مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2076 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • ئامان 4 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 4 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى باشقۇرغۇچىلار تېما يوللاشتا ھەر ۋاقىت سىزگە يول كۆرسىتىدۇ، تارتىنماڭ!

  • ئامان 4 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 4 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 4 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى ئەزالار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • ئامان 4 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان 4 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان 4 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • ئامان 4 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • چىركىن 5 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن ماتىرىيال يوللىماقچى ئىدىم

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • ئامان 4 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بىلمەسلىك ئەيىپ ئەمەس، تىرىشماسلىق ئەيىپ!

  • ئامان 4 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللىغاندا تېما ھەققىدە قىسقىچە ئىزاھات بېرىپ يوللايلى!

  • ئامان 4 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان 4 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • ئەلەم تۈنۈگۈن 19:38 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك!

  • شاشتېكىن تۈنۈگۈن 18:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    «2-،3-،4-ۋە 5-يىللىقلارنىڭ خەنزۇتىلى دەرس تەييارلىقى»نىڭ چۈشۈرۈش ئادىرېسى يېڭلاندى.

كۆرۈش: 158|ئىنكاس: 2

ھەزرىتىمنىڭ مەن ئەڭ ياقتۇرغان غەزەللىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

8

تېما

1

دوست

206

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 2

قىزغىنلىق
53 سەر
تىللا
33 دانە
تۆھپە
60 سەر
شۆھرەت
7 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-22 14:51:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
[align=center
ھەزرىتىمنىڭ مەن ئەڭ ياقتۇرغان غەزەللىرى(1)
1

索引.jpg



كېزەرمەن كويىدا يىللار نەزەر ھالىمغا سالغاي دەپ،
ئەگەر ئۆلتۈرسە قانىم رەڭگى تۇفراقىدا قالغاي دەپ.

كۆڭۈلگە يۈز تۈمەن نېش ئۇرسا ھېجران، ئەيلەمان نالە،
ۋىسالىڭ نۇشىدىن ئول زەخمىلەر بىر كۈن ئوڭالغاي دەپ.

كۆڭۈلگە ناۋەكىڭ تاكىردى، بىھەد ھىفزىن ئەيلەرمەن،
كى بۇ شىشە ئىچىندە ئول داغى ناگاھ ئوشالغاي دەپ.

كۆڭۈلنى كويىدە يۈز رەنج ئىلە مىھنەتقە تاپشۇردۇم،
كى گەر كۆرسە بۇ سۈرەت بىرلە شايەد كۆڭلۈم ئالغاي دەپ.

سىرىشكىم قانى قىلدى كويىنىڭ  تۇفراغىن ئاغۇشتە،
ئىتىگە شايەد ئول بالچىغ بىلە بىر ئوي ياسالغاي دەپ.

ھەرەم ۋەسلىن تىلەرسەن، پويە ئۇر مەردانە، ئەي سالىك،
قەدەم ئاھىستە چەكمە باغرىڭ ئول يەلمەكدە تالغاي دەپ.

نەۋائى، بىنەۋالىغ بىرلە دائىم مەي ئىچەر، بىر كۈن،
نەۋا نەقشىنى دەۋران مۇترىبى بەزمىدە چالغاي دەپ.
2
مۇزەھھەپ ئەيلىگەن پەيكانلىرىڭ جىسمىم ئارا ھەريان،
دېمە ياش چەكتىكىم، چەكتى زابانە شۆئلەئى ھېجران.

قاچان پەيكان كۆرۈنگەي ھەجىر ئوتنىڭ شۆئلەسى بولسا،
ئانى تارتىپ چىقارماق زەخم ئىچىدىن بارمىدۇ ئىمكان.

نى تاش ئاتىپ تېنىمنى زەخم قىلساڭ، غەمگە قالۇرمەن،
مۇڭا نى باغلاي، ئانى قايدا باغلاي دەپ مەنى ئۇريان.

بالا دەشتىدە كۆرگەن ۋەھش مەجنۇننى، مېنى داغى،
خىرەد ئەھلى قاشىدا تەلبە كۆرگەندەك قالۇر ھەيران.

سۆڭەكلەرنى تەنىمدىن بىر-بىر ئايرىدى غەمى ھېجرىڭ،
مەھەلدۇر ئىتلارىڭنى ئەيلىسەم كۈلبەم ئارا مېھمان.

