كۆرۈش: 569|ئىنكاس: 5

يەنە يۇمۇر كەتتى ئەمسە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                                               مايمۇن ئىشتات



      بىر ياش يولۋاس بىلەن بىر قېرى يولۋاس ياخشى دوستلاردىن ئىكەن. ياش يولۋاس ئورمانلىقتا، قېرى يولۋاس ھايۋاناتلار باغچىسىدا ياشايدىكەن.
      ئورمانلىقتا ئوۋ ئوۋلاپ زىرىككەن ياش يولۋاس قېرى يولۋاسقا ئۆزىنىمۇ ھايۋاناتلار باغچىسىغا ئەكىرىۋېلىشىنى ئىلتىماس قىپتۇ. قېرى يولۋاس مۇناسىۋىتىگە تايىنىپ ياش يولۋاسنىمۇ ھايۋاناتلار باغچىسىغا ئەكىرىۋاپتۇ. بىرىنجى كۈنى تاماق ۋاقتىدا قېرى يولۋاسقا بىر پارچە چوڭ گۆش، ياش يولۋاسقا بىر سىۋەت بانان بېرىپتۇ. كېيىنكى ئىككىنچى، ئۈچىنچى ... چى كۈنلىرىمۇ شۇنداق بوپتۇ. 8 - كۈنىگە كەلگەندە ياش يولۋاس قېرى يولۋاستىن سەۋەبىنى سوراپتۇ.
      قېرى يولۋاس دەپتۇ:
      ـ ئەسلى بۇ باغچىدا يولۋاسنىڭ ئىشتاتى يوق ئىدى، سېنىڭ كەلگەن ئىشتاتىڭ بولسا مايمۇننىڭ ئىشتاتى.


                                                                ھۆسىن تۈزەش



      ئىككى پىنگۋىن مۇھەببەتلىشىپ توي قىلىپ، بىر پەرزەنتلىك بوپتۇ. تۇغۇلغان پىنگۋىن ئىنتايىن سەت،  كۆرۈمسىز بولۇپ، ھېچقايسىسىغا ئوخشىماپتۇ. ئەر پىنگۋىن غەزەپلىنىپ ئايالىنىڭ گېلىنى سىقىپ تۇرۇپ  سوراپتۇ:
      - ئېيتە، بۇ زادى كىمىنىڭ بالىسى؟ بۇ زادى قانداق ئىش؟
      ئايال پىنگۋىن يىغلاپ تۇرۇپ:
      - ئۇ ماڭا ئوخشاپتۇ،مەن سىز بىلەن تۇنۇشۇشنىڭ ئالدىدا ھۆسىن تۈزەش ئوپېراتسىيەسى قىلغان، - دەپتۇ.


                                                                 كۈلۈپ سالدىم



      ئۈچ ئادەم پاراخوتقا چىقىپ دېڭىزغا سەپەر قىلىپتۇ، دېڭىزدا تەيفىڭ بورىنى چىقىپ، پاراخوت پاچاقلىنىپ كېتىپتۇ، ئۈچ ئادەم ئۈچ تال شالغا چىقىۋېلىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن بىر ئارالغا چىقىپ قاپتۇ، ئارالغا چىقىپ قالسا نۇرغۇن بۆرە تۇرغۇدەك، ئۇ بۆرىنىڭ كەينىدە تەختتە بىر پادىشاھ ئولتۇرغۇدەك، بۇ ئۈچ ئادەم پادىشاھنىڭ قىشىغا بېرىپ: «بىزگە ھاياتلىق يولى بەرسىڭىز» دەپ ئۆتۈنۈپتۇ، پادىشاھ: «مېنىڭ كەينىمدە بىر باغ بار، باغقا كىرىپ ھەر بىرىڭلار ئۆزۈڭلار ياقتۇرىدىغان مېۋىدىن 10 تالدىن ئەپ چىقىڭلار» دەپتۇ، بىرىنچى ئادەم پىشقان 10 تال ئالما ئېلىپ چىقىپتۇ، پادىشاھ ئۇنىڭغا: «ئۇ 10 تال ئالمىنى ئۈنچىقارماي يەيسەن، ئاندىن سېنى ھاياتلىققا ئېرىشتۈرىمەن» دەپتۇ، بۇ ئادەم 9 نى يەپ بولۇپ 10 - سىنى يەۋاتقاندا كارتتىدە كېكىرىۋېتىپتۇ، پادىشاھ بۇ ئادەمنى شۇ زامان بۆرىگە تالىتىۋېتىپتۇ، ئىككىنچىسى 10 تال بۆلجۈرگەن ئېلىپ چىقىپتۇ، ئۇ ئادەم بۆلجۈرگەننىڭ 9 - چىسىنى يەۋاتقاندا ھى دەپ كۈلۈپ ساپتۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئادەمنىمۇ بۆرىگە تالىتىۋېپتۇ.
      ئۇ دۇنيادا بۇ ئىككىسى ئۇچرىشىپ قاپتۇ، ھېلىقى بىرىنچى ئادەم ئىككىنچىسىدىن سوراپتۇ: «مەنغۇ 10ئالمىنى يەپ بولۇپ ئۆلدۈم، سەن 10 تال بۆلجۈرگەننىمۇ يەپ بولالمىدىڭمۇ» دەپتۇ، ھېلىقى ئىككىنچى ئادەم: «مەن شۇنداق 9 - تالنى يەۋېتىپ قارىسام ھېلىقى ئۈچىنچى ئادەم 10 تال تاۋۇزنى بىر ھارۋىغا بېسىپ كېلىۋىتىپتىكەن، شۇڭا كۈلۈپ سالدىم» دەپتۇ.


                                                          باش ۋە بويۇن



      دىرېكتور: شىركەتتە مەن باش.
      دوستى: بۇنىڭغا ئىشىنىمەن، ئۆيدىچۇ؟
      دىرېكتور: يەنىلا مەن باش.
      دوستى: ئەمسە خوتۇنۇڭچۇ؟
      دىرېكتور: بويۇن.
      دوستى: بۇ نېمە دېگىنىڭ؟
      دىرېكتور: باش ھەرىكەتلىنىش ئۈچۈن بويۇنغا قاراشلىق ئەمەسمۇ؟


                                                              شاھمات ئويناش



      بىر كۈنى ھېچ ئىش قىلماي ئاھ ئۇرۇپ ئولتۇرغان ئېرىدىن ئەنسىرىگەن ئايال سورايدىكەندە:
      - ۋاي، ئاۋۇ يان قوشنىمىزنىڭ ئۆيىگە كىرىپ شاھمات ئوينىسىڭىز بولمامدۇ؟
      ئېرى:
      - ھەي، سەندىن سوراي، سەن شاھمات ئوينىسا چىدىماسلىق قىلىدىغان، ھە دېسىلا قايتا مېڭىشنى ئۆتۈنىدىغان، يەنە كېلىپ يېڭىلىپ قالسا قارشى تەرەپنى ھاقارەتلەيدىغان كىشى بىلەن شاھمات ئويناشنى خالامسەن؟
      ئايال:
      - ياق، ھەرگىز خالىمايمەن.
      ئېرى:
      - ھە، ئۇ يان قوشنىمىزمۇ خالىمايدىكەن.


                                                          ئوت كەتمىگەن بولسا



      بىر كۈنى كەچلىكى روھىي كېسەللەر دوختۇرخانىسىنىڭ ئامبىرىغا ئوت كېتىپتۇ. دوختۇرخانا بارلىق خىزمەتچىلەر ۋە كېسەللەرنى سەپەرۋەر قىلىپ ئوت ئۆچۈرۈشكە كىرىشىپتۇ. ھەممەيلەن جىددىي ئوت ئۈچۈرۈۋاتسا بىر كېسەل يالقۇنجاپ كۆيۈۋاتقان ئوتقا قاراپ ھەدەپ: «شۈكرى خۇدايىم، خۇداغا مىڭ شۈكرى» دېگۈدەك.
      بىر دوختۇر ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: «ھەممەيلەن ئالدىراش ئوت ئۈچۈرۈۋاتسا سەن نېمىگە شۇنچە شۈكرى قىلىپ كەتتىڭ؟» دەپ سوراپتۇ.
      ھېلىقى كېسەل دوختۇرغا قاراپ: «ئەگەر ئوت كەتمىگەن بولسا قاراڭغۇدا ئوتنى قانداق ئۆچۈرەتتۇق؟» دېگۈدەك.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2012-7-31 19:33:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يۇمۇرلارنى يوللاپسىز!تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن.رەھمەت سىزگە!!!
ۋاقتى: 2012-8-1 00:20:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرادەر بەك ياخشى يۇمۇرلارنى مۇنبەر ئەھلىگە ئايماي سوغا قىلىۋاتىسىز رەخمەت سىزگە. ئەتىكى ئۇرۇن يەنىلا سىزنىڭ .
ۋاقتى: 2012-8-1 15:40:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنىڭ كۈلكەئاتا قىلىغنىڭىزغا كۆپ رەھمەت !سىزگە مۇنبەر نامىدىن تىرشچان ئەزا ۋە قىزىقچىلىق ئوردىنى بېرىلىدى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-8-2 01:14:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
火山 يوللىغان ۋاقتى  2012-8-1 15:40
سىزنىڭ كۈلكەئاتا قىلىغنىڭىزغا كۆپ رەھمەت !سىزگە مۇنبە ...

رەخمەت جۇما،ئاتامانېمممممممممممم.
ۋاقتى: 2014-7-13 11:12:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر-بىرىدىن پەيزى يومۇرلار ئىكەن ، رەھمەت سىزگە…
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش