مۇشۇ كۈنلەردە كىتىدىغىنمنى ئويلىسام يۈرەكلىرىم توختىماي سۇقۇپ كىتىدۇ ، ئۆز يۇرتۇمنىڭ ئاۋاسىنى ، ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان قايناق بازارىنى ، جەننەت كەبى باغلىرىنى تۇلىمۇ سېغىندىم . كىتىشكە پەقەت 8 كۈنلا قالغان بولسىمۇ، بىر خۇددى بىر يىلدەك ئۈتمەكتە ، شۇ ۋەجىدىن بۇ ئاددى تىلىم ئارقىلىق ئۆز سېغىنىش ھىسلىرىمنى ئىزھار قىلىپ ئولتۇرۇپتىمەن .
كىتەر بولدۇم
ئاڭلاڭلار ئەي جاھان ئەھلى ، مەن شاڭخەيدىن كىتەر بولدۇم . ئوقۇتقۇچى بولۇپ شۇنداق ، مۇراد مەخسەتكە يىتەر بولدۇم .
زەپ سېغىندىم ئائىلەمنى بالامنى ، ئۇلارنى ئاخرى كۈرەر بولدۇم ، ئۈتەلمەي قالسام ئىمتھاندىن سەرسان بولۇپ يۈرەر بولدۇم .
بالىلىق بۇرچۇمنى قىلىپ ئادا ، ئاتا-ئانامغا خىزمەت قىلار بولدۇم . سېغنىش ئۇتىدا ئۇلارنى كۆرگىچە، بۇ قەلبىمنى تىلار بولدۇم ،
ئۈچ ئايلىق بۇلدى ئۇغلۇم ئەنە، بۇ يۈرەك پارەمنى بىر كۈرەر بولدۇم. شۇنداق باغرىمغا بېسىپ مەھكەم ، يۈز كۈزىگە توختىماي سۈيەر بولدۇم .
تىمتاس ، گۈزەل ئانا سەھراغا، مەيدەمنى بىر ياقار بولدۇم . ساپ ھاۋاسىدىن تېپىپ خۇشاللىق ، لاي سۇلىرىدا ئاقار بودۇم .
ئەشە گۇزەل ئانا يۇرتۇمنى ، مەن جەننەتكە ئوخشتار بولدۇم . يەنە ئىپادىلەشكە ئازدۇر تىلىم ، نائىلاج قەلەمنى توختىتار بولدۇم
2013-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى شاڭخەي مەنبە ئۆز قەلىمىم |