۇرۇش تاكتىكىسىنى قوللىنىمىز، دائىم ئىشلىتىدىغان قورالىمىز ئېغىزىمىز، زەربە بېردىغان ئورۇن ئۇلارنىڭ يۇرىكى ھەم ئىززەت ھۆرمىتى، كۆڭۈل بۆلىدىغىنىمىز مەقسەتكە يەتمىگىچە ئۇرۇشنى ھەرگىز توختاتماسلىق.»
پاراڭلىشىش توغرىسىدا
ئاياللار دەيدۇ : « ئەرلەر توي قىلىىشتىن بورۇن خوتۇنلارنىڭ ئالدىدا لاپ ئۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ؛ خوتۇنلار تويدىن بورۇن ئەرلەرنىڭ شېرىن–شېكەر سۆزلىرىنى ياقتۇرىدۇ، تويدىن كېيىن ئەرلەرنىڭ راست گەپ قىلىشىنى ياقتۇرىدۇ.»
يالغۇزچىلىق
ئەرلەر نىمە ئۈچۈن تويدىن كېيىن يالغۇزچىلىق ھېس قىلمايدۇ؟ چۈنكى بىر ئايال دائىم ئۇلارنىڭ يېنىدا ئاغزى بېسىقماي ۋاتىلدايدۇ ؛ خوتۇنلار نىمە ئۈچۈن تويدىن كېيىن ھەمىشە يالغۇزلۇق ھېس قىلىدۇ؟ چۈنكى ئەرلەر دائىم سەۋەپ كۆرسىتىپ سىرتقا قاچىدۇ، بەزىدە تېخى ئۆيگىمۇ قايتمايدۇ.
نىكاھ غەلىتە چەنبىرەك
ئەرلەر مۇنداق دەيدۇ: « چىرايلىق خوتۇنلار بىلەن توي قىلغان ئەرلەرنىڭ نىمە ئۈچۈن ئىستىقبالى بولمايدۇ؟ چۈنكى ئۇ پۈتۈن زېھنىي-كۇۋۋىتىنى ئايالىغا بېغىشلىغان. نىمە ئۈچۈن كۆرۈمسىز خوتۇنلار بىلەن توي قىلغان ئەرلەرنىڭ ئىستقبالى ياخشى بولىدۇ؟ چۈنكى ئۇلار پۈتۈن زېھنىي–كۇۋۋىتىنى كەسپىگە بېغىشلايدۇ. » ئاياللار دەيدۇ: نىمە ئۈچۈن مەرد ئەزىمەتلەرنىڭ ئاياللىرى كۆرۈمسىز؟ چۈنكى مەرد ئەزىمەتلەرنىڭ بىرىنچى بولۇپ كۆردىغىنى نام–ئاتاق، ئىككىنچى بولۇپ كۆردىغىنى پايدا-مەنپەئەت، بۇنداقلار ئەڭ ئاخىرىدا خوتۇنلارغا كۆز تاشلايدۇ، بۇ چاغدا چىرايلىق خوتۇنلارنىڭ ھەممىسى باشقىلار بىلەن توي قىلىپ بولغان بولىدۇ. »
تويدىن كېيىنكى ئۆزگۈرۈش
ئاياللار نىكاھ مۇھەببەتنىڭ ئاخىرقى پەللىسى دەپ قارايدۇ، شۇڭا ئاياللار تويدىن كېيىن مۇھەببەت ياكى ئەرلەر توغرىسىدا باش قاتۇرماي ، قانداق تۇرمۇش كەچۈرۈش توغرىسىدا ئويلىنىدۇ؛ ئەرلەر نىكاھ مۇھەببەتنىڭ باشلىنىشى دەپ قارايدۇ، شۇڭا ئەرلەر تويدىن كېيىن دائىم خوتۇنلار ياكى مۇھەببەت توغرىسىدا كۆپ ئويلىنىدۇ.
ئۆزگىچە ئوخشۇتۇش
ئەرلەر دەيدۇكى: « مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئەرلەر يوغان دەرەخكە ئوخشايدۇ ، بىراق بۇ دەرخىنىڭ سايىسىدە ياشاشنى خالايدىغانلار ئۆيدىكى ئاياللار ئەمەس »؛ ئاياللار دەيدۇكى: « چىرايلىق خوتۇنلار گۈلگە ئوخشايدۇ، بىراق بۇ گۈلگە مەھلىيا بولىدىغان ئادەم ھەرگىزمۇ بۇ گۈلگە ئېرىشكەن ئادەم بولمايدۇ.»
مەنبە: « شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى »
|