| بىر كۈنى بىر نامرات كىشى بايلىقىدىن كىبىرلىنىپ كەتكەن بىر باينىڭ ئىشىكىنى چېكىپتۇ . باي ئىشىكنى ئېچىپ ئالدىدا تۇرغان نامراتنى كۆرۈپ ، ئۇنىڭ ئەسكى كىيىملىرى ئىچىدە شۈمشىيىپ تۇرغان تۇرقىغا بىر كۆز يۈگۈرتىۋىتىپ ئۇنى سەت تىللار بىلەن تىللاپ ئىشىكىدىن قوغلاپتۇ . نامرات باينىڭ ھاقارەتلىرىنى ئاڭلاپ ئىچ-ئىچىدىن ئۇھسىنىپ ، يولنىڭ بىر چېتىگە ئۆتۈپ شۇنداق يىغلاپتۇكى. يېقىن ئەتراپتا ئولتۇرغان بىر قارغۇ نامراتنىڭ يىغا ئاۋازىنى ئاڭلاپ ، چىدىيالماي ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىپتۇ ۋە نامراتنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ ئېلىپ مېڭىپتۇ . قارغۇنىڭ كۆزى كۆرمىگەن بىلەن تۇرمۇشى ئىنتايىن ياخشى ئىكەن . نامرات قارغۇنىڭ ئۆيىدە ئېسىل تائاملارنى يەپ ، يۈز-كۆزلىرىنى يۇيۇپ خېلىلا جانلىنىپ قاپتۇ . قارغۇ ئۇنىڭغا پاكىز يوتقان كۆرپىلەرنى تەييار قىلىپ بىرىپتۇ . نامرات قارغۇنىڭ قىلغان ياخشىلىقىلىرىدىن تولىمۇ تەسىرلىنىپتۇ ۋە يۇمشاق پاكىز يوتقانلارغا كىرىشتىن بۇرۇن قارغۇ ئۈچۈن ئۇزۇندىن -ئۇزۇن دۇئا قىلىپتۇ . كېچىنىڭ يېرىمىغا كەلگەندە قارغۇ بىئارام بولۇشقا باشلاپتۇ . ئاخىرىدا كۆزىدىن ئاچچىق ئىككى تامچە ياش چىققاندىن كېيىن ئۇنىڭ كۆزلىرى ئاستا-ئاستا كۆرۈشكە باشلاپتۇ . تۇغما قارغۇنىڭ كۆزلىرىنىڭ ئېچىلغانلىقىدەك خۇش خەۋەر ئەتراپقا تىزلا يىيىلىپتۇ. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ھېلىقى كىبىرلىك باي قارغۇنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ‹‹ سېنىڭ كۆزلىرىڭنى زادى كىم ئاچتى ؟›› دەپ سوراپتۇ . قارغۇ : - سەن قانداق ئادەم زادى ؟ سەن ئىشىكىڭنى چەككەن غېرىپنى قوغلىغاننى ئاز دەپ ئۇنىڭغا ئازار بەردىڭ ، ئۇمۇ يەتمىگەندەك ئۇنىڭغا ھاقارەت قىلىپ ئۇنى خورلىدىڭ . مانا قارا مېنىڭ كۆزلىرىمنى دەل سەن كۆزگە ئىلمىغان ، نامرات دەپ ئىشىكىڭدىن ھاقارەتلەپ قوغلىغان كىشى ئاچتى . سەن بېشىڭغا چۈشكەن بەخىت - ئامەت قۇشىنى ھاقارەتلەپ قوغلاپ ، قوزغۇنلار بىلەن قالدىڭ ، سەن نېمىدىگەن بىچارىسەن ! دەپتۇ . بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان باي ئېسىت دېگىنىچە ‹‹ مەن قىممىتىنى بىلمىگەن كىشىگە سەن ھۆرمەت كۆرسىتىپ ئەڭ گۈزەل مۇكاپاتقا ئېرىشىپسەن ، مەن ئىشىكىمگە كەلگەن بەخىت قۇشىنى ئوۋلىيالماي ساڭا تاشلاپ قويۇپتىمەن ، ھەي ئېسىت ، ھەي ئېسىت ! ›› دېگىنىچە قارغۇنىڭ ئۆيىدىن پۇشايمان بىلەن چىقىپ كىتىپتۇ . ياخشىلار قەدەم باسقان تۇپراق دەرماندۇر. كۆڭۈل كۆزلىرى كىبىر بىلەن توسالغان ، غەپلەتتە قالغان كىشىلەر ئۇنىڭدىن دەرمان بولالماس ، ئۇلار ھېچنىمىنىڭ قەدرىنى بىلمەيدۇ ، پەقەت ياخشىلار قولىدىن چىقىپ كەتكەندە ئاندىن پۇشايمان قىلىشتىن باشقىسىنى قىلالماي ھەسرەت بىلەن ئۆرتىنىدۇ .
|
|