تەس بولسا بەس، ياشىما !!!
ئەينى يىللىرى دېھقان كۈيچىسى دەپ نام ئالغان مەرھۇم شائىرىمىز روزى سايىتنىڭ «دېھقان بولماق تەس» ناملىق شېئىرى ئېلان قىلىنىپ جەمئىيەتتە كۈچلۈك زېلزىلە قوزغىدى. بۇ شېئىر ئەينى ۋاقىتتىكى دېھقانلارنىڭ ئاھۇ-زارىنى، ئۈمىد-ئىستەك، ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئەتراپلىق ئەكىس ئەتتۈرۈپ دېھقان ئۈچۈن ئاھ ئۇرۇپ، دېھقاننىڭ غەم قايغۇسىغا يىغلاپ، دېھقانلارنىڭ دەرت-ئەلىمىدىن تامغان زىلال قەترىلەردە قاسراقلاۋاتقان تۈمەن مىڭلىغان يۈرەكلەرگە مەلھەم بولۇپ تۆكۈلدى. تولىمۇ ئەپسۇس!... بۇ شېئىر ئېلان قىلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەي پۇرسەتنى غەنىمەت دەپ بىلگەن بىر قىسىم پۇرسەتپەرەس شائىرلار روزى سايىتنىڭ «دېھقان بولماق تەس» ناملىق شېئىرىغا تەقلىد قىلىپ بۇرغۇنلىغان «تەس»لەرنى يېزىشتى. بەزىلەر «مۇئەللىم بولماق تەس» دەپ يازسا، بەزىلەر ئاياللىق مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇپ مەجبۇرىيىتىدىن ۋايساپ «ئايال بولماق تەس» دەپ چۇقان سالدى. يەنە بەزىلەر تەپ تارتماستىن ئەرلەرنىڭ شەنىگە داغ چۈشۈرۈپ «خوتۇن ئالماق تەس» دەپ ئوچۇقتىن ئوچۇق داۋراڭ سالسا؛ يەنە بىر قىسىم ئىدىيىسى پۈچەك، شەرىم-ھايا، ئەقىدە، ئېمان، ئېتىقادىنى ئوتتۇغان قەلەمكەشلەر «ھاراق ئىچمەك تەس» دەپ ئۆز خۇدىنى بىلمەي ئالا-تاغىل جۆيلىدى. كەمىنە ھامان سۈكۈتتە ئىدىم. گەرچە ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى بۇ خىل دورامچىلىقتىن نەپرەتلەنسەممۇ، مەندە ئۇلاردىن «نېمىشقا بۇنداق يازىسىەن، بۇنداق يازما!» دەپ سوراشقا ياكى چەكلەشكە قۇدرەت يوق ئىدى. شۇ چاغدا مەن ئۆزەمچە كىملەرگىدۇ «تەس بولسا بەس، ياشىما!» دەپ ئۈنسىز خىتاپ قىلدىم. قەلىب قەسىرىم ئۆركەشلىدى. ئېچىنىش، ھېسداشلىق، نەپرەت ئوتى گۆرۈلدەپ كۆيىۋاتقان كۆڭۈل باياۋىنىمنىڭ پىنھانە روجەكلىرىدىن تۆكۈلگەن قۇرلادىن بىر پارچە شېئر پۈتۈپ قالدى. گەرچە بۇ شېئىرنى يازغىلى خېلى يىللار بولغان بولسىمۇ تېخىچە مەشىق خاتىرەمدە بويۇن قىسىپ قاپتىكەن. بۇگۈن تورداشلار بىلەن پىكىردە ئورتاقلىشىش يۈزىسىدىن مۇنبەرگە يوللاپ قويدۇم. دوسىتلارنىڭ پىكىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن!
تەس بولسا بەس، ياشىما!!!
ھاتەم سىياق غادىيىپ «باشلىق بولماق تەس» دەيسەن، يۈزلىنەلمەي ھاياتقا «ئادەم بولماق تەس» دەيسەن، نومۇس قىلماي ئەپتىڭدىن «ھاراق ئىچمەك تەس» دەيسەن، نە ئىزا، ۋاي ئاھانەت «خوتۇن ئالماق تەس» دەيسەن، پەم قىلدىڭمۇ قاي ئىشقا، «تەس بولسا بەس، ياشىما!»
بىر نان تاپساڭ داپ چېلىپ ھەرگىز تىنىچ يېمەيسەن، بىر كۈن ئۆتسە ھالىڭ ۋاي ئەتە يەنە غەم يەيسەن، يالغان سۆزلەپ قەدەمدە ئېگىز تاغنى پەس دەيسەن، پەم قىلالماي ياشاشقا «جان ساقلىماق تەس» دەيسەن، تەسكەيلەردىن يول ئېچىپ ماڭالمىساڭ ياشىما!
يارالمىسشىڭ ئۆزەڭدىن تەقدىرڭدىن قاقشىما، توغرا يولدا ماڭالماي پۇتۇڭ سۇنسا ئاقسىما، ساقتىلىقنى ئۇچۇرۇپ كۆپتۈرمىگىن ماختىما، ئادەم تۇرۇپ ئىت كەبىي پاچاق تارتىپ كاپشىما، بەختىڭ ئۈچۈن ئىزدەنمەك «تەس بولسا بەس، ياشىما!».
«تەس»لىكىدىن زارلانماي يول تاپتىغۇ بەزىلەر، قاتتۇق ئۇلار شەنىگە ياڭراق كۈي ھەم نەزمىلەر، تېخى ئاتاپ شۇلارغا ئويۇشتۇردۇق بەزمىلەر، قىزارمىدى يۈزىمىز «ئاتىلىپ ھەي ئەزمىلەر!»، ئۆز ھالىڭدىن زارلاندىڭ «تەس بولسا بەس، ياشىما!».
ئۆزگەرتەلمەي ئىللەتنى تۈگەشتۇرۇپ مىللەتنى، «تەقدىر» دەپلا ئاھ... ئۇرۇپ تارتىپ ئېغىر كۈلپەتنى، باشلاپ بېرىپ غەيۋەتكە ياخشى سورۇن، سۆھبەتنى، كۆزنى ئېچىپ تاللىماي سۆھبەتداشنى، ئۈلپەتنى، چۈشتۈڭ شۇنىڭ دامىغا «تەس بولسا بەس، ياشىما!».
ياشار بولساڭ ئەڭ ئاۋال تۈگەت يامان ئىللەتنى، قالدۇرمىغىن كۈلپەتكە ئىز باسارنى، ئەۋلادنى، بىلىم ئۆگەن، ئۆگەتكىن تاشلا ساختا سۆلەتنى، ئىجاد قىلغىن تىرىشىپ گۈللەندۇرگىن دۆلەتنى، ئىجادىڭدىن تاشقا مىخ قاقالمىساڭ ياشىما !!!
مىلادى 2003-يىلى 28-يانۋار يېزىلغان. شەھىرى خوتەن.
|