بايقاشقا كەل.نىمە دىسەڭ بايقاشتا تەل!
ئەي بۇرادەر چوڭ ئىچىپ كۆزۈڭنى سەن بايقاشقا كەل، ئەھلى ئىرپان جامائىتى بۇيەردە بار، بايقاشقا كەل. يول ئىچىپ،داۋان ئاشايلى،كەل قوشۇلغىن سەنمۇ ھەم، تەڭ قوشايلى تۆھپىمىزنى،تىز تۇرۇپ بايقاشقا كەل.
خۇشلۇق،خۇشاللىق ئىزدىسەڭ.ئەزا بولۇپ بايقاشقا كەل، چۈشۈرەمسەن؟يا كۆرەمسەن؟ھەممىسى بايقاشتا تەل. كىسەك كىسەكتۇر ھامان بەرسەڭمۇ گەر ئالتۇندا ھەل، پىقىر دىگەنگە چىن پۈتمىسەڭ،پاكىتنى كۆر بايقاشقا كەل.
ئۈنچە مارجان چىچىلىپتۇ بايقاشنىڭ گۈلزارىغا، مەنمۇ كەلدىم تەرگىلى يەتكۈزۈپ ھەقدادىغا. تەڭكەش بولۇپ بىللە چالايلى زەخمەك ئۇرۇپ دىلتارىغا، ئۇشبۇ سورۇن بەك قىزىدى ئىشەنمىسەڭ بايقاشقا كەل.
مەن ئەبەيدۇل خۇشلۇقۇمدىن،تۇنجى رەت ئالدىم قەلەم، بايقاشتا بايقاپ ئۆزلۈكۈمنى،شىئىرغا مەن قويدۇم قەدەم. بايقاشنى بىلمەيسەن تىخى،بايقاش بىلىمنىڭ كانى شۇ، شۈبھىسىزكى مەن گۇۋاھ،بۇ ياخشى جاي بايقاشقا كەل.
بولدى قىل توختا ئەبەيدۇل،جىق سۆزلىمەك جانغا جاپا، بولسا ئەقلى بايقىۋالسۇن،ھەر كىمدە بار بۇنداق ساپا. سايرىتىپ راۋابىمنى،قىلغۇم كىلەر ئوتلۇق ناۋا، ئەبەيدۇل تەييار ناۋاغا،ئاڭلىۋال بايقاشقا كەل.
مەنبە:-راۋاپچى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-7 03:52
|