كۆرۈش: 549|ئىنكاس: 6

يۇمۇر كەتتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تەڭرىم ياخشى كۆرىدۇ.
قىز:بۇ دۇنيادا مېنىڭدەك بەخىتسىز قىز يوق دېسىمۇ بولىدۇ،ھېچكىم مېنى ياقتۇرمايدۇ!
يىگىت:ياخشى كۆرىدىغانلارمۇ بار.
قىز يىگىتنىڭ قولىنى مەھكەم تۇتۇپ :
-راستما،كىم؟-دەپ سوراپتۇ.
يىگىت قولىنى دەرھال قىزدىن قاچۇرۇپ تۇرۇپ دەپتۇ:
-تەڭرىم!!!
كەچۇرۇم سوراش
يىگىت سۆيگىنىگە تېلىفۇن قىلىپ سوراپتۇ :
-تۈنۈگۈن ۋەدىلىشىپ قويۇپ بارىمەن دېگەنتىڭىز ،نېمىشقا بارمىدىڭىز؟
-كەچۈرۈڭ قەدىرلىكىم،ئالىم بىلەن ۋەدىلەشتىم دەپ ،ئۇنىڭ قېشىغا كېتىپتىمەن!
راستىنى ئېيتسامچۇ
يىگىت:قارىڭە،سىزگە ئاتاپ ئالغان بۇ مەرۋايىت دەل يىگىرمە تال ئىكەن.
قىز:نېمىشقا يىگىرمە تاللىقىنى ئالدىڭىز؟
يىگىت:سىزنىڭ يېشىڭىزغا تەڭ بولسۇن دەپ.
قىز:ھەتتىگىنەي!ئاۋۋال بىلگەن بولسام،سىزگە ھەقىقىي يېشىمنى دەپ بېرەتتىم ئەمەسمۇ!!!
پۇلى بارمىكەن
قىزى:بىر يىگىت تاپتىم.يېقىندا توي خېتى ئالىمىز.
دادىسى :ئۇ يىگىتنىڭ پۇلى بارمىكەن؟
قىزى:سىلەر ئەرلەر ھەممىڭلار ئوخشاش ئىكەنسىلەر،ئۇ يىگىتمۇ دادىڭىزنىڭ پۇلى جىقمۇ دەپ سوراۋاتىدۇ.
ۋەزىيەت ياخشىغۇ
قىز ئۆيگە كىرىپلا دەپتۇ:
-ئاپا ھەر قېتىم ئۆيگە قايتسام بىر مۇنچە ئوغۇللار قاش ئېتىشىدىغان بولىۋالدى.
-ھازىر ۋەزىيەت ئىلگىركىدىن كۆپ ياخشىغۇ،قىزىم بەش-
ئالتە يىلدىن بېرى ماڭا ئۇنداق ئەرلەرمۇ ئۇچرىمايدىغانلا بولۇپ كەتتى.
ھازىرقىنى دەڭ
قىز :مېنىڭ دادام ياش چېغىدا قالتىس پۇل تېپىپتىكەن .دادامنىڭ قانداق بېيىپ كەتكەنلىكىنى بىلگىڭىز بارمۇ؟
يىگىت:مېنىڭ ئۇلارنى بىلگۈم يوق !دادىڭىزنىڭ ھازىر زادى قانچىلىك پۇلى بار شۇنى بىلگۈم بار.




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئالىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-31 01:20  


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2012-8-31 01:22:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇمۇرلىرىڭىز قىزىقارلىق ئىكەن!  رەھمەت!
بۇندىن كېيىن مۇشۇنداق تىمىلارنى يوللىماقچى بولسىڭىز،مۇشۇ كۆزنەككە يېزىڭ ياكى چاپلاڭ! تمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي!
ۋاقتى: 2012-8-31 06:46:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈلكىلىك يۇمۇرلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي.
ۋاقتى: 2012-8-31 11:08:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قزىقارلىق ئېكەن !ئەمما دەرس تەييارلىقنىڭ داۋامىنى يوللاشنى ئۇنتۇپ قالماڭ!
ۋاقتى: 2012-8-31 14:32:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يومۇرلىرىڭىز قىزىقارلىق ئىكەن. رەھمەت سىزگە.
ۋاقتى: 2012-9-1 00:37:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يۇمۇركەن  .  تىمىللىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي
ۋاقتى: 2012-9-1 17:29:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يومۇرلار ئىكەن رەھمەت.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش