| لوپنۇر ناھىيىلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەپ 2015-2016 ئوقۇش يىلى 2-مەۋسۈملۈك ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى ھۆرمەتلىك ئوقۇتقۇچىلار،سۈيۈملۈك ساۋاقداشلار :ياخشىمۇ سىلەر! بىز يەنە خوشال كەيپىيات بىلەن يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمىنى كۈتىۋالدۇق ،كۆپچىللىك يەنە مۇشۇ تۇنۇش ۋە گۆزەل بولغان مەكتەپ قوينىغا قايتىپ كەلدۇق.ساۋاقداشلار قىشلىق تەتىل ئارىمىنى ياخشى ئېلىپ ،ھەممىمىز روھلۇق،جۇشقۇن كەيپىيات بىلەن يېڭى مەۋسۈمدىكى ئۇقۇ-ئوقۇتۇش تۇرمۇشىمىزغا كىرىشىپ كەتتۇق،مەن مەكتىۋىمىزدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلارغا ۋاكالىتەن سىلەرنىڭ يەنە ئامان-ئىسەن مەكتەپ قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىڭلارنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. ساۋاقداشلار،يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمىدە،ئوقۇتقۇچىلىرىمىز سىلەرنىڭ خوشال-خۇرام،ساغلام ئۆسۈپ يىتىلىشىڭلارنى ،تىرىشىپ ئۆگىنىپ ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن ئوقۇتقۇچى ۋە ئاتا-ئانىلىرىمىزغا جاۋەپ قايتۇرۇشىڭلارنى،مەكتەپتە ياخشى ئوقۇغۇچى،ئائىلىدە ياخشى پەرزەت بۇلۇشىڭلارنى چىن كۆڭلىدىن ئۈمىد قىلىدۇ. ساۋاقداشلار،سىلەر ھەرقېتىم مۇشۇ لەپىلدەپ تۇرغان بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراققا يۈزلەنگەن ۋاقتىڭلاردا ،بىر ئوقۇغۇچى بۇلۇش سۈپىتىڭلار بىلەن، قانداق قىلغاندا ئائىلىدە ياخشى پەرزەت،مەكتەپتە ياخشى ئوقۇغۇچى،جەمىئيەتتە ياخشى ئۆسمۈر بولغىلى بۇلىدىغانلىقىنى،كەلگۈسىدە قانداق قىلغاندا يېڭى ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشالايدىغان ،دەۋىر تەرەققىياتىغا ماسلىشالايدىغان،جەمىئيەتكە تۆھپە قوشالايدىغان لاياقەتلىك ئىقتىساسلىقلاردىن بولغىلى بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقتىڭلارمۇ؟ بۇ جەھەتتە سىلەرگە تۆۋەندىكىدەك ئۈمىد ۋە تەلەپلەرنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتىمەن. 1. ئاۋال ئادەم بۇلۇشنى ئۆگىنىۋىلىش كېرەك. يەنى باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشنى،ئۆز-ئارا ياردەم قىلىشنى ،ئەدەپلىك،ئەخلاقلىق ئادەم بۇلۇش كېرەك. 2. ئۆگىنىش قىلىشنى بىلىش كېرەك. ساۋاقداشلار ئۆگىنىش جەريانىدا جاپاغاچىداپ قېتىقىنىپ ئۆگىنىدىغان روھنى يىتىلدۈرىشى،ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى توغرا ئىگەللەپ،ئاز كۈچ سەرىپ قىلىپ كۆپ ئۈنۈمگە ئىرىشىش ئۇسۇلى جەھەتتە ئىزدىنىشى كېرەك. 3. كۈچلۈك بولغان بەدەن ساپاسى ۋە ياخشى بولغان پېسخىكا ساپاسىنى يىتىلدۈرۈش،ئاساسىي تۇرمۇش تېخنىكىسىنى ياخشى ئىگىلەپ،ساغلام بولغان ئىستىتىك خاھىش ،تەرەققى قىلىش ئالاھىدىلىكى يىتىلدۈرۈپ،كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى ئاساس سېلىش،ئۆگىنىشتە ئالدىنقىلارغا يىتىشىۋىلىش ئىدىيىسىنى تۇرغۇزۇش كېرەك. 4. ئىتتىپاقلىشىپ،دوستانە ئۆتىشىمىز،قانۇن-ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشىمىز،ئۇمۇمنىڭ مال-مۈلكىنى ئاسىرشىمىز كېرەك.مەكتەپ ۋە سىنىپ ئىستىلى قۇرۇلىشىغا تۆھپە قۇشۇپ ،كوللىكتىۋىزىملىق تۇنۇشىنى كۈچەيتىپ،ئۇيىشىش روھىنى يىتىلدۈرۈپ،ئەدەپلىك،مەدەنىيەتلىك،ياخشى ئوقۇغۇچىلاردىن بۇلۇشىمىز كېرەك. 5. مەكتەپ ۋە ئائىلىدە ياخشى بولغان تازلىق ئادىتىنى يىتىلدۈرۈپ،كىيىم-كېچەكلەرنى پاكىز،رەتلىك كىيىشىمىز،ئەخلەتلەرنى قالايمىقان تاشلىماي پاكىز،گۆزەل بولغان ئۆگىنىش ۋە ئۆسۈپ يىتىلىش مۇھىتى بەرپا قىلىشىمىز ۋە ئۇنى قوغدىشىمىز كېرەك. 6. ھەرۋاقىت بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. (1) مەكتەپكە كەلگەندە ۋە مەكتەپتىن قايتقاندا يوللاردا ئوينىماسلىقىمىز،يولدىن قالايمىقان كىسىپ ئۆتمەسلىكىمىز،يولنىڭ ئوڭ تەرىپىدە تەرتىپلىك مېڭىشىمىز،ئېرىق-ئۆستەڭ،كۆلچەكلەردىن يىراق مېڭىشىمىز كېرەك. (2) ئوت بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىشىمىز،ئوت ئوينىماسلىقىمىز،ئوت تۇتاشتۇرغۇچى نەرسىلەرنى ئېلىپ يۈرمەسلىكىمىز،توكلۇق نەرسىلەرنى ئىشلەتكەندە چوقۇم چوڭلارنىڭ كۆرسەتمىسى بۇيىچە ئىشلىتىشىمىز،توك سىملىرىغا قالايمىقان چېقىلماسلىقىمىز كېرەك. (3) مەكتەپكە كەلگەندە ۋە مەكتەپتىن قايتقاندا قاتناش بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىشىمىز،يوليۈرۈش تاختىي يوق ماشىنىلارغا چىقماسلىقىمىز،يوليۈرۈش كېنىشكىسى يوق شوپۇرلارنىڭ ماشىنىسىغا ئولتۇرماسلىقىمىز ،ماشىنىغا چىققاندا ئورنىمىزدا بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقاپ، جىم ئولتۇرۇشىمىز،دەرىزىدىن قول ۋە بېشىمىزنى چىقارماسلىقىمىز كېرەك. بۇ ئوقۇش مەۋسۈمىدە 6-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى ئىنتايىن مۇھىم بولغان ئۆگىنىش باسقۇچىغا قەدەم قويىدۇ،سىلەرنىڭ نىشاننى توغرا ئىگىلەپ،ئىشەنچنى تېخىمۇ چۈچەيتىپ،ئاڭلىقلىق بىلەن قېتىقىنىپ ئۆگىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.سىلەرنىڭ چوقۇم تىرىشىپ ئۆگىنىپ ،ياخشى نەتىجىلەر بىلەن مەكتىۋىمىزگە شەرەپ كەلتۈرىشىڭلارغا ئىشىنىمىز. ساۋاقداشلار،سىلەر 21-ئەسىرنىڭ خوجايىنلىرى، ۋەتەننىڭ كەلگۈسى قۇرلىشىدىكى جەڭگىۋار قوشۇنى،جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۈمىدى! ئىلگىرى بىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە مۇنەۋەر ئوقۇغۇچىلارنى يەتكۈزۈپ بېرىپ ،ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىشەنچىسى ۋە قوللىشىغا ئىرىشتۇق. بىز بۇنىڭدىن كېيىن مەكتەپنىڭ ئىسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ،ئوقۇ-ئوقۇيۇش سەۋيىمىزنى تېخىمۇ ئۆستۈرىمىز.ئىمكانقەدەر ئوقۇغۇچىلارغا ياخشى ئۆگىنىش مۇھىتى تارىتىپ بېرىمىز،سىلەرنىڭ بۇ ئوقۇش مەۋسۈمىنى يېڭى بىر باشلىنىش دەپ قاراپ،يېپيىڭى روھىي قىياپەت بىلەن ئۆگىنىشكە كىرىشىڭلارنى ،مەكتەپنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىپ،ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەپ،تىرىشىپ ئۆگىنىپ،ئەلا نەتىجە بىلەن مەكتەپ ۋە ئاتا-ئاناڭلارغا جاۋاپ قايتۇرۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز. ئاخىردا بارلىق ئوقۇتقۇچى،ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېنىنىڭ سالامەت تۇرمۇشىنىڭ خاتىرجەم،ئۆگىنىشىنىڭ كۆڭۈللۈك بۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.كۆپچىللىككە رەھمەت! |
|