يىلان كۆزلۈك قىز
يامغۇر ياغقان ھېلىقى شەنبە، ئۇچراپ قالدى بىر ناتۇنۇش قىز. مىغ-مىغ ئادەم تولغان كوچىدا، تونۇشلاردەك ماڭدۇق ئىككىمىز.
يىلان كۆزلەر جىلمىيىپ شۇ دەم، بولدى بىر پەس ئەقلى ھوشۇم لال. مەنزىلىمدىن ئاداشتىم توۋا !... ھېسلىرىمنى قىلالماي قامال .
ئىزتىراپقا چۆمۈلدى قەلبىم، ئېيتالمىدىم ئۇ قىزغا بىر سۆز. ئارمان بىلەن قالدىم ئۇھسىنىپ، غايىپ بولغاچ ئۇ قىز تويۇقسىز.
شۇندىن بۇيان بوپ قالدىم ساراڭ، ھەر كېچىسى چۈشەيمەن يىلان. ئويغىنىمەن جۆيلۈپ ئاھ ئۇرۇپ، يۈرىگىمنى چاققاندەك چايان.
ئېلىپ كەتتى كۆڭلۈمنى بەلكىم، بىر جىلمىيىپ يىلان كۆزلۈك قىز. كۈلەلمىدىم ئۆلمىگەن بىلەن، يۈرىكىمدە قالدى ئۆچمەس ئىز !
______________ مەنبە: شەيدائىي ئىجادىيەتلىرىدىن، |