پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 98|ئىنكاس: 2

شەيدائىي: مۇنبەردىكىلەرگە سالامنامە[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
8
قىزغىنلىق
33 سەر
تىللا
13 دانە
تۆھپە
14 سەر
شۆھرەت
24 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 21:37:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مۇنبەردىكىلەرگە سالامنامە


ئەسسالامۇئەلەيكۇم مۇنبەردىكى تورداشلار،
ئىلھام ئىزدەپ سېلىگە شېئىر يازدىم بىر پارچە.
ۋاقىت بارمۇ  بىلمىدىم جاۋابىنى يېزىشقا،
قانغا تولغان يۈرىكىم كۈتۈشلەردە ئۆلگۈچە.

مۇشۇ تۇرقۇم قاق سەنەم تۆت تەڭگىمۇ تاپمىدىم،
سۆز ئاچقۇم يوق پەقەتلا زامانىۋى تۇرمۇشتىن.
بىراۋ سۆيسە نە كارىم مەن قورقتۇم دوستلىرىم،
چىن سۆيمىگەن قىز بىلەن مەڭگۈ بىرگە ئۆتۈشتىن.

بۇ ھاياتتا ئەركەككە كۆپكەن سىناق مۇشكۈلات،
سۆيمىگەنگە مەجبۇرى كۆڭۈل بەرمەك نە ھاجەت.
سۆيگۈم ئىدى مۇقەددەس بىلمەي ئۇنى بىر جانان،
بىتاپ قىلدى روھىمنى دەرت ئۈستىگە قوشۇپ دەرت.

سىزنى دىلدىن سېغىنىپ سالام يازدىم تورداشلار،
يالغۇز باشقا دەرت كېلىپ مېنى بىتاب ئەتكەندە.
كىملەر مېنى ئەسلەيدۇ خىيال ئارا مۇڭلىنىپ،
تەنھا تۇيغۇ زەخمىكى دىلنى يېنىك چەككەندە.

ھەسرەت چېكىپ مەن تېخى مەي ئىچمىدىم ئايدىڭدا،
ئىچسەم دەيمەن مۇنبەرداش دوستلار بىلەن بىر قېتىم.
ئارامى يوق كۆڭلۈمنىڭ قالدىم ھەسرەت ئىچىدە،
چۈشەنگەيمۇ   قەلبىمنى مۇنبەردىكى دوستلىرىم.

سۆيگۈ ئولۇغ دەيدىكەن سۆيگۈ ئىزدەپ يۈرگەنلەر،
شۇ سۆيگۈنىڭ ئولۇغى، مۇقەددىسى قەيەردە؟
مەن سۆيسەممۇ ۋە لېكىن سۆيەلمىدى ئۇ جانان،
تارتىۋالغان مەيلىنى كىملەر قاچان قەيەردە؟!

سوئاللارغا جاۋاب يوق ئىزدەپ يۈردۈم كۈنۇ - تۈن،
تەبىر بېرىڭ جان دوستلار سۆيگۈ قانداق مۇقەددەس؟
سۆيگۈ ياكى ئەزەلدىن شۇنداق ساختا تۇيغۇمۇ،
دىلدا يانغان ئۆتكۈنچى ئادەم ئالدار بىر ھەۋەس!؟  

   ـــــــــــــ مەنبە: شەيدائىي ئىجادىيەتلىرىدىن

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   shaidayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-3 21:37  

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1742 سەر
تىللا
149 دانە
تۆھپە
771 سەر
شۆھرەت
803 سەر

مائارىپچىبايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسىتىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 10:05:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گىيۇتىنىڭ مۇنۇ شىئېرىنى سىزگە ھەدىيەقىلاي:
                                                     ئۆرتەنمىدى پىراقتا قايسى رەنا قىزمۇھەم ،
                                                     قايسى بىر بەرنا يىگىت سۆيگۈ ئۈچۈن يىمەس غەم.
ھەردۇقمۇشتا قامچا بار !

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
765 سەر
تىللا
93 دانە
تۆھپە
549 سەر
شۆھرەت
658 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىھەمكارداشپوتوشوپ ئۇستىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 10:10:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارايسىز بەك ياخشى يېزىپسىز.....
سەن سۆيمىسەڭ ھېچ گەپ ئەمەس، ئەل سۆيمىسە ھالىڭ خاراب.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 10:09, Processed in 0.128589 second(s), 32 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش