كۆرۈش: 820|ئىنكاس: 3

ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تاپشۇرۇق يېنىكلىتىلدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
شىنجاڭدا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تاپشۇرۇق يۈكى يېنىكلىتىلدى
      مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن ، شىنجاڭدا تۇنجى قېتىم ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوخشىمىغان يىللىقلىرىنىڭ تاپشۇرۇق مىقدارى ئايدۇڭلاشتۇرۇلغان . بەلگىلىمىنىڭ ھەقىقىي تۈردە ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ، شىنجاڭدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق مىقدارىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىلىدىكەن .
     ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتۇشىنى دائىمىي باشقۇرۇش ئاساسىي تەلىپى (سىناق نۇسخىسى)›› دە تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تەكشۈرۈش جەھەتتە ، كۈندىلىك تاپشۇرۇقنىڭ مىقدارى ۋە تاپشۇرۇق ئىشلەشكە كېتىدىغان ئوتتۇرچە ۋاقىتقا قاتتىق ئۆلچەم بېكىتىلگەن ، باشلانغۇچ مەكتەپ 1-، 2-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىغا يېزىقچە ئائىلە تاپشۇرۇقى بەرمەسلىك ، باشقا يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈندىلىك يېزىقچە تاپشۇرۇق ئىشلەشكە كېتىدىغان ۋاقتى بىر سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىك ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۈندىلىك يېزىقچە تاپشۇرۇق ئىشلەشكە كېتىدىغان ۋاقتى بىر يېرىم سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىك ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۈندىلىك يېزىقچە تاپشۇرۇق ئىشلەشكە كېتىدىغان ۋاقتى ئىككى سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىك بەلگىلەنگەن . مۇزىكا، گۈزەل-سەنئەت، تەنتەربىيە پەنلىرىدە ئەمەلىي مەشغۇلاتقا ئېتىبار بېرىپ ، پىرىنسىپ جەھەتتە دەرسلىكتىن سىرت يېزىقچە تاپشۇرۇق بەرمەسلىك بېكىتىلگەن .
     ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مەجبۇرىي مائارىپ باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش نەتىجىسىنى دەرىجە شەكلى ئارقىلىق ئىپادىلەشكە بولىدىغانلىقى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ ئېلان قىلىشقا بولمايدىغانلىقى بەلگىلەنگەن .

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-14 21:41:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز مۇشۇ ئۆلچەمنى ئىشلىتىمىز
ۋاقتى: 2015-12-15 13:20:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ بۇ يەردە 1-يىللىقتىن تارتىپ تاكى 6-يىللىقىچە چۇقۇم ھەپتىسىگە 5قىتىم ،تاپشۇرۇق مىقدارى چۇقۇم بىر بەتتىن كەم بولماسلىقنى تەلەپ قىلىدۇ ،ئۇنداق گەپنى ئاڭلىدۇق ، لىكىن ئەكىسچە باللارنىڭ تاپشۇرۇق مىقدارى كۆپەيسە كۆپەيدىكى ھەرگىزمۇ ئازلاپ باقمىدىغۇ ئەمسە؟؟؟؟
ۋاقتى: 2015-12-16 20:54:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئۇقتۇرۇش چىققىلى بىر يىل بولدى، لىكىن يەنىلا بەزى مائارىپ تارماقلىرى ئۇقتۇرۇش دىگەنگە يۇقىرىدىن بىسىم قىلىپ تۇرۇپ ئەمىللەشتۈرمىسە يەنىلا ئۆزىنىڭ بىلگىنىچە ئىش كۆرىۋاتىدۇ. ھەممە يەردە ئەمىنلىشىپ كىتەر چىققاندىكىن.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش