| شىنخۇا ئاگېنتىلىقى، بېيجىڭ، 24 – دېكابىر تېلېگراممىسى. مەكىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى يېقىندا ‹‹نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، 2016 – يىللىق يېڭى يىل ۋە چاغاندا ئىستىلدا دۇرۇس، كەيپىياتتا توغرا بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش›› چىقاردى، ئۇقتۇرۇشنىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە: يېقىندا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ‹‹2016 – يىللىق يېڭى يىل ۋە چاغان مەزگىلىدىكى ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش›› چىقاردى. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ‹‹ئۇقتۇرۇش››تىكى تەلەپلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. يېڭى يىل ۋە چاغاندا ‹‹تۆت خاھىش››نى تۈزەشنى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پاك – تەلەپچان بولۇش مىزانى›› ۋە ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى››نى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى ۋە پارتىيە ئىنتىزامى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ھەرخىل ئۇسۇللار ئارقىلىق پارتىيەلىك كادىرلارغا ئۇچۇر يەتكۈزۈپ، ئۇلار بىلەن ھال – مۇڭ بولۇپ، ئۇلارغا تەلەپ قويۇپ، پاك ھەم تېجەشچان بولغان بايرام كەيپىياتى يارىتىش كېرەك. ئىنتىزام ۋە قائىدىنى ئالدىغا قويۇپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشتىكى ‹‹تۆت خىل ھالەت››نى ياخشى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئىنتىزامنى قاتتىق ئىجرا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بايرام مەزگىلىدە قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ ئومۇمنىڭ پۇلىغا يەپ – ئىچىش، ساياھەت قىلىش، بايراملىق مال ۋە سوۋغاتلىق سېتىۋېلىش، سوۋغات بېرىش ۋە قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ يۇرتداشلار يىغىلىشى، مەكتەپداشلار يىغىلىشى، سەپداشلار يىغىلىشىغا قاتنىشىش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە يېقىندىن كۆز – قۇلاق بولۇپ، بىرنى بايقىسا، بىرنى بىر تەرەپ قىلىپ، تىپىك مەسىلىلەرنى ئىسىم – فامىلىسىنى ئاتاپ ئاشكارىلاپ، چۆچۈتۈش ۋە ئاگاھلاندۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن تەكشۈرۈشكە تەشكىللەپ، ئاممىنىڭ نازارەت قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، يېڭى ۋاسىتە ۋە تېخنىكىلاردىن، ‹‹ھەممىباب كۇنۇپكا››، ‹‹ھەممە ئادەم سۈرەتكە تارتىش›› قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، ھەممە يەرنى قاپلىغان نازارەت قىلىش تورى شەكىللەندۈرۈپ، يوشۇرۇن ۋە شەكلى ئۆزگەرگەن ‹‹تۆت خاھىش›› مەسىلىسىنى چوڭقۇر قېزىپ چىقىش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئۆتكۈر قورالدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، سۇبيېكتىپ مەسئۇلىيەت ۋە نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، مەسىلە گەۋدىلىك بولغان رايون ۋە تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، تېجەشلىك، مەدەنىي، پاك بايرام ئۆتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش كادىرلىرى ‹‹ئۇقتۇرۇش›› ۋە پاك – تەلەپچان بولۇش تەلىپىگە باشلامچىلىق بىلەن بويسۇنۇپ، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، قائىدىگە ئەھمىيەت بېرىش ئۈلگىلىرىدىن بولۇشى كېرەك. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ پاش قىلىش تېلېفونى: 12388 – 010؛ پاش قىلىش خەت ساندۇقى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەرزىيەت ئىشخانىسى ( مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى پاش قىلىش مەركىزى)؛ پاش قىلىش تور بېكىتى: .www.12388.gov.cn يەنە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ يان تېلېفون ئابۇنىچىلار تېرمىنالىدىن پايدىلىنىپ، ‹‹<تۆت خاھىش>قا قارشى تۇرۇش ھەممىباب كۇنۇپكىسى››نى چېكىپ پاش قىلسىمۇ بولىدۇ.
|
|