بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-22 01:33
ياخشى ئەرلەردىكى بەش خىل روھ
مەسئولىيەتچانلىق روھى: بىر قىسىم كىچىك ئىشلار ئارقىلىق ئۇنى كۈزەتكىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ دېگىنىنى قىلىدىغان-قىلمايدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن ئىشنى قانچىلىك قېيىن بولىشىدىن قەتئىنەزەر تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىغا قاراش كېرەك. ئۇنىڭ ۋاقىت قارىشىغا نىسبەتەن مەيلى كىچىك ياكى چوڭ ئىشلاردا بولسۇن، ۋاقىتقا رىئايە قىلىدىغان-قىلمايدىغانلىقىغا قاراش كېرەك. ئىش قىلىش پىرىنىسىپى بار-يوقلىقىغا، پىلاننى ئاسانلىقچە ئۆزگەرتمەيدىغانلىقىغا قاراش كېرەك . ئەتىدىن كەچكىچە توردا ئويۇن ئويناشقا ،توردا پاراڭلىشىشىقا، تېلىۋېزور كۆرىشىگە قارىماستىن، ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئالىدىغان-ئالمايدىغدنلىقىغا قاراش كېرەك.
ئالغا ئىنتىلىش روھى: ئەرلەر زىيادە كۆرەڭلىسە بولمايدۇ،بىراق تىرىشچانلىق كۆرسەتمىسە تېخىمۇ بولمايدۇ. ئادەتتە ئەقىللىق ئەرلەردە كەلگۈسىدىكى يولنى قانداق مىڭىش ھەققىدە ئېنىق ۋاقىت جەدىۋىلى بولىدۇ. ئېنىق نىشانى بولمىغان ئەرلەر ھەمىشە قايمۇقۇپ، تەمتىرەپ قالىدۇ-دە، نەتىجىدە سۇنىڭ ئېقىشىغا قاراپ ئىش قىلىدۇ.
كەسىپچانلىق روھى: بىر پىشقان ئەر ئۆزىنىڭ ئارزۇسى، تەبئىي تالانتى، بىلىمى، ئىقتىدارى، ئارتۇقچىلىقىغا ئاساسەن ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى لايىھەلىيەلەيدۇ.
ۋاپادارلىق روھى: بىر ياخشى ئەردە ۋاپادارلىق روھى بولۇش تولىمۇ زۆرۈر. ھەقىقىي ۋاپادارلىق روھى ئاتا-ئانىسى ئېغىز ئاچمىسىمۇ، ئاتا-ئانىسىنى ئۇلار ئۆزلىرى ئارزۇ قىلىدىغان كۈنلەرگە ئېرىشتۈرۈش، ئۇلار ئىنتىلىدىغان ئۆيگە ئىگە قىلىش، ئۇلارنى ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلىرىگە ئېرىشتۈرۈش، ئۇلار بېرىشنى خالايدىغان جايلارغا ساياھەتكە ئاپىرىشنى كۆرسىتىدۇ.
مىننەتدارلىق روھى: ھېسسىياتقا ئىگە بىر ئەردە ئۆزىگە شاپائىتى تەگكەن كىشىلەردىن مىننەتدار بولۇش روھى بولغاندىلا، ئاندىن ئۇ باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. بىر ئەردە مىننەتدارلىق روھىنىڭ بار-يوقلىقىغا قاراشتا ئۇ ئەرنىڭ ھەر ۋاقىت دوستلىرى، خىزمەتداشلىرى، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ مەيلى كىچىك ياكى چوڭ ئىشلاردا بولسۇن، ئۆزىگە قىلغان ياردىمىنى ئېسىدە چىڭ تۇتقان-تۇتمىغانلىقىغا قاراش كېرەك .
ئاياللار يۇقۇردا بايان قىلىنغان ئەرلەردىكى بەش خىل روھقا دېققەت قىلغاندىن باشقا، ئەڭ ياخشىسى ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىغا ئاساسەن ئەر تاللىشى، ئۆزى كونتۇرۇل قىلالمايدىغان ئەرنى تاللىماسلىقى كېرەك. خۇددى بىر قۇر كىيىمنى ئوخشىمىغان ئادەملەر كىيگەندىكى نەتىجە ئوخشاش بولمىغىنىغا ئوخشاش، ئەڭ موھىمى ماس كېلىش-كەلمەسلىكتە.
مەنبە: « شىنجاڭ مائارىپى» ژورنىلى
|