كۆرۈش: 309|ئىنكاس: 4

توردا پۇل تاپقۇڭىز بارمۇ؟[ئىشەنچىلىك]

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziltar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-20 16:43  

توردا پۇل تاپقۇڭىز بارمۇ؟
كۆپلىگەن تورداشلار توردىكى ئېشىنچە ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ئازراق بولسىمۇ كىرىم قىلىشنى ئويلايدۇ، گەرچە توردىن تاپقان پۇل ئارقىلىق تۇرمۇشىنى قامداشنى ئويلىمىسىمۇ، لېكىن توردىكى ئېشىنچە ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ھېچ بولمىسا تېلېفون پۇللىرىنى بولسىمۇ تېپىشنى ئويلايدۇ، ئەلۋەتتە تورلارغا قارايدىغان بولساق ھەر خىل پۇل تېپىش ئۇچۇرلىرى بىزنى قايمۇقتۇردۇ، زىيادە ئاچكۆزلۈك ۋە ئەمەلىي بولماسلىق سەۋەبىدىن مەنپەئەت قوغلىشىپ، پۇل تېپىش ئۈچۈن باشقىلارغا ئالدىنىپ، ئىقسادى چىقىم تارتىۋالغان قېرىنداشلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس.
توردا پۇل تېپىش ئۈچۈن چوقۇم تور بېكىتىڭىز بولىشى شەرت ئەمەس، سىزنىڭ يېتەرلىك كومپىيۇتېرىڭىز ئاساسىڭىز بولسىلا توردا پۇل تېپىش پۇرسىتى ھامان بار، لېكىن شۇنى ئايدىڭلاشتۇرۋالايلىكى ھەرگىز بىرەر ئىككى سائەت مەشغۇلات قىلىپ كۈندە 300~400 يۈەن پۇل تېپىش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس بولۇپ، بۇ پەقەت تورداشلارنى قايمۇقتۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئىقسادىنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغان ئالدامچىلىق ئويۇنى خالاس، باشقىلارمۇ ساراڭ ئەمەس، سىز بىر ئىككى سائەت ئاقماس مەشغۇلاتلارنى قىلىپ قويغانغا سىزگە 300~400 يۈەن بېرىدىغان، قانچىلىك ئەجىر قىلسىڭىز شۇنچىلىك ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيسىز مانا بۇ پۇل تېپىشنىڭ ھەقىقىي قائىدىسى.
بۈگۈن تورداشلارغا تونۇشتۇرماقچى بولغان پۇل تېپىش ئۇسۇلى بولسا ھەممە تورداشلارغا ماس كېلىدۇ مەيلى سىزنىڭ تور بېتىڭىز بولسۇن بولمىسۇن، سىز پەقەت يۇمشاق دېتال قاچىلاش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بارالىسىڭزلا، پۇل تېپىش مەشغۇلاتىنى نورمال ئېلىپ بارالايسىز.
1. تور بېكەت ئىگىلىرىگە نىسبەتەن بۇ خىل پۇل تېپىش ئۇسۇلى تېخىمۇ بىخەتەر بولۇپ دەسلەپتىلا ئۇنچە ياخشى كىرىم قىلالمىسىڭىزمۇ لېكىن بۇ ئەمەلىي قىلىنغان ئىشقا ھەق ھېسابلايدىغان تۈر بولغاچقا، بەيدۇ، گوگۇل ئېلانلىرىغا ئوخشاش ھە دېسىلا توختاپ كېتىدىغان، بىرمۇنچە ۋاقىت ئىشلىگىنىڭىز بىراقلا بىكار بولىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلدىغان پۇل تېپىش ئۇسۇلىغا ئوخشىمايدۇ، سىز قانچە كۈچىسىڭىز بۇ ئۇسۇلمۇ شۇنچىلىك ئۈنۈم بېرىدىغان بولۇپ، تەجىربىڭىزنىڭ بېيىشىغا ئەگىشىپ، ئۈنىمىڭىزمۇ بارا-بارا ياخشىلىنىپ كېتىدۇ.
2.كومپىيۇتېر دۇكىنى رېمونت خادىملىرىغا نىسبەتەن سىز پەقەت كۈندىلىك مەشغۇلاتىڭىز بويىچە نورمال خىزمەت قىلسىڭىزلا بولىدىغان بولۇپ ئالاھىدە چوڭ تەلەپ يوق، بىر تەرەپتىن خىزمىتىڭىزنى قىلغان يەنە بىر تەرەپتىن، ئاز بولغاندا ئۆزىڭىزنىڭ تېلېفون پۇللىرىڭىزنى، كۈچەپ ئىشلىسىڭىز بەلگىلىك كىرىم يارىتالىغۇدەك بولالايسىز، ھەممىسى ئۆزىڭىزنىڭ تىرىشچانلىقىغا باغلىق.
3.تور بېكىتى يوق، كومپىيۇتېر دۇكىنىمۇ يوق لېكىن كومپىيۇتېردا بەلگىلىك ئاساسى بولغان دوستلارغا نىسبەتەن، خىزمەتتە، تۇرمۇشتا باشقىلارنىڭ ئىشلىتىدىغان كومپىيۇتېرىغا سېستىما قاچىلاپ بېرىش قاتارلىق مەشغۇلاتلىرىڭىز ئارقىلىق بەلگىلىك ئىقسادى كىرىم ياراتقىلى بولىدىغان تۈر.
بۇ تۈرنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، كىرىم ئەھۋالى مۇقىم بولىدۇ.(كىرىم توختاپ كېتىدىغان، تاپقان پۇللىرىڭىز توڭلاپ كېتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلمەيدۇ.) خىزمەت ۋاقتى ئۇزىرغانسىرى كىرىمىڭىزمۇ مۇناسىپ ئۆرلەپ ماڭىدۇ، ھەممىسى سىزنىڭ تىرىشچانلىقىڭىزغا باغلىق بولۇپ، شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى سىز يېتەرلىك تىرىشسىڭىزلا كۆڭلىڭىزدىكىدەك ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيسىز.
بۇ تۈرنىڭ تەپسىلاتى:
1.بەلگىلەنگەن يۇمشاق دېتاللارنى قاچىلاش ئارقىلىق كىرىم قىلىدىغان بولۇپ، 10 نەچچە خىل قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللار تەمىنلەنگەن بولۇپ، ھەرخىل يۇمشاق دېتاللارنىڭ قاچىلىنىش باھاسى ئوخشىمايدۇ، يۇمشاق دېتاللار ئۈنۈملۈك قاچىلانسىلا ھېسابىڭىز پۇل ھېسابلىندۇ ۋە كېيىنكى ئايدا ئىلتىماس قىلىپ بانكا كارتىڭىزغا چىقىرۋالالايسىز.
2.بەلگىلەنگەن تور يېتەكلىگۈچ بېكىتىنى تور كۆرگۈچلەرگە باش بەت قىلىش ئارقىلىق ھەر قېتىملىق زىيارىتى ئۈچۈن بەلگىلىك ھەق ھېسابلايدىغان بولۇپ، گەرچە يۇمشاق دېتال قاچىلاشقا ئوخشاش باھاسى يۇقىرى بولمىسىمۇ لېكىن سىز بۇ ئۇسۇلنى ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرسىڭىز كىرىمىڭىز كۆرىنەرلىك ئۆسىدىغان بولۇپ، ھەتتا كىرىم ئۈنۈمى يۇمشاق دېتال قاچىلاشتىن ئېشىپ كېتىدۇ.
قۇرۇق گەپنى توختىتىپ، بۇ تېمىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىغا كەلسەك، بۇ ئۇسۇلدا پۇل تېپىشنىڭ كونكېرت قەدەم باسقۇچلىرى تۆۋەندىكىچە:
1.  ئالدى بىلەن بۇ (蓝光联盟) تور بېكەتكە ئەزا بولىسىز. ئەزا بولۇش ئادىرىسى: http://u.languang.com?c=898367  بۇ ئادىرىستىن پايدىلىنىپ تىزىملىتىش بېتىگە كىرىمىز.(ئاستىدىكى رەسىمگە قاراڭ)



تىزىملىتىش مۇۋەپپىقىيەتلىك بولسا بەت يۈزىدە恭喜,注册成功! 立即登录 دەپ چىقىدۇ. (ئاستىدىكى رەسىمگە قاراڭ)


ئەمدى立即登录 دېگەن ئۇلانمىنى بېسىپ ئەزالىق مەركىزىگە كىرىش بېتىگە كىرىڭ، ئاندىن ئوڭ تەرەپتىكى ئەزالار كىرىش ئورنىدىن ئۇچۇرلىرىڭىزنى تولدۇرۇپ 登录 دېگەن كۆك رەڭلىك كۇنۇپىكىنى چېكىپ ئەزالىق مەركىزىڭىزگە كىرىڭ. (ئاستىدىكى رەسىمگە قاراڭ)




ئەزالىق مەركىزىگە كىرگەندىن كېيىن سىزنىڭ بارلىق ئۇچۇرلىرىڭىز چىقىدۇ، بۇ بۇ بەتتىن ئۇچۇرلىرىڭىزنى تولۇقلىيالايسىز ۋە ئۆزگەرتەلەيسىز، باشقىنى قويۇپ تۇرايلى بىز ئاۋال پۇل تېپىشنى باشلايلى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ئاۋال ئۈستىدىكى تىزىملىكتىكى 装软件 دېگەن ئۇلانمىنى چېكەيلى. (ئاستىدىكى رەسىمگە قاراڭ)




ھە ئەمدى ئىشنىڭ مۇھىم يېرىگە كەلدۇق، ھەقىچان بايقىدىڭلار، مەن يۇقىردا ئۈچ رايوننى ئۈچ خىل رەڭدىكى رامكىغا ئېلىپ قويدۇم، بۇ ھەر بىر رايوننى ئايرىم ئايرىم سۆزلەيمىز، ئەگەر بۇ ئۈچ رايوننى ئوبدان چۈشىنۋېلىپ، جانلىق ئىشلەتسەڭلار بۇنىڭدىن كېيىن تەشۋىقات خىزمىتىڭلەرگە زور قولايلىق، ۋە يۇقىرى نەتىجە ئېلىپ كېلىدۇ. (ئاستىدىكى رەسىمگە قاراڭ)





ئالدى بىلەن ئەڭ ئاستىدىن باشلايلى.
1. يېشىل رامكىغا ئېلىپ قويغان  كۇنۇپكىنى چېكىپ چۈشۈرۈش ئارقىلىق، تەشۋىق قىلىشقا بولىدىغان بارلىق يۇمشاق دېتاللارنىڭ توپلىمىنى چۈشۈرۋېلىشقا بولىدۇ.يېشىل رامكىغا ئېلىپ قويغان  كۇنۇپكىنى چېكىپ بۇ يۇمشاق دېتاللارنىڭ توپلىمىنى چۈشۈرۋالىمىز، ھەمدە قوش چېكىپ ئجرا قىلىمىز. ئىجرا قىلساق تۆۋەندىكىدەك قاچىلاش كۆرۈنمە يۈزى چىقىدۇ، بۇ كۆرۈنمە يۈزدىن  浏览 دېگەن كۇنۇپكىنى چېكىپ يۇمشاق دېتاللارنىڭ توپلىمىنى يېشىپ ساقلاش ئورنىنى كۆرسىتىپ بېرىمىز، ھەمدە 一键解压 دېگەن كۇنۇپكىنى چېكىپ يۇمشاق دېتاللارنىڭ توپلىمىنى كۆرسىتىلگەن ئورۇنغا يېشىشكە باشلايمىز. (ئاستىدىكى رەسىمگە قاراڭ)




بىز بۇ مەشغۇلاتنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىن، بىر ئاز ۋاقىتتىن كېيىن،  يۇمشاق دېتاللارنىڭ توپلىمىنى يېشپ ساقلاش تاماملىنىپ، بىز يۇمشاق دېتاللارنىڭ توپلىمىنى يېشىپ ساقلاشقا بۇيرۇق بەرگەن ئورۇندىكى يۇمشاق دېتاللارنىڭ توپلىمىنى ھۆججەت قىسقۇچى ئاپتوماتىك ئېچىلدۇ، ئىچىدە ئىككى ھۆججەت ساقلاقلىق بولۇپ، بىرسى يۇمشاق دېتاللارنىڭ توپلىمىنى قاچىلاش ئىجرا ھۆججىتى، يەنە بىرسى بولسا يۇمشاق دېتاللارتوپلىمىنىڭ ئامبار ھۆججىتى، بۇ ئىككى ھۆججەتنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىشكە قەتئىي بولمايدۇ، بولمىسا سىزنىڭ جۇغلانمىڭىزنى ھېسابلاشقا ئامالسىز قالىدۇ، شۇڭىلاشقا ھەرگىز ئۆزگەرتمەڭ. (ئاستىدىكى رەسىمگە قاراڭ)




قولايسىزلىق ھېس قىلغان بولسىڭىز خالىغان ئىسىمدا ھۆججەت قىسقۇچ قۇرۇپ مۇشۇ ئىككى ھۆججەتنى كۆچۈرۋېلىپ، بىللە بارماق دېسكىغا، ياكى ياندېسكا قاتارلىقلارغا كۆچۈرۋېلىپ، سېستىما قاچىلايدىغان ۋاقىتتا ئىجرا قىلىپلا كېرەكلىك يۇمشاق دېتاللارنى قاچىلاپ ماڭسىڭىز، سىزگە جۇغلانما ھېسابلاپ مېڭىۋېرىدۇ.
ئەمدى بۇ يۇمشاق دېتاللارتوپلىمىنى قانداق ئىشلىتىشنى كۆرەيلى، ئالدى بىلەن بۇ يۇمشاق دېتاللارنىڭ توپلىمىنى قاچىلاش ئىجرا ھۆججىتى ئىككىنى چېكىپ قوزغاتساق بىر كۆرۈنمە يۈز پەيدا بولىدۇ، ئوتتۇردىكى يۇمشاق دېتاللار قاتارىدىن ئۆزىمىز قاچىلماقچى بولغان يۇمشاق دېتالنىڭ ئۇدۇلىدىكى كىچىك رامكىغا مائۇس بىلەن بىرنى چېكىپ توغرا بەلگىسىنى قويۇپ تاللاپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئاستىقى بۇرجەكتىكى 一键安装 دېگەن كۇنۇپكىنى چېكىپ ئۆزىمىز تاللىغان يۇمشاق دېتاللارنى قاچىلاشنى باشلىساق بولىدۇ. (ئاستىدىكى رەسىمگە قاراڭ)




مانا ئىشلار مۇشۇنداق ئاددىي، سىز بۇ يۇمشاق دېتاللار توپلىمىنى بارماق دېسكىغا قاچىلۋېلىپ ، لازىم بولغاندا ئىشلىتىپ يۇمشاق دېتاللارنى قاچىلاپ داۋاملىق جۇغلانما توپلىسىڭىز بولىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىز پۇل تېپىش پىلانىمىزنىڭ 1-خىل ئۇسۇلىنى قەدەم باسقۇچلار بىلەن سۆزلەپ بولدۇق.
2.         ئەمدى سۆزلىمەكچى بولغىنىمىز كۆك رامكىغا ئېلىپ قويغان كۇنۇپكىنى چېكىپ "يۇمشال دېتال زاۋۇتى"(بۇ "يۇمشال دېتال زاۋۇتى" دېگەن قورالدىن پايدىلىنىپ يۇمشاق دېتاللارنى ئۆز ئېھتىياجىڭىز بويىچە بولاقلاپ يۇمشاق دېتال توپلىمى ياسىيالايسىز) دېگەن قورالنى چۈشۈرگەندىن كېيىنكى مەزكۇر قورالنى ئىشلىتىپ جۇغلانما توپلاش ئۇسۇلى، بۇ ئۇسۇل چەكلىمىسىز ئۇسۇل بولۇپ، سىز جانلىق ئىشلىتەلىسىڭىزلا تېخىمۇ كۆپ جۇغلانما توپلىيالايسىز.
ئالدى بىلەن كۆك رامكىغا ئېلىپ قويغان  دېگەن كۇنۇپكىنى چېكىپ "يۇمشال دېتال زاۋۇتى" دېگەن دېتالنى چۈشۈرۋالىمىز، ئاندىن ئۇنى ئىككىنى چېكىپ قاچىلاشنى باشلايمىز.(دىققەت چۈشۈرگەن ھۆججەتنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىشكە قەتئىي بولمايدۇ، بولمىسا سىزنىڭ جۇغلانمىڭىزنى ھېسابلاشقا ئامالسىز قالىدۇ، شۇڭىلاشقا ھەرگىز ئۆزگەرتمەڭ.) بۇ "يۇمشال دېتال زاۋۇتى"نى قاچىلاش ھۆججىتىنى قوش چېكىپ ئىجرا قىلساق چىققان كۆزنەكلەردىن بىز ھېچنىمىنى ئۆزگەرتمەي پەقەت  "下一步"،"我接受"،"安装"،"完成"، دېگەن كۇنۇپكىلارنى تەرتىپ بويىچە چېكىپ بەرسەكلا بولىدۇ، باشقا يەرلىرىنى ئۆزگەرتىش ھاجەتسىز. (ئاستىدىكى رەسىمگە قاراڭ)







قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن، "يۇمشال دېتال زاۋۇتى" ئۆزلىكىدىن قوزغىلدۇ، ياكى ئۈستەل يۈزىدە پەيدا بولغان   蓝光软件工厂 دېگەن ئايكوننى چېكىپ ئىجرا قىلىشقا بولىدۇ. (ئاستىدىكى رەسىمگە قاراڭ)




قېنى بۇ قورالنىڭ ئىقتىدارلىرى بىلەن تونۇشۇپ ئۆتەيلى. 蓝光装机必备 دېگەن رايوننى تاللىسىڭىز، "يۇمشال دېتال زاۋۇتى" بولاقلاپ تەييار قىلغان يۇمشاق دېتال توپلىمىنى قاچىلاش جەريانىدا بىز تاللىۋالغان شۇ يۇمشاق دېتاللار ئىچىدىن يۇمشاق دېتاللارنى تاللاپ قاچىلاش مەشغۇلاتىنى ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ، ئەگەر 蓝光封盘包دېگەن رايوننى تاللاپ قويسىڭىز "يۇمشال دېتال زاۋۇتى" بولاقلاپ تەييار قىلغان يۇمشاق دېتال توپلىمىنى ئىككىنى چېكىپ قوزغاتساق بىزدىن ھېچنىمىنى سورىماي بولاقلاپ تەييار قىلىپ قويغان يۇمشاق دېتاللارنىڭ ھەممىسىنى جىمجىت قاچىلايدۇ.( ئارلىقتا ئۇنى بۇنى چېكىپ تاللاش ھاجەتسىز، بىر تاللا يۇمشاق دېتالنى بولاقلاپ تەييار قىلماقچى بولسىڭىز 蓝光封盘包 نى تاللاپ مەشغۇلات قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن) ئاستى تەرەپتىكى 保存路径 دېگەن خەتنىڭ ئۇدۇلىدىكى 浏览 دېگەن خەتنى چېكىپ چىققان دىئالوگ رامكىسىدىن بولاقلاپ تەييار قىلغان يۇمشاق دېتال توپلىمىنى كومپىيۇتېرىمىزنىڭ ساقلىماقچى بولغان ئورنىنى تاللاپ بېرىمىز.下一步دېگەن كۇنۇپكىنى بېسىپ كېيىنكى باسقۇچ يەنى، يۇمشاق دېتاللارنى تاللاش باسقۇچىغا ئۆتۈپ كېتىمىز. (ئاستىدىكى رەسىمگە قاراڭ)




كېيىين چىققان بۇ كۆرۈنمە يۈزدىن يۇمشاق دېتاللار تىزىملىكى رايونىدىن بىز يۇمشاق دېتال توپلىمىغا قوشىۋالماقچى بولغان يۇمشاق دېتالنىڭ ئۇدۇلىدىكى كىچىك رامكىغا مائۇسنىڭ سول كۇنۇپكىسى بىلەن بىرنى چېكىپ بەلگە ئۇرۇپ تاللايمىز، ئاندىن ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئاستى بۇرجەكتىكى 下一步 دېگەن كۇنۇپكىنى چېكىپ تاللىۋالغان يۇمشاق دېتاللارنى بولاقلاپ يۇمشاق دېتاللار توپلىمى ياساشنى باشلايمىز. (ئاستىدىكى رەسىمگە قاراڭ)




كېيىنكى باسقۇچكا كىرسەك، بۇ جەرياندا بۇ "يۇمشال دېتال زاۋۇتى" تاللىۋالغان يۇمشاق دېتاللىرىمىزنى چۈشۈرۈپ بولاقلاپ يۇمشاق دېتاللار توپلىمى ياساشنى باشلىۋېتىدۇ. (ئاستىدىكى رەسىمگە قاراڭ)




"يۇمشال دېتال زاۋۇتى"نىڭ  يۇمشاق دېتال بولاقلاش خىزمىتى تاماملاندى، چىققان مەشغۇلات تاماملاش ئەسكەرتىش رامكىسىدىن 查看安装包 دېگەن خەتنى چېكىش ياكى باياتىن تاللاپ بەرگەن "يۇمشال دېتال زاۋۇتى" بولاقلاپ تەييار قىلغان يۇمشاق دېتال توپلىمىنى كومپىيۇتېرىمىزنىڭ ساقلىماقچى بولغان ئورنىنى ئاچىمىز. (ئاستىدىكى رەسىمگە قاراڭ)




بىز "يۇمشاق دېتال زاۋۇتى" بولاقلاپ تەييار قىلغان يۇمشاق دېتالنى ساقلىغان ھۆججەت قىسقۇچنى ئاچساق بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى ھۆججەت ساقلاقلىق بولۇپ، بىرسى يۇمشاق دېتاللارنىڭ قاچىلاش ئىجرا ھۆججىتى، يەنە بىرسى بولسا يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئامبار ھۆججىتى، بۇ ئىككى ھۆججەتنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىشكە قەتئىي بولمايدۇ، بولمىسا سىزنىڭ جۇغلانمىڭىزنى ھېسابلاشقا ئامالسىز قالىدۇ، شۇڭىلاشقا ھەرگىز ئۆزگەرتمەڭ.
(بىز بۇ ئىقتىداردىن پايدىلىنىپ ھەر بىر دېتالنى ئايرىم ئايرىم بولاقلاپ تەييار قىلىۋالساقمۇ بولىدۇ، بەزىدە تور بەت يۈزىدە ياكى باشقا ئەھۋاللاردا مۇشۇنداق بىردىن بىردىن بولاقلىۋالساق بىزگە زور قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ، چۈنكى بۇ "يۇمشاق دېتال زاۋۇتى" ئارقىلىق بىر ياكى بىرقانچە يۇمشاق دېتالنى بولاقلاپ تەييار قىلشىلى بولىدۇ، دەسلەپكى باسقۇچلاردا تاللىغاندا蓝光装机必备نى تاللاش بىلەن 蓝光封盘包 نى تاللاشنى ئۆزىڭىزنىڭ ئېھتىياجىڭىزغا ئاساسەن تاللىۋېلىڭ، 蓝光装机必备 دېگەن رايوننى تاللىسىڭىز، "يۇمشال دېتال زاۋۇتى" بولاقلاپ تەييار قىلغان يۇمشاق دېتاللارنى قاچىلاش جەريانىدا بىز تاللىۋالغان شۇ يۇمشاق دېتاللار ئىچىدىن يۇمشاق دېتاللارنى تاللاپ قاچىلاش مەشغۇلاتىنى ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ، ئەگەر 蓝光封盘包دېگەن رايوننى تاللاپ قويسىڭىز "يۇمشال دېتال زاۋۇتى" بولاقلاپ تەييار قىلغان يۇمشاق دېتالنى ئىككىنى چېكىپ قوزغاتساق بىزدىن ھېچنىمىنى سورىماي بولاقلاپ تەييار قىلىپ قويغان يۇمشاق دېتاللارنىڭ ھەممىسىنى جىمجىت قاچىلايدۇ. <<ئارلىقتا ئۇنى بۇنى چېكىپ تاللاش ھاجەتسىز>> بىر تاللا يۇمشاق دېتالنى بولاقلاپ تەييار قىلماقچى بولسىڭىز 蓝光封盘包 نى تاللاپ مەشغۇلات قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن) (ئاستىدىكى رەسىمگە قاراڭ)




ئەمدى بىز بۇ ئىككى ھۆججەتنى ئېلىپ يۈرۈپ باشقا كومپىيۇتېرلارغا خالىغانچە قاچىلاپ جۇغلانما توپلاشنى باشلىساق بولىدۇ.(دىققەت!!! يۇمشاق دېتاللىرىمىزنى چۈشۈرۈپ بولاقلاپ يۇمشاق دېتاللار توپلىمى ياساپ بولغاندىن كېيىن ھۆججەت ئىسمىنى ئۆزگەرتىشكە، ھۆججەت قىسقۇچ ئىچىدىكى باشقا خالىغان ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرۋېتىشكە قەتئىي بولمايدۇ، يەنە بىر قېتىم دەپ قوياي يۇمشاق دېتاللىرىمىزنى چۈشۈرۈپ بولاقلاپ يۇمشاق دېتاللار توپلىمى ياساپ بولغاندىن كېيىن ھۆججەت ئىسمىنى ئۆزگەرتىشكە، ھۆججەت قىسقۇچ ئىچىدىكى باشقا خالىغان ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرۋېتىشكە قەتئىي بولمايدۇ، بولمىسا بولاقلاپ تەييار قىلىنغان يۇمشاق دېتاللار توپلىمىنى نورمال ئىجرا قىلغىلى بولمايدۇ، سىزنىڭ تەشۋىقاتىڭىزدا سىزگە جۇغلانما ھېسابلىمايدۇ)
بەلكىم بۇنى كۆرۈپ بۇ ئىككى ھۆججەتنى كۆتۈرۈپ يۈرۈش نېمىدىگەن قولايسىزلىقتۇ دەپ ئويلىغانسىز، دېمىسىمۇ ئادەتتىكى كومپىيۇتېر خادىملىرىغىغۇ مەيلى لېكىن تور بېكەت ئىگىلىرىگە بۇنداق تەشۋىق قىلىش ئاۋارچىلىق ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇپ قېلىشى تەبىئىي، مەن تۆۋەندە ئەپچىل بىر ئۇسۇلنى سۆزلەپ ئۆتىمەن، بۇ تور بېكەت ئىگىلىرى ۋە باشقا كومپىيۇتېر خادىملىرىغىمۇ ناھايتى ماس كېلىدۇ، سىزنىڭ تەشۋىقات خىزمىتىڭىزگە زور قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ، بۇ ئۇسۇلنى قوللىنىشتا ئىشلىتىدىغان قورالنىڭ ئىسمى: WinRAR  ھەممىڭلار بىلىسىلەر بۇ بىر پىرىسلاش قورالى، بىز مانا شۇ قورالدىن پايدىلىنىپ ئۆزىمىزنىڭ بولاقلاپ تەييار قىلغان يۇمشاق دېتالىمىزنى تېخىمۇ قولايلىقلاشتۇرۋالىمىز، مەن بۇنى WinRAR پىرىسلاش قورالىنى ئىشلىتىپ سىناپ مۇۋەپپىققىيەتلىك بولدى، لېكىن باشقا خىل پىرىسلاش دېتاللىرىنىڭ بۇنداق ئىقتىدارى بارمۇ يوق مەن بۇنى سىناپ باقمىغاچقا بىر نەرسە دېيەلمەيمەن، شۇڭىلاشقا دوستلارنىڭ  WinRAR نى ئىشلىتىپ مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
قېنى بىز باياتىن "يۇمشال دېتال زاۋۇتى" بىزنىڭ بولاقلاپ تەييار قىلغان يۇمشاق دېتال ساقلانغان ھۆججەت قىسقۇچقا قايتىپ بارايلى. ئاۋال يۇمشاق دېتاللارنىڭ قاچىلاش ئىجرا ھۆججىتىنىڭ ئىسمىنى كۆچىرۋالىمىز. (ئاستىدىكى رەسىمگە قاراڭ)




ئاندىن بۇ ئىككى ھۆججەت(يەنى بىرسى يۇمشاق دېتاللارنىڭ قاچىلاش ئىجرا ھۆججىتى، يەنە بىرسى بولسا يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئامبار ھۆججىتى) تاللاپ مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چېكىمىز.ۋە تىزىملىكتىكى WinRAR يۇمشاق دېتالىنىڭ بۇيرۇقلىرىدىن 添加到压缩文件 دېگەن بۇيرۇقىنى چېكىمىز. (ئاستىدىكى رەسىمگە قاراڭ)




ئاندىن چىققان كۆزنەكتىن  创建自解压格式压缩文件 نىڭ ئالدىدىكى كىچىك كاتەكچىگە مائۇس بىلەن بىرنى چېكىپ تاللايمىز، دىققەت قىلساق بىز پىرىسلىماقچى بولغان بۇ پىرىس  ھۆججەتنىڭ كېڭەيتىلگەن نامىنىڭ EXE غا ئۆزگەرگەنلىكىنى كۆرەلەيمىز، بۇ بۇنداق پىرىس ھۆججىتىنى يېشىشتە يېشىشتە كومپىيۇتېرغا WinRAR  دېتالى قاچىلانمىسىمۇ، بۇ پىرىسلانغان يۇمشاق دېتالنى قوش چېكىپلا قوزغىتىپ ئۆزلىكىدىن يېشىپ ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىقدىن دېرەك بېرىدۇ. (ئاستىدىكى رەسىمگە قاراڭ)





تاللايدىغان تۈرنى تاللاپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن بىز ئۈستىدىكى تىزىملىكلەردىن 高级 دېگەن تىزىملىكنى چېكىمىز. (ئاستىدىكى رەسىمگە قاراڭ)




بۇ تىزىملىكنى چەكسە كۆرۈنمە يۈزدە باشقا بىر تاللاشلار چىقىدۇ بىز بۇ يەردىن 自解压选项  دېگەن كۇنۇپكىنى چېكىمىز. (ئاستىدىكى رەسىمگە قاراڭ)




ئۇ كۇنۇپكىنى چەكسەك يېڭىدىن بىر كۆزنەك ئېچىلدۇ، بىز بۇ كۆزنەكنىڭ ئۈستىدىكى تىزىملىكتىن 设置 دېگەن تىزىملىكنى چېكىمىز(ئاستىدىكى رەسىمگە قاراڭ)




ئاندىن چىققان كۆرۈنمە يۈزدىن 提取运行后 دېگەن دېئالوگ رامكىسىغا باياتىن بىز كۆچۈرۋالغان يۇمشاق دېتاللارنىڭ قاچىلاش ئىجرا ھۆججىتىنىڭ ئىسمىنى چاپلايمىز. ئاندىن ئۈستىدىكى تىزىملىكلەردىن 更新 دېگەن تىزىملىكنى تاللايمىز. (ئاستىدىكى رەسىمگە قاراڭ)




چىققان كۆرۈنمە يۈزدىن 更新模式  نىڭ ئاستىدىكى 解压并替换文件  نى تاللايمىز، 覆盖模式 نىڭ ئاستىدىكى 覆盖所有文件 نى تاللايمىز ئاندىن 确定 كۇنۇپكىسىنى چېكىمىز. (ئاستىدىكى رەسىمگە قاراڭ)




بارلىق تاللاشنى تاللاپ، تەڭشەكلىرىنى تەڭشەپ بولدۇق، ئەمدى رەسمى پىرىسلاشنى باشلىساق بولىدۇ، ئەمدىكى كۆرۈنمە يۈزدىن   دېگەن كۇنۇپكىنى چەكسەك پىرىسلاش باشلىنىپ كېتىدۇ. (ئاستىدىكى رەسىمگە قاراڭ)




مانا پىرىسلاش باشلىنىپ كەتتى.(پىرىسلىماقچى بولغان ھۆججىتىمىزنىڭ چوڭ كىچىكلىكى ۋە كومپىيۇتېرىمىزنىڭ سەپلىمىسى پىرىسلاش ۋاقتىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ئادەتتە ئۇزۇن ۋاقىت كەتمەيدۇ 10 سىكونت ئەتىراپىدىلا پىرىسلاپ بولىدۇ.) (ئاستىدىكى رەسىمگە قاراڭ)



پىرىسلىنىپ بولغاندىن كېيىن قارايدىغان بولساق، مەزكۇر مۇندەرىجىدە كېڭەيتىلگەن نامى EXE بولغان بىر ھۆججەتنى كۆرىمىز، مانا بۇ بىز باياتىن قولايلىقلاشتۇرۇپ چىققان قاچىلاش ھۆججىتى. (ئاستىدىكى رەسىمگە قاراڭ)




ئەمدى بۇ قاچىلاش ھۆججىتىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈش قولايلىق بولغاندىن باشقا ئىسمىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىۋالسىڭىز بولىدۇ، بۇ ئۇسۇلدا پىرىسلانغان قاچىلاش ھۆججىتىنىڭ ئىسمىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىۋەتسىڭىزمۇ جۇغلانما توپلىشىڭىزغا ھېچقانداق تەسىرى بولمايدۇ. مانا بۇ ئۇسۇل سىزنىڭ جۇغلانما توپلىشىڭىزغا زور قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.

3.ئەمدى قىزىل رامكىغا ئېلىپ قويغان كۇنۇپكىلار ئۇلىنىدىغان مەنزىل بىنورمال بولغانلىقتىن، بۇ ھەقتە كېيىنچە ئايرىم توختىلىمىز.
4.باش بەت بېكىتىش ئارقىلىق جۇغلانما توپلاش يولى، سىز بۇ ئىتتىپاققا تىزىملاتقاندا سىزگە تەشۋىق قىلىدىغان ئادىرىس ئاپتوماتىك بۆلۈپ بېرىلگەن بولىدۇ، بۇ ئادىرىسلار ئىككى بولۇپ بىرسى hao123 نىڭ زىيارەت يېتەكچىسى يەنى ئۇلىنىش بېتىدەك بىر بەتنىڭ زىيارەت ئادىرىسى، يەنە بىرسىمۇ 360 نىڭ زىيارەت يېتەكچىسى يەنى ئۇلىنىش بېتىدەك بىر بەتنىڭ زىيارەت ئادىرىسى، بۇ ئادىرىسىنى تور كۆرگۈچكە باش بەتلەپ تەڭشەپ قويسىڭىز كۈندە ھەر بىر قېتىم تور كۆرگۈچ قوزغىتىلىپ ئىككى بەتتىن بىرسى زىيارەت قىلىنسا 50~70 كىچە جۇغلانما سىزنىڭ ھېساباتىڭىزغا توپلىنىپ ماڭىدۇ، گەرچە بۇ قارىماققا يۇمشاق دېتال قاچىلاشقا قارىغاندا كۆپ ئازدەك بىلىنگىنى بىلەن لېكىن سىز باش بەتلەپ ماڭغان كومپىيۇتېرلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئارتىپ بۇ باش بەتلەش ئارقىلىق جۇغلانما توپلاشنىڭ، ئۇزۇن مۇددەتلىك كۈنسىرى ياخشى بولۇپ كېتىدىغان بىر ياخشى يول ئىكەنلىكىنى بايقايسىز.مەسىلەن سىز كۈندە 2 كومپىيۇتېرغا باش بەتلەش ئېلىپ بارالىسىڭىز بىر ئايدا 60 كومپىيۇتېرغا، ئۈچ ئايدا 180 كومپىيۇتېرغا باش بەتلەش ئېلىپ بارالايسىز.(بۇ نەزەرىيۋى ھېسابلاش بولۇپ سىزگە تەقلىدىي ھېساب چىقىرىپ بېرىش ئۈچۈن كۆرسىتىلدى، ئەمەلىي سان سىزنىڭ كۈندىلىك خىزمەت مىقدارىڭىزغا باغلىق) ھېسابلاپ كۆرسەك 180*60=12800 مۇشۇنداق بولغاندا سىز باش بەتلەشكىلا تايىنىپ بىر كۈندىلا 12800 جۇغلانما توپلىيالايسىز دېگەن گەپ، شۇڭا بۇ تۈرگە قەتئىي سەل قارىماسلىق كېرەك.
بەلكىم ئويلىغانسىلەر قانداق قىلغاندا باش بەتلەش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ دەپ، شۇنى سىلەرگە خوشاللىق بىلەن ئېيتماقچىمەنكى، سىز ئۆزىڭىزنىڭ نامىدىكى ھەر قانداق بىر يۇمشاق دېتالنى(مەيلى يۇمشاق دېتال توپلىمىدىن قاچىلغان بولۇڭ، ۋە ياكى "يۇمشاق دېتال زاۋۇتى" دا بولاقلىغان يۇمشاق دېتاللىرىڭىز بولسۇن) كومپىيۇتېرغا قاچىلغان ھامان سىزنىڭ نامىڭىزدىكى باشبەت ئادىرىسى شۇ كومپىيۇتېردىكى تور كۆرگۈچلەرگە باش بەتلىنىپ قۇلۇپلىنىپ ماڭىدۇ، سىزنىڭ بۇ جەھەتتە ئالاھىدە باشقا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشىڭىز ھاجەتسىز.

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
1. 1000جۇغلانما نومۇر 1 يۈەنگە ئالماشتۇرۇپ ھېسابلىندۇ.
2. يۇمشاق دېتاللارنىڭ ھەر بىر قېتىم قاچىلانغاندا قويۇلدىغان تەلەپ ۋە ئېرىشىدىغان جۇغلانما ئوخشىمايدىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ تەپسىلاتىنى ئۆزىڭىزنىڭ ئەزالىق مەركىزىدىن كۆرىۋالسىڭىز بولىدۇ.
3. بۇ ئىتتىپاقنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى مەيلى ئىدارە ئورگاننىڭ قىسمى تور بولسۇن، ياكى تورخانا بولسۇن IP ھېسابلايمىز دەپ سىزنىڭ كىرىمىڭىزگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، پەقەت قاتتىق دېسكىنىڭ ID سىنىلا خاتىرلەپ ماڭىدىغان بولۇپ ئىدارە ئورگاندا قىسمى تور باشقۇردىغانلار ياكى تورخانا ئاچىدىغانلارمۇ خاتىىرجەم تەشۋىق قىلسا بولىدۇ.
بۇ ئىتتىپاققا ئەزا بولۇپ چۈشىنەلمىگەن يەر بولسا تېلېفون قىلىپ ياكى QQ توپىمىزغا كىرىپ مەسلىھەت سورىساڭلار بولىدۇ، QQ توپ نومىرىمىز : 470879108 (دىققەت!!! توپ ئەزالىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن غەيرى ئىسىمدا، دۆلىتىمىز چەكلىگەن يېزىق بەلگىلەرنى باش سۈرەت ياكى تور ئىسمى قىلىۋالغانلارنىڭ كىرىشى بىردەك چەكلىندۇ، ۋە توپتا مۇشۇ تېخنىكىغا مۇناسىۋەتسىز پاراڭلارنىڭ بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.)، بۇ توپقا قوشۇلماقچى بولغانلار، ئاۋال بۇ ئىتتىپاققا ئەزا بولۇپ ئاندىن قوشۇلۇش ئىلتىماس كۆزنىكىگە، تىزىملاتقاندا ئىشلەتكەن تېلېفون نومىرىڭىزنى تولدۇرۇڭ، سىزنىڭ بۇ ئىتتىپاققا تىزىملاتقىنىڭىز راست بولسىلا توپقا قوشۇلۇپ بۇ ئىتتىپاق توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.

QQ توپىمىزغا تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننىرلاپ كىرسىڭىزمۇ بولىدۇ


تېىخنىكىلىق مەسلىھەت سوراش تېلېفون نومىرى :18963888544


ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-20 16:15:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بىر مەكتەپ كومپىيۇتېرخانىسى باشقۇرۇۋاتقان خادىم بولۇش سالاھىيىتىم بىلەن ئۆزۈم سىناپ باقتىم مەن سىناۋاتقىلى بىر يىل بولۇپ قاپتۇ ھەر ئايدا دەسلەپتە 50`60 يۈەن كىرگەن بولسا ھازىر 100 يۈەن ئەتراپىدا ھېساباتىمغا كىرىپ قالىدۇ ۋە ياكى تېلېفونىمغا قاچىلۋالىمەن، مېنىڭ مەكتەپتىن باشقا سىنايدىغان سورۇنۇم بولمىغاچقا ئۇنچە زور كىرىم قىلالمىدىم، شارائىتى بار تورداشلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ كىرىم قىلالائىشىغا ئىشىنىمەن سىناقتىن ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن تەۋسىيە قىلىۋاتىمەن
مەن بىر يىلدىن ياقى ئانچە-مۇنچە نەپ ئېلىپ كېلىۋاتقاچقا بۇ تېمىنى تەتىلدە بىكار بولغاچقا يوللاپ قويدۇم.
ئەگەر يالغانچىلىق بولۇپ قالسا شۇ ۋاقىتتا ماڭا تېلېفون قىلىپ تىللىۋالساڭلارمۇ كېچىكمەيسىلە، مەن قالدۇرغان خەنزۇچە ئادرېسقا كىرىپ بېقىڭلار، ئۇ يەردىن مەن تەييەرلىغان بەزى ئەپچىل چارىلەرنى تاپالمايسىلە، بەزىلىرى مەن ئۆز ئەمەلىيىمدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشاي دەپ قالدۇرغان ئۇسۇللار.
مېنىڭ سىناق قىلغىنىم مۇشۇ بىرلا بېكەت ئەمەس مەن بىرنەچچە بېكەتتىن پۇل ئېلىپ باقتىم، پەقەت مۇشۇ بېكەتنىڭلار كىرىم ئۈنۈم ئەھۋالى باشقىلارنىڭكىدىن ياخشى بولغاچقا تەۋسىيە قىلدىم.
ۋاقتى: 2016-1-21 18:36:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باش بەت بېكىتىشىنى قانداق بېكىتىدۇ،تەقسىملەپ بېرىلگەن ئادىرىسىنى قانداق تاپىمىز ؟ئارقىسىنىمۇ تەپسىلى چۈشەندۈرگەن بولسىڭىز تېخمۇ ياخشى بولاتتىكەن
ۋاقتى: 2016-1-21 18:40:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كومپيۇتىر تورغا ئۇلاقىسىز ھالەتتمۇ جۇغلانما ھىساپلاپ ماڭامدۇ؟
ۋاقتى: 2016-2-8 02:42:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ دىتاللارنى تور بار كومپىيوتىردىلا قاچىلاشقا بۇلامدۇ
بىر كومپىيوتىرغا بىر قېتىملا قاچىلاپ جۇغلانمىغا ئىرىشكىلى بۇلامدۇ، ياكى ھەر قېتىم قاچىلىغاندا جۇغلانما ھىساپلاپ ماڭامدۇ..
مەسىلەن كومپىيوتىرنىڭ سىستىمىسىنى يىڭىلاش، ياكى دىتالنى ئۈچۈرۈپ قايتا قاچىلاش ئارقىلىقمۇ جۇغلانمىغا ئىرىشكىلى بۇلامدۇ..
تور بەت كۆرگۈچنى ھەر قېتىم ئاچقاندا جۇغلانما ھىساپلامدۇ ياكى بىر كۈندە بىر قېتىم ھىساپلامدۇ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش