ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ، بۈگۈن ئاددى بولسىمۇ ئۈزۈمنىڭ بايقاش تورىغا بولغان كۆڭۈل سوغامنى ئېلىپ كەلدىم ، بايقاش تورى مىنىڭ شاڭخەيدىكى زىرىكىشلىك تۇرمۇشنى ئۇنتۇلدۇرغان يېقىن ھەمرايىم بولغاچقا ، ئاددى تىلىم ئارقىلىق بۇ تىمىنى يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن ، مەن ھەر قېتىم يۇرتۇمنى ، ئائىلەمنى سېغىنغاندا بايقاش توردىكى ئىسىل ، نادىر تىمىلارنى كۈرۈپ قەلبمدىكى ئازاپلار ئاستا-ئاستا يۇقاپ كىتىدۇ . مەن ئەتە يۇرتۇمغا قاراپ يولغا چىقىمەن بەلكىم بەش كۈنگىچە سەپەر سەۋەبدىن تورنى زىيارەت قىلالماسىلىقم مۇمكىن ، ئەمما يۇرۇتقا بېرىپلا مۇنبەرنى زىيارەت قىلىمەن . ئاخىردا بايقاش تورى ئۈچۈن ئۈزىنىڭ يۈرەك قېنىنى سەرىپ قىلىۋاتقان بارلىق باشقۇرغۇچى ۋە مۇنبەر ئەھلىنىڭ تىنىگە سالامەتلىك ، خىزمىتىگە ئوڭۇشلۇق ، ئائىلىسىگە بەخىت تىلەيمەن .
بايقاشقا كەل
ئەزالىرى ئىقتىدارلىق يوللار سەرخىل نادىر تىمىنى ، مائارىپ ، دەرىسلىك ئىزدىسىڭىز تېپىلۇر نىمىنى ، باشقۇرغۇچىلارئالىجاناپ ، يەيدۇ مائارىپ غېنىمى ، سەن ئۈچۈن بلىم ماكانى تور دۇنياسى بايقاشقا كەل .
ھەل قىلىمىز بىرلىكتە سەن يۇلۇققان قيىن مەسلىنى ، خىزمەت قىلار سىز ئۈچۈن ئۇنتۇپ بارلىق ئەسلىنى، نىشانىمىز ئېنىقتۇر تەربىلمەك ئىسان نەسلىنى ، ئوخشاش بولسا ئارزۇيۇڭ بىللە قەدەم تاشلاشقا كەل.
ئەزا بولۇپ مەنمۇ ھەم ئۈگەندىم نۇرغۇن بىلىمنى ، قوللۇنۇڭ دەپ تەكىتلەر سىزگە ئۇيغۇر تىلمنى مائارىپ ئۈچۈن جان پىدا ئاتىدىم ئاددى جېنىمنى بولساڭ سەنمۇ مائارىپچى« بايقاش»نى قوللاشقا كەل.
تېما دائىرسى بەك كەڭرى ئىزدىگىنىڭ تېپىلۇر ، غەم باسقان قەلبىڭ بايقاش بىلەن ئېچىلۇر ، زىيارەت قىلغان كىشى شۇئان سەپكە قېتىلدۇر ، سەنمۇ مەندەك ئەزا بولۇپ نادىر تېما يوللاشقا كەل.
3013-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى كەچ سائەت 7 ، شاڭخەي |