كۆرۈش: 21597|ئىنكاس: 98

تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنى خۇشال قىلىدىغان ئىسىل خۇش -خەۋەر

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ تېما ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرنى،بولۇپمۇ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنى خۇشال قىلىدىغان ئىسىل خۇش -خەۋەر ئىكەن.شۇڭا كۆچۈرۈلمە بولسىمۇ يوللاپ قويدۇم.كۆپرەك قېرىنداشلىرىمىز خەۋەر تاپسا دېگەن ئۈمىدتىمەن.

          شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋېرسېتىتى ئەدەبىيات ئىنىستىتوتىنىڭ سېكىرتارى ئابدۇبەسىر شۇكۇرى مۇئەللىمنىڭ دېيىشىچە بۇ قېتىم يەنە بىر نۆۋەت يېڭىدىن دەرىسلىك كىتاب تۈزۈش ئېلىپ بېرىلىدىكەن. ئۆتكەن يىلى ش ئۇ ئا ر مائارىپ نازارىتى مەخسۇس ئادەم تەشكىللەپ ھازىر ئىشلىتىۋاتقان دەرسلىك ھەققىدە ئۈچ گۇرۇپقا بۆلۈنۈپ شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تەكشۇرۇش ۋە پىكىر ئېلىش ئېلىپ بېرىلغان ئىكەن. بۇ تۈرگە ئابدۇبەسىر مۇئەللىم باش بولغان بۇلۇپ، لايىھە پات ئارىدا تۈزۈلىدىكەن ۋە مۇشۇ لايىھە بۇيىچەباشلانغۇچ 1-يىللىقتىن باشلاپ تولۇق ئوتتۇرا يىللىققىچە قايتا كىتاب تۈزۈش ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

ئەدەبىيات كىتاب تۆۋەندىكى بىر قانچە پىرىنسىپ بويىچە تۈزۈلۈش ئېلىپ بېرىلىدىكەن:     
1.    مەخسۇس ئۇيغۇر تىلى كىتاب تەسىس قىلىنىدىكەن ھەمدە ھەپتىسىگە ئىككى سائەت قىلىپ ئۆتۈلىدىكەن.     
2.    ئەدەبىيات دەرسى ھەپتىسىگە تۆت سائەت قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن.  
3.    ئەدەبىيات دەرسلىكتىكى زۆرۈر نەزەرىيۋى بىلىملەر قايتا كىرگۇزۇلۇپ بۇ ھەقتىكى بوشلۇق تولدۇرۇلىدىكەن.
4.    ئەدەبىيات دەرسىدە «قوش تىل ۋە ئادەتتىكى دەرسلىك» دېگەن تەلەپ چىقىرىلىپ تاشلىنىپ، ئوخشاش ماتېرىيال ئىشلىتىدىكەن. «قوش تىل ئەدەبىيات كىتاب» دېگەن ئۇقۇم چىقىرىپ تاشلىنىدىكەن.   
5.    ئەدەبىياتتىكى دەرسلىكتە ئاساسەن ئۇيغۇر يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرى كىرگۇزۇلىدىكەن. تېكىستلەردە زور ئۆزگىرش بولىدىكەن.  
6.    دەرسلىكتىكى كىلاسسىك ئەسەرلەر مەزمۇنى تېخىمۇ كۆپەيتىلىدىكەن. يەنى بۇ قېتىملىق دەرس تۈزۈشتە كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزغا كۆپرەك كۈچ سەرپ قىلىنىدىغان بولۇپ، ئەسلىي قوليازما (مەتىن) ياكى خەلقئارالىق كود ئۆلچىمى بويىچە بېرىلىدىكەن. ھازىرقى زامان تىلدىكى يەشمىسى بېرىلمەيدىكەن. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قەدىمكى يېزىقىمىزنى ئوقۇيالمايدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، يېقىندا  شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋېرسېتىتىدا ئۇچ ئايلىق تەربىيلەش ئېلىپ بېرىلىدىكەن.  
7.    ھەر قايسى دەرىجىلىك تىل-ئەدەبىيات ئىمتىھانىنىڭ ماقالە يېزىقچىلىقىدا ماقالە ئەسەرگە قاتتىق تەلەپ قويۇلۇپ تەكشۇرۇلىدىكەن. شۇڭا تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى ھازىردىن باشلاپ ئوقۇغۇچىلارنى يېزىقچىلىق تاپشۇرۇقىغا بولغان تەلەپنى كۈچۈيتىشىمىز  

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2012-9-13 12:55:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭىلا ئىيتىلغان خوش خەۋەرمۇ نىمە بۇ ! ۋاھ نىمە دىگەن ياخشى خەۋەر بۇ . ئۇيغۇر تىلى قايتا ھاياتلىققا ئېرىشىدىغان بوپتۇ . رەھمەت ! ئەمدى «ئۇيغۇرتىلى ئەلۋىدا» دىمەيدىغان بولدۇق مانا !
ۋاقتى: 2012-9-12 10:01:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى بوپتۇ،بىز بۇ پۇرسەتنى قەدىرلىشىمىز لازىم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زەپەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-13 12:19  

ۋاقتى: 2012-9-12 13:30:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھەقىقەتەنمۇ ياخشى خوش -خەۋەر ئىكەن! قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن!
ۋاقتى: 2012-9-12 14:05:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاقتى كەلگەن،ياخشى بولۇپتۇ،ئاقىلانە ئىش بولۇپتۇ،رەھمەت سىزگە!ياخشى خەۋەركەن.
ۋاقتى: 2012-9-12 21:04:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راستىنلا ياخشى خوش خەۋەركەن  مەنمۇ ئاڭلىغانتىم . بولسا مۇشۇنداق بولسا بۇلاتتى.
ۋاقتى: 2012-9-12 21:56:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆڭلۈمدىكىدەك ئىش بولۇپتۇ . تېزرەك ئىشقا ئاشقاي ~
ۋاقتى: 2012-9-13 00:03:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرتىلى دەرسىنىڭ يۇقاپ كېتىشى كۆڭلۇمنى بەك يېرىم قىلغان ئىدى.بەلەن ئىش بوپتۇ. يەنە چەتئەلنىڭ بەزى ئەسەرلىرى بالىلارغا ئانچە ماس كەلمەيتى.
ۋاقتى: 2012-9-13 09:57:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقى خۇش خەۋەر ...سۆيۇندۇق
ۋاقتى: 2012-9-14 15:21:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ خۇشاللىنارلىق ئىش بوپتۇ ...تىزراق بولىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش