مىھمان
ئىشىك چىكىپ كىرىپ كەلدى بىر كىشى، -ئىزدەپ كەلدىم ئاڭىكىزنى،بارمۇ؟-دەپ . -يوق-دىگۈچە كۆزى چۈشتى ھالقامغا ، سوراپ قالدى-جىڭ ئالتۇنمۇ؟جامۇ؟-دەپ .
-ئىزدەپ كەپسىز ئاكامنى ،ئىش بارمىدى؟-، دەپ سورىدىم چەتنەپ كەتمەڭ دىگەندەك . يالغان كۈلكە بىلەن بىرنى ھىجايدى ، دۇدۇقلىدى مەقسىدىمنى بىلگەندەك .
تىلغا ئېلىپ دوستلۇقىنى شۇ ھامان ، -بەك يېقىن بىز،گويا كىندىك قوش-دىدى . -ئىشمۇ يوقتى كۆرۈشەي دەپ كەلگەنتىم ، ئاغىنەم يوق ئىكەن، كىتەي،خوش-دىدى .
-ئۆيگە كىرىپ چاي-پاي ئىچىپ ماڭمامسىز-، دەپ ساپتىمەن ئەدەپ-ئەخلاق يۈزىدىن . -بولسىغۇ-دەپ موكلا چۆكتى سافاغا ، نە تەكەللۇپ تېپىلغايمۇ سۆزىدىن .
چايغا سېلىپ قويماستىن كۆز قىرىنى ، ۋايىزلاردەك سۆزلەپ كەتتى ۋالاقلاپ ، گەپلىرىنى ياقتۇردۇممۇ،كارى يوق ، ئۆزى سۆزلەپ،ئۆزى كۈلۈپ قاقاقلاپ...
تاغدىن -باغدىن سۆزلەپ كىلىپ بىر چاغدا ، پو ئېتىشقا باشلىدى زوق-شوخ بىلەن . ھەيران قالدىم،ئېغىزمۇ بىر بالاكەن ، گەپ قالمىدى ئىھتىمال ئۇ دىمىگەن ...
قاشتاش ئېلىپ ساتارمىش،باي-غەنىمىش ، خانتاجىدىن ماشىنىسى قوش ئىكەن . خانىشلاردەك ياشار ئىمىش ئايالى ، كۆرگەن ھوزۇر-ھالاۋەتتىن خوش ئىكەن .
سالدۇرغانمىش ئىسىل داچا شەھەردە ، ئۈچ قەۋەتلىك كەڭ-كۇشادە ئازادە . يىلدىن-يىلغا ئاۋۇپتىمىش دۇنياسى ، بەختۇ-دۆلەت كۆرۈپتىمىش زىيادە .
-يېزىدىمۇ قورو-جايىم بار -دىدى ، خان ئوردىسى سىياقىدا ئۇز ئىمىش . باغلىرىمۇ نەچچە يۈز مو كەلگۈدەك ، پىشىپ تۇرار دەيدۇ تۈرلۈك يەل-يىمىش .
ئاتمىش تۇياق ئېتى بارمىش يايلاقتا ، قوي-قوزىسى نەچچە مىڭچە كىلەرمىش. بوغۇزلاتسا ھەر نەسىللىك توپىقى ، سىيىرلىرى توختىماي سۈت بىرەرمىش.
بۇ يىل تېخى ئىككى يۈز تۇياق ساغلىقى ، تۆت يۈزدىن جېق قوزىچاقنى تۆللەپتۇ . ئى بىر چاغدا تارقالغان قۇش زۇكامدا ، باققان توخۇ-كەپتەرلىرى ئۆلمەپتۇ ...
داڭقى چىققان ئۇسۇلچى ھەم مودىللار، ئۇنىڭ ئىشقى پىراقىدا كۈيەرمىــــــش. قارىماسمىش ئايالىدىن باشقىغا ، لىكىن قىزلار پەرۋانە بوپ يۈرەرمىش .
ئەتلەس-گىلەم ئېپ ساتارمىش قوشۇمچە ، بۇ ئىشتىنمۇ ئوبدانلا نەپ كۆرۈپتۇ . چەتئەللەردە خېرىدارى كۆپ ئىكەن ، پات-پات چەتكە بېرىپ-كىلىپ يۈرۈپتۇ .
ھەممە ئەلدە ئاغىنىسى بار ئىكەن، كەلگىن دەيمىش تەكلىپ قىلىپ پات-پاتلا ، بېرىپ قالسا تۆكەرمىش بار -يوقىنى ، ھەريان باشلاپ قىلدۇرارمىش تاماشا .
شارۇلخاننىڭ يىڭى چىققان كىنوسى ، پۈتۈپتىمىش شۇنىڭ بەرگەن پۇلىدا . ھېچقانچىلىك ئىش ئەمەسمىش بۇ تېخى ، نەچچە شىركەت پىرقىرارمىش قولىدا .
-كىلىپ ئويناپ كەتكىن ئاداش -دەپتىكەن ، ئوباماجان ئامرىكىدىن كەپتىمىش . -ئۇستىكەن- دەپ- ئايالىڭ ئاش-تاماققا -، قوي سويدۇرۇپ ئالتە-بەشنى يەپتىمىش .
نەچچە مالاي خىزمىتىنى قىلغۇدەك ، مالاي كۆرمەي تۇغقىنىدەك باقارمىش . مىنىڭكىدەك مۇنداق ئاددىي ھالقىنى ، ئاشۇ مالاي،چاكارلىرى تاقارمىش ...
بۇ گەپ بىلەن شۇئان ئۇچتى ئەرۋاھىم ، -مەن ئاكامغا تىلفۇن قىلاي-دەپ ماڭدىم . نىمە دىگەن يۈزى قېلىن ئادەم بۇ؟ ھەي،تېتىقسىز گەپلىرىگە تاڭ قالدىم .
-ۋەي ،ئاكاممۇ؟نەدە بولساڭ يېنىپ كەل!-، دىدىم قايناپ ئاچچىقىمغا پايلىماي . تەققى-تۇرقى،يۈرۈش-تۇرۇش،گەپ-سۆزى ، خۇي-پەيلىنى سۆزلەپ بەردىم قالدۇرماي .
‹‹دوستۇڭ›› دىگەن گەپنى ئاڭلاپ ئاكاممۇ ، قايناپ كەتتى مەندىن ئۆتە چىچاڭشىپ . ئۇنى يابىر ئۆزۈم باشلاپ كەلمىسەم، چالۋاقىدى ئەسكى داستەك تاراڭشىپ:
-نەدە دوستۇم!؟ئادەتتىكى تۇنۇش بىز، بىر ئاي بۇرۇن بۆشۈك تويدا تونۇشقان . شۇ چاغدىمۇ تۇلا سۆزلەپ ئۇ ئاداش، سورۇندىكى جىمى خەقنى تويغۇزغان .
دادىسىدىن قالغان كونا ئۆي -جاينى ، ئانچە-مۇنچە ياساپ داچا دەۋاپتۇ . قېيناتىسى‹‹ئېلىپ-سېتىپ باي بول››دەپ، بەرگەن كالا-قوينى سويۇپ يەۋاپتۇ .
ئۇنىڭ بىلەن ھىساپلاشماي ھال چوڭ ، ھە دىسىلا چەتئەلدىن گەپ ئاچىدۇ . ئۆزى پوچى ھەم رودىپاي بولغاچقا ، مەنلا ئەمەس،ھەممە ئۇندىن قاچىدۇ .
شىركەت قۇرساق دەيدۇ ئۆتكەن ھەپتىدە ، پۇلى يوقمىش، قاراپ قاپتۇ ماڭىلا . گەدەنگىچە قەرزى بارمىش ئاڭلىسام ، ياق دىگەنتىم بولمىسا شۇ چاغدىلا .
بىر ئامال قىپ يولغا سېلىپ قوي ئۇكام، كۆرسەتمىسۇن خۇدا ئاشۇ ساراڭنى ! بىر باشلىسا تۈگىمەيدۇ گەپ-سۆزى . توختاتمايدۇ چەك باسمىغان پاراڭنى -.
شۇنداق دەپلا تېلىفۇننى قويۋەتتى ، تاسلا قالدىم جىلىلىكتە يىغلاشقا . قانداق قىلاي مىھمان كىتەي دىمىسە ؟ ئورۇن يوققۇ ھەيدەپ،ئۇرۇپ-تىللاشقا .
ئىشى چىقىپ قاپتۇ،كەچرەك كىلەرمىش، ساقلارسىزمۇ؟-دىدىم ،قاراپ سائەتكە. يەنە كەتمەي قالسا قانداق قىلغۇلۇق ؟ رايىم يوقتۇر ئەمدى ئارتۇق تاقەتكە .
-بوپتۇ ساقلاي-دەيدۇ يەنە ئۇيالماي ، تەگدى تىتاڭ تۇمۇرۇمغا مونو گەپ ! يەتمەپتىمىش ساقلىغىنى يېرىم كۈن ، نەس باسقان بىر كۈن بولدىغۇ بۇ ئەجەپ...
ئاخىر بولماي قولغا ئېلىپ سومكامنى ، -ئىشىم باتى،چىقىپ كىرەي -دىگەندە . قوزغالدى ئۇ بىزەڭ مىھمان ئورنىدىن ، بىزارلقىم،مەقسىدىمنى بىلگەندە .
ئاران تەستە يولغا سېلىپ ‹‹ ئۇھ ›› دىدىم ، يەنە قايتا ‹‹قەدەم تەشرىپ ›،قىلمىسا ! ئۇلۇغ ئاللاھ بەندەم دىسە كىشىگە ، ئۇنداق بىزەڭ مىھمان نىسىپ بولمىسا !
مەنبە:-ئىنتىرنىت دۇنياسى
|