| 
مۇئەللىمگە مەدىھىيە
مۇئەللىم سىزگە قانچە مەدھىلەرنى ئۇقۇساممۇ ئازلىق قىلدۇ .مۇئەللىم سىزگە قانچە گۈل دەستىلەرنى تىزساممۇ يەنلا ئازلىق قىلدۇ . مۇئەللىم سىز مېىنىڭ قەلبىمدە شۇنچىلىك بۆيۇك بىر ئىنسان .مەن سىزنى شۇنچىلىك دەرجىدە ھۆرمەتلەيمەن .مۇئەللىم سىز مىنڭ قەلبىمدە ھەممنى يېتشتۈرۈپ چىققۇچى ..... مۇئەللىم سىز بىر باغۋەن. باغۋەن دەل دەرەخلەرنى،گۈل-گىياھلارنى پەرۋش قىلسا ،سىز ھەممە نەرسىدىن ئۈستۈن تۇرغۇچى ئادەمنى تەربىيلەپ چىققۇچى ،ئادەمنى پەرۋېش قىلىپ ھەققى ئادەم قىلىپ يېتىشتۈرگۈچى باغۋەندۇرسىز . مۇئەللىم سىز بىر مېھرىبان ئانغا ئۇخشايسىز ،لىكىن بارلىق ئانلار ئۆز پەرزەنىتى ئۈچۈنلا كۆيسە ،سىز ئۆزىڭىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ پەرزەنتى ئۈچۈن، جۈملىدىن ۋەتەننىڭ ،مىللەتنىڭ پەرزەنتى ئۈچۈن كۆيسىز ،پەرۋىش قىلسىز . مۇئەللىم سىز ئۈنتىنسىز تۆھپە قۇشقۇچى ،پىداكار بېغشلىغۇچى ،ھەتتا بەزى ۋاقتلاردا ئاشۇ بىغۇبار غۇنچىلار ئۈچۈن قانچىلىك مىھىر ،بىلىم بېرۋاتقانلىقىڭىز ،ئۇلار ئۈچۈن قانچىلىك قان تەرىڭىزنى سەرىپ قىلۋاتقانلىقىڭىز بىلەن ھېساپلىشىپ ئۇلتۇرمايسىز ،تارتقان جاپا مۇشەققەتلىرىڭىز بىلەن ھېساپلىشىپ ئۇلتۇرمايسىز ،شۇ ۋەتەننىڭ ئۈمۇدى مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن مىھنەتسىز تۆھپە قۇشسىز ،بۇ يولدا تىرشىسىز ئىزدىنىسىز . . مۇئەللىم سىز بىر نۇرلۇق شام ،سىز ئاخرى ئېرىپ تۇگەيدىغانلىقىڭزنى بىلىپ تۇرسىڭىزمۇ شۇ يۇرۇقلۇق ئۈچۈن يەنلا قۇرقمايسىز ،سىز ھەقىقەتەن باتۇر، قۇرقماس ئىنسان . ] مۇئەللىم سىز بىر ئۇلۇغ ئىنسان سىزنىڭ ئۇلۇغلىقىڭىز شۇيەردىكى سىز مىللىتنىڭ ئۈمۈدى ،ۋەتەننىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن توختىماي كۆرەش قىلسىز . مۇئەللىم سىز بىر ئۆمۈر جاپا تارتىپ ئۆتسىڭىزمۇ قىلچىلىك مىھنەت قىلمايسىز ،تۆھپە تالاشمايسىز ،سىز پەقەت سىز تەربىيلىگەن ئاشۇ غۇنچىلارنىڭ كۈنلەرنىڭ بردە پۇرەكلەپ ئېچلىشنى ،مىۋە بېرشنى كۆرسىڭىز سىزنىڭ ھەممە جاپايىڭىز كۆزىڭىزگە كۆرۈنمەيدۇ ،ھاردۇقىڭىز چىقىپ قالغاندەك ھىسياتقا كىلىپ قالسىز . مۇئەللىم سىز جەميەتتكى ھەممە كىشلەرگە ئۈلگە بولالايدىغان ئىنسان ،سىزنىڭ رۇھتىڭىز شۇنچىلىك ساپ ھەم شۇنچىلىك پاك . مۇئەللىم سىز شۇنچىلىك ئاددى ئىنسان لىكىن قەلبىڭىىز قۇياشتەك ئىللىق ،مىھرىبان ،مەڭگۈ باشقىلار ئۇچۇن ئىللىقلىق ،يۇرۇقلۇق ئاتا قىلىش ئۈچۈن بارلىىق كۈچىڭىز بىلەن تېرشىسىز.

« ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىلىق مۇكاپاتلىق ئەسەر» يوللاش پائالىيىتى مەنبە :ئۆز ئىجادىيتىم (پەرىشتە) 2012-يىل 9-ئاينىڭ 9-كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەرىشتە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-10 00:17
|
|