baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

手机客户端
亲,还没下载论坛手机客户端?跟上潮流做时尚达人。掌中乐趣无处不在,快点下载吧。

كۆرۈش »

جەمئىي مىكروبلوگ 1189 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • زەھرا 5 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشى سۆزلەر گويا جەننەت ،ئاتا-ئانام،يامان سۆزلەر خۇددى دوزاق ياكى ھارام.

  • شىرنە تۈنۈگۈن 19:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    بىلىمگە ئامراق كىشى ھەركۈنى باھاردىكى يېڭى مايسىلاردەك ئۆسۈپ تۇرىدۇ.كۆڭلى خۇددى باھاردەك ئىللىق

  • خانىدان تۈنۈگۈن 12:46 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار!

  • 艾尼。艾买提 ئۈلۈشكۈن 12:34 [ئىنكاس(0)] [...]

    جەمئىيتىمىزدە ئادەم شەكىلگە كىرۋالغانلار خېلى كۇپتەك قىلامدۇ نىمە ؟

  • مەرىپەت 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئادەم بول!...لېكىن... ئادەم شەكلىگە كىرىۋالما!

  • دىلكەش 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بايقاش تورىدىكى بارلىق تورداشلار ،بايقاش ئەزاسى دىلكەشتىن سىلەرگە  ئوتلۇق سالام .

  • ئىلغار 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    سەھراغا چىقسا ئىشىكىنى تۇنۇمايدۇ،شەھەرگە بارسا دوستىنى (تونۇمايدۇ)

كۆرۈش: 298|ئىنكاس: 4

ئۇيغۇرلارتارىخىنى ئۆگنىش ھەققىدە ھىس قىلغانلىرىم (خەنجەر)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

23

تېما

3

دوست

1162

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
256 سەر
تىللا
137 دانە
تۆھپە
229 سەر
شۆھرەت
237 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-5 13:54:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرلارتارىخىنى ئۆگنىش ھەققىدە ھىس قىلغانلىرىم

        خەنىجەر

ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھەممىمىزنىڭ ئۇيغۇر تارىخنى ئۈگۈنۈش ۋە بىلىش مەجبۇرىيىتىمىز بار، چۈنكى كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ، ھەم تارىخ بىزنى توغرا يولغا باشلايدۇ. لېكىن ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك تارىخ ئۈگۈنۈش ناھايىتى تەس بىر پەن، بولۇپمۇ ئۇيغۇر تارىخى ئۈگۈنۈش تېخىمۇ تەس ئىش. قەدىمقى ئەجداتلىرىمىز يازغان يازما تارىخ ئەسەرلىرىنىڭ بىزگىچە يېتىپ كەلمەسلىكى، يېتىپ كەلگەنلىرىمۇ ئاتالمىش < مەدەنىيەت ئىنقىلابى > مەزگىلىدە تۆت كونا دەپ قارىلىپ كۆيدۈرىۋېتىلگەنلىكى، كۆيدۈرۈلمەي قېلىپ قالغانلىرى بولسا، بىرقىسىملىرىنىڭ بىرقىسىم تەتقىقات ئورۇنلىرىدا ساقلىنىشى ياكى ئەينى چاغدىكى كىتاپ كۆيدۈرۈش ۋە ۋە باشقا سەۋەپلەردىن قورقۇپ كەتكەن كىشىلىرىمىزنىڭ كىتاپنى يورۇق دۇنياغا چىقارماي تامنىڭ ئارىسىغا يەرنىڭ تېگىگە كۆمۈپ ساقلاشلىرى تۈپەيلىدىن نۇرغۇنلىغان نادىر تارىخى ئەسەرلىرىمىز تېخىغىچە كىشىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ بولالمىدى، يەنە كېلىپ تارىخ پېنىنىڭ كۈچلۈك سىياسىۋىلىككە ئىگە بولۇشى ۋە دىيارىمىزنىڭ ئۆزگىچە تەقدىر قىسمەتلىرى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر تارىخى تېخىمۇ مۇرەككەپ ۋە نازۇك بىر پەن بولۇپ قالدى. شۇڭا ئۇيغۇر تارىخى سىرتتىن ئۈگەنگۈچىلەرنىلا ئەمەس بەلكى شۇ كەسپتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىگىمۇ ئەڭ تەس بىر پەن بولۇپ بىلىنىدىغان ھالەت شەكىللىنىپ قالدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۆزلىكىمىزنى تونۇشنىڭ كۈچىيىشى ۋە تور دۇنياسىدىكى تەشۋىقاتلار تۈپەيلىدىن تارىخقا ئۆزلىرىنىڭ كىملىكىگە قىزىقىدىغانلار بارغانسېرى كۆپىيىپ، ھەر خىل تور بەتلىرىدىكى تارىخى تېمىلار كۆپ كۆرۈلگەن تېمىلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ، قېرىنداشلىرىمىز كاللىسىغا تەئەججۈپلۈك سوئاللارنى ئېلىپ كەلمەكتە. شۇڭا مەن تۆۋەندە ئۆزۈمنىڭ ئۈگىنىش ئەھۋالىمغا بىرلەشتۈرگەن ھالدا ئۇيغۇر تارىخىنى ئۈگىنىشنىڭ بىرنەچچە خىل ئۇسۇلىنى دوستلىرىمىز بىلەن ئورتاقلىشىپ باقماقچىمەن.مەن ئۇيغۇر تارىخىنى ئۈگۈنۈشتە ئۈگۈنۈش تەرتىۋىنى تۆۋەندىكىدەك تۈزۈپ چىقتىم.
ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن بۇرۇنقى تارىخى ( رىۋايەتلەردىكى تارىخ ) ___ ئۇيغۇرلارنىڭ يىراق قەدىمقى زامان تارىخى ( ئىپتىدائىي جەمىيەت ۋە قۇللۇق جەمىيەت تارىخى )___ ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئەسىر تارىخى ( ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ۋە ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىنكى ئۇيغۇر تارىخى ) ____ ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى دەۋر تارىخى ( سەئىدىيە خانلىقىنىڭ يىمىرلىشىدىن ياقۇپبەگ قۇرغان يەتتە شەھەر خانلىقىنىڭ يىقىلىشىغىچە ) ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى زامان تارىخى ( ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆلكە قۇرۇلغاندىن تاكى مىللىي ئارمىيە بىلەن خەلق ئازاتلىق ئارمىيىسى ئۇچراشقىچە ) ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى تارىخى ( 1949- يىلى 12- 29- كۈنىدىن تاكى بۈگۈنگىچە )

1. ئەدەبىي ئەسەرلەر ئارقىلىق ئۈگۈنۈش
تارىخ پېنى بىر تەس پەن بولغاچقا ئۇنىڭدا ئۇچرايدىغان نۇرغۇنلىغان ئاتالغۇ تېرمىنلار يېڭى ئۈگەنگۈچىلەرنىڭ بېشىنى قايدۇرۇپ قويۇشى مۈمكىن، ھەم تارىخى ئەسەرلەردىكى ھەددىدىن ئۇزۇن بەزى تەھلىللەر ئوقۇغۇچىنى زېرىكتۈرۈپ قويۇشى، ئوخشاش بىر ۋەقەگە بولغان خىلمۇ خىل قاراشلار ئوقۇغۇچىلارنى گاڭگىرىتىپ چۈشەنچىسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ قويۇشى مۈمكىن. 20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدا مەرھۇم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ < ئىز > ناملىق تارىخى روماننى يېزىشى بىلەن باشلانغان تارىخى رومان يېزىش قىزغىنلىقى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر تارىخىغا دائىر بىر قاتار رومانلار بارلىققا كېلىپ، ئۇيغۇر تارىخىنىڭ بەزى قىسىملىرىنى خېلى روشەن يارىتىپ بەردى ۋە بېرىۋاتىدۇ. شۇڭا بۇ تارىخى تەرتىپ بويىچە تارىخى رومانلارنى ئوقۇش تەرتىۋىنى تۆۋەندىكىچە تۈزۈپ چىقتىم.
1. رىۋايەتلەردىكى تارىخ
ئابدۇللا ساۋۇت يازغان < تۇمارىس > ۋە < شىراق > ھەققىدىكى ھىكايىلەر، بۇ ھەقتە ھازىرغىچە بىرەر مەخسۇس رومان يېزىلمىدى
2. پەرھات جىلان < ئورخۇن شەجەرىسى >. پەرھات جىلاننىڭ بۇ رومانىدا كۆك تۈرك خانلىقىنىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىدىن تارتىپ ئۇيغۇر ئورخۇن خانلىقىنىڭ قۇرۇلىشى ۋە يىمىرىلىشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ شامان دىنى ئېتىقادىدىن مانى دىنى ئېتىقادىغا ئۆتۈشىدىن تاكى ئۇيغۇرلارنىڭ غەرپكە كۆچۈشىگىچە بولغان تارىخى جەريان، ئۆتكۈر ئەدەبىي تىل ۋە جانلىق تارىخى پاكىتلار بىلەن ناھايىتى تەپسىلى يورۇتۇپ بېرىلگەن. بۇ كىتاپنى ئوقۇش ئارقىلىق كۆك تۈرك خاندانلىقى، ئۇيغۇر ئورقۇن خاندانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ غەرپكە كۆچۈشى ھەققىدىكى تارىخى مەلۇماتلاردىن خەۋەردار بولغىلى بولىدۇ.
3. پەرھات جىلان < ئىدىقۇت يۇلتۇزى >. پەرھات جىلان بۇ رومان ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ غەرپكە كۆچۈپ كېلىپ ئىدىقۇت ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئېلىنى قۇرغاندىن باشلاپ، بۇ ئەلنىڭ قارا قىتانلارنىڭ كونتىروللۇقىغا چۈشۈپ قېلىشى ۋە بارچۇق ئارت تېكىننىڭ رەھبەرلىكىدە قارا قىتانلارنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇپ، چىڭگىزخانغا بەيئەت قىلىپ، چىڭگىزخاننىڭ دۇنيانى بويسۇندۇرۇش يۈرۈشلىرىگە قاتناشقانلىقى ھەقىدىكى مەلۇماتلار يورۇتۇپ بېرىلگەن.
4. سەيپىدىن ئەزىزى < سۇتۇق بۇغراخان >. قارا خانىلار خانلىقىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى تارىخى ئەھۋاللىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلىشى ھەققىدە خېلى مەلۇماتلار بار.
5. پەرھات جىلان < مەھمۇد قەشقىرى > پەرھات جىلان بۇ روماندا مەھمۇد قەشقىرىنىڭ ئۆمۈر تارىخىنى بايان قىلىش ئارقىلىق قارا خانىلار خانلىقىنىڭ قۇرۇلىشىدىن تارتىپ، قارا خانىلار خانلىقىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىگىچە بولغان تارىخى جەريانلار يورۇتۇپ بېرىلگەن.
6. ھاجى مىرزاھىد كەرىمى < يۈسۈپ خاس ھاجىپ > بۇ روماننىڭ بىرىنچى قىسىمىنىڭ 2 كىتابى نەشردىن چىققان بولسىمۇ لېكىن داۋامى تېخى نەشردىن چىقمىدى. بۇ روماندىمۇ قاراخانىلار خانلىقى ھەققىدە مول تارىخى ماتىرياللار بار.
قارا خانىلار خانلىقىنىڭ يىقىلىشىدىن تارتىپ سەئىدىيە خانلىقى تىكلەنگىچە بولغان بۇ دەۋردىكى تارىخ ھەققىدە بىرەر ئەسەرنىڭ يېزىلغانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئارىلىقتا < ئاقسۇ ئەدەبىياتى > ژورنىلىنىڭ بىر سانىغا يازغۇچى ئابدۇۋەلى ئەلىنىڭ مۇشۇ دەۋر ھەققىدە يېزىلغان < تۇغلۇق تۆمۈرخان > دىگەن رومانىنىڭ پارچىلىرى بېرىلگەن بولسىمۇ لېكىن بۇ ئەسەرنىڭ تولۇق نۇسخىسى تېخى ھازىرغىچە كىتاپخانلار بىلەن يۈز كۆرۈشمىدى.
7. سەئىدىيە خانلىقى دەۋرى تارىخىغا ئائىت رومانلاردىن:
ھاجى مىر زاھىد كەرىمىنىڭ < سەئىدخان > < سۇلتان ئابدۇرەشىد خان > ۋە تۇرسۇن يۇنۇسنىڭ < مەلىكە ئاماننىسا خان > رومانلىرى بۇ دەۋر تارىخىنى يورۇتۇپ بېرىشتە بەلگىلىك رول ئوينايدۇ. بۇ دەۋر تارىخىنى يورۇتۇپ بېرىشتىكى ئەڭ ياخشى ئەسەر دەپ قارالغانلىرى يازغۇچى ئادۇۋەلى ئەلىنىڭ < خوجىلار تىرىلوگىيىسى > يەنى < مەخدۇم ئەزەم ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى >، < ئاپپاق خوجا >، < تۇرغاق خوجىلار > قاتارلىقلار بولۇپ ئاپتۇر بۇ تىرىلوگىيىسى ئارقىلىق سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قۇرۇلىشىدىن تارتىپ يىقىلىشىغىچە بولغان تارىخى جەرياننى ئۆزىنىڭ مول تارىخى بىلىمى ۋە ئىشەنچلىك تارىخى مەنبەلەر ئارقىلىق ناھايىتى جانلىق تەسىرلىك قىلىپ يورۇتۇپ بەرگەن. سەئىدىيە خانلىقىنىڭ يىقىلىشى ۋە خوجا ئەۋلادلىرىنىڭ قىسمەتلىرى ھەققىدە يېزىلغان يەنە ئىككى مەشھۇر ئەسەر ياسىنجان سادىق چۇغلاننىڭ < جاللات خېنىم > ناملىق رومانى بىلەن ئۆزبېكىستانلىق ئۇيغۇر يازغۇچى يۈسۈپ ئىلياسنىڭ < ئېغىر تىنىقلار > ناملىق رومانىنى تىلغا ئالماي بولمايدۇ. ياسىنجان سادىق چوغلان ئۆزىنىڭ ئىككى توملۇق بۇ تارىخى رومانىدا < جاللات خېنىم > دەپ ئاتالغان مۇھتەرەم خېنىمنىڭ ئىش پائالىيەتلىرىنى يېزىش ئارقىلىق سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى ئوردىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى تەخت تالىشىش كۈرەشلىرى پاسىق خوجىلارنىڭ تەختنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان خىيانەتكارانە ھەركەتلىرى ۋە سەئىدىيە ئەۋلاتلىرىنىڭ خانلىقنىڭ سەلتەنىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىنى ناھايىتى تەپسىلى ئوبرازلىق چۈشۈنىشلىك قىلىپ يازغان بولسا، يۈسۈپ ئىلياس رومانىدا خوجىلار ئەۋلاتلىرىنىڭ سەئىدىيە ھاكىمىيىتىگە ئاسىيلىق قىلغاندىن كېيىنكى پاجىئەلىرى يورۇتۇپ بېرىلگەن.
8. سەئىدىيە خانلىقى يىقىلغاندىن تارتىپ تاكى 1864- يىلىدىكى پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىنى قاپلىغان ئىنقىلاپ بورىنى دەۋرىگىچە بولغان تارىخى دەۋرلەر توغرىسىدا مەخسۇس يېزىلغان ئەسەرلەر ھازىرچە مەلۇم ئەمەس. لېكىن بۇ ئىنقىلاپ بورىنى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ياقۇپبەگ قۇرغان يەتتە شەھەر دۆلىتىنىڭ تارىخىنى ئۈگۈنۈشتە يەنىلا يازغۇچى ئابدۇۋەلى ئەلىنىڭ < بەدۆلەت > تىرولوگىيىسى ناھايىتى ياخشى دەرسلىك بولالايدۇ. يازغۇچى ئابدۇۋەلى ئەلى ئۆزىنىڭ < بەدۆلەت ___ يانغىن قاپلىغان تۇپراق >، < بەدۆلەت ___ بارسا كەلمەس يول >، < بەدۆلەت __ ئۆركەشلەپ ئاققان قايدۇ دەرياسى > ناملىق ئەسەرلىرىدە 1864- يىلىدىكى ئىنقىلاپ بورىنى ۋە ياقۇپبەگ قۇرغان يەتتە شەھەر دۆلىتى ۋە چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى قايتىدىن بىرلىككە كەلتۈرىشى ھەققىدە ناھايىتى مول تارىخى بىلىم تەمىنلەيدۇ. بۇ دەۋر تارىخىغا يەنە ئەبەيدۇللا ئىبراھىمنىڭ < داغ > رومانى قىسقىچە تولۇقلىما ياكى قوشۇمچە بولالايدۇ.
9. ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى زامان تارىخىغا ئائىت ئەسەرلەر خېلى كۆپ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆزۈم بىرقەدەر ۋەكىللىك خاراكتىرگە ئىگە دەپ قارىغانلىرى تۆۋەندىكىچە:
ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر < ئىز > ئاپتور بۇ رومانىدا 1912- يىلى قۇمۇلدا پارتلىغان تۆمۈر خەلىپە قوزغىلىڭىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىنىڭ شۇ چاغدىكى ۋەزىيىتى ۋە قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى ھەققىدە مول خاتىرىلەرنى قالدۇرغان، يەنە شۇ دەۋر تارىخىغا ئائىت ئەسەرلەردىن ئەبەيدۇللا ئىبراھىمنىڭ < تۈندىكى چاقماق > رومانىدا خوتەننىڭ چىرا ناھىيىسىدىكى دېھقانلارنىڭ چارروسىيەنىڭ مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىگە قارشى كۈرەشلىرى تەسۋىرلەنگەن.
ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر < ئويغانغان زېمىن > ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ يەنە بىر ۋەكىللىك خاراكتىرگە ئىگە ئەسىرى < ئويغانغان زېمىن > ئۇيغۇر كىتاپخانلىرىغا ناھايىتى تونۇشلۇق بولۇپ بۇ توغرىلىق ئارتۇقچە توختالمىساممۇ بولار، ئاساسلىقى خوجا نىياز ھاجى باشچىلىقىدا قۇمۇلدىن باشلىنىپ، پۈتكۈل دىيارىمىزنى قاپلىغان ئىنقىلاپ بورىنى توغرىسىدا يېزىلغان مۇكەممەل بىر ئەسەردۇر.
زوردۇن سابىر < ئانا يۇرت > تىرىلوگىيىسى. ئۇيغۇرلارنىڭ "تىنچ دون"ى دەپ ئاتالغان بۇ ئەسەر، 40- يىللاردىكى ئۇيغۇر ھاياتى ۋە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنى ناھايىتى ياخشى يورۇتۇپ بەرگەن.
2. تارىخ كىتاپلىرىدىن ئوقۇپ ئۈگۈنۈش.
ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى ھەققىدە جۇڭگو ۋە چەتئەللەردە نۇرغۇن ئەسەرلەر يېزىلدى، روسىيە، ياپونىيە، گېرمانىيە، ئامېرىكا قاتارلىق ئەللەردە ئۇيغۇرشۇناسلىق بىر پەن سۈپىتىدە ۋۇجۇتقا كەلدى. تەتقىقات تېمىلىرىمۇ نوقۇل ھالدىكى تارىختىن، ئانتىروپولوگىيە، فولكلور، مەدەنىيەت، ئىقتىساد ۋە سىياسىي قاتارلىق كۆپ خىل ساھەلەرگە كېڭەيدى. مەن بۇ يازمامدا يەنىلا ئۇيغۇر تارىخىنى سىرتتىن، يېڭىدىن ئۈگەنگۈچىلەرگە تونۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىم ئۈچۈن يەنىلا ئاساسلىقى ئۇيغۇر ئاپتورلار يازغان ياكى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنغان ئەسەرلەرنى ھەم خەنزۇچە بولسىمۇ ،دوستلار ئاسانراق تاپالايدۇ دەپ قارىغان ئەسەرلەرنى تونۇشتۇرۇشنى ئاساس قىلىمەن.
ئومۇمىي تارىخ
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن < قەدىمقى مەركىزىي ئاسىيا > ئالىم بۇ ئەسىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمقى دەۋردىكى تارىخلىرىدىن باشلاپ يېزىپ كېلىپ، مىلادىيە 715- يىلىدىكى تاڭ سۇلالىسى بىلەن ئەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى تالاش-تارتىش ئۇرۇشىنى يېزىۋاتقان چاغدا كېسىلى قوزغىلىپ ۋاپات بولغان، ئەسەرمۇ مۇشۇ يەرگىچە داۋاملاشقان.
تۇرغۇن ئالماس < ئۇيغۇرلار >. ئالىمنىڭ بۇ ئەسىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ يىراق قەدىمقى زامان تارىخلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمقى مىللەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناھايىتى ئەتراپلىق شەرھلەنگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمقى رىۋايەت تارىخىدىن تاكى موڭغۇل ئىستىلاسى دەۋرىگىچە بولغان تارىخى بايان قىلىنىپ موڭغۇل ئىستىلاسى باشلانغان دەۋر بىلەن ئاخىرلاشقان.
< ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى >. بۇ ئەسەرنى شۇ نامدىكى يېزىش گۇرۇپپىسى يازغان بولۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمقى دەۋر تارىخلىرىدىن تاكى 1949- يىلىغىچە بولغان تارىخى ساھالەر بويىچە بايان قىلىنغان.
< شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخى > بۇنىڭ مەزمۇنىمۇ يۇقۇرىدىكىگە ئوخشاش
فېڭ جياشېڭ قاتارلىقلار < ئۇيغۇرلار تارىخىغا دائىر ماتىرياللاردىن قىسقىچە توپلام > بۇنىڭدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ يىراق قەدىمقى زامان دەۋرلىرىدىن تارتىپ يېقىنقى مەزگىلگىچە بولغان تارىخى ماتىرياللىرى تونۇشتۇرۇلغان.
ئۇيغۇرلارنىڭ يىراق قەدىمقى زامان تارىخى ئۈچۈن
بۇ ھەقتە ئۇيغۇرچە يېزىلغان مەخسۇس ئەسەرلەر يوق دىيەرلىك، لېكىن < شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى > < شىنجاڭ ئارخېئولوگىيىسى > قاتارلىق ژورناللاردا < ئاتۇش ئادىمى > ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كونا تاش قورال دەۋرىگە ئائىت خارابىلەرنى قېزىش دوكلاتى قاتارلىقلار تونۇشتۇرۇلغان، بۇ ژورناللار ھازىر چىقىشتىن توختىغان بولۇشى مۈمكىن.
گەرچە بۇ دەۋر ھەققىدە ئۆزىمىز يازغان ئەسەرلەر بولمىسىمۇ لېكىن چەتئەللىكلەرنىڭ يازغا ئەسەرلىرى خېلى زور سالماقنى ئىگەللەيدۇ، بۇلاردىن ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىنىپ نەشردىن چىققىنى فولك بېرگمانننىڭ < شىنجاڭ ئارخېئولوگىيىسى >، ئاۋرىئېل سىتەيىننىڭ < قۇمغا كۆمۈلگەن خوتەن خارابىلىرى > فون لېكوكنىڭ < شىنجاڭنىڭ يەر ئاستىدىكى بايلىقلىرى > قاتارلىقلارنى تىلغا ئېلىش مۈمكىن.
قەدىمقى زامان تارىخىغا ئائىت ئەسەرلەردىن ھۇن دەۋرىگە ئائىت بولغىنى:
تۇرغۇن ئالماس < ھۇنلارنىڭ قىسقىچە تارىخى > بۇ ئەسەردە ھۇنلارنىڭ تارىخى قىسقىچە قىلىپ بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئەسەر ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن < قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتى ئىلمىي ژورنىلى > غا پارچە ھالدا بېسىلغان.
لىن گەن < ھۇنلارنىڭ ئومۇمىي تارىخى > بۇ ئېلىمىزنىڭ مەشھۇر شىمال مىللەتلىرى تەتقىقاتچىسى لىن گەپ ئەپەندىنىڭ ھۇنلار تارىخىغا بېغىشلانغان مەشھۇر ئەسىرى بولۇپ، بۇ ئەسەردە ھۇنلارنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن تارتىپ ھۇنلارنىڭ جەمىيەت ئەھۋالى، دۆلەت تۈزۈلمىسى، مەدەنىيىتى، تىل يېزىقى قاتارلىقلار ۋە ھۇنلارنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بىرقەدەر تەپسىلى تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ پايدىلىنىش قىممىتى بىر ەدەر يۇقۇرى، بۇ ئەسەر تۇرسۇنجان ھېزىم ياۋۇز تەرىپىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان نۇسخىسى 2004- يىلى 1- ئايدا نەشردىن چىققان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرچىسىدا خەنزۇچىسىدىكى ئۈچ باپ قىسقارتىۋېتىلگەن، بۇ ئەسەرنىڭ بىر كەمچىلىكى ھۇنلارنىڭ ياۋروپادىكى تارىخى توغرسىدىكى بايانلار ناھايىتى ئاز.
يۈسۈپجان ياسىن: < تەڭرى قامچىسى ___ ئاتتىلا > بۇ ئەسەرنىڭ ياۋروپا ھۇن ئېمپىراتورلىقىنىڭ ئېمپىراتورى ئاتتىلانى ئاساس قىلغان ھالدا ياۋروپا ھۇنلىرىنىڭ تارىخى بىرقەدەر سېستىمىلىق بايان قىلىنغان.
ۋىليام ماك گوۋېرن < ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمقى دۆلەتلەر تارىخى >. بۇ ئەسەر ئامېرىكىلىق ئالىم ماك گوۋېرننىڭ ئەسىرى بولۇپ بۇنىڭدا ئارىئانلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى دەۋرلەردىكى تارىخى ۋە ھۇنلارنىڭ ياۋروپادىكى پائالىيىتى ھەققىدە ناھايىتى تەپسىلى مەلۇماتلار بېرىلگەن، بۇ ئەسەر جۇڭخۇا كىتاپ ئىدارىسى تەرىپىدىن 1955- يىلى نەشر قىنلىنغان بولۇپ، 2005- يىلى قايتا نەشر قىلىنغان. بىرنەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىنىپ نەشرىياتقا تاپشۇرۇلۇپتۇ دەپ ئاڭلىغان بولساممۇ ھازىرغىچە نەشردىن چىقمىدى.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئەسىر دەۋرىگە ئائىت كىتاپلاردىن، دەسلەپكى مەزگىلگە تەئۇللۇق بولغىنى
دۇەن ليەنچىن < دىڭلىڭلار، قاڭقىللار تۇرالار >. بۇ كىتاپ ئۇيغۇرلار تارىخى توغرىسىدىكى چوڭ ھەجىملىك كىتاپ بولۇپ ئۇيغۇر ۋە تۈركى مىللەتلەرنىڭ ئەجداتى بولغان دىڭلىڭ، قاڭقىل ۋە تۇرالار ھەققىدە ناھايىتى مول تارىخى مەلۇماتلار بېرىلگەن. بۇ ئەسەرنىڭ يۇنۇسجان ئېلى ۋە ھەنىپە ئابدۇللا بىرلىشىپ تەرجىمە قىلغان ئۇيغۇرچە نۇسخىسى 1996- يىلى نەشر قىلىنغان.
لىن گەن < تۈرك تارىخى > كۆكتۈركلەر تارىخى ناھايىتى سېستىمىلىق بايان قىلىنغان بولۇپ، ئۇسلۇب جەھەتتىن < ھۇنلارنىڭ ئومۇمىي تارىخى > بىلەن ئاساسەن ئوخشايدۇ، بۇ كىتاپنىڭ يۇنۇسجان ئېلى تەرجىمە قىلغان نۇسخىسى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.
ليۇ شىگەن < تۈرك قاغانلىقى تارىخى > بۇ ئەسەرنىڭ تۈركلەرنىڭ قىسقىچە تارىخى بولۇپ، ئەخمەتجان مۆمىن تارىمى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغا نۇسخىسى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.
ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى ھەققىدە يېزىلغان ئەسەرلەردىن:
ئەھمەت سۇلايمان < ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى > بۇ كىتاپ تېخى يېقىندا چىققانلىقى ۋە بوستاندا تونۇشتۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن تەپسىلى توختالمايمەن.
ياڭ شېڭمىن: < قەدىمقى ئۇيغۇرلار > مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ پىروفېسسورى دوكتور ياڭ شېڭمىن ئەپەندىنىڭ بۇ ئەسىرىدە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تارىخى ھەققىدە ناھايىتى تەپسىلى توختالغان بۇ ئەسەرنىڭ ئىمىن ئەھمىدى تەرىپىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان نۇسخىسى 1998- يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.
لىن گەن گاۋزىخۇ < قەدىمقى ئۇيغۇرلار تارىخى > بۇ ئەسەردە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ غەرپكە كۆچۈشى ۋە قارا خانىلار ھەققىدە خېلى تەپسىلى توختالغان.
قارا خانىلار خاندانلىقى ۋە ئىدىقۇت ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئېلى ھەققىدە
ھاجى نۇر ھاجى < قارا خانىلارنىڭ قىسقىچە تارىخى > 1984- يىلى ئۇيغۇرچە نەشر قىلىنغان. مەزمۇنى ئاز بولسىمۇ، لېكىن قارا خانىلار خاندانلىقى توغرىسىدا قىممەتلىك مەلۇماتلار بېرىلگەن ئەسەر بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.
ئىسمايىل تۆمۈر < ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ مەدەنىيىتى > بۇ ئەسەردە ئىدىقۇت ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەدەنىيىتى ھەققىدە مول ماتىرياللار تونۇشتۇرۇلغان.
س. گ . مالياۋكىن < 9- 12- ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر دۆلەتلىرى > بۇ ئەسەردە قارا خانىلار خانلىقى بولۇپمۇ ئىدىقۇت ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئېلى ھەققىدە مول ماتىرياللار ئۆزگىچە ئۇسلۇپ بىلەن تەتقىق قىلىنغان بولۇپ بۇ دەۋر ئۇيغۇر تارىخنى ئۈگۈنۈشتە ياخشى بىر دەرسلىك بولالايدۇ.
ۋ.ۋ. بارتولد < يەتتە سۇ تارىخى ئوچېرىكلىرى > بۇ ئەسەردىمۇ قارا خانىلار خاندانلىقى ھەققىدە مول تارىخى ماتىرياللار بېرىلگەن.
بۇلاردىن باشقا يەنە تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى ەئېرمانىيەلىك ئاننى مارىيە ۋون گابائىن خانىمنىڭ < قۇجۇلۇقلاردا ئىجتىمائىي ھايات > ناملىق ئەسىرى بولۇپ بۇ ئەسەرنىڭ خەنزۇچىسى تۇرپان ۋىلايەتلىك قەدىمقى ئەسەرلەر ئىشخانىسى تەرىپىدىن بېسىپ تارقىتىلغان، يەنە بىرسى ياپونىيەلىك تارىخچى ئابې تاكىئونىڭ < غەربىي ئۇيغۇرىيە ھەققىدە تەتقىقات > دىگەن ئەسىرى بولۇپ بۇ ئەسەردىمۇ غەرپكە ۆكچۈشتىن بۇرۇنقى ئۇيغۇرلار، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى ۋە قارا خانىلار خانلىقى ھەققىدە چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بېرىلىپ، ئېلىمىز ئالىملىرى يېشەلمىگەن نۇرغۇن تارىخى مەسىلىلەر يېشىلگەن. ئاڭلىشىمچە بۇ ئەسەرمۇ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشرىياتقا تاپشۇرۇلغىلى بىرنەچچە يىل بولغان بولۇپ، لېكىن ھازىرغىچە ئۇيغۇرچىسى تېخى چىقمىدى.
چىڭگىز ئىستىلاسى دەۋرىگە ئائىت ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان ئەسەرلەر يوق دىيەرلىك بۇ ھەقتە ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك بولغىنى مىرزا ھەيدەر كوراگانىنىڭ < تارىخى رەشىدى > دىگەن ئەسىرى. بۇ ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرچە تولۇق تەرجىمە نۇسخىسى نۇسخىسى تېخى نەشردىن چىقمىدى، لېكىن < بۇلاق > ژورنىلىدا 2000- يىللىق 1- ساندىن باشلاپ ھازىرغىچە ھەر سانىدا دىگۈدەك بېرىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ ئەسەرنىڭ ۋاڭ جىلەي تەرىپىدىن ئېنگىلىزچە نۇسخىسىغا ئاساسەن خەنزۇچىگە تەرجىمە قىلىنغان نۇسخىسى 1985- يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.



-يىلى8-ئاي تەييارلىغۇچى ......خەنجەر 2008-

پايدىلانغان ماتىرياللا.......شىنجاڭنىڭ يەرلىك تارىخى .ئۇرقۇن شەجەرىسى ،،قاراخانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى ،قەدىمقى ئۇيغۇرلار.ھونلارنىڭ ئۇمۇمى تارىخى ،ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمقى ئۇيغۇرلار تارىخى ،قەدىمقى مەركىزى ئاسىيا .يازغۇچى ئابدۇرەھىم ئەلىنىڭ «بەدۆلەت  بارسا كەلمەس يول»«بەدۆلەت –يانغىن قاپلىغان تۇپراق »«بەدۆلەت –ئۆركەشلەپ ئاققان قايدۇ دەرياسى ».«ئىز »«ئويغانغان زىمىن »«تۇندىكى چاخماق »«داغ»«ئانايۇرت رومانى »قاترلىق كىتاپلاردىن پايدىلاندىم
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
umid0998 + 5 + 5 + 5 + 5ياخشى تېما.

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 5 تىللا + 5 تۆھپە + 5 شۆھرەت + 5  باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

143

تېما

15

دوست

4702

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
956 سەر
تىللا
743 دانە
تۆھپە
727 سەر
شۆھرەت
820 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىبايقاش قوغدىغۇچىسىتۆھپىكار باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-5 16:41:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەنجەر ئەپەندىم باشقىلارنى ئەيىپلەشنىلا بىلىدىغان ئادەممىكىن دىسەم ئەسلى ياخشى بىر تارىخ ئوقۇتقۇچىسى ئىكەن ئەمەسمۇ. بولسا تورداشلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۇقۇشماسلىقنى ئادمىن، ئامان، گۇلزار  دىگەنگە ئوخشاش ئىلمى بىر تەرەپ قىلىپ، ئۆز-ئارا ئىتتىپاقلىشىپ، مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن بىرلىكتە كۈچ چىقىرايلى!

271

تېما

77

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5975 سەر
تىللا
1391 دانە
تۆھپە
10055 سەر
شۆھرەت
4958 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-5 17:21:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەنجەر ئەپەندىم ناھايتى ياخشى تېما يوللاپسىز دىمىسىمۇ ھازىرقى ياشلىرىمىز ئىچىدە  ئۆزىمىزنىڭ تارىخنى بىلىشكە قىزىقىدىغانلاردىن قانچىلىك قالدى دەيسىز . بەلكىم بۇ قىزغىنلىق سىز تېمىڭىزدا ئېيتقاندەك بەزىبىر قىيىچىلىقلار تۇپەيلىدىن  ھامىلە سۇپىتىدە قېلىپ، تەرەققى قىلالمىغان بولىشىمۇ مۇمكىن. ھېلىمۇ ياخشى سىزدەك  ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىغا قىزىقىدىغان ياشلىرىمىزمۇ باركەن مەن بۇنىڭدىن بەكمۇ سويۇندىم . سىزگە رەھمەت . بولسا تېمىلىرىڭىز مۇنبەردە كۇندە كورۇنۇپ تۇرسا سىز بايقىدىغان يېڭى بايقاشلاردىن تەڭ بەھرىمان بولساق دەيمەن .

سىزگە دەيدىغان ئىككى ئېغىز سۆزۇم باردى رۇخسەت قىلىڭ .
خەنجەر ئەپەندىم مەن سىزنى تېخى ئىسمى جىسمىغا لايىق خەنجەردەك گەپ قلىدىغان باشقىلارغا يۈز خاتىرە قىلىشنىمۇ بىلمەيدىغان  ئادەم ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپتىمەن . بۇ ئەسىرىڭىزنى ئوقۇپ سىزگە بولغان  كۆز قارىشىم ئۆزگىرىشكە باشلاۋاتىدۇ .  مۇشۇنچىلىك بىلىم ساپايىڭىز بار يەردە   جەمىيەتتىكى مۇنداق ئىشلارنى سىلىغىچە بىر تەرەپ قىلىشنىمۇ ئۆگىنىۋېلىڭ « قۇياشتىمۇ داغ بولغان يەردە ‹  بۇ دۇنيادىكى  ئىشلار › دا نۇخسان بولماي قالمايدۇ» . تۇرمۇش مانا مۇشۇنداق ئەگرى توقايلىقلار ۋە زىددىيەتلەر بىلەن تولغان ئەڭ مۇھىمى ئادەملەرنىڭ  بۇ ئىشلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشتا . ھەر قانداق بىر ئىشنىڭ ئىككى تەرىپى بولىدۇ ئۇنى ياخشى تەرەپتىن ئويلىسىڭىز ياخشىلىققا ئۆزگىرىدۇ ئەگەر يامان تەرەپتىن ئويلىسىڭز  ئۇ ئىش گەر چە ياخشى ئىش بولسىمۇ يامانغا ئۆزگرىپ كېتىشى ھەم يامان ئاقىۋاتلەرنى كەلتۇرۇپ چىقىشىمۇ مۇمكىن .  شۇڭا  سىز بىر ئەقىللىق ئادەم بولغاندىكىن ھەر قانداق ئىشقا يوللۇقسىڭىز ئاقىللارچە بىر تەرەپ قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ  .

  سىزگە مۇنۇ سۆزنى سوۋغا قىلاي :

1 .ئېغىر - بېسىقلىق ۋە تەمكىنلىك ئەرلەرنىڭ شۆھرىتى ۋە بايلىقىدۇر .
2 .كىشىلەرنىڭ يوشۇرۇن ئەيىپىنى  تاتىلاپ ئاچما ، چۈنكى ، ئۇلارنى رەسۋا قىلىش بىلەن بىللە ئۆزۇڭنىمۇ ئىشەنچىسىز ئادەم قىلىپ قويىسەن .
3 .ئەر كىشى ئۆزگىنى  يامان دىسە ، باشقىلارمۇ سېنى ھېچ قاچان ياخشى دەپ ئېيتمايدۇ .
4 . كىشىگە چىرايلىق سۆز قىلىش ياقۇت بەرگەندىن ئەلا ، يامان سۆز قىلىش خەنجەر تىققاندىن دەھشەتلىك .
  تەۋسىيە :
بەلكىم مەن سىزدىن چوڭ بولۇشۇم مۇمكىن. شۇڭا سىزگە دەيدىغىنىم ،بۇندىن كېيىن مەيلى قانداقلا ئىشقا يولۇقۇڭ ،تەمكىنلىك ۋە سەۋىرچانلىقنى ئۆزىڭىزدىن ئايرىماڭ بۇ  ئىككى خىسلەت ۋۇجۇدىڭىزدا بولسىلا بەلكىم سىزمۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە  ئئەۋلاتلىرىمىزنىڭ  تارىخ بېتىدىن ئورۇن ئېلىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن .

سىزگە  يەنە بىر قېتىم رەھمەت .
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
بايقاش + 5 + 5 + 5 + 5ئۇرۇنلۇق پىكىر بىرىپس.

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 5 تىللا + 5 تۆھپە + 5 شۆھرەت + 5  باھا خاتىرىسى

ئۆزىگگ ئىشەنگەن ئادەم باشقىلارغىمۇ ئىشىنىدۇ .

416

تېما

63

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
5394 سەر
تىللا
2621 دانە
تۆھپە
8643 سەر
شۆھرەت
3724 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-6 03:38:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېمىكەن بۇرادەر، تېمىڭىز ماڭا بەك ياقتى. چۈنكى بۇ تارىخ ئەجداتلىرىمىزنىڭ، ئۆزىمىزنىڭ تارىخى. مەنمۇ تارىخىي ماتىرىياللارغا بەك قىزىقىمەن.
بۇرادەر، ئۇيغۇر تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك كىتاپ ۋە يازمىلار ئۈستىدە ئەتراپلىق توختىلىپسىز، بىراق ‹‹ تارىخى ھەمىدى ››( موللا مۇسا سايرامىنىڭ) ۋە ‹‹ تارىخى رەشىدىي زەيلى ››(‹‹تارىخى رەشىدىيە›› نىڭ داۋامى ) قاتارلىق كىتاپلار ھەققىدە توختالماپسىزغۇ؟ مەن بۇ كىتاپلارنى ياقتۇرۇپ، تولۇق ئوقۇغان......
رەخمەت سىزگە، ياخشى تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ، قالمىغاي. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-6 12:19  

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

87

تېما

21

دوست

6194

جۇغلانما

ئاق سۈڭەك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1484 سەر
تىللا
360 دانە
تۆھپە
1079 سەر
شۆھرەت
1111 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-7 16:17:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىدىن بىرنى يوللاپسىز، بولۇپمۇ ئۆزىنىڭ ئەسلىنى، تارىخىنى بىلىشكە،يىلتىزىنى ئىزدەشكە ئۇرۇنۋاتقانلار ئۈچۈن يول كۆرسىتىپسىز، رەھمەت سىزگە، قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن ،مۇشۇنداق تىمىلىرىڭىز ئۇزۇلمىسۇن
قايسىڭلاردا بوۋاقلار پىسخولوگىيەسىگە ئائىت ئۇيغۇرچە ماتىرىيال بار؟
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-5-11 05:31, Processed in 0.437520 second(s), 45 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش