كىم دېدى تىلغا گاداي دەپ مۇشكىرى ئۇيغۇر تىلى، دىلى كور،غاپىلغاچاچقاي زەھىرى ئۇيغۇر تىلى. ئۇزلىقى دىللارغا رام خۇشتەرى ئۇيغۇر تىلى، بۇ ئېلىمدە ئۇيغۇرۇمنىڭ رەھبىرى ئۇيغۇر تىلى . چاقنىغان كۆكتىكى ماھى،ئەختىرى ئۇيغۇر تىلى!. قەشقىرى يازدى دىۋان،ھەم تىل ئۇچۈن ئۆلمەس خىتاپ، جان بېرىپ تىلغا نەۋائىي ئاشتى شۆھرەت بىھىساپ . جان تىلىم ئالتۇن ئېلىمدە بولمىغاي ھەرگىز بىتاپ ، سەن بىلەن پۈتكەچ دىۋان ئەجدادىمىز قامۇس- كىتاپ . بولدى پۇر نامى جاھانغا، تىل پىرى- ئۇيغۇر تىلى !. جان تىلىم ،پەخرىم، باھارىم، سەن مېنىڭكى غۇرۇرۇم ، سەن بىلەن تاپقاي كامال ئارزۇ-ئۈمۈت دىل ھۇزۇرۇم . سەن بىلەن تىكلەندى قامەت ،پارلىغاي مەڭگۈ نۇرۇم ، سەن بىلەن ئۆستى ئىناۋەت،قۇچتى نۇسرەت ئۇيغۇرۇم . دوستقا دوست،دۈشمەنگە ئۆتكۈر شەمشىرى- ئۇيغۇر تىلى !. ئۇ پەقەت بىر تىل ئەمەس، ئۇيغۇرغا دىلدۇر بىلسىڭىز ، تىل دېمەك مىللەت دېمەك بىزگە سېپىلدۇر بىلسىڭىز . شۇ سەۋەپ،بارچە كۆڭۈلگە بەك ئىجىلدۇر بىلسىڭىز، سانى ئاز، ۋەزنى ئېغىر، دۇردانە تىلدۇر بىلسىڭىز . شائىرىم سۈزگەي ئۇنىڭدىن جەۋھىرى- ئۇيغۇر تىلى !. كۆكلىگەن بۇ تىل بىلەن ئەجدادىمىز قالدۇردى ئىز ، نۇر- زىيا بەردى بۇ تىلغا قايتىدىن ئوغلانۇ - قىز . تىل بىلەن چولپان بولۇپ مەغرۇر ياشايمىز ئەمدى بىز، كىرسىڭىز ئۇيغۇر ئېلىنى ئوخشىتىپ گۈلزارغا سىز . مەسىت قىلار ۋۇجۇدنى مۇشكى -ئەنبىرى ئۇيغۇر تىلى !. تىل بىلەن ياڭرار ئىدى مىليونلىغان ئۇيغۇر ئۈنى ، كەتمىسۇن بۇ تىلغا چاك نۇر چېچىپ تۇرغان كۈنى . ئىزدىگىن تارىخ ئارا ،سەن ئويلىنىپ كۈندۈز_ تۈنى ، قەدرىنى بىل ئۇيغۇرۇم قىلمىغىن ئەبجەش ئۇنى . ئەجنەبىيمۇ تۇرسا ئامراق مۇشتەرى -ئۇيغۇر تىلى . Manba tor dunyasi
|