جۇڭگولۇقلارنىڭتەدرىجىي تەرەققىياتى: غالچا ۋە پارىخور-خىيانەتچى
ئاپتور: سۈن شىلياڭ (جوڭنەنئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى. «جۇڭگو ئېنتېرنىت تورىدىكى نوپۇزلۇق توققۇز شەخس»نىڭبىرى (خەلق تورى جامائەت پىكرى كۈزىتىشئىشخانىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا، مەزكۇر ماقالە 2012-يىلى 12-يانۋاردىكى بلوگماقالىسى تەۋسىيە رېتىدە 5-ئورۇندا تۇرغان. ئازراق قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى) تەرجىمىدە: نوشىرۋان جۇڭگونىڭ نەچچە مىڭ يىللىقتارىخىدا غالچىلار ئىزچىل مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن ئىكەن، ھازىرمۇ تۈگەپ كەتكىنى يوق.كونا جەمئىيەتتە، يوقسۇل-نامراتلار ئاچ-يالىڭاچ قالىدىكەن، ئۆلۈمنى كۈتۈپ ياتقىلىبولمىغاندىكىن، قۇل-غالچا بولۇپ سېتىلىدىكەن. ئادەم نەرسە قاتارىدا سېتىلسا،جىسماني ھەق-ھوقۇقى تۈگىدى، دېگەن گەپ. ئىگىدارلىق جەھەتتە، غالچا-قۇل بىلەنئات-ئېشەكنىڭ پەرقى بولمايدىكەن. باشقا-باشقا خوجايىنغا غالچا بولغاندا، ئورنى ۋەتەمىناتىدا پەرق بولسىمۇ، قەدىر-قىممىتىدە پەرق بولمايدىكەن، خوجايىنغا لازىمبولغاندا ئىشلىتىدىكەن، لازىم بولمىسا تاشلىۋېتىدىكەن. خوجايىن ئالدىدا غالچىنىڭجېنى چۆمۈلىنىڭ جېنى بولۇپ قالغان ئىكەن.كىچىك چاغلىرىمدا ئىنقىلاۋىكىنولارنى كۆرسەم، جۇڭگولۇقلار پەرەڭلەر(چەتئەللىك)دىن نوچىكەن، ئۆلسىمۇ تىزپۈكمەيدىكەن دەپ پەخىرلىنىپ كېتەتتىم، ئۆلۈمدىن قورقمىغان يەردە، غالچا بولاتتىمۇ؟شەخسىيەتچى مىلتارست جاڭ زولىن ياپون ئالۋاستىلىرىنىڭ كۆزىگە قولىنى تەڭلەپ تۇرۇپزەھەردەك تىللىيالىغان يەردە، يېڭى جۇڭگودا قەپەزدىن قۇتۇلغان قۇشلاردەك ئەركىنچوڭ بولغان ھازىرقى ئەۋلادلار ئۆزىگە ئۆزى خوجايىن دەۋاتسا، ئۆزى خالاپ غالچابولۇشى مۇمكىنمۇ؟ ئاخچا ياكى مەنسەبنى دەپ شۇنداق قىلامدىغاندۇ؟ بۇرۇنقى زاماندا قۇل-غالچابولغانلارغا ئىچ ئاغرىتتۇق، نەپرەتلەنمىدۇق. بۈگۈنكى زاماندا غالچا بولغانلاربەرھەقكى نومۇسسىز پېسەندە-پاسىق، ھاراملىق-سولامچىلاردۇر. غالچىلىق ئەسلىدەئىنسان تەبىئىتىگە يات بولۇپ، پۈتۈنلەي تەربىيەلەشتىن بولغان. نەچچە ئون يىللىق«پۇلپەرۋەرلىك تەربىيىسى»دە ياش ئەۋلاتلار بىلىپ-بىلمەي غالچىلىق پاتقىقىغا پېتىپكەتكەن. «تەربىيەچىلەر» ياشلارنى پۇللا بېرىدىغان ئىش بولسا، قورقماي قىلىشقارىغبەتلەندۈرگەن. پۇل بەرگۈچى ئادەممۇ ياكى ئالۋاستىمۇ كارى بولمىغان، خوجايىنھېسسىياتچانراق ئادەم بولۇپ قالغىدەك بولسا، غالچىلار كۈچىنىلا ئەمەس،تېنىنى-نومۇسىنىمۇ سېتىۋەرگەن، نومۇس دېگەن گەپ ئۇلارنىڭ ئېڭىدا يوقىلىپ كەتكەن.جۇڭگونىڭ بەش مىڭ يىللىق تارىخىدا مۇنداق كاتتا ئىشلار بولۇپ باقمىغان بولساكېرەك. «مۆشۈكىزىم» ئەسلىدە بىر شەخسنىڭ سەپسەتىسى بولسىمۇ، سان-ساناقسىز غالچاتەربىيەچىلەرنىڭ تەكرار-تەكرار ئېزىپ-ئىچىرىشى بىلەن مەملىكەت خەلقىنىڭ «غالچىلىق دەستۇرى»بولۇپ قالغان. موشۇنداق زاماندا تۇغۇلغان ئادەم غالچا بولالماي قالسا، بۇنىڭ ئۆزىنومۇسلۇق ئىش بولۇپ قالىدۇ. غالچىلارنىڭ كۆپلىكىنىئويلاۋېتىپ، پارىخور-خىيانەتچىلەرنىڭ كۆپلىكىنىمۇ ئويلاپ قالدىم. تۈنۈگۈن پالانىمېنىستىر قولغا ئېلىندى، دېسە، بۈگۈن پوكۇنى شەھەر باشلىقى قولغا ئېلىندى دېگەننىئاڭلاپ، چېرىكلىككە، خىيانەتچىلىككە قارشى كۈرەشتىن ئۈمىت باركەن دەپ ئويلاپقالغانلار بولۇشى مۇمكىن. ئەھۋال ئۇنداق ئەمەس، جۇڭگونىڭ ھازىرقى تەرەققىياتئەھۋالى ۋە ئىجتىمائىي ئېڭىدىن قارىغاندا، چوڭ پارىخور-خىيانەتچىنى تۇتۇش دېگىنى«چوڭ خوجايىن»نىڭ «چوڭ غالچا»نى تاشلىۋېتىش ئويۇنىدۇر، خالاس. بۇنداق «خوجايىن» ۋە«غالچا»لار پۈتكۈل جەمئىيەتتە قوشبىسلىشىپ زەنجىرسىمان ھالەتنى شەكىللەندۈرگەن. كىچىك ئەمەلدار ئوتتۇرا دەرىجىلىكئەمەلدارنىڭ غالچىسىدۇر، ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئەمەلدار چوڭ ئەمەلدارنىڭ غالچىسىدۇر،چوڭ ئەمەلدار ئالىي ئەمەلدارنىڭ غالچىسىدۇر، ھېچنېمە ئەمەس ئاۋام-پۇقرا كىچىكئەمەلدارنىڭ غالچىسىدۇر. خەلق غالچا بولۇش چەمبىرىكىدىن چىقالماي، ھەرداۋام غالچابولىۋەرسە، پارىخور-خىيانەتچى ئەمەلدارلارمۇ خوجايىنلىقىنى خاتىرجەم قىلىۋېرىدۇ، غالچىلارغاسىزىق سىزىپ بېرىش نېمە دېگەن ياخشى-ھە! قائىدە بويىچە بولغاندا،مائارىپ زامانىۋىيلىققا ئۆتكەنسىرى خوجايىنلىق ئىدىيىسىدە بولۇشى، ئىنسانھەق-ھوقۇقىنىڭ مۇستەقىللىقى كۈچىيىشى كېرەك ئىدى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن،«پۇقرا» دېگەن ئاتالمىنى قايتا-قايتا تەكىتلەشتىكى سەۋەب، خەلققە سىياسىي جەھەتتەئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە ھوقۇقى بېرىش ئىدى. ئەپسۇسكى، ياخشى كۈنلەر ئۇزۇنغابارمىدى، بىر قانچە پارىخور-خىيانەتچى چىركىن تۇتۇلا تۇتۇلماي، قاباھەتلىك يىللارباشلاندى، شۇنىڭ بىلەن، بىچارە جۇڭگولۇقلار غالچىلىقتىن ئىبارەت كونا ئەنئەنىسىنىيەنە تېپىۋالدى. ئەگەر بىرەرسى مەندىن «ھازىرقى زامان جۇڭگو مائارىپىنىڭ ئەڭ زورتۆھپىسى نېمە» دەپ سوراپ قالغىدەك بولسا، مەن قىلچە ئىككىلەنمەستىنلا: «غالچايېتىشتۈرۈشتۇر» دەپ جاۋاب بەرگەن بولاتتىم.جۇڭگونىڭ غالچا مائارىپىئالىي مەكتەپتىلا نامايان بولغان ئەمەس، بەلكى، باشلانغۇچ مەكتەپتىلا باشلانغان،ئالىي مەكتەپتىكى مەزگىلدە تەسىرى ئەڭ يامان بولغان. پروفېسسور ئاكادېمىكنىڭغالچىسىكەن، دوتسېنت پروفېسسورنىڭ غالچىسىكەن، لېكتور دوتسېنتنىڭ غالچىسىكەن،ئوقۇغۇچى بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ غالچىسىكەن، دەرىجىسى ئېنىق ئايرىلغان بولۇپ،سىزىقتىن چىقىپ كەتكەنلەرنىڭ ئەھۋالى ئېچىنىشلىق بولىدىكەن. مەلۇم چەمبىرەكدائىرىسدە پروفېسسور ئاكادېمىكتىن ئىقتىدارلىقراق بولۇپ قالدى دېگەن گەپ، ئۆلگۈسىكەپتۇ، دېگەن گەپ. تىرىكچىلىك قىلاي دېسە، گالۋاڭراق بولىۋېلىشى كېرەك. باشقاتەرتىپلەرمۇ ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئالىي مەكتەپلەردە، غالچىلىقنى بەكقاملاشتۇرىدىغانلار «پارتىيىۋىلىك ماقالىسى» يېزىپ جان باقىدىغان بىكارچىلار بولساكېرەك، بۇنداقلارنىڭ قورسىقىدا ئومىچى يوق، قولىدىن كېلىدىغىنى پىكرى بىردەكبولمىغانلارغا قالپاق كەيدۈرۈشكە ماھىر كېلىدۇ. ئۇنداقلار دەرىجىسى ئۆزىدىن يۇقۇرىبولغانلارنىڭ ھەممىسىنى غوجام، دەپ بىلىدۇ. كىمكى ئۇلارنىڭ غوجىسىنى خاپا قىلىپقويسا، شۇنىڭ بىلەن ئاخىرىغىچە ئېيتىشىدۇ، تاماق قاچاڭنى چاقتۇرىۋېتىمەن دەپ ھەيۋەقىلىدۇ، بۇنداقلارنى كۆپ كۆرگەنمەن. مىنگو دەۋرىدە، خۇشى ئىنقىلاپچى بولمىغانبولسىمۇ، ئۆزىنىڭ خاسلىقى ۋە مۇستەقىل قارىشى بار ئىكەن، باشقىلاردىن غالچابولۇشنى تەلەپ قىلماپتىكەن. لېكىن، ھازىرقىلار ئۇنداق ئەمەس، ھەممىنى بىر توپغالچا قىلىۋېلىشقا، ھەممىنىڭ چۇلۋۇرىنى ئۆزى تۇتۇپ، قەيەرگە يېتىلىگۈسى كەلسە، شۇيەرگە يېتىلەيدىغان قىلىۋېلىشقا ئاران تۇرىدۇ. پارىخور-خىيانەتچىئەمەلدارنىڭ ئەمەل-مەنسىپى قانچىلىك بولۇشتىن قەتئىينەزەر، ئۇ يەنىلا غالچىنىڭغوجىسى، ئەڭ تۆۋەن قاتلامدىكى غالچا ئاۋام-پۇقرادۇر، تۆۋەن قاتلامدىكى سانى كۆپغالچىلار جۇڭگودا پارىخور-خىيانەتچى ئەمەلدارنى كۆپلەپ يېتىشتۈردى، بۇنداق دەپئاۋام-پۇقرالارنىڭ تىل-ئاھانىتىدە قېلىشتىن قورقمايمەن، نەچچە ئون يىلدىن بۇيان،شۇنى ئېنىق كۆرۈپ يەتتىمكى، غالچىلار بولمىسا، پارىخور-خىيانەتچى ئەمەلداربولمايتتى.يېزا-قىشلاقتىن كەلگەنبولسىڭىز، دىققەت قىلىپ بېقىڭ، چېرىكلىشەلەيدىغان كىچىككىنە بىر ئورۇنغا ئېرىشىپقالغان بولسىڭىز، يۇرتىڭىزغا بارغاندا، خېلى ئىززەت-ئىكرامغا نائىل بولىسىز،ھەپسىگە چۈشۈپ قالمىغانلا بولسىڭىز، چېرىكلىشىشىڭىزنىڭ شەرەپ ئىكەنلىكىنى ھېچكىمئىنكار قىلمايدۇ، ئۇرۇق-تۇققان، دوست-يارەنلەرنىڭ ئالدىدا سىزنىڭ ھۆرمىتىڭىزتۇتقان مەنسەپ ۋە بايلىقىڭىزغا قاراپ بولىدۇ، چېرىكلەشكەنلىكىڭىز بىلەن يۈزىڭىزچۈشۈپ كەتمەيدۇ. نەچچە ئون يىل ئىشلەپ، بىرەر-يېرىم مەنسەبكە ياكى پۇل-مالغائېرىشەلمىسىڭىز، قولىدىن ئىش كەلمەيدىكەن، يا ئەمەل تۇتالمىسا، يا پۇل تاپالمىسا،يەر تېرىسىچۇ، دېيىشى تۇرغانلا گەپ. ھېيت-بايراملاردا بەزىلەرنىڭ ئۆيلىرى قايناپكېتىدۇ، بەزىلەرنىڭ ئۆيىگە بارىدىغان مېھمان يوق. دېھقان خەق ئاددى-ساددا كېلىدۇ،ئەمەلداردىن بىر سېنتلىق پايدا تەگمىسىمۇ، ھەتتا ئەمەلدارنىڭ ئالدىدا كىچىككىنەھۆرمىتى بولمىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشىۋالغىنىنى شەرەپ بىلىدۇ. بۇنداقدېيىشىم ئۇلارنى كەمسىتكەنلىك ئەمەس، دېمەكچى بولغىنىم، ئاۋام-پۇقرالارنىڭتەدرىجىي تەرەققىياتى بەك ئاستا، قالاقلىق ۋە نادانلىق قۇل مىجەزلىكنىڭ زەھەرلىك تۇپرىقى بولۇپ، بۇنىڭغا مەلۇم خاتاتەشۋىق-تەرغىباتلار قوشۇلسا، قۇلچىلىق تۇپرىقى تېخىمۇ زەھەرلىنىدۇ. دېھقانلارنىڭ قۇل مىجەزلىكىئومۇمىيلىق، لېكىن ئەڭ زىيانلىقى بۇ ئەمەس. جۇڭگوغا زېيىنى ئەڭ ئېغىر بولغان قۇلمىجەزلار توپى زىيالىيلار ۋە ھەر دەرىجىلىك ئاممىۋى خىزمەت خادىملىرىدۇر. 4-مايھەرىكىتى زىيالىيلارنىڭ ئويغىنىشى دېيىلگەن ئىدى، لېكىن بۇمۇ تۈتۈنگە ئايلاندى.ھۆرمەتكە سازاۋەر زىيالى بولغانسىرى روھنىڭ قۇلى بولۇشقا رازى بولدى،مەدەنىيەت-مائارىپتا سىياسىي توغرىلىق گەپ قىلمايلى، مەدەنىيەت دېگەن ئادىمىيلىككەتەۋە، سىياسىي دېگەن ئەلنى ئىدارە قىلىشقا تەۋە، قۇرۇق گەپ قىلغانمۇ، كەيپ-ساپاتوغرىلىق گەپ قىلغانمۇ، سىياسىي توغرىلىق گەپ قىلغاندىن ياخشىراق دېگەندەكگەپلەرنى قىلىشتى. ئاقماس گەپقۇ بۇ. دېموكراتىيە، سىياسىي توغرىلىق گەپ قىلىشتىنئۆزىنى قاچۇرغان زىيالىيلارنى كۆرسەم،پەقەتلا كۆزگە ئىلمايمەن. لۇشۈن ئەپەندى يۈز نەچچە يىل بۇرۇن جەمئىيەت ۋە ھاياتھەققىدە گەپ قىلىشقا پېتىنغان ئىكەن، 60 نەچچە يىل خەلق دېموكراتىيە تەربىيىسىئالغان يېڭى زامان زىيالىيلىرى ئەجىبا ئۆزىنى قاچۇرۇشنى ئۈگەنگەنمىدۇ؟ زادى نېمەئۈچۈن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ؟ تايىنلىق، غوجىسىنىڭ تەنقىدى، قامچىسىدىن ئۆزىنىقاچۇرغىنىدۇر ھەقىچان؟ ئۆزىنى قاچۇرسىمۇ بوپتۇ دەيلى، زىيالىيلارنىڭ ئەڭيىرگىنىچلىك تەرىپى شۇكى، ئۆزى غالچا بولۇش بىلەنلا قالماي، غالچا بولۇشنىباشقىلارغىمۇ ئۈگىتىدۇ، قان شورىغۇچى غوجىسىنى ئاقلايدۇ، مەسىلەن، چېرىكلىكئىقتىساد ئۆزگۈرۈش دەۋرىدىكى ھادىسە، ھامان تۈگەيدۇ، ئاۋام-پۇقرا ئەجەبلەنمىسىمۇبولىدۇ، چېرىكلىك ئىستىمالنى قوزغىتىدۇ، پارىخور-خىيانەتچىنىڭمۇ تۆھپىسى بار،چېرىكلىككە كەڭ قورساق بولغاندا جۇڭگو ئالغا باسىدۇ، جۇڭگودىكى چېرىكلىكغەربتىكىدەك ئۇنچە ئېغىر ئەمەس، تاراتقۇلار مۇبالىغە قىلىۋەتكەن، دېگەندەك تۈكىيوق گەپلەرنى قىلىپ، غوجىسىنى ئاقلىغان ماقالىلەر بەك تولا. ئۇلارنىڭمەقسەد-مۇددىئاسى غوجىمىز تەڭقىسلىقتا قالمىسۇن، سەۋر-تاقەت قىلايلى، بىز دېگەنغالچا تۇرساق، دېمەكچى. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدامۇنداق بىر ھەزىل گەپ تارقالغان ئىدى: بىرەيلەن ھاجەتخانىدا باشلىقى بىلەندوقۇرۇشۇپ قاپتۇ، باشلىقنىڭ قۇلىقىغا ياققۇدەك گەپتىن بىرەنى قىلاي دېسە، دەمالىئېسىگە كەلمەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن، ھاجەتكە ئۆزىڭىز چىقىپسىز-ھە، دەپ ساپتۇ. ھازىرقىجۇڭگولۇقلارنىڭ قۇل مىجەزلىكى بۇرۇنقىدىن بوشاپ قالغىنى يوق. كونا جەمئىيەتتە بىرمالاي بىر خوجايىننىڭ خىزمىتىنى قىلسا، بۈگۈنكى كۈندە بىر توپ غالچا بىرخوجايىننىڭ خىزمىتىنى قىلىدۇ. كىچىك پارىخور-خىيانەتچىنىڭ چوڭ پارىخور-خىيانەتچىبولۇپ كېتىشىدىكى سەۋەب، ئۇنىڭ قول ئاستىدا غالچىلارنىڭ كۆپ بولغىنىدىن، جېنىنىسېلىپ بېرىدىغانلارنىڭ كۆپ بولغىنىدىندۇر. سوۋغا-سالام بېرىشتە غالچىلار بازىرىدارەسمىيەت-قائىدە كۆپ بولىدىكەن. بىر ھاكىم(قەدىمقى)نىڭ قول ئاستىدا نەچچە يۈزغالچا بولىدىكەن، ھېيىت-بايرام، توي-تۆكۈنلەر غالچىلار خوشامەتچىلىك كارامىتىنىكۆرسىتىدىغان پۇرسەت بولىدىكەن، سوۋغا-سالام بېرىۋالغانلار بۇنى چەكسىز بەخت ۋەشان-شەرەپ بىلىدىكەن، بۇرۇنقى زاماندا «بىر يىل ھاكىم بولساڭ، ئون تۈمەن تەڭگەتاپارسەن» دەيدىغان گەپلەر بارىكەن، ھازىرچۇ؟ ھەرقانداق شەيئىنىڭ پەيدابولۇشى ۋە يوقۇلىشى مۇقەررەردۇر. پارىخور-خىيانەتچى بىلەن غالچا تەڭ پەيدا بولغاندېيىش مۇمكىن. غالچا تۈگىمىسە، پارىخور-خىيانەتچى تۈگىمەيدۇ. پادىشاھ جياچىڭنىڭخېشىننى ئۆلتۈرۈشى بىر تال چىۋىننى ئۆلتۈرگەندەكلا ئىش بولۇپ، چىۋىن كۆپىيىدىغانمۇھىتلا بولىدىكەن، چىۋىننى قانچىلىك ئۆلتۈرگەن بىلەن بىكار.(يەنىلاكۆپىيىۋېرىدۇ). دېمەك، خەلققە قۇل مىجەزلىكتىن قۇتۇلۇش ھەققىدە تەلىم-تەربىيەبېرىش، غالچىنى خەلققە ئۆزگەرتىشنىڭ سىياسىي كاپالىتى ۋە قانۇن كاپالىتى بولۇشكېرەك. غالچا بىلەن خوجايىن بىر-بىرىگە تايىنىدىغان مۇھىت ئۆزگەرتىلمىسە، پارابېرىش-پارا ئېلىش ئويۇنى تۈگىمەيدۇ. ئاۋامنىڭ ياشاش ھوقۇقىنى ئەمەلدارنىڭ قولىغاتۇتقۇزۇپ قويۇپ، ئەمەلدارنىڭ چېرىكلىشىشىگە قارشى تۇرىمىز دېيىش كۈلكىلىك گەپبولۇپ قالىدۇ. بىر خېشىننى ئۆلتۈرۈش بىلەن، مىڭلىغان-مىليونلىغان خېشىنلارنىتۈگەتكىلى بولامدۇ؟ چوڭ پارىخور-خىيانەتچىنى جازالىغاننىڭ ئىبرەت كۈچى زوردەكتۇرغان بىلەن، پارىخور-خىيانەتچىلىكنىڭ ئاز-كۆپلىكى ئەمەل دەرىجىسىگە ئەمەس، نەپسىگە باغلىق. قوشۇقنىڭ سېپىچىلىك ھوقۇقتۇتقان ئەمەلدارمۇ ئادەم ئاغزىنى ئېچىپ قالغىدەك ساندا پارا ئېلىشى-خىيانەت قىلىشىمۇمكىن، كىچىككىنە كەنت باشلىقىمۇ ئىككىنچى خېشىن بولۇپ چىقىشى مۇمكىن. ئۆلۈمجازاسى بېرىپ كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش دەيدىغان قانۇن بار يەردە كىچىك پارىخور چوڭپارىخور بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ. جۇڭگولۇقلارنىڭ قۇل مىجەزلىكى ئۆزگەرمىسە،پارىخور-خىيانەتچى تۈگىمەيدۇ، غالچا تۈگىمىسە، پارىخور-خىيانەتچى تۈگىمەيدۇ.كوڭزىنىڭ ئىدىيىسىنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىدىيىسى قىلىش بىلەن جۇڭگولۇقلار قۇلمىجەزلىكتىن قۇتۇلالمايدۇ. غالچىلار بىر كۈندىلا تۈگەپكەتمەيدۇ، ئىنقىلاپ بىر قېتىمدىلا مۇۋاپپەقىيەتلىك بولۇشى ناتايىن. ئىلگىرىپومېشچىك ۋە كاپىتالىسىتلار يوقىتىلغان ئىدى، ھازىر تېخىمۇ كۆپ پومېشچىك ۋەكاپىتالىستلار پەيدا بولدى، ئىلگىرى خاقان-پادىشاھلار يوقىتىلغان ئىدى، ئەمدىتېخىمۇ كۆپ يەرلىك خاقانلار پەيدا بولدى. ئىنقىلاپ قانچىلىك دەرىجىدە بولىدۇ، بىرنېمە دېمەك تەس. قۇلچىلىقنى بىر خىل كېسەل دېسەك، جۇڭگوچە دورا پايدا قىلامدۇ ياكىغەربچە دورا پايدا قىلامدۇ؟ كېسەلنى چوقۇم داۋالاش كېرەك. غالچىلار بىلەنپارىخور-خىيانەتچىلەر جۇڭگونى گۇمران قىلىۋەتسە بولماس. مەنبە: خەلق تورىمۇنبىرى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا umid0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-9 20:25
|