پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3603 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • زەپەر 8 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • سەھرا13 تۈنۈگۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    خىزمەت بېسىمى نىمانچە ئېغىر بوپكەتتى،بۇ مائارىپ تەرەققىياتى،جەمىيەت تەرەققىياتىمۇ؟

  • 94机械 تۈنۈگۈن 17:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھويلامنى بىزەپ شۇ

  • ak@# تۈنۈگۈن 11:13 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىلا.............................نەدىسەن ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

كۆرۈش: 99|ئىنكاس: 2

باشلانغۇچ 1-يىللىق ئەدەبىيات 2-ماۋسۇم- قانۇنىيەتنى تېپىش دەرس تەييا...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

33

تېما

0

دوست

885

جۇغلانما

ئەزىز مېھمان

Rank: 1

قىزغىنلىق
169 سەر
تىللا
51 دانە
تۆھپە
259 سەر
شۆھرەت
168 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-12 23:10:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-14 01:13  

بىرىنچى يىللىق 2-قىسىم قانۇنىيەتنى تېپىش دەرسلىك لاھىيەسى

دەرس مەزمۇنى: دەرسلىك ماتىرىيالى 88-89-بەت 1-،2-،3-مىسال ۋە ئىشلەپ بېقىڭ.
ئوقۇتۇش نىشانى:
(1)        كۈزىتىش، تەجرىبە قىلىش، پەرەز قىلىش، يەكۈنلەش  قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەرنىڭ تىزىلىش قانۇنىيىتىگە بولغان چۈشەنچىگە ئىگە قىلىش، ھەم قانۇنىيەتكە ئاساسەن، كىيىنكى جىسىمنىڭ قايسى شەكىل ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بىرەلەيدىغان بۇلۇش.
(2)        ئوقۇغۇچىلاردا دەسلەپكى قەدەمدە، كۈزىتىش، ئەقلى خۇلاسە چىقىرىش  ۋە ئەمەلىي مەشغۇلات قىلىش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈش.
(3)        ئوقۇغۇچىلارنىڭ بايقاش ۋە ماتىماتىكىدىن ھۇزۇرلىنىش ئېڭىنى يىتىلدۈرۈش.
مۇھىم قىيىن نوقتا:
مۇھىم نوقتا: دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەرنىڭ تىزىلىش قانۇنىيىتىنى ئىگەللەش ، ھەم قانۇنىيەتكە ئاساسەن، كىيىنكى جىسىمنىڭ قايسى شەكىل ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بىرەلەيدىغان بۇلۇش.
     ھەل قىلىش ئۇسۇلى: كۈزىتىش، تەجرىبە قىلىش، پەرەز قىلىش، ئەقلى خۇلاسە چىقىرىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق، قانۇنىيەتنى بايقاش.
   قىيىن نوقتا: دەسلەپكى قەدەمدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقلى خۇلاسە چىقىرىش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈش.
ھەل قىلىش ئۇسۇلى: ئەمەلىي مەشغۇلات قىلىش ۋە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش .
كۆرسەتمە قۇرال: كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش يۇمشاق دىتالى، ماتىماتىكا قۇتىسى.
ئوقۇتۇش جەريانى:
1.دەرسكە باشلاپ كىرىش
(1)        سۆھبەت ئۇسۇلى ئارقىلىق يىڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىلىدۇ.
6-ئاينىڭ 1-كۈنى قانداق كۈن؟
كىمنىڭ بايرىمى؟
سىز بۇقىتىمقى بالىلار بايرىمىنى قانداق ئۆتكۈزدىڭىز؟(ئوقۇغۇچىلار ئىختىيارى جاۋاپ بىرىدۇ)
ئۇنداقتا سىلەر بىرىنچى يىللىق(3) سىنىپتىكى ساۋاقداشلارنىڭ بالىلار بايرىمىنى قانداق ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلىشنى خالامسىلەر؟
ئوقۇتۇش يۇمشاق دىتالى كۆرسىتىلىدۇ:
تەپسىلى كۈزۈتۈڭلار: رەسىمدە نىمىلەر بارئىكەن؟
(بايراق، پانۇس، گۈل ۋە نۇرغۇنلىغان كىچىك دوستلار بار ئىكەن.)
بۇ بايراق، گۈل ۋە پانۇسلار قالايمىقان تىزىلىپتىمۇ ياكى بەلگىلىك تەرتىپتە تىزىلغانمۇ؟
(ئوقۇغۇچىلار جاۋاپ بىرىدۇ)
بەلگىلىك تەرتىپكە ئىگە، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بەلگىلىك قانۇنىيەتكە ئاساسەن تىزىلغان. بۇ سائەتتە بىز دەل قانۇنىيەتنى تېپىشنى ئۈگۈنىمىز.( دەرس تىمىسى دوسكىغا يېزىلىدۇ)
2.قانۇنىيەتنى تېپىش ئۈستىدە ئىزدىنىش.
(1)        ئوقۇتۇش يۇمشاق دىتالى ئارقىلىق بايراق رەسىمى  كۆرسىتىلىدۇ:
ئوقۇغۇچىلارنى كۈزىتىش ۋە ئويىلىنىشقا يىتەكلىنىدۇ: كىيىنكى بايراق  قانداق  رەڭدە؟ (ئوقۇغۇچىلار جاۋاپ بىرىدۇ) ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاۋابى مۇئەييەنلەشتۈرىلىدۇ.
(2)        ئوقۇتۇش يۇمشاق دىتالى ئارقىلىق پانۇس ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ رەتكە تىزىلغان  رەسىمى  كۆرسىتىلىدۇ:
بايراقنىڭ تىزىلىش قانۇنىيىتىنى تېپىۋالدۇق، ئۇنداقتا، پانۇس بىلەن كىچىك دوستلارنىڭ تىزىلىشىدا قانداق قانۇنىيەت باركىن؟
كىيىنكى پانۇس قانداق رەڭدە؟ كىيىنكى ساۋاقداش قىزمۇ ياكى ئوغۇلمۇ؟بايقىغانلىرىڭىزنى يېنىڭىزدىكى ساۋاقدىشىڭىزغا ئېيتىپ بىرىڭ. (ئوقۇغۇچىلار ئويلىنىدۇ ۋە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرىدۇ)
قېنى قايسى ساۋاقداش ئويلىغانلىرىنى سىنىپتىكى ساۋاقداشلىرى بىلەن ئورتاقلىشىشنى خالايدۇ؟ سىز قانداق ئويلىدىڭىز؟ (ئەركىن پىكىر قاتناشتۇرىدۇ)
(3)        ئوقۇتۇش يۇمشاق دىتالى ئارقىلىق تىزىلغان گۈللەرنىڭ  رەسىمى  كۆرسىتىلىدۇ:
گۈللەرنىڭ تىزىلىش قانۇنىيىتى بايراق، پانۇس ۋە ئوقۇغۇچىلانىڭ تىزىلىش قانۇنىيىتى بىلەن ئوخشاشمۇ؟ ئويلاپ باقايلى: كىيىنكى گغل قايسى رەڭدە؟ ئۇنىڭدىن كىيىنكىسىچۇ؟
(4)        خۇلاسە: بايراق، پانۇس،گۈل ۋە كىچىك دوستلارنىڭ ھەممىسى بەلگىلىك قانۇنىيەت بۇيىچە تىزىلغان.
(5)        ھەربىر گۇرۇپپىدا قانداق شەكىللەر بار؟ قايسى تەرتىپ بۇيىچە تىزىلغان؟ بايقىغانلىرىڭىزنى ئىيتىپ بېقىڭ.
3. ئەمەلىي مەشغۇلات.
(1) بۇياپ بېقىڭ.
دەرسلىك 89-بەتتىكى «بۇياپ بېقىڭ» كۆرسىتىلىدۇ.
قېنى قايسى ساۋاقداش بەلگىلىك قانۇنىيەتتە بۇياپ چىقالايدۇ؟ ( ئوقۇغۇچىلار بوياپ چىقىدۇ)
قېنى قايسى ساۋاقداش قانداق بۇيىغانلىقىنى ئېيتىپ بىرىدۇ؟
ئۆزئارا مۇسابىقىلىشىپ بېقىشنى خالامسىلەر؟ (دەرسلىك 89-بەت ئىشلەپ بېقىڭ)
كىچىك گۇرۇپپا ئىچىدە ئۆزئارا باھالاپ بېقىڭلار، توغرا بۇياپسىلەرمۇ؟ (ئۆزئارا باھالاپ چىقىپ، خاتا جايلارنى توغرىلايدۇ.)
(2)        تىزىپ بېقىڭ، ئويلاپ بېقىڭ.(                 )
بىز بىرقىسىم قانۇنىيەتلەر بىلەن تۇنۇشۇپ چىقتۇق، ئۇنداقتا ساۋاقداشلار ئۈزۈڭلار قانۇنىيەت ھاسىل قىلالامسىلەر؟ ماتىماتىكا قۇتىسىدىكى شەكىللەر ئارقىلىق تىزىپ چىقىڭلار؟ (ئوقۇغۇچىلار ئەمەلىي مەشغۇلات قىلىدۇ)
ئويلاپ بېقىڭ:  
تىزىپ چىققان شەكىللىرىڭلارنى ساۋاقدىشىڭلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى خالامسىلەر؟( ئۆزئارا باھالاپ چىقىدۇ)
4. تۇرمۇشتىكى ماتىماتىكا
ئەمەلىي تۇرمۇشىمىزدا نۇرغۇن جىسىملار بەلگىلىك قانۇنىيەت بۇيىچە تىزىلغان، ئويلاپ باقايلى: يەنە قايسى جىسىملارنىڭ تىزىلىشى  بەلگىلىك قانۇنىيەتكە ئىگە؟ كىم ئېيتىپ بىرەلەيدۇ؟ (ئوقۇغۇچىلار ئېيتىپ بىرىدۇ)
دەرسلىك يۇمشاق دىتالى كۆرسىتىلىپ، تۇرمۇشتىكى ماتىماتىكىدىن ھۇزۇر ئېلىشقا يىتەكلىنىدۇ.
5. خۇلاسە: بۇ سائەتلىك دەرس ئارقىلىق نىمىلەرنى بىلىۋالدىڭىز؟
6.تاپشۇرۇق: ئۆيگە قايتقاندىن كىيىن ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزىتىپ بېقىڭ، ئۈيىڭىزدىكى قايسى نەرسىلەر بەلگىلىك قانۇنىيەت بۇيىچە تىزىلغان؟

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
نونى + 2 + 2 + 2 + 2بارىكاللار تېرىشىڭ!

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 2 تىللا + 2 تۆھپە + 2 شۆھرەت + 2  باھا خاتىرىسى

مەمەت ئابلا
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

44

تېما

16

دوست

4762

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1099 سەر
تىللا
219 دانە
تۆھپە
1123 سەر
شۆھرەت
793 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-13 23:42:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇمكىن بولسا كۆپرەك يوللاپ تۇرۇڭ!
ئەتەڭنى ئويلا،ئۆگۈنۈڭنى ئويلىما.چۈنكى، ئەتەڭ يەنە بىر ئەتىگە ھامىلدار!

406

تېما

56

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
5035 سەر
تىللا
2199 دانە
تۆھپە
8452 سەر
شۆھرەت
3651 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-14 01:12:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تەييارلانغان دەرس تەييارلىقى ئىكەن، ئوقۇتۇش خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇشۇنداق تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي، رەخمەت سىزگە!
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-11 09:02, Processed in 0.436165 second(s), 39 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش