كۆرۈش: 228|ئىنكاس: 6

ئاۋازلىق كىرگۈزگۈچ(كومپىيۇتېر نۇسخىسى)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئالدىنقى كۈنلەردە تورداشلار دۆلەتلىك تەرجىمە ئىدارىسى تارقاتقان ئاۋازلىق كىرگۈزگۈچنىڭ يانفون نۇسخىسىنى ئىشلىتىپ باقتى، مەنمۇ ئىشلىتىپ بېقىپ ناھايىتى خوش بولۇپ، ئورگان تورىغا كىرسەم كومپىيۇتېر نۇسخىسىمۇ تەمىنلىنىپتۇ، چۈشۈرۈپ قاچىلاپ سىناپ باقتىم، ئۈنۈمى ماڭا ھەقىقەتەن يارىدى، ئەگەر نورمال سۈرئەتتە ئۆلچەملىك تەلەپپۇز قىلىپ بېرەلىسىڭىزلا توغرىلىق نىسبىتى 95% ئەتىراپىدىكەن، ئىشقىلىپ مەن بەك رازى بولدۇم، قېنى مەن تۆۋەندە دۆلەتلىك تەرجىمە ئىدارىسى تەمىنلىگەن قاچىلاش ۋە ئىشلىتىش دەرسلىكىنى ئۇيغۇرچە قىلىپ بېرەي، تورداشلار ئىشلىتىپ كۆرۈڭلار.بۇ كىرگۈزگۈچنى چۈشۈرۈش ئادىرىسى: بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈڭ

چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن قاچىلاشنى باشلايمىز.

ئەسكەرتىش :




كومپىيۇتېرىڭىزدا 360 قاتارلىق ۋىرۇسخور بولسا بۇ كىرگۈزگۈچنى نورمال قاچىلاش ئۈچۈن، ۋىرۇسخورلارنى ۋاقتىنچە ئېتىۋېتىڭ، چۈنكى بۇ دېتال تىزىملىتىش جەدىۋىلىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزدىغانلىقى ئۈچۈن، ۋىرۇسخورلار مەشغۇلاتىڭىزنى چەكلەپ قويىشى مۇمكىن.



ئىشلىتىۋاتقان مەشغۇلات سېستىمىڭىز windows 7 , 8 , 10  بولۇپ قالسا قاچىلاش ھۆججىتىنى "以管理员身份运行"  ئۇسۇلى ئارقىلىق قاچىلاڭ، يەنى قاچىلاش ھۆججىتىنىڭ ئۈستىگە مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چېكىپ چىققان تېزىملىكتىن "以管理员身份运行" نى چېكىپ قاچىلاش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىڭ.


كىرگۈزگۈچنى مۇۋەپپىقىيەتلىك قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن، C دېسكىغا  قاراپ بېقىڭ "翻译局维文语音输入法" نامدىكى ھۆججەت قىسقۇچ قۇرۇلغان بولسا، قاچىلاش مەشغۇلاتىڭىزدا خاتالىق كۆرۈلسە ئىچىدىكى "log.txt" نى heyanlong@vip.sina.com غا ئەۋەتىپ بەرسىڭىز بولىدىكەن، ئاندىن كومپىيۇتېرنى قايتا قوزغىتىڭ.


كومپىيۇتېر قوزغالغاندىن كېيىن ئەگر كومپىيۇتېرىڭىزنىڭ سېستىمىسى Windows XP بولسا ئاستىدىكى كىرگۈزگۈچ تاللايدىغان يەردىن



"阿拉伯语(沙特阿拉伯)" نى چېكىمىز.
دىققەت، دىققەت، دىققەت ئەگەر ئىشلىتىۋاتقان مەشغۇلات سېستىمىڭىز windows 7 , 8 , 10  بولۇپ قالسا "CH 中文(简体,中国)" نى تاللايسىز


ئاندىن يېنىكى كىرگۈزگۈچنى تاللايدىغان يېرىدىن



"翻译句维文语音输入法" دېگەن كىرگۈزگۈچنى تاللاڭ، تاللىغاندىن كېيىن، كىرگۈزگۈچ ۋەزىپە سىتونى يەنى كىرگۈزگۈچ تاللايدىغان يەردە تۆۋەندىكىدەك كۆرۈنۈش پەيدا بولىدۇ


مانا بۇ تىزىملىكتىن قىزىل رامكىغا ئېلىپ قويغان مىكروفوننىڭ بەلگىسىنى چەكسەك ئېكرانىمىزدا تۆۋەندىكىدەك كۆرۈنۈش پەيدا بولىدۇ



مانا بۇ كۆرۈنۈشتىن مىكروفوننىڭ بەلگىسىنى چېكىپ، مىكروفونغا ئۇيغۇرچە سۆزلەشنى باشلىسىڭىز بولىدۇ، مۇنبەرگە يوللىماقچى بولغان ئۇزۇن ئۇزۇن تېمىلىرىڭىزنى مۇشۇنداق ئاساننلا يوللىۋېلىڭ.


دىققەت قىلىدىغان ئىشلار خەت كىرگۈزگەندە مائۇسنىڭ نۇر بەلگىسىنى، خەت كىرگۈزمەكچى بولغان ئورۇنغا توغىرلاپ ئاندىن كىرگۈزۈشنى باشلاڭ.

باشقا مىكروفوننى تەڭشەش چېتىش قاتارلىق ئىشلارنى سۆزلىمىسەممۇ بولىدۇ، ئەمىسە بەھوزۇر ئىشلەتكەيسىلەر.


چۈشۈرۈپ ئىشلىتەلىگەن تورداشلارنىڭ ئىنكاس قالدۇرۇپ ئورتاقلىشىشىنى سورايمەن

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1قىزغىنلىق +2تىللا +2تۆھپە +5شۆھرەت +2يىغىشسەۋەبى
سۈزۈك + 2 + 2 + 5 + 2بارىكاللا تېرىشىڭ!

باھا خاتىرىسى


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2016-2-23 17:48:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن چۈشۈرۈپ قاچلىسام نورمال قاچلاندى، بىراق كومپىيۇتىر يۈزىدە يۇمشاق دىتالنى ئىجرا قىلىش بۇيرۇقى كۆرۈلمىدى.   باشلاش تىزىملىكتىنمۇ تاپالمىدىم ...  كۆرسەتمە بەرسىڭىز بوپتىكەن.
ۋاقتى: 2016-2-25 22:28:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى قورالدەك قىلىدۇ ، مەنمۇ چۇشۇرۇپ ئىشلىتىپ باقاي
ۋاقتى: 2016-2-25 23:56:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن چۇشۇرۇپ ئىشلىتىپ سىناپ كۆردۇم ، تەڭشەكنى ياخشى تەڭشىيەلمىدىممۇ ياكى مىنىڭ تەلەپپۇزۇم ناچارمۇ بىلمىدىم ، سۇرئەت ۋە توغىرلىق دەرىجىسى بەكلا تۆۋەن بۇلۇپ قالدى . بىراق تىما ئىگىسىگە يەنىلا كۆپ تەشەككۇر . مۇشۇنداق پەن-تېخنىكا يېڭىلىقلىرىنى كۆپىرەك تۇنۇشتۇرۇپ تۇرغايسىز .
ۋاقتى: 2016-2-26 00:12:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ھازىر قاچىلاپ سىناپ باقتىم ، قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن ،C دېسكىغا  قاراپ بېقىڭ "翻译局维文语音输入法" نامدىكى ھۆججەت قىسقۇچ قۇرۇلغان بولسا، ئىچىدىكى "log.txt" نى ئىلىكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسى قىلىپ heyanlong@vip.sina.com غا ئەۋەتىپ بەرسىڭىز بولىدىكەن، ئاندىن كومپىيۇتېرنى قايتا قوزغىتىڭ. ۋورد ھۆجىتىنى ئېچىپ ئاندىن يىزىق تاللاش رايۇنىدىن  "CH 中文(简体,中国)" نى تاللايسىز. قالغىنى ئەسلى يازمىدا رەسىملىك كۆرسىتىلگەنگە ئوخشايدىكەن ، ئۇستەليۇزىدە ياكى تىزىملىكتە تىز قوزغىلىش ھالىتى كۇرۇنمەيدىكەن .
ۋاقتى: 2016-2-26 00:19:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئىشلىتىپ  سىناپباقتىم ، ياخشى تەڭشىيەلمىدىممۇ ياكى تەلەپپۇزۇم ناچارمۇ ، سۇرئەت ۋە توغىرلىق نىسبىتى بەكلا تۆۋەن . مەن يەنىلا تىمايوللىغۇچى ۋە مۇشۇ سېستىمىنى روياپقا چىقارغۇچى قېرىنداشلىرىمغا ئالى ئېھتىرام بىلدۇرىمەن . ئەجىرىڭلارغا كۆپ رەخمەت . بىزنىڭ تىلىمىزنىمۇ ماشىنا تۇنۇيدىغان كۇنلەر ئاخىرى كەپتۇ  
ۋاقتى: 2016-2-26 00:19:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئىشلىتىپ  سىناپباقتىم ، ياخشى تەڭشىيەلمىدىممۇ ياكى تەلەپپۇزۇم ناچارمۇ ، سۇرئەت ۋە توغىرلىق نىسبىتى بەكلا تۆۋەن . مەن يەنىلا تىمايوللىغۇچى ۋە مۇشۇ سېستىمىنى روياپقا چىقارغۇچى قېرىنداشلىرىمغا ئالى ئېھتىرام بىلدۇرىمەن . ئەجىرىڭلارغا كۆپ رەخمەت . بىزنىڭ تىلىمىزنىمۇ ماشىنا تۇنۇيدىغان كۇنلەر ئاخىرى كەپتۇ  
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش