كۆرۈش: 325|ئىنكاس: 2

يەنە شۇنداق دەمسىز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
<<يەنە شۇ گەپنى قىلامسىز>>
مەن ئوقۇتقۇچىلىقتىن ئىبارەت بۇ شەرەپلىك خىزمەتكە قەدەم قويغىنى مانا ھەش –پەش دىگىچىلىك 20يىل بوپ قاپتۇ. مەن بۇ 20 يىل جەريانىدا ئۇزلۇكسىز سىنىپ مەسئۇللۇق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەپتىمەن.لىكىن بالىلارنىڭ كەپسىزلىكىدىن ئاغرىغان بولساممۇ لىكىن يۇرىكىمدىن چىقىرىپ ۋايساپ باقمىغان ئىدىم .ھەتتا بالىسى مەكتەپكە  كەلمىگەن ئاتا –ئانىغا بالىڭىز بۇگۇن مەكتەپكە كەلمىدى ،ئۆيدە بىرەر ئىش بولىغاندۇ  دەپ خەۋەر قىلغان ۋاقتىمدا ،شۇ ئاتا-ئانىلار بالام مەكتەپكە كەتكەن يوق بولسا سىز تىپىپ بىرىسىز دەپ ئىششىغان ۋاقىتلاردا شۇ بالىلارنى ساي بويىدا ئويناۋاتقان يىرىدىن ،كەشىمنىڭ يىرتىلىپ كەتكىنىگە قارىماي تىپىپ كىلىپ ئاتا –ئانىسىنىڭ  قولىغا تاپشۇرغان ۋاقتىمدىمۇ،ۋايساپ باقمىغان ئىدىم .ھەم ۋايساش خىيا لىممۇ  يوق.لىكىن ماڭا ئوخشاش مائارىپ سىپىدە ھارماي –تالماي ياش ئەۋلاتلارنىڭ كەلگۇسى ئۇچۇن تەر تۆكۇۋاتقان جاپاكەش باغۋەنلەرگە رەھمەت ئىيتىش بىلەن بىرگە سەل ئاغرىنىپ قالدىم.
<<كۆزنەك سىنىپ>>ئايرىش قىزغىنلىقىنىڭ يۇقىرى كۆتىرىلىشى بىلەن مۇئامىلىدە پەرقلەر نىڭ شەكىللىنىشى مىنى ئويلاندۇرۇپ قويدى.ئالايلۇق <<كۆزنەك سىنىپ>>ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى خىللاشتىن تارتىپ ئەڭ ئاخىرى تازىلىق رايۇنىنى بۆلۇپ بىرىشكىچە ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە قىلىش.
باشقا  ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالى بىلەن تازا يىقىنلاشماسلىق ئەھۋاللىرى دىگەندەك ئىشلار .
<<بۇ سىنىپقا دەرس بەرگەنلىكىمدىن خىورلۇق ھىس قىلىمەن>>مانا بۇ مەن دەۋاتقان ئاتالمىش <<كۆزنەك سىنىپ ئەمەس>>ئادەتتىكى بىر سىنىپ  ئوقۇغۇچىللىرىغا دەر س بىرىۋاتقان جاپاكەش باغۋەننىڭ ئىغىزىدىن چىققان سۆزدۇر.
سىز بىر بالا تەربىيلىگۇچى بولۇش سۇپىتىڭىز بىلەن ئويلىنىپ بىقىڭ  ،سىزنىڭ  ئەشۇ  خورلۇق ھس قىلىشقا سەۋەپ بولغان ئىش نىمە ؟بالىلارنىڭ ئىتىزامسىزلىق قىلىشىمۇ؟دەرس ئۇگەنمەي كىلىشىمۇ ؟ياكى باشقا سەۋەپلەر بارمۇ؟ ياكى كۆزنەك سىنىپقا تاللىنالماي شاللىنىپ ئادەتتىكى سىنىپقا تەقسىم بوپ قىلىشىمۇ؟ زادى نىمە ئۇچۇن ھە؟ چالا ساۋات ،ساۋاتسىزلار بار ئىكەن دەمسىز  ؟سىز نىمە قىلىشىڭىز كىرەكلىكىنى، ئەشۇ ئىنتىزامسىزلىقىتىن ،دەرس ئۇگەنمەسلىكتىن ،ساۋاتسىز چالا ساۋاتلىقدىن ھىس قىلمىدىڭىزمۇ؟
مۇشۇ خىياللارنى قىلىۋاتقان ۋاقتتا يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ <<بالىلارنى قانداق چۇشىنىش كىرەك>>دىگەن لىكسىيەسىدە تىلغا ئىلىنغان <<نەم ئەت توپىنى لاي قىلماق ئاسان ،چالما كىسەكلەر ئارىلاشقان توپىنى لاي قىلماق تەس>>دىگەن بايانلىرى ئختىيارسىز قۇلاق تۇۋىمدە ياڭرىدى.
راسىت سىز  لاي ئىتىپ باققان بولسىڭىزلا بىلىسىز ،نەمخۇش ،ئەت توپىغا ئازراق سۇ قۇيۇپ ئارىلاشتۇرسىڭىزلا لايغا ئايلىنىدۇ، چالما –كىسەكلەر ئارىلاشقان توپىنى بولسا ئۇنداق ئاسان لايغا ئايلاندۇرالمايسىز ،ئەلۋەتتە. بەلكىم سۇنى قۇيۇپ  چالما –كىسەكلەر نەم تارتىپ ئىزىلگىچە ساقلىشىڭىزغا ياكى كەتمەننىڭ چۇلدىسى بىلەن نەچچە قىتىملاپ چوقۇپ كۇچ سەرىپ قىلىشىڭزغا توغرا كىلىدۇ.ۋاقىت جەھەتتىن ۋە كۇچ جەھەتتىن بولسۇن ئالدىنقىسىغا قارىغاندا كۆپرەك كۇچ ۋە ۋاقىت كىتىدۇ.
خوش ئەمدى يەنە شۇ  سىز  دەرسكە كىرسىڭىز <<خورلۇق ھىس قىلىدىغان>>ئەشۇ سىنىپنىڭ سىنىپ مەسئۇلى بولۇش سۇپىتىم بىلەن شۇنى ئەسكەرتىپ قويماقچىمەن.
سىز ئاۋال ئەشۇ سىز <<خورلۇق >،ھىس قىلغان سۇيۇملۇك پەرزەنتلەر بولمىسا ،كىمنى تەربىيەلەش ئۇچۇن سىنىپقا كىرەتتىڭىز .پارتىيە ھۆكىمىتىمىز نىمە قىلغان ئىشىڭىز ئۇچۇن ھەق برىپ باقاتتى.
سىزنىڭ تەربىيەچىلىك رولىڭز نەدە قالدى.ئەشۇ كەپسىز ،قىنىغا پاتمايدىغان سۇيۇملۇكلەرنىڭ كۆزلىرىدىن بالقىپ تۇرغان كەلگۇسىنى كۆرۇش سىزنىڭمۇ مەسئۇلىيىتىڭزغۇ؟ سىزمۇ بەلكىم ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىڭزدا ئوقۇتقۇچىللىرىڭىز سىزنى كەلگۇسىدە ياراملىق ئادەم بولسۇن دەپ قان –تەرلىرىنى تۆكۇپ تەربىيلىگەن بولغىيتتى ياكى سىز مۇشۇنداقلا سۆلەت بىلەن ئاسماندىن چۇشۇپ قالغانمىدىڭىز؟پەقەت سىنىپ مەسئۇلى بولغان ئادەملا سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنى يىتەكلەپ كىتەلىشى ناتايىن ،ھەممە پەنلەرنى سىنىپ مۇدىرىلا ئۆتمەيدۇ –دە.سىز دەرسكە كىرگەن شۇ بىر سائەتلىك دەرس سىزنىڭ شۇ سۇيۇملۇك پەرزەنتلەر ئۇچۇن خىزمەت قىلىدىغان،تەربىيەلەيدىغان ۋاقتىڭىز ،شۇڭا سىزنىڭ ئۆز بۇرچىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىڭىزنى،كىملىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىڭىزنى،كىرەكلىك تاشلارنىڭ قىممىتىڭ ئالتۇندىن ئىشىپ  كىتىدىغانلقىنى چۇشىنىشىڭىزنى ،ئىددىيىڭىزنى توغرىلاپ ئەشۇ كەلگۇسىمىزنىڭ ئىگىللىرىنى تەربىيلەش يولىدا دادىل قەدەم تاشلىشىڭىزنى ئۇمۇد قىلىمەن.
ئاز بولسىمۇ ھوسۇل ئىلىش ،قۇرۇق گەپ سىتىپ ھوسۇل ئالمىغاندىن مىڭ مەرتىۋە ئەلا.شۇ ئوماق سۇيۇملۇك پەرزەنتلىرىمىز بىزنىڭ بىپەرۋالىقىمىز سەۋەبىدىن تەربىيسىز قالمىسۇن ،ئىلىمسىز قالمىسۇن ،جەمىئىيەت ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتقان بۇگۇنكىدەك دەۋىردە ساپاسىز،ساۋاتسىز ئەۋلاتلار چىقىپ قالمىسۇن .دۆلىتىمىز ئۇچۇن كىرەكلىك بولغان ياراملىق پۇقرالارنى يەربىيلەش بىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مۇقەددەس بۇرچىمىز.كەلگۇسىدىكى داڭلىق كارخانىچىللىرىمىز ،داڭلىق لايىھەلىگۇچىلەر ،جەمىئيەت تەرەققىياتى ئۇچۇن ساخاۋەت قوللىرىنى سۇنىدىغان بايلارنىڭ ئەشۇ كەپسىز ،تىنىم تاپمايدىغان سۇيۇملۇك پەرزەنتلەر ئارىسىدىن چىقىدىغانلىقغا ئىشىنىڭ ،ئەشۇ ۋاقىتتا ،ئەشۇ كىشىلەرنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى بىز تەر تۆكۇپ تەربىيلىگەن سۇيۇملۇك ئوقۇغۇچىللىرىمىز دىن پەخىرلىنىشمىز مۇمكىن ،كەلگۇسىدە ئۇلاردىن پەخىرلىنىش ئۇچۇن ،ھازىر ۋايسىمايلى.ئەشۇ سۇيۇملۇك كەپسىزلەرنىڭ كەلگۇسى ئۇچۇن ،بۇرچىمىزنى ئۇنتۇپ قالماي تىرىشايلى.ئالغا!

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2016-1-13 20:48:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا ئېيتىسىز ، بالىلارغا مەسئۇل بۇلىشىمىز كىرەك   تىمىڭىزغا ئاپىرىن
ۋاقتى: 2016-1-14 15:31:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تولىمۇ ئورۇنلۇق جايىدا گەپ بولۇپتۇ ... چوقۇم ئوقۇتقۇچى ئۆزىدە ھازىرلاشقا تىگىشلىك ياخشى ئەخلاق- پەزىلەتنى يېتىلدۈرۈش كېرەك ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش