كۆرۈش: 155|ئىنكاس: 0

شەيتان خىيال

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

                  شەيتان خىياللار




چىغىر يول .
ياق بۇ بىر داغدام يول
ئۇچراتتىم سىنى
ياق
ئۇچراشتۇق ئىككىمىز
كەڭرى رەستىدە.
شۇ دەقىقە ئۇنتۇلدى
ئۆي،ئۇنتۇلدى ھەممە
جىلۋە قىلغاچ تەبەسسۇم
ئىللىق چىھرىڭدە.

شەيتان ........
شۇ تاپ قىلدى ۋەسۋەسە
ھە ئىككىمىزگە.
يوقالدى شۇندا ،
گۇناھ تۇيغۇسى سەندە ھەم مەندە
ھەم شۇ دەقىقتە
شەيتان قىلدى تەنتەنە.
جۇپلەشتى جۇپ لەۋلەر،
قوشۇلدى تىنىق.
ۋە لىكىن،
چىرماشسا بەدەن ئوت بولۇپ،
بىز ئىككىمىز،
بەرىبىر ھامان ئىككى دۇنيا
ئىككى قۇتۇپتا.
بولدى بەس
يوقال ئەي لەنتى شەيتان
قىلما ۋەسۋەسە.
ياشايلى ساپ نىيەت،
مىھرى –ۋاپادا.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش