بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-28 17:15
بايقاش مۇنبىرى يەنە بىر قېتىم قارانىيەتلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداش دوستلار، بايقاش مۇنبىرىنىڭ ئەزىز ئىشتىراكچىلىرى ياخشىمۇسىلەر؟ ھەر قايسىڭلارنىڭ قۇربان ھېيتلىق ئايىمىگە مۇبارەك بولسۇن!
بۇنىڭدىن ئۈچ ئاي ئىلگىرى بايقاش مۇنبىرىمىز يۇرۇق دۇنياغا كۆز ئاچقانلىقىنىڭ بىر يىللىقى تەبرىكلىنىۋاتقان، بايقاش مۇنبىرىنىڭ شۆھرىتى تور دۇنياسىدا نامايەن قىلىنىپ، تور ئەھلىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن خۇشاللىق پەيتلىرىدە بىر ئوچۇم قارانىيەتلەر بايقاش مۇنبىرىگە قارا قولىنى سوزدى. ئۇلار رەزىل ۋاستىلارنى قوللىنىپ، مۇنبەرنىڭ ئارقا بەت باشقۇرۇش سۇپىسىغا سوقۇنۇپ كىرىپ، مۇنبەر مەشخۇلاتىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ۋە تېما-ئىنكاسلارنى ئۆچۈرۈۋېتىدىغان رەزىل قىلمىشلارنى سادىر قىلدى. باشقۇرغۇچى-ئاتامانلارنىڭ ماسلىشىشى ۋە جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى تور نازارەتچىلىك تارماقلىرىدىكى خادىملارنىڭ دىلو تۇرغۇزۇپ، ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشى نەتىجىسىدە ئاخىرى بۇ دىلو پاش قىلىندى. ئۆز ۋاختىدا ئاتامانلارنىڭ كەڭ قوساق، يۇمشاق كۆڭۈللىكى بىلەن ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلگەن ئىدى. ئەمما ئۇلار بۆلگۈنچىلىك ۋە بۇزغۇنچىلىق ھەركەتلىرىنى بىرەر كۈنمۇ توختاتمىدى. ئۇلار يەنە مۇنبەر باشقۇرۇش QQ توپىغا سوقۇنۇپ كىرىپ، قالايمىقان ئۇچۇر يوللاپ، ئاتامان ۋە باشقۇرغۇچىلار، تورداشلار ئارىسىدا زىددىيەت پەيدا قىلىشقا ئورۇندى. ھەتتا بىر قىسىم باشقۇرغۇچىلارغا غەيرى ناملاردا «بايقاشتىن چېكىنىپ چىقسىڭىز باشقۇرغۇچى، يولباشچى، سەركە قىلىمىز.....» دىگەن مەزمۇنلاردا QQ ئۇچۇرى يوللاپ، بايقاش مۇنبىرىنىڭ باشقۇرغۇچىلار قوشۇنىنى ئاجىزلاشتۇرماقچى بولدى. يەنە IP ئادرىسى ئېنىق بولمىغان غەيرى ناملار بىلەن مۇنبەرگە تىزىملىتىپ كىرىپ، سېرىق مەزمۇندىكى تېمىلارنى مۇنبەرگە يوللاپ، مۇنبەرنىڭ تاقىلىپ قېلىشىنى كۆرمەكچى بولدى. يېقىنقى بىر ھەپتىدىن بېرى بايقاش مۇنبىرىنىڭ كۆرۈنمە چاستوتىسى ۋە مەشخۇلات مۇھىتىدا نورمالسىزلىق كۆرۈلۈپ، تورداش دوستلارنىڭ مۇنبەر مەشخۇلات تەرتىۋىگە خېلى زور قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. مانا بۈگۈن مۇنبىرىمىزدىكى بىر قىسىم نادىر تېما-ئىنكاسلىرىمىز ۋە مۇنبەر قوللانمىلىرىمىز مۇنبەردىن تۇيۇقسىز يوقاپ كەتتى. «ھىلىگەر تۈلكە تۇمشۇقىدىن ئىلىنار» دىگەندەك، يەنە ئۇلار ئىز قالدۇرۇپ قويدى. بايقاش مۇنبىرىدە كۆرۈلگەن يۇقارقىدەك بىر قاتار مەسىلىلەر شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى- بايقاش مۇنبىرى قۇرۇلغىنىغا بىر يىللا بولغىنىغا قارىماي، تېما-ئىنكاسلىرىنىڭ پايدىلىنىشچانلىقى يۇقۇرى، باشقۇرغۇچى ۋە ئەزالىرىنىڭ سەرخىل، جەلىپ قىلىش كۈچى كۈچلۈك بۇلۇشتەك خاس ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن تور دۇنياسىدا بەلگىلىك ھۆرمەت ۋە ئىناۋەتكە ئېرىشتى، ھەتتا قۇرۇلغىنىغا نەچچە يىل بولغان، ئەزالىرى ئون نەچچە مىڭدىن ئاشقان بىر قىسىم تور بىكەتلىرىنى ئارقىدا قالدۇردى. بۇ ھال دوستلارنى خۇشال قىلسا، دۈشمەنلەرنىڭ ئىچىنى ئېچىشتۈردى.... قىسقىسى، بايقاش مۇنبىرىنىڭ تەرەققىياتى ئوچۇق-ئاشكارا، ئادىل رىقابەتكە يارىمايدىغان كۆرەلمەسلەرنى خاتىرجەم ئۇخلاتمىدى، رەزىل قىلمىشلارغا قۇتراتتى.... تەجرىبە-ساۋاقلار بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، دۈشمەن رەزىل، دۈشمەن رەھىمسىز، دۈشمەنگە رەھىم قىلىش- ئۆزىنى نابۇت قىلىش بىلەن باراۋەر! بىز مۇنبەردىكى ئاتامان ۋە باشقۇرغۇچىلار قەتئى نىيەتكە كېلىپ، جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى تور نازارەتچىلىك تارماقلىرىدىكى خادىملارغا يېقىندىن ماسلىشىپ، بۇ بىر تۈركۈم قارانىيەتلەرگە قىلچىمۇ رەھىم-شەپقەت قىلماي، ئۇلارنى قانۇن بويىچە جازالاپ، ئەجەللىك زەربە بېرىپ، بايقاش مۇنبىرىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈن بىخەتەر تور مۇھىتى بەرپا قىلىمىز. بۇ جەھەتتە تورداش دوستلار بىزگە، ئاتامان ۋە باشقۇرغۇچىلارغا تامامەن ئىشەنسەڭلار بۇلىدۇ. مۇشۇ ئاينىڭ 25-كۈنى (قۇربان ھېيتنىڭ ھارپا كۈنى) كېچىدە بىر ئوچۇم قارانىيەتلەر تۈرلۈك رەزىل ۋاستىلارنى قوللىنىپ، بايقاش مۇنبىرىنىڭ ئارقا بەت باشقۇرۇش سۇپىسىغا سوقۇنۇپ كىرىپ، مۇنبەردىكى 20000 غا يېقىن تېما-ئىنكاسلارنى، رەسىملىك يازمىلارنى ئۆچۈرۈۋەتكەن. بۇ خىل ھالەت 26-چىسلا ئەتىگەندىن باشلاپ، بارلىق تورداشلارنىڭ ئېڭىدا «بايقاشقا نىمە بولدى؟» دىگەنگە ئوخشاش تۈرلۈك سۇئاللارنى پەيدا قىلدى. مۇنبەر قۇرغۇچىسى ئادمىن ئەپەندى 27-چىسلا(شەنبە كۈنى) كومپىيوتېر ئالدىدا ئەتىگەندىن كەچكىچە بىر كۈن ئولتۇرۇپ، مۇنبەرنىڭ مەشخۇلات مۇھىتىدا ساقلانغان نورمالسىزلىقلارنى تۈزەتتى ۋە ئۆچۈرۈۋېتىلگەن تېما-ئىنكاسلارنى مۇنبەرنىڭ ساندانىدىن يۆتكەپ، بىر-بىرلەپ ئەسلىگە كەلتۈردى. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بايقاش مۇنبىرىدىكى تورداش دوستلارغا تۆۋەندىكى نوختىلارنى جىددى ئۇقتۇرىمىز:
1.باشقۇرغۇچى دوستلارنىڭ ئەزا تەستىقلاشتا IP ئادرىسى ئېنىق بولمىغان، قالايمىقان، مەنىسىز ناملار بىلەن كىرگەنلەرنى قەتئى تەستىقلىماسلىقىنى، مۇنبەرگە يوللانغان تېما-ئىنكاسلارنى تەستىقلاشتا تېخىمۇ ھۇششار، سەگەك ۋە ئەستايىدىل بۇلۇشىنى، مەزمۇنى ساغلام بولمىغان تېما-ئىنكاسلارنىڭ يوللىنىپ قېلىشىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز. 2.تورداش دوستلارنىڭ مۇنبەر زىيارىتى داۋامىدا مەزمۇنى ساغلام بولمىغان تېما-ئىنكاسلارنى كۆرگەن ھامان مۇنبەرنى قوغداش، مۇنبەرگە مەسئۇل بۇلۇش مەيدانىدا تۇرۇپ، ئاتامان ۋە باشقۇرغۇچىلارغا ۋاختىدا مەلۇم قىلىشىنى، قارانىيەتلەرنىڭ ھۇجۇمىدىن ھودۇقۇپ كەتمەسلىكىنى، مۇنبەرنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇستەھكەم مۇداپىئە سېپى بۇلۇپ ئۇيۇشىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز. 3.ھازىر مۇنبەرنى تەرتىپكە سېلىش، قارانىيەتلەر قالدۇرغان ئىزغا ئاساسەن يىپ ئۇچىنى دەلىللەش خىزمەتلىرى جىددى ئىشلىنىۋاتىدۇ. بايقاش مۇنبىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن كەڭ تورداش دوستلارنىڭ ماسلىشىپ بېرىشىنى، بىنورمال ئەھۋاللارنى بايقىغان ھامان مۇنبەر باشقۇرۇش گۇرۇپپىسىغا مەلۇم قىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز.
چۈنكى بايقاش مۇنبىرى- رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك، ھەرخىل مەكتەپلەردە ئىشلەۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ، ھەر ساھە كەسىپتىكى دوستلارنىڭ ئىللىق ئائىلىسى، قابىل ياردەمچىسى، سىرداش دوستى، شۇنداقلا مەنىۋى تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسمى! بۇ ئائىلىنىڭ بىخەتەرلىكى، سىجىل، ساغلام تەرەققىياتى ھەممىمىزنىڭ ئورتاق كۆڭۈل بۆلىشى ۋە تىرىشچانلىقىمىزغا باغلىق!
بايقاش مائارىپ تورى ئىشخانىسى 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى |