- تىزىملاتقان
- 2012-6-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-8-27
- ھوقۇقى
- 99
- جۇغلانما
- 128
- نادىر
- 0
- تېما
- 10
- يازما
- 11
  
- يوقلىما
- 8
قىزغىنلىق- 33 سەر
تىللا- 13 دانە
تۆھپە- 14 سەر
شۆھرەت- 24 سەر
| يەرلىك شىۋە ئوينامدۇق دوسىتلار!؟
يەرلىك شېۋە ھەر قايسى يۇرت-ماكانلارنىڭ ئۆزىگە خاس مىللىي ئالاھىدىلىكى بولۇپ، ئۇ ھەر قايسى يۇرت خەلقىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشى داۋامىدا يەكۈنلەپ چىققان ھاياتلىق پائالىيتىنىڭ جەۋھىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، يەنە ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تىل سەنئىتى خەزىنىسىدىكى بىباھا گۆھەر بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەر يۇرت-ھەر جاينىڭ خاسلىقىنى نامايەن قىلپ كەلمەكتە. تۆۋەندە مەن كېرىيە ناھىيسىدە ساقلىنىپ كەلگەن بىر قىسىم يەرلىك شىۋېلەرنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىشىنى لايىق تاپتىم. ئىزدىنىش جەريانىدا يەرلىك شېۋىلەرنى دوسىتلارنىڭ دىققىتىگە سونۇشتا قىزىقارلىق، يومۇرىستىك قىلىپ ئىپادىلەشكە تىرىشچانلىق كۆرسەتتىم. ۋاقتىمنىڭ قىس، سەۋىيەمنىڭ چەكلىك بولۇشى سەۋەبلىك بەزىبىر نوقسانلاردىن خالىي بولالماسلىقىم مۇمكىن ئەزىز تورداشلارنىڭ سەممىيلىك بىلەن تەكلىپ پىكىر بىرىشنى سورايمەن. 1- سەگ مەسلەن : ئاق سېگىم چىشلەپ ئالاردۇ ئالا بويناقنىڭ يانىنى، يۈرىگىم ئاغرىپ كېتەدۇر ئاھ ئۇرارمەن ھامىنى. ئاھلىرىمغا ئۈن قوشۇپ كەلگەندە قۇشلار مەن تامان، ئاۋارىمەن ئەپلەشتۈرەلمەي كۆڭلى خەس، دىل يارىنى.
ئۈمىدىم كۆپتۇر شۇ تاپ، ئۆم قىلسام دەيمەن بارچىنى، كۆزلىرىمنى ئوق قىلىپ ئاتسام نىجىسنى، غالجىنى. كۆكلىسە دىلدا نىجاتلىق، ئەلگە باقسا ياخشىلىق، مەن خۇشال كۈلگەن باھاردەك قەھ قەھ ئۇرارمەن ھەر كۈنى. - شەيدائىي شېئىرى
يۇقىرىدا مىسال كەلتۈرگەن شېئىردا تىلغا ئېلىنغان «سەگ» دىگەن سۆز كېرىيە شىۋىسى بولۇپ، كېرىيە دىيارىدىكى كەڭ ئەمما ئارىسىغا تارقالغان، بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى كېرىيە دىيارىدىكى 1 ياشىتن 100 ياشقىچە بولغان قېرى ياش، ئەر-ئايال ھەممىسى تولۇق بىلىدۇ ئادەتتىكى ئىجتىمائىي ئالاقە كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئورتاق قوللىنىدۇ. قېنى كۆپچىلىك ئۇنداقتا يۇقارقى سۆزنىڭ ئۇيغۇر ئورتاق ئەدەبىي تىلىدىكى مەنىسى نېمە؟ قېنى كىم ئەڭ تىز ھەم ئەڭ توغرا تاپالايدۇ؟
2- مىش قېنى كۆپچىلىك بىز بۇ سۆز توغرىسىدىكى كىچىككىنە مىسالغا نەزەر سالايلى !
مىش كىلىپ يىتتى بۇ يەردىن تويمىغۇر چاشقانلىرىم، ئەمدى بىر ماي كۆرگۈدەك چاك-چاك يارا ئالقانلىرىم. ئاپئاق مىشىم يەڭ تۈرۈپ چۈشكەندە جەڭگە بىتېنىم، كۆچكۈسى مۇنبەت ئېتىزدىن مەشرەپ تۈزەر چاغقانلىرىم.
كۈز كىلىپ كۈلسە ئېتىزدا مول-ھوسۇلنىڭ شادلىقى، ئاق مىشىم تۇققاي تاۋار-دۇردۇن، گۈزەر ئاسلانلىنى. ئاھ... ئاۋات بولغاي ئۈيۈم ئەزىز جانانلار بەھرىدە، قان يۇتۇپ قاچقاي شۇ چاغ چاشقان كەبىي دۈشمەنلىرىم. -شەيدائىي شېئىرى
يۇقىرىدا مىسال كەلتۈرگەن شېئىردا تىلغا ئېلىنغان «مىش» دىگەن سۆز كېرىيە شىۋىسى بولۇپ، كېرىيە دىيارىدىكى كەڭ ئەمما ئارىسىغا تارقالغان، بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى كېرىيە دىيارىدىكى 1 ياشىتن 100 ياشقىچە بولغان قېرى ياش، ئەر-ئايال ھەممىسى تولۇق بىلىدۇ ئادەتتىكى ئىجتىمائىي ئالاقە كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئورتاق قوللىنىدۇ. قېنى كۆپچىلىك ئۇنداقتا يۇقارقى سۆزنىڭ ئۇيغۇر ئورتاق ئەدەبىي تىلىدىكى مەنىسى نېمە؟ قېنى كىم ئەڭ تىز ھەم ئەڭ توغرا تاپالايدۇ؟
3- كۆچكەن مەسلەن: كۆچكەن قوغلاپ ئوينىغان جاڭگال ئارا، ئىزلىرىم چاقنار ئىدى تىك قىيا، چېدىرلىدا. كەتتى ئۇزاپ ئاھ منېىڭدىن بىغۇبار شوخ بالىلىق، چۈشتى باشقا ئىشقى سەۋدا، سۆيگۈنۈم يوق دىل يارا.
نەدە قالدى گۈزەل ئىستەك، ئاھ يۇتۇپ چەكتىم پىغان، دىلنى قىينار ئىشق ياراسى، زارىقىش بىلەن ھىجران. بالىلىقنى ئىزدەيمەن چۈشلىرىمدىن ئاختۇرۇپ، تاپالمىدىم بالىلىقنى دىلدا قالدى مىڭ ئارمان ! -شەيدائىي شېئىرى
يۇقىرىدا مىسال كەلتۈرۈلگەن شېئىردا تىلغا ئېلىنغان «كۆچكەن» دىگەن سۆز كېرىيە شىۋىسى بولۇپ، كېرىيە ناھىيىسىنىڭ شىۋول، قارقى قاتارلىق تۈزلەڭ يېزىلىرىغا، ئۇنىڭدىن باشقا ئاتچان يېزىسىدىكى دېھقان چارۋىچىلار ئاممىسى ئارىسىدا بىر قەدەر كەڭ ئومۇملاشقان. ئۇنداقتا بۇ يەردە تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن «كۆچكەن» دىگەن سۆزنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدىكى ئورتاق مەنىسى نېمە؟ قېنى كىم ئەڭ تىز ھەم ئەڭ توغرا تاپالايدۇ؟
بۈگۈنچە ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن مۇشۇنچىلىك يېزىپ بولدى قىلاي، قالغىنى يەنە داۋاملىق يوللاپ تۇرىمەن، دوسىتلارنىڭ بۇ تېمامدا ئوتتۇرغا قويۇلغان سۇئاللارغا ئەستايىدىللىق بىلەن بىلگىنىچە جاۋاب بىرىشىنى ھەمدە ئۆزىدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۆز يۇرتنىڭ خاسلىقى، ئالاھىدىلىكى گەۋدىلەندۈرۈلگەن يەرلىك شىۋىلەر بولسا مۇنبەرگە يوللاپ كەڭ مۇنبەرداشلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئۈمىد قىلىمەن! |
|