نى مەن قالغۇم، نى سەن باقى،، زامانى كەلگىل ئەي ساقى،
قەدەھ دەۋرىنى خۇش تۇتقىل، ۋەفاسىزدۇر بەسى دەۋران.

فەنا دەيىردە سائىللىقنى سۇلتانلىقتىن ئارتۇق بىل،
كى ئۆلمەكلىكتە تەڭدۇر ئەگەر سائىل ۋە گەر سۇلتان.

جەھان ئىچرە كىشىنىڭ چۈن يوقىيۇ بارى يەكساندۇر،
نى فەررۇق كىمسەدۇر كۆرگەن جەھان بارۇ-يوقى يەكسان.

نەۋائى ئۆزنى خۇش تۇتكىم، كىشىگە دەھر ئىشى باردۇر،
ئەگەر مۈشكۈل تۇتار مۇشكۈل ۋەگەر ئاسان تۇتار ئاسان...
3
ياغلىغىڭ، ئەيكىم، تېكەرسەن ئىگنە مىژگانىمنى قىل،
نەقىس ئېتەردە تارىن ئانىڭ رىشتەئى جانىمنى قىل.

ئىستەسەڭ تارىن قىزىل، ياخۇد قارا قىلماققا رەڭ،
كۆز قاراسىن ھەل قىلىپ، كۆزدىن ئاقار قانىمنى قىل.

گەر دېسەڭ ھەريان قىزىل گۈللەر قىلاي سەنئەت ئاڭا،
كۆكسۈم ئاچىپ، تازە قانلىق داغى ھېجرانىمنى قىل.

غۇنچەلەر گۈل يانىدا ئەگمەك تەخەييۇل ئەيلەسەڭ،
ئاڭا نەسىخەت كۆڭۈل ئاتلىغ زار ھەيرانىمنى قىل.

گەر دېسەڭ ھەريان پەرى شەكلىن نەمۇدار ئەيلەيىن،
ۋەھ، نى نەۋئ، ئەيتاي، ۋەلى مەنزۇر جانانىمنى قىل.

قىلساڭ ئول ياغلىغ ئىلە بىر شېئىر يازماق ھەۋەس،
ئاندا ھەريان نەقىش بۇ نەزمى پەرىشانىمنى قىل.

ئەي نەۋائى، كىمكى بۇ ياغلىقنى تىكسە يار ئۈچۈن،
مۇژدە جانىم جەۋھىرىيۇ نەقدى ئىمانىمنى قىل
4
نەۋ باھار ئەييامى ئولمىش، مەن دىيارۇ يارىسىز،
بۇلبۇل ئولغاندەك خەزان فەسلى گۇلۇ گۈلزارىسىز.

گاھ سەرۋ ئۆزرە گەھى گۈل ئۆزرە بۇلبۇل نەغمە ساز،
ۋەھكى، مەن مەن گۇڭگا لال، ئول سەرۋگۇل رۇخسارىسىز.

تاڭ ئەمەستۇر گەر دىيارۇ يارىسىز ئازۇردەمەن،
كىم ئەمەس بۇلبۇل گۈلۇ گۈلزارىسىز، ئازارىسىز.

رەۋزە ئەشجارى ئوتۇندۇر، گۈللەرى قانىمغا ئوت،
مومكىن ئولسا ئاندا بولماغلىغ دەمى دىلدارىسىز.

مەي چۇ بەردىڭ زۇلف ئىلە بەند ئېيت مېنى، ئەي مۇغبىچە،
كىم خۇش ئېرمەس مۇغ بىلە ئىچمەك قەدەھ زۇننارىسىز.

تاپمادۇق گۈلرەڭ جامى بىخۇمار، ئەي باغىبان،
ۋەھكى، بۇ گۈلشەن ئارا گۈل پۈتمەس ئېرمىش خارىسىز.

ئەھلى زۇھىد ئىچرە نەۋائى تاپمادى مەقسەدكە يول،
ۋەقتىڭىزنى خۇش تۇتۇڭ، ئەي جەمئىكىم خۇممارىسىز.
5
ئەي كۆڭۈل كەلكىم، بەلا بەزمىدە جامى غەم تۇتاي،
ئۆز فاتىغ ھالىمغا ئۆلمەستىن بۇرۇن ماتەم تۇتاي.

يىغلىبان باشىمغە ئاھىم دۇدىدىن چىرماپ قارا،
ماتەمىم ئەل سۇڭرە تۇتقۇنچە، ئۆزۈم بۇدەم تۇتاي.

ئالەم ئەھلىغە نېچە قىلدىم ۋەفا، كۆردۈم جەفا،
ئەي كۆڭۈل، كەل، كەلكى، تەركى جۈملەئى ئالەم تۇتاي.

ئەمدىكىم ئىشرەت سۇرۇدىدىن ئاچىلماڭ، ئەي كۆڭۈل،
نەۋھ ئاھەڭىن تۈزۈپ، بىردەم سېنى خۇررەم تۇتاي.

مەستىلىغىدىن ئۆزگە يوق دەردىم ئىلاجى، ساقىيا،
مەي كېتۇركىم ھەم ئىچەي بىر لەھزە ئانى، ھەم تۇتاي.

قويغىل، ئەي ناسىھكى، مۇغ دەيىرىدە ئۆز ئەھۋالىمە،
مەسىت لايەئقەل ياقام يىرتىپ، سۇرۇدى غەم تۇتاي.

چۈن جاھان بىرلە جاھان ئەھلىغە يوق ئىرمىش ۋەفا،
ئەي نەۋائى، مەن ۋەفا سەر رىشتەسىن مەھكەم تۇتاي!
6
جۇنۇن ۋادىسىغە مايىل كۆرەرمەن جانى زارىمنى،
تىلەرمەن بىر يولى بۇزماق بۇزۇلغان روزىگارىمنى.

فەلەك بىدادىدىن گەرچە مېنى خاكى غۇبار ئولدۇم،
تىلەرمەن تاپمىغايلار تۇتىيالىققا غۇبارىمنى.

شەك ئېرمەس پەر تەۋى تۈشكەچ ئويى ھەم، رەختى ھەم كۆيمەك،
چۈ گۆرۈستان گەدايى سەزمىگەي شەمئى مازارىمنى.

دېمەڭ، قاي سارى ئەزىم ئەتكۈڭ، ماڭا يوق ئىختىيار ئاخىر،
قەزا ئىلكىگە بەرمىشمەن ئىنانى ئىختىيارىمنى،

تۈگەندى ئەشىك گۈلگۈن، ئەمدى قالمىش زەپرانى يۈز،
فەلەك زۇلمى بەدەل قىلدى خازان بىرلە باھارىمنى.

دىيارىم ئەھلى بىرلە ياردىن باشىمغا يۈز مېھنەت،
نىتاڭ باشىم ئالىپ كەتسەم قويۇپ يارۇ-دىيارىمنى.

يامان ھالىمغا باغرى ئاغرىغاي ھەر كىمسە كىم كۆرگەي،
باغىر پەرگالەسىدىن قانغا بۇلغانغان ئۇزارىمنى.

ھەياتىم بادەسىدىن سەرگەرانمەن ئەسرۇ، ئەي ساقى،
قەدەھكە زەھرى قاتىل قۇي داغى رەفئ ئەت خۇمارىمنى،

جەھان تەركىنى قىلماي چۈنكى تىنماق مومكىن ئىرمەستۇر،
نەۋائى، قىل مېنى ئازاد ئۆرتەپ بارۇ-يوقۇمنى.
7
ساقىيا، مەن يۇتمىغان خۇنابى ھېجران قالدىمۇ؟
بەرمىسەڭ مەي ئەمدى قان يۇتماققا ئىمكان قالدىمۇ؟

ئەيكى، دەرسەن ئىستەسەڭ ۋەسلىمنى جان قىغىل فىدا،
مۇنى سور ئەۋۋەلكى، ھەجرىڭدىن ماڭا جان قالدىمۇ؟

ئىشق مەخفى قالماس ئاخىر، ئەي كۆڭۈل كۆپ چەكمە جان،
مەن ھەم ئەۋۋەل كۆپ ياشۇردۇم، كۆركى، پىنھان قالدىمۇ؟

چەكتىلەر مەجرۇھ كۆڭلۈمدىن خەدەنگىن كۈ چ بىلە،
بارى، ئەي جان، مۇژدەئى بەرگىلكى، پەيكان قالدىمۇ؟

كۆرگەرچ ئول ئاينىە جۇنۇندىنكىم يىقلىدىم، ئەي رەفىق،
تەڭرى ئۈچۈن ئەيتكىم ھالىمغا ھەيران قالدىمۇ؟

ئەي كۆڭۈل، بۇ گۈلشەن ئەترافىغە باقكىم، غۇنچەئى،
كىم كۆڭۈل جەمئ ئەيلەدى، بولماي پەرىشان قالدىمۇ؟

ئەي نەۋائى، قاچماغىل ھەمدەملىغىمدىن، كۆركى، يار
گەر ساڭا مىھرىن كەم ئەتتى، بىزگە يەكسان قالدىمۇ؟؟؟
8

زار كۆڭلۈمدە نىھان ئۇيلەكى جان دەيمۇ سېنى؟
يوق ئىسە ئاشۇفتە جان ئىچرە نىھان دەيمۇ سېنى؟

سەرۋىدىن جىلۋەدە ئارتۇقسەنۇ گۈلدىن تازە،
تازە گۈل دەيمۇ سېنى، سەرۋى راۋان دەيمۇ سېنى؟

بارچەدىن كۆزدە نىھان بولدۇڭۇ جان ئىچرە ئايان،
ۋەھ نىھان دەيمۇ سېنى، يوقسە ئايان دەيمۇ سېنى؟

ياخشىلىق ياكى يامانلىق بىلە جانىم ئالدىڭ،
ئۇيلەدىن ياخشى بولار بىرلە يامان دەيمۇ سېنى؟

ھۆسىن مىر ئاتى سەنۇ نازى لەتافەت شەمئى،
ساددە دىل دەيمۇ سېنى، جورەب زەربان دەيمۇ سېنى؟

قىتنە ئالەمدە زەمان ئەھلىغە سالدىڭ ئاشۇب،
قىتنەئى ئالەمۇ ئاشۇبى زامان دەيمۇ سېنى؟

ئەي كۆڭۈل ئىشقىدا بىر يەرگە يېتىپسەنكى، دىگىل،
غەيرەئى دەھرمۇ رەسۋايى جەھان دەيمۇ سېنى؟

ئۆلتۈرۈپ ئىردى خۇمار، ئەي مەي ئانى دەفئ
قۇتى جان دەيمۇ سېنى، نەقدى رەۋان دەيمۇ سېنى؟

قوي فەنا لافى نەۋائىكى، سۆزۈڭ تۇتتى جەھان،
بۇ تەئەييۇن بىلە بى نامۇ-نىشان دەيمۇ سېنى؟


]
مەنبە-نەۋائى غەزەللىرى ناملىق كىتاب
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
نونى + 3 + 3 + 3 + 3ياخشى تېما.

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 3 تىللا + 3 تۆھپە + 3 شۆھرەت + 3  باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

139

تېما

42

دوست

8947

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1899 سەر
تىللا
591 دانە
تۆھپە
1761 سەر
شۆھرەت
1647 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىدادىل ئەزا ئوردىنىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-22 16:13:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىڭىزغا رەھمەت قېرىندىشىم!بولسا تىمىڭىزنى تەھرىرلەپ ئوتتۇرغا توغرىلاپ قويغان بولسىڭىز!
ھەقىقەت چىرىغىنى پۈلىگەننىڭ ساقىلى كۈيىدۇ!

126

تېما

20

دوست

4570

جۇغلانما

مائارىپ ئاۋاڭگارتى

Rank: 5Rank: 5

قىزغىنلىق
1233 سەر
تىللا
487 دانە
تۆھپە
774 سەر
شۆھرەت
687 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-22 17:37:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوۋچى بۇرادەر، نەۋائىي ھەزرەتنىڭ  ئېسىل غەزەللىرىنى داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسەن.

47

تېما

19

دوست

4909

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1136 سەر
تىللا
270 دانە
تۆھپە
1138 سەر
شۆھرەت
793 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-22 17:40:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبىرىمىزدە نەۋائىي ھەزرەتنىڭ غەزەللىرى يوق ئىدى. سىز بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇپ ، مۇنبەر ئەھلىنى نەۋائىي غەزەللىرى بىلەن زوقلىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىپسىز .ئەجرىڭىزگە رەھمەت ! مۈمكىن بولسا ئۈزمەي يوللاپ تۇرغان بولسىڭىز .
ئەتەڭنى ئويلا،ئۆگۈنۈڭنى ئويلىما.چۈنكى، ئەتەڭ يەنە بىر ئەتىگە ھامىلدار!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 06:40, Processed in 0.191895 second(s), 42 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش