- تىزىملاتقان
- 2011-10-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-19
- ھوقۇقى
- 99
- جۇغلانما
- 2713
- نادىر
- 0
- تېما
- 4
- يازما
- 303
  
- يوقلىما
- 173
قىزغىنلىق- 695 سەر
تىللا- 77 دانە
تۆھپە- 433 سەر
شۆھرەت- 510 سەر
  
| دادا ۋەدەڭدە تۇرغىن
 نىمە ئۈچۈندۈر بەزدە كىشلىك تۇرمۇشتا ئادەم ئۆز ئەتراپدىكلەردىن ئايرىلىپ قالغان ۋاقتتا ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن نەقەدەر مۇھىملىقنى ھېس قىلىپ يېتدىكەن ،بار ۋاقتىدا قەدرلەشنى بىلمەسلىك، ئىنسان ھاياتدىكى ئەڭ چۇڭ كەمچىللىكلەرنىڭ بىرسى بولسا كېرەك. لىكىن مېنىڭ بۇ چۇڭ خاتالقنى باشتىن كەچۈرگۈم يوق ،ھەمدە بۇنۇڭ ئۇرنىنى تولۇقلىغدەك جۇرئەت .ئىشەنچىممۇ يوق. دادا.سىنىڭ تۇيۇقسىزلا ئۇرۇن تۇتۇپ يېتىپ قېلشىڭ مىنى تۇلمۇ گاڭگىرتىپ قۇيدى ،گەرچە مەن ياشلىق مەزگىلگە قەدەم قۇيغان بولساممۇ لىكىن باللارچە ،ساددىلارچە خام خىيال سۈرۈپ يۈرۈۋېرپتىمەن ئەمەسمۇ ...... دادا سەن مىنىڭ كوڭلۈمدىكى مەڭگۈ يىمرلمەس تاغ ،مەڭگۈ قەد كۆتۇرۇپ تۇردىغان شەمشاد ،يىقلىپ چۈشمەيدىغان ،ساغلاملىق دەرخى ئېدىڭ . ئەقلىمنى بىلگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە سىنىڭ بىراقلا بۇنداق ئېغىر كىسەل بولوپ باققىنىڭنى كۆرمىگەن ئىدىم ،شۇڭلاشقىمۇكىن سىنىڭ ئۇرۇن تۇتۇپ يېتىپ قېلشىڭىنى خىيالمغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغان ئىدىم . سەن دۇختۇرنىڭ دىئاگۇنۇز قەغزى خەنزۇتىلدا بولغاچقا ماڭا تەرجىمە قىلدۇردىڭ ،مەن بۇ دىئاگۇنۇز قەغزىنى كۆرەۋېتىپ كۆزلۈرۈم قاراڭغۇلۇشۇپ كەتتى ،بۇدۇنيادا خۇددى ئەمدى يۇرۇقلۇق مەۋجۇت ئەمەستەك ھىسياتقا كېلىپ قالغان ئىدىم . دادا مانا ئەمدى سەن دوختۇرخاننىڭ كېسەل كارۋېتدا يېتىپسەن .كۆز ئالدىمدا باللقىمدىن ھازرغىچە بولغان ئىشلار بىر بىرلەپ كۆز ئالدىمدىن ئۆتۈشكە باشلىدى .دادا ھېلمۇ ئىسمدە كىچىك ۋاقتلىرمدا مەن سۇئال سوراشقا بەك ئامراق ئېدىم ،مەن سەندىن خۇددى قۇچقاچتەك ۋېچىرلاپ تۇختىماستىن سۇئال سۇرايتىم .سەن ئىشتىن ھېرىپ –ئېچىپ كەلگىنىڭگە قارماي مىنىڭ بۇ تۈگمەس سۇئاللرىمغا ئەستايدىللىق بىلەن بىر-بىرلەپ جاۋاپ بېرەتتىڭ ،قىلچىمۇ زىركىشلىك ،ھارغنلىق ھىس قىلمايتىڭ .ئەمدى ئۇيلاپ باقسام سەن مەن ئۈچۈن تۇلمۇ سەۋرچان ئىكەنسەن .ھازرغىچە ھېچكىم مەن ئۈچۈن بۈنچە سەۋرچان بولالمىدى . لىكىن مېڭ ئەپسۇس مەن سەن سۇرغان سۇئاللارغا ئاشۇنداق ئەستايدىللىق بىلەن جاۋاپ بېرەلگەندىمەنمۇ؟ بىر قېتىم باشلانغۇچ مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقان چاغلىرىم ئىدى ، ۋېلسپىت مىنىشكە ئالاھىدە قىزقىپ قالدىم .مىنىڭ بىر جاھىل خاراكتىرىم بار ئىدى. بىلمەيمەن ئۇچاغلاردا شۇنچىلىك كەپسىز ئىدىم .دىگنىم دىگەن ،قىلغىنىم قىلغان ئىدى .قىزققان نەرسىلەرگە چاپلىشىپ قالاتتىم .باشقىلارنىڭ تۇسۇشغا قارماي ،ۋېلسپىت مىنىشنى ئۈگنىشكە باشلىدىم ، بۇنى سەن بىلگەندىن كېيىن ماڭا بىر-بىرلەپ ئۈگۈتۈشكە باشلدىڭ .شۇنداق ئەستايدىللىق بىلەن ئۈگەتتىڭ ،سىنىڭ ياردىمىڭدە مەن ئاخرى ۋېلسپىت مىنشنى ئۈگنىۋالدىم .لىكىن سەن ماڭا بىخەتەرلىككە دىققەت قىلشىمنى قايتا-قايتا ئەسكەرتكەن ئىدىڭ .لىكىن مەن سەن خىزمەتكە كەتكەن ۋاقتىڭدىن پايدىلنىپ ۋېلسپتنى چوڭ يولغا ئېچقىپ تىز سۈرئەتتە مىنپ ئۇيناشقا باشلىدىم ،قانچە تىز مىنگەنسىرى ئۆزەمنى شۇنچە يامان ،باتۇردەك ھېس قىلاتتىم .بىراق منىڭ بۇ باتۇرلۇقۇم ئۇزاققا بارمدى ،بىر قايرېلشقا كەلگەندە ئۆزەمنى تۇختىتالماي قاتتىق يىقىلپ كەتتىم .قۇلۇم شۇنچىلىك قاتتىق ئاغرىشقا باشلىدى ،مەنمۇ قۇرقۇپ كەتتىم .ئۆيگە كىرگەندىن كىيىن سىلەرنىڭ ئەيپلىشىڭلاردىن قۇرقۇپ چاندۇرماسلىققا تىرشتىم ،لىكىن قېرشقاندەك قۇلۇم بەكلا ئاغرىپ كېتۋاتاتتى .سىەن مىنىڭ چىرايمغا قاراپ نىمە بولغانلىقىمنى سۇردوڭ .مەن ئۆزۇمنى تۇتۋالالماي پاڭڭدە يىغلاپ تاشلىدىم ،ھەمدە بولغان ئىشلارنى بىر –بىرلەپ سۆزلەپ بەردىم .باشقلارنىڭ ھەممسى منىڭ گەپ ئاڭلىمغانلىقمنى ئەيپلەپ كىتىشتى. لىكىن سىەن گەپمۇ قىلماستىن قۇلۇمنى كۆرسۈتۈش ئۈچۈن دۇختۇرخانغا ئاپاردىڭ .ھەمدە ماڭا .«قىزىم بەك باتۇركەنسىز ،ئادەم بەدەل تۆلگەندە ئاندىن نەتجگە ئېرشىدۇ،ئۇگۈنۈشمۇ شۇنداق ،بۇنۇڭدىن كىيىن مىنى ئەنسىرەتمەڭ ، سىز چۇقۇم تىرشىپ ئۇقۇڭ »دىدىڭ .ئۇچاغلاردا بۇ گېپىڭنىڭ مەنسنى چۈشەنمەپتىكەنمەن .شۇچاغدا سەن مىنى بېر ئېغىز ئەيپلىمگەن ئىدىڭ ،ئەمليەتتە مەن سىنىڭ ئەيپلىشىڭدىن بەك قۇرققان ئىدىم ...... مەنمۇ يىللارنىڭ ئۆتۈشگە ئەگشىپ بارا-بارا چوڭ بولوشقا باشلدىم .ھەربىر قەدەمدە سەن ماڭا قانداق قەدەم بېسشنى ئۈگتىپ كەلدىڭ ،ماڭا يول باشلاپ كەلدىڭ . لىكىن يەنە بەزدە باللىق قىلغان ۋاقتلىرممۇ ئاز ئەمەس ،بۇلارنى ئۇيلسام ئالدىڭدا تولمۇ خىجىل بولمەن. ھەربىر ياش باسقۇچۇمدا مىنىڭ نىملەرگە دىققەت قىلشمنى ئەسكەرتىپ تۇردوڭ .قىزلاردا بولۇشقا تىگشلىڭ ئەخلاق ،شەرمى ھايا ،نازاكەت ،ئىمان ،تۇرمۇش قارشى بۇ توغرسدىكى تەربىيلەرنى ماڭا قەدەممۇ قەدەم سىڭدۈردۈڭ .مەن بىر قىز بالا ئۈچۈن نىمنىڭ مۇھىم ئۇرۇندا تۇردىغانلىقنى بارا –بارا چۈشنىپ يەتتىم .بۇ جەھەتتىكى تەربىيەلىرىڭ ھېلمۇ ئېسمدە ،ھەر قاچان قۇلاق تۇۋمدە.بۇ جەھەتلەردە مەن سىنى بىرەر قېتىممۇ ئۈمۈدسىزلەندۈرمىدىم .قىلغان ھەربىر ئىىشمدا ئەخلاق ھايادىن چىقپ كەتمىدىم .ھاياتنىڭ بۇرانلىردا ئېزقىپ كەتمىدىم ،يولۇمدىن چىقىپ كەتمىدىم ،ھەر قاچان ئەقلىم بىلەن ئىش قىلشقا تېرشىپ كەلدىم . بۇلارنىڭ ھەممسى سىنىڭ مىنى ياخشى تەربىيلىگەنلىكىڭدىن بولدى ،بۇجەھەتلەردە سېنىڭ مېنى بېقىپ چۇڭ قىلىپ ئەجىر سىڭدۈرگىنىڭگە رەخمەت ئېيتىپ باقماپتىمەنغۇ ؟ كىيىن خىزمەتكە چىقتىم ،ئادەم تەربىيلەيدىغان ئۇقۇتقۇچى بولدۇم .بۇ جەرياندا سەن گەرچە بۇ كەسپتىكى ئادەم بولمىساڭمۇ ماڭا ئارقمدا تۇرۇپلا مەدەت بېرەتتىڭ ،قۇللايتىڭ .مەيلى خزمەت بولسۇن ياكى باشقا ئۇڭۇشسىزلىقلار بولسۇن سەن ئارقامدىلا ئىدىڭ .يىىقلاي دىسەم يۈلۋالاتتىڭ ،ئۇلتۇرۇپ قالسام يۆلەپ تۇرغۇزاتتىڭ .مىنى رىغبەتلەندۈرەتتىڭ .بەزدە خىزمەتتە قىيىن مەسلىلەرگە يۇلۇققاندا ئۇقۇتقۇچلىق كەسپنىڭ تۇلمۇ ئۇلۇق كەسىپ ئىكەنلىكنى ماڭا بىر بىرلەپ چۈشەندۈرەتتىڭ .مىنى قايىل قىلشقا ئۇرناتتىڭ .ماڭا ۋاز كەچمەسلكنى تەكتلەيتىڭ .بۇكەسپكە ناھايتى مەسئۇليەتچان بولمسام بولمايدىغانلىقنى سەن ماڭا تۇنۇتقان ئىدىڭ .ئالدىمدىكى سەبىلەرنىڭ قانداقتۇر ئۇقۇغۇچى ئەمەس ،خەلقنىڭ ئامانتى ،مىللەتنىڭ كەلگۇسى ئىكەنلكنى ئەسكەرتىپ تۇراتتىڭ. دادا سەن ھەر بىر قەدەمدە ،ھەربىر ئىشمدا سەن ماڭا بارلىق مىھرى مۇھەببتىڭىنى،دۇنيادا دادلار قىزغا بېرشقا تىگشلىىك بارلىق مىھرى مۇھەببەتىنى ماڭا بەردىڭ .بۇ مىھرى مۇھەببەت مىنىڭ قەلبىمگە پۈتۈن جىسممغا سىڭىپ كەتكەن ئىدى . بۇ مىھرى –مۇھەببەت بولغاچقا مەن مەيلى قانداقلا ئۇڭۇشسىزلىققا ئۇچراي يەنلا قۇرقمايتىم ،يېڭىپ كىتشكە ئىشەنچ باغلايتىم .چۈنكى سىنىڭ مەدتىڭ ماڭا كۈچ بېغشلايتى .مەن شۇنچىلىك خاترجەم ،شۇنچىلىك ئەركە ئىدىم .مىنىڭ بۇ نازۇك ،ئەركە ،ئۆز بېشمچى بولوپ قېلشىمنىڭ سەۋەبى بەلكىم سىنىڭ مىنى ھەدىدىن زىيادە ياخشى كۆرگەنلىكىڭدىن بولسا كېرەك . سىنىڭ بىرەر قېتىممۇ ماڭا قاتتىق گەپ قىلىپ سىلكىپ باققنىڭنى بىلمەيمەن .بىرەر قېتىممۇ كۆڭلۈمگە كەلگىدەك قاتتىق گەپ قىلىپ باققىنىڭنى بىلمەيمەن. بەزى ۋاقتلاردا قۇشۇماڭنى تۈرۈپ يىراقلارغا قاراپ خىيال سۈرۈپ تۇرغانلىقىڭنى كۆرسەم كۆڭلۇم يېرىم بولوپ قالاتتى .ھەمدە بىر ئاماللارنى قىلىپ سىنى كۈلدۈرۋېتەتتىم . شۇ ۋاقتلاردا سەن نىملەرنى ئۇيلىغان بولغۇيتىڭ ؟نىمە ئۈچۈن بىرەر قېتىم بولسىمۇ ،سىنىڭ نىمە بولغانلىقىڭنى ئەستايدىللىق بىلەن سۇراپ باقمىغاندىمەن دادا........... نىمە ئۈچۈن بىرەر قېتىىم سەن بىلەن سەن تۇغرۇلۇق ياخشى پاراڭلىشىپ سىنىڭ كۆڭلۈڭدىكنى تېپشقا ئۇرۇنۇپ باقمىغاندىمەن دادا! مانا سەن ئەمدى كېسەل كارۋېتدا يېتىپسەن ،مەن ساڭا تەپسىلى قاراپ چىقىشقا باشلىدىم .بۇرۇنقىدىن جىق جۈدەپ كېتپسەن ،بۇرۇنقىدىن چاچلىرىڭ ئاقرىپ كەتكەنلىكىنى ،بۇرۇنقىدىن قېرىپ كەتكەنلىكىڭنى بايقاپ قالدىم . ساڭا قاراپ ئىختىيارسىز كۆز ياشلىرىم مارجاندەك تۇكۇلۇشكە باشلىدى ،سەن مىنى كۆرۈپ يەنلا مىھرىبانلىق بىلەن كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ئۆزەڭگە ھېچ ئىش بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتىڭ .مەن سىنىڭ دىئاگۇنۇز قەغزىڭنى كۆرمىگەن بولسام بۇ گەپلىرىڭگە ئىشەنگەن بولاتتىم . مەن يەنلا ئۆزەمنى تۇختىتالمىدىم ،سەن تۇختىماستىن ئۆزۇڭنىڭ ياخشى بولۇپ كىتدىغانلىقڭنى ئېيتتىڭ ،مەن ساڭا ۋەدە بەر دىدىم ،سەن ماڭا ۋەدە بەردىڭ . مەن ئۇيلىغانسىرى قۇرقۇپ كىتمەن ،ھەرقانداق ئازاپ سەندىن ئايرىلىپ قالغاندىكى ئازاپقا تەڭ كەلمەيدۇ .دۇنيادىكى ھەرقانداق ئۇڭۇشسىزلىقلارنى تارتساممۇ رازى ،لىكىن سەندىن ئايرىلىپ قالغاندىكى ئازاپنى ئۇيلاشقا جۈرئەت قىلالمايمەن .سەن مىنىڭ يولباشچىم ،سەن مىنىڭ ئۈمۈدىم ،دادا سەن بولغاچقىلا مەن خاترجەم، چىرايمدا كۈلكە. مەن بارا بارا چۇڭقۇر ھىس قىلپ يېتۋاتمەن ،سەندىن ئايرىلىش مەن ئۈچۈن دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر ئازاپ ،سەندىن ئايرىلىپ قالغاندىكى ھالتىمنى ئۇيلىسام بۇ دۇنيادا ياشغىدەك جۈرئېتىممۇ قالمايدۇ ،سەن مىنىڭ بارلىقىم ،سەن مىنىڭ يۆلەنچۈكۈم ،پەقەت سەن بولغاچقا مېنڭ كۈلكىللرىم شۇنچە جاراڭلىق ئىدى. ھېچكىمنىڭ مۇھەببتى ساڭا يېتەلمەيدۇ ،مەيلى مەن قانداقلا خاتالىق ئۆتكۈزەي پەقەت سەنلا مىنى كەچۈرۈپ بۇرۇنقىدەك ياخشى كۆرەلەيسەن ،منى تۇغرا يولغا يېتەكلىيەلەيسەن .سەن مىنىڭ قەلبىمدىكى چۇڭ قۇياش ،بۇ قۇياش بارلىق مىھرى مۇھەببتى بىلەن مىنى ئالغا ئۈندەيدۇ .مىنى جۈرئەتلىك باتۇر ،ئۈمۈدۋار ئادەم بولۇشقا ئۈندەيدۇ . دادا ئاخرى قېتىم سەندىن ئۆتۈنەي ۋەدەڭگە ۋاپا قىلغىن ،مىنى تاشلاپ كىتىپ قالمىغىن ،مەن سەنسىز ياشاشنى تەسەۋۋۇر قىلشتىنمۇ قۇرقىمەن . ماڭا سىنى ياخشى كۆردىغان ،سىنى تېخمۇ چۇڭقۇر چۈشنىپ ھالىڭغا يېتدىغان بۇ پۇرسەتنى ماڭا بەرگىن ،دادا سىنى قانچىلىك ياخشى كۆردىغانلىقمنى بىلدۈردىغان ساڭا ئۆز نەتجىللىرمىنى كۆرسىتىپ سىنى مەندىن پەخرلەندۇرگىدەك ھالەتكە كەلتۈردىغان بۇ پۇرسەتنى ماڭا بەرگىن. سەن ماڭا قانداق ئادەم بولۇشنى، باشقىلارغا مىھرىبانلىق بىلەن مۇئاملە قىلشنى ،ئاقكۈڭۈللۇكنى ،باشقىلارغا ياردەم بېرشنى، رەھىمدىللىكنى ئۈگەتتىڭ. ۋەدسگە ۋاپا قىلشنىڭ مۇھىملىقنى ئۈگەتتىڭ. ئەمدى سەن چۇقۇم ۋەدەڭدە تۇرغىن ،چۇقۇم بەرداشلىق بېرىپ ۋەدەڭدە تۇرغىن!

مەنبە :ئۆز ئىجادىيتىم
2012يىل 8-ئاينىڭ 5-كۈنى  بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-7 01:41
|
ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 30 تىللا + 20 تۆھپە + 24 شۆھرەت + 26 باھا خاتىرىسى
|