| بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا رېن جۇڭپىڭ (1) 2015 – يىلدا يېڭى ئورتاق تونۇش مۇجەسسەملىنىۋاتىدۇ. ‹‹كېسەك ئالتۇن›› دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچۇرشىشىدىن تارتىپ، ب د ت نىڭ تەرەققىيات يىغىنى، كىلىمات ئۆزگىرىشى پارىژ يىغىنىغىچە؛ 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ يىغىنىدىن ئاسىيا – تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنى، جۇڭگو – ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ جوھاننېسبۇرگ يىغىنىغىچە بولغان مۇشۇ جەرياندا، پۈتۈن دۇنيا تەرەققىياتنىڭ يېڭى پۇرسىتى، ئىسلاھاتنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى ئىزدىدى. ‹‹جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئوتتۇراھال يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشىنى ساقلاپ، ھەر قايسى ئەللەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن داۋاملىق پۇرسەت يارىتىدىغان ئىشەنچىسى ۋە ئىقتىدارى بار››. رەئىس شى جىنپىڭ تۈركىيەدە جۇڭگو ئىشەنچىسىنى جاكارلىدى. ‹‹كەلگۈسىگە نەزەر تاشلىساق، ئاسىيا تارىخىي تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتتى، بىز مۇشۇ يەردە تۇغۇلۇپ، مۇشۇ يەردە ئۆسۈپ يېتىلدۇق، ئىستىقبالىمىز، تەقدىرىمىزمۇ مۇشۇ يەرگە باغلانغان››. رەئىس شى جىنپىڭ سىنگاپوردا ئاسىيا كۈچىنى نامايان قىلدى. جۇڭگو – ئافرىقا دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنى ‹‹جەنۇب – جەنۇب ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەنۇب – شىمال سۆھبىتىگە تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ››. رەئىس شى جىنپىڭ جەنۇبىي ئافرىقىدا، دۇنيا ئەندىزىسىنى بايان قىلدى. 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنى كېلەر يىلى جۇڭگونىڭ خاڭجۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ؛ ئاسىيا – تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرى ئۆتكەن يىلى بېيجىڭنىڭ يەنچى كۆلى بويىدا جەم بولدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۇنيا سەھنىلىرىدە جۇڭگو ئۆزىنى نامايان قىلىپلا تۇردى، غەيرەتكە كېلىپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشكە تىرىشىۋاتقان، تەرەققىي قىلىۋاتقان بۇ چوڭ دۆلەت ئۆزىنىڭ ھەر خىل قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش ئەمەلىيىتى ۋە تىنچ ئۆتۈش، تەڭ پايدا ئېلىش ئىدىيەسىدىن ئۈزلۈكسىز دۇنيا بىلەن تەڭ بەھرىلىنىپ كەلمەكتە. ھالبۇكى، جۇڭگونىڭ كەينى – كەينىدىن داۋاملىشىدىغان بەش يىللىق يىرىك پىلانىمۇ ‹‹كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش كالتىكىنى تاپشۇرۇش – تاپشۇرۇۋېلىش›› باسقۇچىنى كۈتۈۋالدى. ئىقتىسادنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىنىڭ رېئال تەلەپلىرى ئارقىسىدا، ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىنىڭ مەزمۇنىدا ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان پەيتتە، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ جەڭ باسقۇچىدا يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى بېكىتىش، يېڭى تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش بىر مىنۇتمۇ كېچىكتۈرۈشكە بولمايدىغان دەۋر تېمىسىدۇر. ‹‹تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش، ماس تەرەققىي قىلىش، تەرەققىيات يېشىل بولۇش، ئوچۇق تەرەققىي قىلىش، تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇش دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيلىقىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭقۇر ئىسلاھات››. بۇ يىل 10 – ئايدا، ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5 – ئومۇمىي يىغىنىدا، مانا مۇشۇنداق بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ئۇنىڭغا يېڭى جۇڭگودىكى نەچچە ئەۋلاد قۇرغۇچىلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات قانۇنىيىتى توغرىسىدا يۈرگۈزگەن چوڭقۇر پىكىرلىرى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، ئۇ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا، بىرىنچى ‹‹100 يىل›› لىق كۈرەش نىشانىغا ئاتلىنىشقا نەزەرىيە جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلدى ۋە ئۇنىڭ ھەرىكەت يۆنىلىشى بولدى. 18 – دېكابىر ئېچىلغان مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى بۇ ‹‹بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى››نى كېلەر يىلىدىكى ئەمەلىي تەدبىرلەر ئىچىگە يۇغۇردى. بىر نەچچە يىلدىن كېيىن كىشىلەر دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيلىقىغا مۇناسىۋەتلىك بۇ چوڭقۇر ئىسلاھاتنىڭ ئاچقىنى كەلگۈسىدىكى جۇڭگونىڭ يېڭى مۇساپىسى، ئويلانغىنى ئىنسانلارنىڭ تەقدىر يۆنىلىشى ئىكەنلىكىنى كۆرىدۇ. (2) تارىختىكى تاسادىپىي توغرا كېلىپ قېلىشلارغا ھەمىشە چوڭقۇر مەنەلەر يوشۇرۇنغان بولىدۇ. 2015 – يىلى، جۇڭگو بىلەن دۇنيا ئالدىنقىسى بىلەن كېيىنكىسىنى باغلايدىغان مۇھىم دەقىقىلەرنى كۈتۈۋالدى. بۇ بىر يىلدا، جۇڭگو 12 – بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تاماملىدى، شۇنىڭ بىلەن دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان بۇ دۆلەت ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئاتاكىسىنى باشلىدى. 10 – ئايدا، ‹‹13 – بەش يىللىق يىرىك پىلان تەكلىپى›› قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، بۇنىڭ بىلەن جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنىڭ كەلگۈسى بەش يىلدىكى ئىلگىرىلەش مۇساپىسى ئېنىق بېكىتىلدى. مۇشۇ يىلى يەنە ب د ت نىڭ 1000 يىللىق تەرەققىيات نىشانىنىڭ بىر باسقۇچلۇق ۋەزىپىسى تاماملىنىپ، ‹‹2030 – يىلىغىچە بولغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات››نىڭ دەرۋازىسى ئېچىلدى. 9 – ئايدا، نۇرغۇن دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى ب د ت نىڭ باش ئىشتابىغا يىغىلىپ، كەلگۈسى 15 يىللىق دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى. جۇڭگونىڭ بەش يىللىق ئارزۇسى بىلەن دۇنيانىڭ ئورتاق نىشانى ئوخشاش بىر ۋاقىت نۇقتىسىدا قوشۇلۇپ، جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ چوڭقۇر قاتلامدىن ھەمتۈرتكە بولىدىغانلىقىنىڭ ھازىرى ۋە كەلگۈسىنى كۆرسىتىپ بېرىۋاتقاندەك قىلاتتى. تەرەققىيات سۈرئىتى ئەڭ تېز پەۋقۇلئاددە چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولغان جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەركىبىي قىسىملىرىنىڭ بىرى. ب د ت يېڭى ئەسىرنىڭ بېشىدا بېكىتكەن 1000 يىللىق تەرەققىيات نىشانىدىكى باشلانغۇچ مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئەر – ئاياللار باراۋەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ياكى بالىلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش، ئەيدىز، بەزگەك قاتارلىق كېسەللىكلەر بىلەن كۈرەش قىلىش بولسۇن، جۇڭگودا بۇ نىشانلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ب د ت نىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆلچىمىگە ئاساسەن، جۇڭگونىڭ دۇنيانىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىشلىرىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %90كە يەتتى، دۇنيا بويىچە ئون ئادەم نامراتلىقتىن قۇتۇلغان بولسا، بۇنىڭ ئىچىدىكى توققۇزى جۇڭگودا. بەزىلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىن دۇنيا نوپۇسىنىڭ بەشتىن بىر قىسمى، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر نوپۇسىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمى ۋە تۆۋەن ئوتتۇراھال كىرىملىك دۆلەتلەر نوپۇسىنىڭ بەشتىن ئۈچ قىسمى بىۋاسىتە مەنپەئەتلەنگەن. دۇنيانىڭ شەرقىدە قەد كۆتۈرگەن بۇ ‹‹تەرەققىيات قۇتۇپى››نىڭ دۇنيا تەرەققىياتىغا كۆرسىتىۋاتقان تەسىرى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو دۇنيا ئىقتىسادى ئەڭ قىيىن ئەھۋالغا قالغان پەيتتە، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتەك مۈشكۈل ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالدى. 2009 – يىلىدىن 2011 – يىلغىچە، جۇڭگونىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپە نىسبىتى %50تىن ئاشتى. ھازىر، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى سەل ئاستىلاپ قالغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى يەنىلا %30تىن يۇقىرى بولۇپ، ئۇ دۇنيا ئىقتىسادىدا يەنىلا مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسىدۇر. ئالىملارنىڭ قارىشىچە، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ئېشىشقا، سودىغا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا قوشقان تۆھپىسى دۇنيا بويىچە بۇ 30 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ مۇھىم تەرەققىيات نەتىجىسى ھېسابلىنىدىكەن. كەلگۈسىدە، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى دۇنيانىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنىمۇ كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ‹‹دۇنيا پوچتىسى گېزىتى››دا مۇنداق قەيت قىلىندى: ‹‹جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسىدىكى تەرەققىيات يۆنىلىشى دۇنيادىكى ھەر بىر كىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. 18 –، 19 – ئەسىرلەردە ئەنگلىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر قەد كۆتۈرگەندە نوپۇسى 10 مىليون ئىدى؛ 20 – ئەسىردە ئامېرىكا، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر قەد كۆتۈرگەندە نوپۇسى 100 مىليون ئىدى؛ ۋاھالەنكى، 21 – ئەسىردە جۇڭگو قەد كۆتۈرگەندە نوپۇسى 1 مىلياردقا يېتىپ، ئۆزىدىن بۇرۇن قەد كۆتۈرگەن چوڭ دۆلەتلەر نوپۇسىنىڭ يىغىندىسىدىنمۇ ئېشىپ كەتتى››. ئەنگلىيەلىك يازغۇچى جوناسان ۋېرتس ‹‹1 مىليارد جۇڭگولۇق قاڭقىپ ھالقىغاندا›› ناملىق كىتابىدا، جۇڭگونىڭ ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان تەرەققىيات يولىنى بايان قىلغان بولۇپ، ئۇ يەنە سەل ئەندىشە ئىچىدە: قاڭقىپ ھالقىۋاتقان جۇڭگو ‹‹ئىنسانلارنى قۇتقۇزامدۇ›› ياكى ‹‹دۇنيانى رېلىستىن چەتنىتىۋېتەمدۇ؟›› دېگەنىدى. شۇنچە زور ھەجىمگە ۋە كۆلەمگە ئىگە جۇڭگو قانداقلا تەرەققىيات ئۇسۇلىنى تاللىسۇن، ئۇ ھامان دۇنياغا مىسلىسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ. تارىخ سەھىپىسىگە ئىنسانلارنىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى قانداق قىلىپ داۋاملىق پۈتكىلى بولىدۇ؟ 9 – ئايدا، ب د ت نىڭ تەرەققىيات باشلىقلار يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەشەببۇس قىلدى: ‹‹بىز ئادىل، ئېچىۋېتىلگەن، ئومۇميۈزلۈك، يېڭىلىق يارىتىدىغان تەرەققىيات يولىدا ئورتاق مېڭىشىمىز كېرەك››. بىر ئايدىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5 – ئومۇمىي يىغىنىدا: تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش، ماس تەرەققىي قىلىش، تەرەققىيات يېشىل بولۇش، ئوچۇق تەرەققىي قىلىش، تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مانا بۇ دەل جۇڭگونىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن شەكىللەندۈرگەن ‹‹تەرەققىيات سۆزى››، دۇنياغا نامايان قىلغان ‹‹جۇڭگو لايىھەسى››. (3) ماركس: ‹‹ئادەم تەپەككۇرىنىڭ ئوبيېكتىپ ھەقىقەتكە ئىگە بولۇش – بولماسلىقى نەزەرىيە مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى ئەمەلىيەت مەسىلىسىدۇر››، دېگەنىدى. كەلگۈسىدىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتقا بولغان ئىستراتېگىيەلىك، پىروگرامما خاراكتېرلىك ۋە يېتەكلەشچانلىققا ئىگە تونۇشى ھېسابلىنىدىغان بۇ بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى جۇڭگو بىلەن دۇنيانى چوڭقۇر چۈشىنىشىدىن كەلگەن. ئىقتىسادشۇناسلىقتا، تەرەققىياتنىڭ ئوتتۇرا مۇساپىسىدىكى خەۋپ – خەتەر توغرىسىدا نۇرغۇن ئوخشاشمىغان قاراشلار مەۋجۇت، يەنى نوپۇس پايدىسى يوقالغان لېۋىس بۇرۇلۇش نۇقتىسى، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 4000 دوللارغا يەتكەندىن كېيىنكى ئوتتۇراھال كىرىم قىلتىقى، خەلقئارا تەرتىپ ئۆزگىرىشىدىكى چۇسدىدېس قىيىنچىلىقى، ھەتتا زامانىۋىلىشىشتىكى تىپ ئۆزگىرىشىگە يانداشقان ‹‹خەۋپلىك جەمئىيەت›› دېگەندەك. بۇنداق خەۋپ – خەتەر، خىرىسلارنىڭ سەۋەبى نېمە؟ مەيلى كىرىم تەقسىماتى پەرقىنىڭ چوڭ بولۇشى، ئادەم كۈچى كاپىتالىنىڭ ئاستا جۇغلىنىشى بولسۇن، مەيلى شەھەرلىشىش قەدىمىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشىشى، كەسىپلەر دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ قىيىن بولۇشى، پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ ئاجىز بولۇشى بولسۇن، بۇلارنىڭ تۈپ سەۋەبى شۇكى، ئىلگىرىكى تەرەققىيات ئۇسۇلىنى داۋاملاشتۇرۇش تەس بولۇۋاتىدۇ، شۇنداقلا بۇ خىل تەرەققىيات ئۇسۇلىغا تايىنىۋېلىشتىن قۇتۇلۇشمۇ تەس بولۇۋاتىدۇ. ‹‹13 – بەش يىللىق يىرىك پىلان تەكلىپى››دە ئوتتۇرىغا قويۇلغىنىدەك، جۇڭگو يەنىلا ‹‹نۇرغۇن زىددىيەتلەر گىرەلەشكەن، يوشۇرۇن خەۋپ – خەتەر كۆپەيگەن كەسكىن خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە››. ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ئاستىلاش پەيدا قىلغان بېسىم ئېغىرلىشىۋاتىدۇ، نوپۇس پايدىسى تەدرىجىي يوقىلىۋاتىدۇ، مۇھىت چەكلىمىسى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ، كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش قاتمۇقات توسقۇنلۇققا ئۇچراۋاتىدۇ، ئەنئەنىۋى ئەۋزەللىكلەر ئۈزلۈكسىز ئاجىزلىشىۋاتىدۇ... 30 نەچچە يىللىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تەرەققىيات داۋامىدا، جۇڭگونىڭ ‹‹كېيىن تەرەققىي قىلىش ئۈستۈنلۈكى›› تولۇق جارى قىلدۇرۇلدى، ۋاھالەنكى، تېخىمۇ يۇقىرى پەللىدە تۇرۇۋاتقان جۇڭگو يەنىلا يىرىك تەرەققىيات ئۇسۇلىغا زىيادە تايىنىۋالىدىغان بولسا، ‹‹كېيىن تەرەققىي قىلىش ئۈستۈنلۈكى›› ‹‹كېيىن تەرەققىي قىلىش ئاجىزلىقى››غا ئۆزگىرىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى تىپنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى ۋە پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ. ئىقتىسادنىڭ سۈرئىتىنى ئاشۇرۇشنىڭ خوتىنى يۆتكەۋاتقان، جەمئىيەتتە تىپنى چوڭقۇر ئۆزگەرتىۋاتقان جۇڭگونىڭ ئىزدىنىۋاتقىنى دەل ئاشۇنداق توزاقلاردىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىدىغان تەرەققىيات ئۇسۇلىدۇر. تەرەققىيات ئىدىيەسى تەرەققىيات ئەمەلىيىتىدىن كېلىدۇ، يەنە تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇنداق تارىخىي ئۆتكەلدە، يېڭى تەپەككۇر ئارقىلىق يېڭى يولنى تىپىش، يېڭى ئىدىيە ئارقىلىق يېڭى تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى ‹‹جۇڭگو›› ناملىق بۇ غايەت زور پاراخوتنىڭ خەتەرلىك ساھىللاردىن، شىددەتلىك ئېقىنلاردىن ئۆتۈپ ئىلگىرىلىشىنى يۆنىلىشكە ئىگە قىلدى. تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرغاندىلا، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئاجىزلىشىدىغان، تۆۋەن سەۋىيەدە ئايلىنىدىغان ‹‹ئادەتتىكىچە يول››دا مېڭىشتىن؛ ماس تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرغاندىلا، ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان، ئۇنى دەپ بۇنىڭدىن قۇرۇق قالىدىغان ‹‹تەڭپۇڭسىز يول››دا مېڭىشتىن؛ تەرەققىياتنىڭ يېشىل بولۇشىدا چىڭ تۇرغاندىلا، بايلىق قۇرۇپ كەتكەن، مۇھىت ناچارلاشقان ‹‹ئارتۇق چىقىم يولى››دا مېڭىشتىن؛ ئوچۇق تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرغاندىلا، كۆرسەتكەن دائىرىدىلا ھەرىكەت قىلىدىغان، ئۆزىنى چەكلىۋالدىغان ‹‹بېكىنمە يول››دا مېڭىشتىن؛ تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرغاندىلا، باي – نامرات دەپ ئايرىلىدىغان، جەمئىيەت پاراكەندىچىلىككە تولغان ‹‹خەتەرلىك يول››دا مېڭىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ئالىملار مۇنداق دەيدۇ: 30 نەچچە يىللىق تەرەققىياتنى بېسىپ ئۆتكەن جۇڭگو ‹‹ئۆسۈپ يېتىلىش ئازابى››غا دۇچار بولۇۋاتىدۇ. ‹‹دەريادىن تاش سىيلاپ ئۆتۈش›› تىن ‹‹تۇخۇم ئۈستىدە ئۇسسۇل ئويناش››قىچە، دەسلەپكى جاپالىق ئىزدىنىشتىن شىددەتلىك ئېقىندا غالىپلارچە ئۈزۈپ ئىلگىرىلەشكىچە بولغان جەرياندا، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى قاتمۇقات ئېگىز تاغلاردىن ھالقىپ ئۆتتى. كەلگۈسى تەرەققىيات يولىنى قانداق پىلانلاش كېرەك؟ تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق ئىسلاھاتنى قانداق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؟ بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى تېخىمۇ سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، بۇ خەۋپ – خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ ھازىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئىگىلەپ، جۇڭگونىڭ كەلگۈسىنى تېخىمۇ ياخشى يارىتىش ئۈچۈندۇر. (4) دوكتور كىسسىڭگېر ئۆزىنىڭ ‹‹دۇنيا تەرتىپى›› دېگەن كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ: ‹‹ھەر دەۋر كىشىلىرىگە باھا بەرگەندە، ئۇلارنىڭ ئىنسانلار جەمئىيىتىدىكى ئەڭ ئۇلۇغۋار، ئەڭ مۇھىم مەسىلىگە توغرا يۈزلىنەلىگەن – يۈزلىنەلمىگەنلىكىگە قاراش كېرەك››. ھازىرغا قارايدىغان بولساق، بىز دەل تارىخىي بۇرۇلۇشتىكى ئاچقۇچلۇق دوقمۇشتا تۇرۇۋاتىمىز. خەلقئارا ۋەزىيەتتىن قارىغاندا، بىر تەرەپتىن، دۇنيا ئىقتىسادى ھېلىھەم چوڭقۇر تەڭشىلىش باسقۇچىدا تۇرماقتا، جانلىنىش يەنىلا ئاستا، ئېشىش يەنىلا ئاجىز بولۇۋاتىدۇ، تەرەققىياتتىكى تەڭپۇڭسىزلىق مەسىلىسى تېخى ھەل بولغىنى يوق. يەنە بىر تەرەپتىن، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن – تېخنىكا ۋە كەسىپلەر ئىنقىلابى پارتلاش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، بۇ ‹‹ئىنتېرنېت تورى+››، ‹‹ئىقتىسادتىن ئورتاق بەھرىلىنىش››، ‹‹ئەقلىي ياسىمىچىلىق›› قاتارلىق يېڭى ئىدىيە، يېڭىچە كەسپ ھالەتلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ساقلاپ تۇرۇشقا بولمايدىغان تارىخىي پۇرسەتنى ياراتماقتا. دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىدىن قارىغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى %7كە يېقىن ئېشىش سۈرئىتىنى ساقلاپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا بولغان تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %30كە يەتتى. دۇنيا ئىقتىسادى ‹‹ئىككىلەمچى ساغلاملىق›› ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان ئەھۋالدا، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ئاساسىي ئەھۋالىدا ئۆزگىرىش بولمىدى، ئىقتىسادنىڭ ئېلاستىكىلىقى ياخشى، يوشۇرۇن كۈچى يېتەرلىك، ئىمكانىيەت بوشلۇقى چوڭ بولۇشتەك ئاساسىي ئالاھىدىلىكىدە ئۆزگىرىش بولمىدى، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ئېشىشىنىڭ ياخشى تايانچ ئاساسى ۋە شارائىتىدا ئۆزگىرىش بولمىدى، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش – ئەلالاشتۇرۇش ۋەزىيىتىدە ئۆزگىرىش بولمىدى. ‹‹قانداق قىلىشنى بىلگەن بىلەن، ۋەزىيەتنى بىلمىگەندە ئوخشاشلا مەغلۇپ بولىسەن››. مانا مۇشۇنداق ئۆزگىرىش ۋە ئۆزگەرمەسلىكلەر مەۋجۇت ئەھۋالدا، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە ماسلىشىش ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىش قولدىن بېرىپ قويۇشقا بولمايدىغان ‹‹پەيت››كە؛ ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىنىڭ ئىچكى مەزمۇنىدىكى چوڭقۇر ئۆزگىرىشنى توغرا ئىگىلەش قولدىن بېرىپ قويۇشقا بولمايدىغان ‹‹پۇرسەت››كە ئايلاندى. ئىقتىسادنىڭ يېڭى نورمال ھالىتى ۋە ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلى بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇشىمىز ۋە ئۇنى ئەمەلدە كۆرسىتىشىمىزدىكى ئىككى چوڭ رېئال ئاساسىي نۇقتىنى ھاسىل قىلدى. ئىقتىسادنىڭ يېڭى نورمال ھالىتى ‹‹13 – بەش يىل›› مەزگىلىدىكى ئېلىمىزنىڭ تەرەققىيات زور قانۇنىيىتى. سۈرئەتنى ئۆزگەرتىش، قۇرۇلمىنى سەرخىللاشتۇرۇش، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى ئايلاندۇرۇش يېڭى نورمال ھالەتنىڭ تۈپ ئالاھىدىلىكى؛ ئىقتىسادنىڭ شەكلەن تېخىمۇ ئالىي، ئىش تەقسىماتى تېخىمۇ مۇرەككەپ، قۇرۇلمىسى تېخىمۇ مۇۋاپىق بولغان باسقۇچقا قاراپ ئۆزگىرىشى يېڭى نورمال ھالەتنىڭ ئاساسىي يۈزلىنىشى ھېسابلىنىدۇ. لېكىن، يېڭى نورمال ھالەت ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش رېلىسىنى ئۆزگەرتىپ، بۇرۇندىن ئادەتلەنگەن تەرەققىيات ئىنېرتسىيەسىنى بۇزۇپ تاشلىدى، شۇنداقلا يېڭى ئىدىيە ئارقىلىق يېڭى كاشىلىلارنى تۈگىتىش، يېڭى ئىدىيە ئارقىلىق يېڭى ھالەتنى بارلىققا كەلتۈرۈش تەخىرسىز بولۇپ قالدى. يېڭى نورمال ھالەتتە ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش تۇتۇپ، ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ زورايغاندىلا، 2020 – يىلىغا بارغاندا دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى بىر قاتلاشقا كاپالەتلىك قىلىپ، سۈپەتلىك، ئۈنۈملۈك، ھەقىقىي، ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى، ھەم سۈرئەتكە، ھەم ئېشىشقا، يەنە سۈپەتكە ئەھمىيەت بېرىلگەن تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلى ‹‹13 – بەش يىل››مەزگىلىدىكى دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا چىقىرىلغان چوڭ ھۆكۈم. دۇنيا ئىقتىسادى يېڭى ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئىزدىمەكتە، جۇڭگومۇ تىپنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتەك تارىخىي ئۆتكەلدە تۇرماقتا، بۇنداق ئىچكى – تاشقى جەھەتتىكى بىرلەشمە ھەرىكەتلىك ‹‹تارىخىي ئۇچرىشىش›› دۆلىتىمىزنى نى – نى ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىگە ئىگە قىلدى. لېكىن، ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىنىڭ ئىچكى مەزمۇنىدا ‹‹ئىككى ئۆزگىرىش›› بولدى، يەنى سۈرئەتنى تېزلىتىش پۇرسىتى تىپنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش پۇرسىتىگە، كۆلەمنى كېڭەيتىش پۇرسىتى سۈپەتنى ئۆستۈرۈش پۇرسىتىگە ئۆزگەردى. پۇرسەتنى ياخشى تۇتالمىغاندا، ئۇ خىرىسقا ئايلىنىدۇ، سەللا بىخەستەلىك قىلىنسا قولدىن كېتىپ قالىدىغان پۇرسەتتىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىسلاھ قىلىشقا قىستىغاندىلا، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا ئومۇميۈزلۈك تىپ ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ خەلقئارا رىقابەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نۇقتىسىنى ئىگىلىشىگە تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ. ئىقتىسادنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىنىڭ يېڭى تەلەپلىرىگە بىر تۇتاش يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىنىڭ يېڭى مەزمۇنىنى چىڭ ئىگىلەش دەل بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇت تىرەپ تۇرغۇزىدىغان ئومۇمىيەتتۇر. يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى 1 – ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىشتا تەرەققىيات سۈپىتى ۋە تەرەققىيات ئۈنۈمىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش؛ ماسلاشتۇرۇش سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىشنىڭ ئىچكى تەلىپى، ماس تەرەققىي قىلىشتا تەڭپۇڭ تەرەققىيات قۇرۇلمىسىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈش؛ يېشىل بولۇش مەڭگۈلۈك تەرەققىياتنىڭ زۆرۈر شەرتى ۋە خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنىڭ مۇھىم نامايەندىسى، تەرەققىياتتا يېشىل بولۇشتا ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تىرىشپ ياخشىلاش؛ ئوچۇق بولۇش دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى، راۋاجلىنىشىنىڭ مۇقەررەر يولى، ئوچۇق تەرەققىي قىلىشتا ھەمكارلىشىپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش؛ ئورتاق بەھرىلىنىش جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى، تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىلىنىشتە خەلقنىڭ بەخت – سائادەت تۇيغۇسىنى تىرىشىپ ئاشۇرۇش كېرەك. (5) ‹‹بارلىق دەۋر بۆلگۈچ سىستېمىلارنىڭ ھەقىقىي مەزمۇنى بۇ سىستېمىلارنى بارلىققا كەلتۈرگەن ئاشۇ مەزگىلدىكى ئېھتىياجدىن شەكىللەنگەن››. جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئىنقىلاب قىلىشى، قۇرۇلۇش قىلىشى، ئىسلاھات قىلىشىنىڭ ھەممىسى جۇڭگونىڭ رېئال مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈندۇر. تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش، ماس تەرەققىي قىلىش، تەرەققىيات يېشىل بولۇش، ئوچۇق تەرەققىي قىلىش، تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ بىر مەيدان ‹‹تەرەققىيات ئومۇمىيلىقىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭقۇر ئۆزگىرىش››كە ئايلىنىشىدىكى سەۋەب شۇكى، ئۇ دەل ئېلىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى گەۋدىلىك زىددىيەتلەرگە قارىتىلدى، ئۇ جۇڭگونىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ تەخىرسىز رېئال مەسىلىسىگە جاۋاب بەردى. تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش يېڭىلىق يارىتىشنى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيلىقىنىڭ يادرولۇق ئورنىغا قويۇش بولۇپ، ئۇنىڭدا ئەھمىيەت بېرىلىدىغىنى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتۇر. ‹‹يېڭىلىق يارىتىلمىسا ئارقىدا قالىمىز، يېڭىلىق يارىتىش ئاستا بولسىمۇ ئارقىدا قالىمىز››. نۆۋەتتە، ئېلىمىزنىڭ پەن – تېخنىكا تەرەققىيات سەۋىيەسى ئومۇمەن يۇقىرى ئەمەس، پەن – تېخنىكىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى يۆلەش ئىقتىدارى يېتەرلىك ئەمەس، پەن – تېخنىكىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ سەۋىيەسىدىن خېلىلا تۆۋەن، بۇ جۇڭگودىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىنىڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقى. تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش يولىدا ياخشى ماڭمىغاندا، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ، دۇنيا ئىقتىسادىدىكى رىقابەتتە ئوڭۇشسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىمىز. كەلگۈسىدىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ئىگىلەشتە، يېڭىلىق يارىتىشنى جەزمەن تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان 1 – ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىياتقا يۆلەك بولىدىغان 1 – بايلىق قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىشنى ئاساسلىق يېتەكچى ۋە تايانچ قىلغان ئىقتىسادىي سىستېما ۋە تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك. ماس تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇش ‹‹ئومۇميۈزلۈك›› بولۇشنى تەكىتلەش بولۇپ، ئۇنىڭدا ئەھمىيەت بېرىلىدىغىنى تەرەققىيات تەڭپۇڭسىزلىقى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتۇر. ‹‹مەسىلىنى ھەل قىلىشتا، مۇھىمى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش كېرەك››. دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى ئۇزاقتىن بۇيان مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان مەسىلە بولۇپ، رايونلار، شەھەر – يېزىلار، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار، ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە دۆلەت مۇداپىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق مۇناسىۋەتلەردە گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ. ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسى ئارقىدا قالغان ئەھۋالدا، بىر مەزگىللىك مۇھىم ۋەزىپە تېز يۈگۈرۈش بولىدۇ، لېكىن بەلگىلىك مۇساپىنى يۈگۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، مۇناسىۋەتلەرنى تەڭشەشكە دىققەت قىلىش، تەرەققىياتنىڭ بىر پۈتۈن ئۈنۈمىگە ئېتىبار بېرىش كېرەك، ئۇنداق بولمىغاندا ‹‹ياغاچ چېلەك ئېففېكتى›› تېخىمۇ روشەنلىشىپ، بىر قاتار ئىجتىمائىي زىددىيەتلەر ئۆزلۈكسىز كەسكىنلىشىدۇ. جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىدىكى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى پىلانلاشتا، قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئاجىزلىقلارنى تۈگىتىش جەھەتتە جەزمەن بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تەرەققىياتنىڭ ماسلىشىشچانلىقى ۋە تەڭپۇڭلۇقىنى كۈچەپ يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. تەرەققىيات يېشىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇش ‹‹ئىمكانىيەتلىك سىجىللىق››قا كاپالەتلىك قىلىش بولۇپ، ئۇنىڭدا ئەھمىيەت بېرىلىدىغىنى ئادەم ۋە تەبىئەتنىڭ ئىناقلىقى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتۇر. ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئەڭ ئادىل جامائەت مەھسۇلاتى، ئەڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىققا ئىگە خەلق تۇرمۇشى ۋە بەخت – سائادەت. نۆۋەتتە، ئېلىمىزدە بايلىق چەكلىمىسى بارغانسېرى كۈچىيىش، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى ئېغىر بولۇش، ئېكولوگىيە سىستېمىسى چېكىنىش مەسىلىسى ئىنتايىن كەسكىن بولۇپ، ئاممىنىڭ ھاۋانى ساپلاشتۇرۇش، پاكىز سۇ ئىچىش، يېمەكلىكلەر بىخەتەر بولۇش، مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈش تەلىپى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئېغىرلاپ بېرىشى ۋە ئۇنىڭ كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقىغا بولغان تەسىرى غەم – ئەندىشىمىزگە، گەۋدىلىك خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىگە ئايلاندى. مۇھىتنىڭ ئېغىر بۇلغىنىشىنى ئۆزگەرتىش، مۇھىت سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا، تەرەققىيات ئومۇمىيلىقىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان، بىر مىنۇتمۇ كېچىكتۈرگىلى بولمايدىغان مۇھىم خىزمەت. ئوچۇق تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇش دۇنيا ئىقتىسادىغا چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇش بولۇپ، ئۇنىڭدا ئەھمىيەت بېرىلىدىغىنى تەرەققىياتنىڭ ئىچكى – تاشقى بىرلەشمە ھەرىكەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتۇر. ئىشىكنى تاقىۋېلىپ قۇرۇلۇش قىلغاندا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. بۈگۈنكى جۇڭگو دۇنيا بىلەن چوڭقۇر ھەمتۈرتكە بولۇش باسقۇچىغا كىردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئېلىمىزنىڭ ئېچىۋېتىش سەۋىيەسى ئومۇمىي جەھەتتىن تېخى ئانچە يۇقىرى ئەمەس، ئىچكى – تاشقى ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىش ئىقتىدارى تېخى دېگەندەك كۈچلۈك ئەمەس، خەلقئارا سودىدىكى سۈركىلىشلەرگە تاقابىل تۇرۇش، خەلقئارا ئىقتىسادتىكى سۆز ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىقتىدارى يەنىلا بىر قەدەر ئاجىز، خەلقئارا سودا قائىدىسىنى قوللىنىش ئىقتىدارىمۇ دېگەندەك كۈچلۈك ئەمەس. كېيىنكى تەرەققىياتتا ئارتۇقچىلىقنى جارى قىلدۇرۇپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاپ، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىلگىرىلىمەكچى بولىدىكەنمىز، ئېچىۋېتىش سۈپىتى ۋە تەرەققىياتنىڭ ئىچكى – تاشقى بىرلەشمە ھەرىكەت رولىنى قانداق يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، جۇڭگونىڭ دۇنيا بىلەن بولغان چوڭقۇر بىرىكىشىدىكى ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈش ھەمكارلىق ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، بۇ ئارقىلىق دۇنيا ئىقتىسادىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئىسلاھاتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۇنيانىڭ ئىقتىساد قارالمىسىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئوچۇق تەرەققىي قىلىش يولىدا ياخشى مېڭىشىمىز كېرەك. تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇش خەلقنىڭ بەخت – سائادىتىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش بولۇپ، ئۇنىڭدا ئەھمىيەت بېرىلىدىغىنى ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتۇر. ‹‹پۈتكۈل ئەلنى ئىدارە قىلىشتا ئالدى بىلەن ئادىل بولۇش زۆرۈر، ئادىل بولغاندىلا جاھان تىنچ بولىدۇ››. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە ئاتلىنىش جەريانىمۇ ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەريانى. بىر تەرەپتىن، ھەممە كىشىنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتى، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن بەھرىلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلغاندىلا، ئومۇمىي خەلقنىڭ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى قوزغىغىلى بولىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى ‹‹تورت›› ئۈزلۈكسىز چوڭىيىۋاتىدۇ، لېكىن تەقسىملەش ئادىل بولماسلىق مەسىلىسى بىر قەدەر گەۋدىلىك بولۇپ، تەرەققىياتتىن بەھرىلىنىش ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە تۈزۈم لايىھەسىدە مۇكەممەل بولمىغان جايلار بار. ئورتاق بەھرىلىنىش جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى، سوتسىيالىستىك تەرەققىياتنىڭ تۈپ مەقسىتى. ھەممە كىشى قاتنىشىش، ھەممە كىشى كۈچ چىقىرىش، ھەممە كىشى بەھرىلىنىش تەلىپى بويىچە، تۆۋەن چەكنى ساقلاپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆزلىمىنى يېتەكچى قىلىپ، پۇرسەتنىڭ ئادىل بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرگەندىلا، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە ئورتاق كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ئەمەلىيەت داۋامىدا مەسىلىلەرنى بايقاش ۋە ھەل قىلىش دۇنيانى تونۇش ۋە ئۆزگەرتىشىمىزدىكى مۇھىم ئۇسۇل. جۇڭگونىڭ 30 نەچچە يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسى ‹‹جەڭ ئېلان قىلىش جەڭگە كىرىش›› ئەندىزىسى ئىچىدە ئۈزلۈكسىز ئايلىنىپ يۈكسەلگەن جەريان. بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى دەل مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى يېتەكچى قىلىپ، ھازىر ۋە يىراق كەلگۈسىنىڭ بىردەكلىكى، ئادىللىقى ۋە ئۈنۈمنىڭ بىردەكلىكى، بازار ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بىردەكلىكى، ئىچكى – تاشقى ئىشلارنىڭ بىردەكلىكى، ئادەم ۋە تەبىئەتنىڭ بىردەكلىكىنى نامايان قىلىپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا تارىختىكى ئۈچ بوغۇزدىن ھالقىپ، كىشىنى تاڭ قالدۇرىدىغان ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىزغا تۈرتكە بولىدۇ. (6) دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تارىخىي نۇقتىسىدىن قارىغاندىمۇ، جۇڭگونىڭ 30 نەچچە يىللىق تەرەققىياتىنى ‹‹مۆجىزە›› دېيىشكە بولىدۇ. بەزىلەرنىڭ مۆلچەرىچە، تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ تارىختا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئەڭ تېز بولغان مەزگىلىدە، بىر ئادەمنىڭ بىر ئۆمۈر سەرپ قىلىپ ئىشقا ئاشۇرغان تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ياخشىلاش نىسبىتى ئەنگلىيەدە ئاران %56، ئامېرىكىدا تەخمىنەن بىر ھەسسە، ياپونىيەدە ئون ھەسسە بولغان؛ ھالبۇكى جۇڭگو 30 نەچچە يىل ۋاقىت ئىچىدە 1 مىلياردتىن ئارتۇق كىشىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى 16 ھەسسە يۇقىرى كۆتۈرگەن. ئامېرىكا كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىسادشاناسلىق پىروفېسسورى جېففېر ساكىس ئېيتقاندەك، ‹‹ئىقتىساد ساھەسىدە، جۇڭگو غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر توغرىسىدىكى ھېكايىدۇر››. ‹‹جۇڭگو ھېكايىسى›› دۇنيانى لەرزىگە سېلىش بىلەن بىللە، يەنە دۇنيادىكى ئەڭ ئىشلەيدىغان باش››لارنى ئۇ توغرىسىدا ئەستايىدىل ئويلىنىشقا يېتەكلىدى: قاينام – تاشقىنلىققا تولغان ئۇلۇغ بايانلارنىڭ ئارقىسىغا زادى قانداق مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش سىرى يوشۇرۇنغان؟ جۇڭگونىڭ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70 – يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا باشلانغان بۇ تارىخىي مۇساپىسىگە نۇرغۇن كىشىلەر ‹‹جۇڭگو ئەندىزىسى››، ‹‹بېيجىڭ ئورتاق تونۇشى›› قاتارلىق ناملارنى قويۇشماقچى بولۇشقانىدى. ۋاھالەنكى، جۇڭگو باسقان بۇ 30 نەچچە يىل مۇنداقچىلا يەكۈنلەشكە بولمايدىغان مۇرەككەپ ئەمەلىيەت، ‹‹نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى››دە دېيىلگەندەك، ‹‹غەرب ئەللىرى ئەڭ ياخشىسى جۇڭگونىڭ باش كۆتۈرۈشىنىڭ ئارقىسىغا يۇشۇرۇنغان ئىدىيەنى تەتقىق قىلىپ بېقىشى كېرەك››. دەرۋەقە، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ شياۋگاڭ كەنتىدىكىلەر تەۋەككۈل قىلىپ، يەر ھۆددىگەرلىك توختامىغا بارمىقىنى باسقاندىن باشلاپ، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى يالغۇز ئىقتىسادىي تەرەققىيات ھېكايىسى بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇ تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىشى بولدى. ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز، تەرەققىياتنى چىڭ قائىدە قىلىشتىن، تەرەققىياتنى پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشىدىكى بىرىنچى ۋەزىپىسى قىلىش، ئىلمىي تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئومۇميۈزلۈك ماسلاشتۇرۇش ۋە ‹‹بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىدا چىڭ تۇرۇشقىچە، تەرەققىيات ئىدىيەسىدىكى ھەر بىر قېتىملىق يېڭىلىق يارىتىش ۋە مۇكەممەللىشىش تەرەققىياتتىكى يېڭى ھالقىشنى ئىلگىرى سۈردى ۋە ئىشقا ئاشۇردى. مەيلى تەرەققىيات تۈزۈلمىسى، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى ياكى تەرەققىيات يولى، تەرەققىيات قىممىتى بولسۇن، ھەممىسى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىۋاتقان، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەۋاتقان تەرەققىيات ئىدىيەسى بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتىنى ئۇزاق ۋە جاپالىق مۇساپىلەرنى بېسىپ، ئوخشاشمىغان تەرەققىيات باسقۇچىدا خەۋپ – خەتەرلەردىن قورقماي ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلىدى. تەرەققىيات ئىدىيەسى ئومۇمىيلىقنى، ماھىيەتنى، يۆنىلىشنى ۋە ئۇزاق كەلگۈسىنى ئىدارە قىلىدۇ، ئۇ تەرەققىيات ئۈنۈمىگە ھەتتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ياكى مەغلۇپ بولۇشقا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. ۋاھالەنكى، يېڭىلانغان تەرەققىيات ئىدىيەلىرىنىڭ ‹‹ۋاقىت ئوقى››دا قالدۇرغان ئىزلىرى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللىشىۋاتقان ‹‹جۇڭگو تەرەققىيات ئىلمى››نى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى قانۇنىيەت دېيىشكە بولىدىغان يەكۈن شۇكى: ‹‹ئۆزگەرمەس ئۇسۇل ئارقىلىق ئۆزگىرىشچان ئىشلارنى بىرتەرەپ قىلغىلى بولمايدۇ››، دەۋر ئېقىمىغا ماسلاشقاندىلا ئۆزىگە خاس تەرەققىيات يولىنى تاپقىلى بولىدۇ. بۇ ‹‹جۇڭگو تەرەققىيات ئىلمى››نىڭ جەۋھىرى، شۇنداقلا بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىگىلەشنىڭ ئاچقۇچى. بۇ نۆۋەتلىك مەركەز رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئومۇمىيلىقىغا قويۇپ تەكشۈرگەندە، ‹‹بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىدا، بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى قىممەت قاتلىمىدىكى ئىدىيە يېتەكچىلىكى؛ ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىدا، بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى ئەمەلىيەت قاتلىمىنىڭ ھەرىكەت قىبلىنەماسى ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ ھازىرقى ۋەزىيەتتە، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ‹‹مىقدار توپلىنىشى››دىن ‹‹سۈپەت ھالقىشى››غا ئۆزگىرىش ئۆتكىلىدە بولۇپ، ‹‹مىقدار ئەۋزەللىكى››دىن ‹‹سۈپەت ئەۋزەللىكى››گە ئۆتۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى، بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى دەل مۇشۇ تارىخىي بۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېتەكچى ئىدىيە. مۇشۇنداق تەرەپتىن قارىغاندىلا، بەش چوڭ ئىدىيەنىڭ نېمە ئۈچۈن ‹‹دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە ئىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭقۇر ئىسلاھات›› ئىكەنلىكىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ. ئىككى ‹‹يۈز يىل››لىق كۈرەش نىشانى مۇساپىسىگە قويۇپ تەكشۈرگەندە، ئومۇمىيۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدا، نىشانغا قانچىلىك يېقىنلاشقانسېرى، شۇنچە ئېھتىياتچان، شۇنچە يىراققا نەزەر تاشلىيالايدىغان بولۇش كېرەك. ھازىرقى پەيتتە، بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىپ، تەرەققىيات پۇرسىتىنى ئىگىلەپ، تەرەققىيات ئەۋزەللىكلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، جۇڭگودىن ئىبارەت بۇ غايەت زور پاراخوتنى سالماق ئىلگىرىلىتەلەيدۇ. يىراق كەلگۈسىدىن قارىغاندا، بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئىككىنچى ‹‹يۈز يىل›› كۈرەش نىشانىغا يېتىشنىمۇ تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلەيدۇ. مۇشۇنداق يۈكسەكلىكتە تۇرغاندىلا، بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىل، ھەتتا تېخىمۇ ئۇزاق ۋاقىتتا دۆلىتىمىز تەرەققىيات پىروگراممىسىنىڭ جان تومۇرى بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكىلى بولىدۇ. كوممۇنىستلارنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىش تارىخىغا قويۇپ تەكشۈرگەندە، مەيلى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ياكى تەرەققىياتنىڭ تەڭپۇڭسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش بولسۇن؛ مەيلى ئىنسانلار ۋە تەبىئەتنىڭ ئىناقلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ياكى ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش بولسۇن، ھەر بىر تەرەققىيات ئىدىيەسى رېئال ‹‹تەرەققىيات قارالمىسى››غا ئۇيغۇنلاشتۇرۇلغان، شۇنداقلا بۇلارنىڭ ھەممىسى نەچچە ئەۋلاد كىشىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ئىزدىنىشنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىدىن كەلگەن بولۇپ، ھەم توغرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىش، ئىرادە بىلەن يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت دەۋر تۇيغۇسىغا، ھەم ئىزچىل ۋە تومۇرداش بولۇشتىن ئىبارەت چوڭقۇر جۇغلانمىغا ئىگە. تاكامۇللاشقان بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يولىنى بىر پۈتۈن گەۋدە نۇقتىسىدىن بېكىتىپ بەردى. مۇشۇنداق نەزەر دائىرىسىدىن قارىغاندىلا، بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ نېمە ئۈچۈن پارتىيەمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرغانلىقىنى ئىگىلىگىلى بولىدۇ. ئۆزگىرىشچان ۋە چۈشەنمەك تەس دۇنيادا، ‹‹جۇڭگو نەگە قاراپ ماڭىدۇ›› دېگەن مەسىلە پۈتكۈل دۇنيانىڭ دىققەت – ئېتىبارىنى ۋە ئويلىنىشىنى قوزغىدى، بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى بۇنىڭغا ئېنىق جاۋاب بەردى. تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش، ماس تەرەققىي قىلىش، تەرەققىيات يېشىل بولۇش، ئوچۇق تەرەققىي قىلىش، تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت بۇ بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى ئاساسسىز ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئەمەس، ئۇ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تەرەققىيات تەجرىبە – ساۋاقلىرىنى چوڭقۇر يەكۈنلەش، شۇنداقلا دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىش ئاساسىدا شەكىللەنگەن بولۇپ، ئۇ ئۈلگە ئېلىش، شۇنداقلا ھالقىشتۇر، ئۇ ئورتاقلىققا، شۇنداقلا خاسلىققا ئىگە. ئۇنىڭدا تەسۋىرلەنگەن جۇڭگونىڭ كەلگۈسى ئۇلۇغۋار پىلانى جۇڭگونىڭ زامانىۋىلىشىشىدىكى ‹‹كېيىنكى يېرىم مۇساپە››سىدە، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلەيدۇ. (7) ‹‹دۇنيا ياخشىلىنارمۇ؟››، نويابىردا پارىژدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى كىشىلەرگە دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىق توزىقىنى كۆرسىتىپ بەردى، بۇنداق سوئاللار كىشىنى بىئارام قىلىدۇ. بۇ دۇنياغا نىسبەتەن ئىلگىرىكى تەرەققىيات يولىدا مېڭىش تەس كېلىۋاتقاندەك قىلىدۇ. بەزى ئىقتىسادشۇناسلار مۇنداق دەيدۇ: ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ھەقىقىي مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ناھايىتى ئاز بولدى، تۆۋەن كىرىملىك گەۋدىدىن ئوتتۇراھال كىرىملىك گەۋدىگە ھالقىش نىسبەتەن ئاسان بولسىمۇ، ئوتتۇراھال كىرىملىك گەۋدىدىن ھالقىپ يۇقىرى كىرىملىك ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلىنىشنىڭ قېيىنلىق دەرىجىسى ئاشتى، زور تۈركۈمدىكى ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئوتتۇراھال كىرىملىك گەۋدە باسقۇچىدا توختاپ قالدى. تەرەققىياتنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى دۇنيادا ئېنىقسىزلىق ئامىللىرىنى تېخىمۇ كۆپەيتىۋەتتى. تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، بۈگۈنكى دۇنيا ھەر خىل مۇرەككەپ سىستېمىلىق خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ئامېرىكىدىن باشلانغان خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى پەيدا قىلغان تەۋرىنىشنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى، تەسىرى تۈگىمىدى. تېررورلۇق، تور بىخەتەرلىكى، كىلىمات ئۆزگىرىشى، ھەربىي توقۇنۇش قاتارلىق زور خىرىسلار كەينى – كەينىدىن، بىرىنى باسسا يەنە بىرى چىقىپ، ئۆز ئارا تەسىر كۆرسىتىشىۋاتىدۇ، مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئومۇملۇق نۇقتىسىدىكى ھەل قىلىش لايىھەسىگە موھتاج. ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ‹‹چوڭ دۆلەتلەرنىڭ قەد كۆتۈرۈشى››گە ئوخشاشمىغان ھالدا، جۇڭگودىن ئىبارەت بۇ ‹‹مەدەنىيەتلىك دۆلەت››نىڭ قەد كۆتۈرۈشى دۇنياغا ئاكتىپ كۈچ ئېلىپ كەلدى. تەرەققىيات ئىقتىسادشۇناسلىقىدا خېلى بۇرۇنلا، سىجىل تەرەققىي قىلىۋاتقان كېيىنكى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسىدە نورمال فورمىلىق ئۆزگىرىش ئەھمىيىتىگە ئىگە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ، دېيىلگەنىدى. ۋاھالەنكى، ئالىملار 20 – ئەسىردىكى جۇڭگونىڭ قەد كۆتۈرۈشىنى دۇنيانى ئۆزگەرتىدىغان چوڭ ئىش، ئۇ كېيىن تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئېقىمىغا بىر خىل يېڭىچە تەرەققىيات ئەندىزىسىنى يېتەكچىلىك قىلغۇزىدۇ، دەپ مۇئەييەنلەشتۈردى. دەرۋەقە ئىسلاھات، تەرەققىيات يېڭى باشلانغاندا، جۇڭگونىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى سەھرايى كەبىر ۋە جەنۇبىي ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئۈچتىن بىرىگىمۇ توغرا كەلمەيتتى، ۋاھالەنكى، قىسقىغىنا 30 نەچچە يىلدا، جۇڭگو ئىنسانىيەت تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ زور تېز زامانىۋىلىشىشنى تاماملىدى. بۇنىڭ كەينىدە دەل يېڭىچە تەرەققىيات فورمىسى، ئىلمىي تەرەققىيات ئىدىيەسى يېتەكچى ۋە تىرەك بولدى. بارغانسېرى كۆپ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ كېيىن تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرگە تېخىمۇ ماس كېلىدىغان ئىدىيە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى. ‹‹جۇڭگونىڭ دۆلەت ئوبرازىنى دۇنيا مىقياسىدا تەكشۈرۈش دوكلاتى (2014 – يىللىق)››دا كۆرسىتىلىشىچە، %68 پىرسەنت تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتتىكى زىيارەت قىلىنغۇچى جۇڭگو ئىدىيەسىنى ئېتىراپ قىلغان بولۇپ، ئۇلار بۇ ‹‹جۇڭگونىڭ تارىخىي مەدەنىيىتى ۋە رېئال دۆلەت ئېھتىياجى بىرلەشتۈرۈلگەن يېڭىلىق››، دەپ قارىغان. ئوخشاش تەرەققىيات باسقۇچىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان، تىپ ئۆزگەرتىۋاتقان دۆلەتلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ نەزەرىيە ۋە تەجرىبىسىگە قارىغاندا تېخىمۇ پايدىلىنىش قىممىتى ۋە ئۆرنەك ئېلىش ئەھمىيىتى بار. كەلگۈسىدىكى تەرەققىياتتا، جۇڭگونىڭ تەجرىبىلىرى دۇنيا تەجرىبىلىرىدىكى ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ ئىجادىي ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ قالىدۇ. ‹‹زامانىۋىلىشىش مۈشكۈلاتى››غا پېتىپ قالغان غەرب مەدەنىيلىكىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، جۇڭگو ئۇلارنىمۇ زامانىۋىلىشىشنىڭ يەنە بىر خىل تەسەۋۋۇرى ۋە ھەرىكەت لايىھەسى بىلەن تەمىنلىدى. ئىقتىسادشۇناس كوس: ‹‹جۇڭگونىڭ كۈرىشى پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ كۈرىشى››، دېدى. بۈگۈن، بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى مىلياردلىغان جۇڭگولۇقنىڭ ئارزۇسىنى قاناتلاندۇرۇپلا قالماستىن، ئۇ يەنە دۇنيا نوپۇسىنىڭ %85 ىنى ئىگىلەيدىغان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭمۇ ئورتاق ئارزۇسىغا ئايلاندى. (8) لياڭ چىچاۋ جۇڭگو تارىخىنى ‹‹جۇڭگودىكى جۇڭگو››، ‹‹ئاسىيادىكى جۇڭگو›› ۋە ‹‹دۇنيادىكى جۇڭگو›› دەپ ئۈچكە بۆلگەنىدى. خورلۇققا تولغان ئاشۇ دەۋردە، ئاتالمىش ‹‹دۇنيادىكى جۇڭگو›› پەقەت مۇنقەرز بولۇپ، نەسلى قۇرۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن چوڭ خانلىقتىنلا دېرەك بېرىدىغان بولۇپ، غەرب ياراتقان ‹‹دۇنيا سىستېمىسى››غا مەجبۇرىي كىرگۈزۈلگەنىدى. بۈگۈن، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا ئوخشاش نەزەردە قارايدىغان بولساق، جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ ھەمتۈرتكە بولۇشىدا يەنىلا ‹‹جۇڭگودىكى جۇڭگو››، ‹‹ئاسىيادىكى جۇڭگو›› ۋە ‹‹دۇنيادىكى جۇڭگو››دىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچنى باشتىن ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيمىز. ۋاھالەنكى، جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ ئەھمىيىتى ‹‹دۇنيا نوپۇسىنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئىگىلەيدىغان جۇڭگولۇقلارغا پۈتكۈل ئىنسانىيەت بەختىنىڭ تۆتتىن بىرىگە باراۋەر مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالدۇرۇش›› بولماستىن، بەلكى ‹‹پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە تۆھپە قوشۇش››تۇر. مانا بۇ ئىدىيەدىكى تۆھپە قوشۇش، تەپەككۇردىكى تۆھپە قوشۇش، تەرەققىيات يولىدىكى تۆھپە قوشۇش. 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگو تەرەققىياتنىڭ يېڭى يولىنى مېڭىپ چىقتى. بۇ ئىلگىرىكىلەرنىڭمۇ، باشقىلارنىڭمۇ يولىغا ئوخشاشمايدىغان، ھېچكىمدە يوق، مىسلىسىز زامانىۋىلاشتۇرۇش يولى. مۇشۇ يولنى بويلاپ ماڭساق، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئارزۇسىغا يېتىشكە ھەر قانداق چاغدىكىدىنمۇ بەكرەك يېقىنلىشىمىز، ئۇلۇغۋار بىر يول ئالدىمىزدا كەڭ قۇچاق ئېچىپ تۇرىدۇ. ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ‹‹بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئەمەلىيىتىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىككى ‹‹يۈز يىللىق›› كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتەك تارىخىي مۇساپىدە بىرلىككە كەلگەن بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى جەزمەن جۇڭگو يولىغا سىڭىپ، جۇڭگو مۆجىزىسىنى داۋاملىق يارىتىدۇ، جۇڭگونىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرىدۇ! (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 17 – دېكابىر تېلېگراممىسى) تەڭرىتاغ تورىدىن ئېلىندى. |
|