- تىزىملاتقان
- 2012-6-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-8-27
- ھوقۇقى
- 99
- جۇغلانما
- 128
- نادىر
- 0
- تېما
- 10
- يازما
- 11
  
- يوقلىما
- 8
قىزغىنلىق- 33 سەر
تىللا- 13 دانە
تۆھپە- 14 سەر
شۆھرەت- 24 سەر
| سىڭلىمغا يېزىلغان خەت
- سەندەك يارىماس، ھە دېسىلا غەيۋەت - شىكايەتتىن باشقىنى بىلمەيدىغان تۇل خوتۇننىڭ قىزى بولغانلىقىمدىن نەپرەتلىنىۋاتىمەن، نېمە دەپمۇ بۇنداق نامرات ئائىلىدە توغۇلغان بولغىيتىم، تەلىيىم نېمانداق كاجدۇر مېنىڭ!؟ - ئۇنداق دېمەڭ قىزىم، يېزىلىق ھۆكۈمەتتىن ئالىي - ئوتتۇرا تېخنىكوملارنى پۈتتۈرگەنلەرنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىۋېتىپتۇ، شۇ يەرگە كىرىپ ۋاقىتلىق بولسىمۇ ئىشلەپ تۇرۇڭ!... - ئىشلىگۈڭ بولسا ئۆزۈڭ كىرىپ ئىشلىۋال، مېنىڭ ئۇنداق ياللانما خادىم بولۇپ ئىشلىگۈم يوق! قەدىرلىك سىڭلىم ئاسىيە: سەن ئانام بىلەن تاكاللىشىپ شۇ گەپلەرنى دەۋاتقىنىڭدا ئانام ئۆرتىنىپ ئەلەملىك ئۇھسىندى، ئاخىرى قەلبىنى ئۆرتەپ چىققان يىغىسىنى بىزگە بىلىندۈرمەسلىك ئۈچۈن يەرگە ئېڭىشكەن پېتى دالان ئۆيگە چىقىپ كەتتى. توۋا دەيمەن سىڭلىم، سەن كىم ئىدىڭ؟ كىم بولۇپ قالدىڭ؟! ئېسىڭدىمۇ؟ بۇنىڭدىن 10 نەچچە يىل ئىگىرى دادام كېسەل سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى. بىز ھەرقانچە يىغلاپ - قاقشىغان بولساقمۇ تەقدىرگە تەن بېرىپ، باشقا كەلگەن قاباھەتلىك قىسمەتنى كۈتۈۋالماقتىن باشقا ئامالىمىز بولمىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ دادىسىز قالدۇق. گەرچە بېشىمىزغا كەلگەن ئېغىر كۈنلەر تۈپەيلى قەلبىمىزگە جاراھەت ئۆچمەس ئىز سالغان بولسىمۇ، لېكىن ئانامنىڭ تىرىشچانلىقى، تىنىمسىز ئىزدىنىشى ئاستىدا بىزنىڭ روھىمىزنى سۇندۇرالمىدى. بىزگە ئوخشاش دادىسىز نارىسىدىلەرنىڭ چېھرىدە سۇس جىلۋە ئەيلەپ تۇرغان بىغۇبار گۆدەكلىك جىلۋىسىنى ئۆچۈرەلمىدى. ئانام تاپقان - تەرگىنىنى ئۆزى يېمەي - ئىچمەي، كىيمەي بىزگە ئاتاپ يىغىپ تۆشەپ، بىزنى قاتارغا قوشتى. باشقىلارنىڭ ئۆيىدە كىر - قات يۇيۇپ، نان يېقىپ، ئۆي تازىلاپ تارتقان جاپا - مۇشەققەتلىرىدىن زارلانمىدى. سېنىڭ بەختىڭ ئۈچۈن مەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشتەك شېرىن ئارزۇيۇمدىن ۋاز كەچتىم. سېنى ئۈرۈمچىدىكى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپكە يولغا سالغاندا ئانام كېچە - كۈندۈز سەن ئۈچۈن غەم يېدى. ئۆيدىكى قوي - كالا، بۇغداي - قوناق، ھەتتا قونداققا چىقىپ چىللاپ باقمىغان چۈجە - خورازلاردىن باشلاپ ھەممىنى سېتىپ سېنىڭ ئوقۇشۇڭ ئۈچۈن پۇل غەملەشنىڭ كويىغا چۈشتى. ئانام بىچارە خېلى ئۇزۇندىن بۇيان قىممەتلىك تەۋەرۈك سۈپىتىدە ساقلاپ كەلگەن ئاتا مىراس ئالتۇن زىبۇ - زىننەتلىرىدىن باشلاپ، ئۆي ئىچىدىكى پۇلغا يارايدىغان ھەممە نەرسىنى سېتىپ سېنىڭ كەلگۈسى تەقدىر - ئىستىقبالىڭ ئۈچۈن دەسمايە قىلىۋەتتى. بۈگۈنگە كەلگەندە سەن ئوقۇشۇڭنى غەلىبىلىك تاماملاپ قايتىپ كەلدىڭ. بۇ جەرياندا بىرقانچە قېتىملىق كادىر قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغىمۇ قاتنىشىپ باقتىڭ، لېكىن نەزەرىيە ئاساسىڭنىڭ تۆۋەنلىكى سەۋەبلىك يېزىقچە ئىمتىھاندىكى نەتىجەڭ سېنى يۈزتۇرانە ئىمتىھانغا قاتنىشىش پۇرسىتىگىمۇ ئىگە قىلالمىدى. سەن يەنە سەۋەبنى ئۆزۈڭدىن ئىزدىمەي، ھە دىسىلا ئانامنى «مەن ئۈچۈن يول ماڭمىدىڭ، تونۇش ئىزدەپ پۇل خەجلىگەن بولساڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ بولغان بولاتتىم!» دەپ ئانامنى ئورۇنسىز ئەيىبلىدىڭ، توختىماستىن تەلىيىڭنىڭ كاجلىقىنى ئائىلىمىزنىڭ نامراتلىقىغا باغلاپ قاقشاپ ۋايسىدىڭ. مېنىڭ سەمىمىي نىيەتتە قىلغان پەندى - نەسىھەتلىرىممۇ كار قىلمىدى. داتلاشلىرىڭنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ روھىڭ چۈشۈپ، كەيپىياتىڭ كۈنسېرى ناچارلاشتى. ھەتتا قاراپ تۇرۇپ ئانامنى ھاقارەت قىلىدىغان ھالەتكە بېرىپ يەتتىڭ. بولدى بەس سىڭلىم! ئەمدى ھۇشۇڭنى يىغىۋال، ئانامنى ئورۇنسىز ئەيىپلەۋەرمە! ئۇنىڭ سېنى ۋە مېنى تۇغۇپ بېقىپ قاتارغا قوشقىنى گۇناھ ئەمەس! ئۇنى داۋاملىق شۇنداق ئەيىبلەپ دىلىغا ئازار بەرسەڭ ئۇنىڭ قەلبى ئۆرتەنمەمدۇ؟ ئۆزۈڭنىڭ سەۋەنلىكى ئۈستىدىمۇ ئاز - تولا ئويلىنىپ باق! سەن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ جەمئىيەتكە چىققاندىن بېرى ئاددىي خىزمەت ئورۇنلىرىنى ياراتمىدىڭ، مائاشى يۇقىرى، ئۆزۈڭ ئارزۇ قىلغان ساھەدىكى خىزمەت ساڭا جامالىنى كۆرسەتمىدى. بۇ جەرياندا سەن نۇرغۇن ھاياتىڭنى بىھۇدە ۋاقىتنىڭ قۇربانىغا ئايلاندۇرۇۋەتتىڭ! يەنە تېخى سېنى مىڭ بىر جاپا - مۇشەققەتتە بېقىپ چوڭ قىلغان، زور بەدەل تۆلەپ ئوقۇتقان ئانامغا ھاقارەت كەلتۈرىدىغان يامان ئادەتنى يېتىلدۈرۈۋالدىڭ، ھە دېسلا ئۆزۈڭنىڭ نامرات ئائىلىدە تۇغۇلۇپ قالغانلىقىڭغا پۇشايمان قىلىپ كۈنلىرىڭنى بىكارچىلىق، ئۆكۈنۈش، ھەسرەت - نادامەت ئىچىدە ئۆتكۈزۈۋاتىسەن! ئوبدان ئويلان سىڭلىم، بىزدە «سەۋەب قىلساڭ سېۋەتتە سۇ توختايدۇ!» دەيدىغان ھېكمەت بار. سەن ئانامنىڭ جاپا - مۇشەققىتى، ئۆزۈڭنىڭ تىرىشچانلىقى ئاستىدا ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇشۇڭنى غەلىبىلىك تاماملىدىڭ! لېكىن ئۆز تىرىشچانلىقىڭغا تايانمىغانلىقتىن خىزمەت تاپالماي چۈشكۈنلۈككە يەم بولدۇڭ. شۇنى ئېسىڭدە چىڭ تۇت، ھۆكۈمەت خىزمەتكە تەقسىم قىلمىسا ئۆزۈڭ ئىزدىنىپ، قابىلىيىتىڭگە يارىشا ئىش ئورنى تېپىپ ئىشلىسەڭ تامامەن بولىدۇغۇ!؟ سەن قاچانغىچە «ئۈجمە پىش، ئاغزىمغا چۈش!» دەپ ھۆكۈمەتنىڭ بىرتۇتاش ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىنى كۈتۈپ ئولتۇرىسەن؟ ئۈمىدىڭنى قاچانغىچە ئاللىقاچان چېقىپ تاشلانغان «تۆمۈر تاۋاق» قا باغلاپ ياشايسەن!؟ ئويلان سىڭلىم! دۇنيادا ھىچقاچان مۇتلەق ۋە مەڭگۈلۈك شەيئىي مەۋجۇت بولغان ئەمەس! سەندىكى روھىي چۈشكۈنلۈك ۋە ئىشسىزلىقمۇ مەڭگۈ داۋاملاشمايدۇ. پەقەت سەن كۆڭۈل قويۇپ ئىزدەنسەڭلا بۈگۈندىن ھالقىغان گۈزەل ئەتەڭنى يارىتالايسەن! ئۆز تىرىشچانلىقىڭغا تايانساڭلا ھاياتلىق مەنزىلىڭنى خۇشپۇراق گۈللەرگە پۈركەپ، ئۆزۈڭ ئىرىشىشكە تېگىشلىك ھەق ۋە نېسۋىگە چوقۇم ئېرىشەلەيسەن! ئۆز تەقدىرىڭنىڭ ئەركە خوجايىنىغا ئايلىنىپ بەختكە تولغان گۈزەل ئەتەڭنى يارىتالايسەن. ئۈمىداۋار بول سىڭلىم، قانداق ياشاش، مەغلۇب بولۇش ياكى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۆزۈڭنىڭ ئىرادىسى ۋە تىرىشچانلىقىڭغا باغلىق. تىرىشچانلىق - نەتىجە، ئۈنۈم دېمەكتۇر. مەيلى سەن قانداق كەسىپ، ھۈنەر ياكى خىزمەت بىلەن شوغۇللانما، قىلغان، قىلىۋاتقان ۋە قىلماقچى بولغان ئىشلىرىڭدا نەتىجە قازىنىشقا تولۇپ - تاشقان قىزغىنلىق، جاسارەت ۋە يۈكسەك ئىرادە بولسىلا خىزمەت دېگەن ئەنە شۇ! ساڭا پۈتمەس - تۈگىمەس بەخت - سائادەت تىلەپ: ئاكاڭدىن
----------- مەنبە: شەيدائىي ئىجادىيەتلىرىدىن تاللاپ يوللاندى |
|