پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3621 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • 阿布都艾尼江  3 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم ياخىشمۇسسللەر 3-ئاينىڭ 12-كۈنى كۆچەت تىكىش بايرىمڭلارغا مۇبارەك بولسۇن؟

  • 买提库尔班 تۈنۈگۈن 23:27 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۆرگىنىڭدىن كوپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كورمىگەننى كورىسەن .

  • ★Uighurum★ تۈنۈگۈن 18:05 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەر تەڭگىسنى قانداق ئالىمىز . 3-يللىق ئەخلاق تەييارلىق بەك جىددى ئىدى

  • xaxtekin تۈنۈگۈن 17:39 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۈنى خىزمەتتە ماڭا ئارام يوق، تۈنى توردا كومغا ئارام يوق. چۈنكى توردا بىلىم  تولا، شۇڭا كۆڭلۈم توق.

  • 买买提艾力,吐 تۈنۈگۈن 13:08 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن يەنە دەرس تەييارلىق قىلىشنى باشلىدىم ، بەك زىرىكىشلىك ئىش ھە بۇ

  • 麦提图尔荪 تۈنۈگۈن 12:31 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراق قىلغان.ياردەم!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:26 [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • 阿布都艾尼江  5 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم مۇنبەرباشقۇرغۇچى ئۇستازلارمەن باياتتىن ئادەتتكى 6-يىللىقنىڭ ئەدەبىيات دەرسنى چۇشۇ...

  • زەپەر تۈنۈگۈن 18:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىما يوللىسىڭىز تىللا قۇشۇلىدۇ. ئىجادىي تىما يوللىسىڭىز ، باھالاپ تىللا بەرسەك بۇلىدۇ

  • xaxtekin تۈنۈگۈن 17:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۈنى خىزمەتتە ماڭا ئارام يوق، تۈنى توردا كومغا ئارام يوق. توردا بىلىم تولا، شۇڭا كۆڭلۈم توق.

  • 肉孜买买提 تۈنۈگۈن 17:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    تېپىشماق  : 12 دۆلەتنى 3 ساقچى باشقۇرىدۇ ؟ جاۋابى نىمە ؟  

  • 麦提图尔荪 تۈنۈگۈن 12:34 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراقتەييارلانغان بۇلسا.ياردەم

  • ئوتلۇق تۈنۈگۈن 12:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    2-3كۇندىن بۇيان ئالدىراش بولۇپ قالدىم .

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى بارلىق باشقۇرغۇچىلار ياخشىمۇ سىلەر . ھەممىڭلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان . تىماڭلارنىڭ سەھىپىسىگ...

  • 阿布都艾尼江  6 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش مائارىپ توردىكى بارلىق دوسلارنىڭ تىنىڭىگە سالامەتلىك تىلەيمەن،ھەم تۇرمۇشنىڭ كۆڭۇللۇك بولۇشنى...

  • ★Uighurum★ تۈنۈگۈن 18:07 [ئىنكاس(0)] [...]

    3-يىللىق 2-ماۋسۇملۇق ئەخلاق ۋە تۇرمۇش تەييارلىقى بار پۇلۇم يەتمىدى

  • xaxtekin تۈنۈگۈن 17:42 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۈنى خىزمەتتە ماڭا ئارام يوق،تۈنى توردا كومغا ئارام يوق. توردا بىلىم تولا،شۇڭا كۆڭلۈم توق.

  • yadikar0998 تۈنۈگۈن 15:36 [ئىنكاس(0)] [...]

    قانداق تۇزنى ئاشقا سالغىلى بولمايدۇ؟

  • 麦提图尔荪 تۈنۈگۈن 12:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراق قىلغان.ياردەم

  • كەشپى تۈنۈگۈن 10:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى قېرىنداشلار ياخشىمىسىلەر.

  • سىرداش ئۈلۈشكۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

كۆرۈش: 189|ئىنكاس: 3

تۆمۈر خەلىپە ۋە ئۇنىڭ نەسەبلىرى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

29

تېما

11

دوست

1672

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
486 سەر
تىللا
108 دانە
تۆھپە
214 سەر
شۆھرەت
244 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-27 11:44:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆمۈر خەلىپە ۋە ئۇنىڭ نەسەبلىرى

                                          
ئوسمان تۆمۈر


تۆمۈر خەلىپە ۋە ئۇنىڭ نەسەبلىرىنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتە قىلىشقا توغرا كەلسە، گەپنى قۇمۇلنىڭ ھازىرقى بوغاز يېزىسىدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ يېزا قەدىمدە «تار بوغاز» دەپ ئاتالغانىكەن. بوغاز يېزىسىنىڭ يېرى قۇملۇق ۋە قىزىل تۇپراقلىق بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن تۆۋەن بولغاچقا، ھاۋاسى قۇرغاق ئىسسىق كېلىدۇ. تېرېقچىلىقىمۇ باشقا يېزىلارغا نىسبەتەن بالدۇر باشلىنىدۇ. بۇ يېزا قۇمۇلنىڭ جەنۇبىغا 25 كىلومېتىر كېلىدۇ.
1870 - يىلى ياقۇپبەگ بەدۆلەت كورلىنى مەركەز قىلىپ تۇرپان، پىچانلارغا مالىمانچىلىق سالغاندا، كۆپلىگەن كىشىلەر پاناھلىق ئىزدىشىپ قۇمۇلغا كەلگەن بولۇپ، بۇ كىشىلەرنىڭ ئىچىدە سۇۋۇر دېگەن كىشى قورايغا، ئورۇق سۇۋۇر دېگەن كىشى يۇقىرى ئاقيەرگە، تالىپ، بۆكى يامان راشىدىن ھاجى ۋە بۆكى يامان قۇربان ھاجىلار بوغازغا ئورۇنلاشقان. يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن قورايدىكى سۈۋۈر يالغۇز ئوغلى يۈسۈپنى بوغازدىكى تالىپنىڭ چوڭ قىزى راھىلەگە ئۆيلىگەن. تالىپ 2 - قىزى رابىخاننى يۇقىرى ئاقيەردىكى ئورۇق سۇۋۇرگە ياتلىق قىلغان، ئۇلار بىر ئوغۇللۇق بولغان. ئۇنىڭ ئىسمى ئىبراھىم بولۇپ، ھازىر 80 ياشتىن ھالقىغان بولسىمۇ، يېنى ساغلام تۇرماقتا. تالىپ ئىشچان بولغانلىقى ئۈچۈن، بوغازنىڭ شىمالىي ئېتىكىدە بېنەم ئېچىپ كۆكەرتكەن. شۇ چاغلاردا ئۇنىڭ يالغۇز ئوغلى قازا قىلغان. شۇندىن كېيىن تالىپ قورۇ-جايلىرىنى قىزلىرىغا بۆلۈپ بېرىپ، يۇقىرى ئاقيەرگە كۆچۈپ كەتكەن.
سۈۋۈرنىڭ يالغۇز ئوغلى يۈسۈپنىڭ مىجەزىگە قاراپ كىشىلەر «يۈسۈپ تۇڭگان» دەپ لەقەم قويۇۋالغان. يۈسۈپ راھىلەدىن ئىككى ئوغۇللۇق بولغان. چوڭىنى تۆمۈر، كىچىكىنى شاكىر، دەپ ئاتىغان. ئۇلار 15 - 16 ياشلارغا كىرگەندە يۈسۈپ ئەر -ئايال تەڭلا قازا قىلىدۇ. شۇ چاغلار دەل تورپاقلار قوزغىلىڭى دەۋرى بولۇپ، قۇمۇل ۋاڭى تۆمۈرنى چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزدى، دەپ بوغازغا پالايدۇ. تۆمۈر شۇندىن كېيىن بۇ يېزىدا ياغاچچىلىق ھۈنىرىنى ئۆگىنىپ، شۇنىڭ بىلەن تىرىكچىلىك قىلىدۇ، ھەم دىنىي ئوقۇشىنىمۇ تاشلىمايدۇ. ئۇ كېيىنكى كۈنلەردە زىكرى - سۆھبەتچىلەرگە خەلىپە بولۇپ قالغان. ئۇ بوۋىسى تالىپتىن قالغان يەرگە بىر يۈرۈش سۇ تۈگمىنى ياساپ بوغازلىقلارنى ئۇن بىلەن تەمىنلىگەن.
تۆمۈر ئۆيلىنىپ ئىككى قىز تاپقان، چوڭ قىزى نىيازخان 4 ياش، كىچىك قىزى رابىيە 2 ياشقا كىرگەندە ئايالى قازا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بوغازدىكى زېمىنىنىڭ بىر قىسمىنى بۆكى يامان راشىدىن ھاجى ۋە بۆكى يامان قۇربان ھاجىغا 30 قوشقارغا تېگىشىپ، كىچىك قىزى رابىيەنى چوڭگۇباتلىق سۇۋۇر قۇرمالغا بېرىپ، چوڭ قىزى نىيازخاننى ئېلىپ قورايغا كۆچۈپ كەتكەن.
تۆمۈر قورايدا قايتا ئۆيلىنىپ، باسىىت ئىسىملىك بىر ئوغۇللۇق بولغان. باسىت 12 ياشقا كىرگەندە ئىلىدىكى مانجۇ ئەمەلدارلىرىنىڭ زۇلۇمىغا قارشى ياڭ زەيشۈي باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭ يۈز بېرىدۇ. ئۈرۈمچىدىكى باش مۇپەتتىش يۈەن داخۇا قوزغىلاڭنى باستۇرۇشقا كۆزى يەتمەي، شىنجاڭدىكى فېئودال ۋاڭلاردىن ھەربىي ياردەم سورايدۇ. بۇنىڭغا جاۋابەن قۇمۇل ۋاڭى شامەخسۇت قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىدىن 500 ئاتلىق قوشۇن تەييارلاپ، ئالدى بىلەن 300 كىشىنى يولغا سالىدۇ. 1 - تۈركۈمدىكى ئەسكەرلەر بەششار ۋە قۇمۇلدىن ئېلىنغان بولۇپ، 2 - تۈركۈمى قۇمۇل 12 تاغدىن كەلتۈرۈلگەنىدى. بۇ ئەسكەرلەر تۆمۈر خەلىپە، ئامانقۇل، جامال ۋە سالمانلار باشچىلىقىدا تەشكىللىنىپ يولغا چىقىپ، لودۇڭغا يېقىنلاشقاندا كەينىگە قاراپ نەيزە ئۇرىدۇ. لودۇڭدىن يانغان بۇ ئوت كۆشۈتىگە يېتىپ كەلگۈچە چوڭ يالقۇنغا ئايلىنىدۇ.
«تۇترۇقسىز ئوت بولماس، نۇقسانسىز يىگىت» دېگەندەك، تۆمۈر خەلىپە تەقۋادار دىنىي زات بولغانلىقى ئۈچۈن لى شۇفۇ ئىسىملىك خۇيزۇ ھەربىينىڭ ھىيلە - نەيرەڭلىرىگە ئىشىنىپ ئالدىنىپ قېلىپ، سەۋەنلىكى ئۆز بېشىغا چىققان. جۈملىدىن شۇ چاغنىڭ ئۇيغۇر، تۇڭگان ئاخۇنلىرى بىلەن ھەسەن ھاجى قاتارلىق يۇرت كاتتىلىرىنىڭ ئارىغا كىرىشى بىلەن قوزغىلاڭ تىنچلاندۇرۇلغان ھەمدە تۆمۈر خەلىپە ئۈرۈمچى لومەنچىڭدىكى 3 - ئاتلىق باتالىيونغا كوماندېر بولىدۇ. 1913 - يىلى 9 - ئاينىڭ 5- كۈنى قولغا ئېلىنىپ قەتلى قىلىنىدۇ، بېشى ئۈرۈمچىنىڭ جەنۇبىي قوۋۇقى (نەنمىن) غا ئېسىلىپ، سازايى قىلىنغاندىن كېيىن، قۇمۇلغا ئاپىرىپ، قۇمۇل كوناشەھەر دەرۋازىسىغىمۇ ئېسىپ قويۇلغان. تۆمۈرگە ئەگىشىپ چىققان بىر قىسىم كىشىلەرمۇ ئامان قالمىغان. ئۇلارنى يۇرتىغا قايتۇرىمىز دېگەن باھانىدە قورالسىزلاندۇرۇپ، گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ چوڭ تاش دائىرىسىدىكى تاغ ئىچىگە يېتىپ كەلگەندە، ياڭ زېڭشىننىڭ پىستۇرمىسىغا چۈشۈپ قىرىپ تاشلانغان. تۆمۈر خەلىپە ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېتىلگەندىن كېيىن، قۇمۇلدا قالغان بىر قىسىم كىشىلەر «قاراقچىلاردىن مۇداپىئەلىنىش» دېگەن باھانە بىلەن ئەنشىگە يۆتكەلگەن، ئۇلار شىڭشىڭشياغا يېتىپ كەلگەندە گەنسۇ چېرىكلىرى تەرىپىدىن تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن. شاكىر، ئىمىن، جامال، ئەمەت سېيىت، ئابدۇللا قاتارلىقلار تۇرپانغا ئېلىپ بېرىلىپ ئۆلتۈرۈلگەن.
شامەخسۇت ۋاڭ: «تۆمۈرنىڭ جەمەتىدىن بىرنىمۇ قالدۇرماسلىق كېرەك» دەپ جار سالغان. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان راھەتباغ يېزا چاڭغۇ مەھەللىلىك ساقال ئەزىمەت دېگەن كىشى باشقىلارغا تۇيدۇرماستىن قورايغا چىقىپ، باسىتنى ئېلىپ كېتىپ 7 - 8 يىل تەربىيەلىگەن، بۇ ئىشنى ئىرغايتىلىق ئاۋۇت دورغا سېزىپ قېلىپ ئوردىغا مەلۈم قىلغان. بۇ خەۋەرنى ئالدىن بىلىۋالغان ئەزىمەت بوۋاي باسىتنى بىر ئات بىلەن ئۇنىڭغا يېتەرلىك پۇل ۋە ئوزۇق - تۈلۈك بېرىپ قاچۇرۇۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن باسىت جىمىسار ۋە گۇچۇڭلاردا پاناھلانغاچ دىنىي بىلىم ئالغان ۋە شامەخسۇت ۋاڭنىڭ ئۆلگەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، قۇمۇلغا قايتىپ، پالۋانتۇر يېزا كونا ئائىلىلىكلەر مەھەللىسىدىكى مەسچىتكە ئىمام بولىدۇ. ئۇ 1980 - يىلى ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ ئايۇپ، ئابلەت، ئىمىن قاتارلىق ئوغۇللىرى ۋە بىرنەچچە قىزلىرى بار.
بوغاز يېزىسىنىڭ شىمالىدىكى قۇم داۋاندىن چۈشۈپ مەھەللىنىڭ جەنۇبىغا قاراپ كەتكەن يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى يەرلەر «ساي پارچا» دەپ ئاتالغان بولۇپ، بۇ يەردىكى تېرىلغۇ يەرلەر، ئۈجمە دەرىخى ۋە ۋەيران بولۇپ كەتكەن سۇ تۈگمىنىنى كىشىلەر ھازىرمۇ يەنىلا «تۆمۈر خەلىپە» نامى بىلەن ئاتىشىپ كەلمەكتە.
قۇمۇل خەلقى مەشرەپ، توي - تۆكۈن، نەغمە - ناۋالىرىدا تۆمۈر خەلىپە ھەققىدىكى بىر قىسىم قوشاقلارنى ھازىرمۇ تەكرارلاپ كەلمەكتە.
مەسىلەن:

قوراي يولى ھەيۋەتلىك،
ئۇنىڭ ئىچى زەرەتلىك.
مۇرادىغا يەتمىگەن،
تۆمۈر خەلىپە رەھمەتلىك.


جىڭتەي ئەسكىرى سەپتۇ،
ئاقچۇق يولىدا ئوقۇر،
تۆمۈر خەلىپىنى ئۆلتۈرگەن،
چەندارىن دېگەن چوقۇر.



تۆمۈر خەلىپىنىڭ ئايۇپ، ئابلەت قاتارلىق ئەۋلادلىرى پالۋانتۇر يېزىسىدا ھازىرمۇ ھايات.

مەنبە: شىنجاڭ تەزكىرىسى ژۇرنىلىنىڭ 1994 - يىل 4 - سانى


ساڭا ياخشىلىق قىلغانغىمۇ ياخشىلىق قىل،يامانلىق قىلغانغىمۇ ھەم شۇنداق قىل.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

63

تېما

28

دوست

4820

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1037 سەر
تىللا
184 دانە
تۆھپە
928 سەر
شۆھرەت
954 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 00:54:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇمنىڭ جايى جەننەتتە بولغاي. ئۇنىڭ نەۋرىللىرى ئۇنى دورىغاي .
بايرىمىڭلارنى تەبرىكلەيمەن

799

تېما

13

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
8386 سەر
تىللا
6291 دانە
تۆھپە
5596 سەر
شۆھرەت
6191 سەر

ئاتامان

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 13:33:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي ئالدىنىپ كەتمىگەن بولسا ئىش تەرتىدىغاندەكلا قىلاتتى بۇ كىشى !
ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن

482

تېما

22

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5665 سەر
تىللا
1771 دانە
تۆھپە
6472 سەر
شۆھرەت
4273 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 19:24:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە ياخشى ئەسەرنى يوللاپسىز. مەرھۇمنىڭ ياتقان جايى جەننەت بولغاي .
ئۇقۇتقۇچىلارغا مۇناسىۋەتلىك تىمىلارنى كوپ يوللىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-12 06:56, Processed in 0.359784 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش