بۇ يازمىنى ئاخىرىدا زەپەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-24 22:55
نەسىرلەر-ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيار
نەسىرلەر ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيار بېلىق تۇتقۇچى قارماقنىڭ سۇ يۈزىدىكى لەيلەتمىسنىڭ سىلكىنىشىنى توسماقچى بولسەنۇ، توسىيالمايسەن. ئۇ شىشىدەك سۈزۈك ۋە تەكشى سۇ يۈزىدە گويا ئۇيقۇدىكى ساھىبجامالدەك تىنچ، خىرامان تۇرغىنى بىلەن چەكسىز سۈكۈتىدە ئۆلۈم ھىدى پۇراپ تۇرىدۇ. سۇ ئاستىدىكى قارماقنىڭ تىلىدا بېلىق تۇتقۇچىنىڭ يۈرىكى تىپىرلاپ، يەمچۈك ئەتراپىدىكى بېلىقلارنىڭ يەمگە ئىنتىلىشىنى ئىستەيدۇ. سۇ چېچەكلىرى، ھۆل بەدىنى بىلەن نازغىپ، ئىنسانىيەتنىڭ قاپقارا دىلىغا تەڭ ناخشىسىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ ئىنتىلىدىغىنى پىلتىڭلاپ ئۈزۈۋاتقان بېلىقلارنىڭ داد - پەريادى.
ئەنە، قاشا ئۈستىدە زوڭزىيىپ بىر چال سۇغا كۆز تىكمەكتە. قولىدىكى قارماق سۇ ئاستىدا خۇددى كۆرۈنمەس تىغدەك ئىشتىھا بىلەن ھاياتلىقنىڭ قارنىنى يارماقتا. ھەسرەتلىك سۇ پېتىۋاتقان قۇياشتەك قىزىللىقى بىلەن مۇڭغا تولغان. ئۇنىڭ ئازاب ۋە تەشۋىشىدە نادان بېلىقلار يەنىلا غەمسىز بالىلاردەك قارماققا ئېسىلىپ ئوينىماقتا ئىدى. مەن نىمىشقىدۇر بىردىنلا ئەتراپىمدىكى بىلىق تۇتقۇچىلا بىلەن يەمگە ئىنتىلگۈچىلەرنى ئەسلەپ قالدىم. ئۇلار قارىماققا بىر-بىرىگە كۈيىنىۋاتقاندەك قىلسىمۇ، ئەمما بىر-بىرىدىن ئېھتىيات قىلىشاتتى. چۈنكى، يەمگە ئىنتىلگۈچى تۇيدۇرماي يىسەم دېگەننى ئويلىسا، بىلىق تۇتقۇچى ئاستا ئىلىندۈرسەم دېگەننى ئويلايتتى. شۇڭا ئۇلار قارىماققا ئاشۇق-مەشۇقلاردەك كۆرىنسىمۇ، قەلبىىدە مىڭ جىن قۇترايتتى.
مەن خىيال دەرياسىدىن قاشقا ئۈزۈپ چىقتىم-دە، يان-يېنىمغا قارىدىم. ئۇ يەردە بىر توپ قىزلار ئەرلەرنىڭ قۇچىقىدا ھاياسىزلارچە پىلتىڭلاپ ئۈزمەكتە، بىر توپ يىگىتلەر ئىچمەكتە، چەكمەكتە، «دەتتىكام» دەپ ئاتماقتا. بىر توپ كىشىلەر يانچۇققا قول تىقماقتا، بىر توپ كىشىلەر قۇلۇپلارنى بۇزماقتا. بىر توپ كىشىلەر ھەممە يەرگە تور يايماقتا، بىر توپ كىشىلەر ھاياتلىق كۆلىگە كۈرۈنمەس يىپلار بىلەن قارماق تاشلىماقتا. بىر توپ كىشىلەر يەمگە قاراپ ئىنتىلمەكتە. بىر توپ كىشىلەر كۈلمەكتە، بىر توپ كىشىلەر زار يىغلىماقتا. بىر توپ كىشىلەر...
راست، كىشىلەر تۇلۇمۇ مۇرەككەپ. بىرسى ئالىمەن دەيدۇ، بىرسى سالىمەن دەيدۇ. لېكىن مەن دەيمەن:
نەپسىنىڭ كەينىگە كىرسە گەر ئىنسان، دۇنيادا بىر ئۆمۈر تاپمايدۇ ھايان.
لېكىن بىلىق تۇتقۇچى يەنىلا قارماق لەيلەتمىسىنىڭ ئاچچىق سىلكىنىشىدىن شادىيانە كۈلكىگە ئورالغانىدى.
- دۇنيا شۇنداق،- دېدى بىر بوۋاي:
-بىرىمىز قارماق تاشلايمىز، بىرىمىز ئىلىنىمىز. ئۇمۇ نەپسىنى دەيدۇ، بۇمۇ نەپسىنى دەيدۇ. نەتىجىدە ھايات قانغا بويىلىدۇ، تەبىئەت كۆز يېشى قىلىدۇ...
مەن بوۋاينىڭ سۆزىدىن نېمىندۇر بىر نىمىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم-دە، بىلىق تۇتقۇچىغا، ئۆزۈمگە ۋە ئادەملەرگە ئىنساپ تىلىدىم.
نادانلىق سايىسى ]نادانلىق سايىسى مېنى ئەگىپلا يۈرەتتى. سىماپتەك سىيرىلىپ چۈشكەن ئاچچىق كۆز ياشلىرىمنى پۇشايمان رومكىسىغا لىق تولدۇرۇپ، ئەلەم بىلەن ئىچىۋەتتىم، يەنىلا غېرىپلىق ۋە ئاجىزلىقنىڭ زەنجىرىدىن قۇتۇلالمىدىم. چۈنكى، دات باسقان ئەقلىم ياشلىقىمنىڭ بەڭباش كوچىسىدا لالما ئىتنىڭ ئۇيۇنىنى ئويناپ، خۇددى نەچچە يېرى يىرتىلغان ئەسكى چاپاندەك ساڭگىلاپ تۇراتتى. زەئىپلەشكەن تېنىم تاشلىۋېتىلگەن كونا پېتەكتەك ئۇنتۇلغان ئىدى. ئاھ خۇدا دېدىم ئىچىمدە: «ئەگەر قىمارنى دەپ، شۇ بىچارە ئايالىمنى مەڭگۈلۈك مېيىپ قىلىۋەتمىگەن بولسام، ئۇ چاغدا تۇرمىدا ياتماس ئىدىم. بالىلىرىممۇ ماڭا نەپرەتلەك كۆزلىرى بىلەن باقماس ئىدى.» لېكىن مەن نادانلىقىم تۈپەيلى سۆيۈش ۋە سۆيىلىشتىن، مۇھەببەتتىن تامامەن ئايرىلغان ئىدىم. مەندە قالغىنى پەقەت ۋە پەقەتلا ئاچچىق ھەسرەت، داۋاسىز پۇشايمان.
مەن تىترەۋاتقان بارماقلىرىم بىلەن ئۆمۈر دەپتىرىمنى ۋاراقلىدىم. ئۇ ھايات يولىدا دەلدۈگۈنۈپ، ئالەمدىن بىنەزەر ھالدا مەس ناخشىسىنى توۋلاپ، كوچا چىڭدىماقتا. ئۇ سۈبھىدىن شامغىچە ۋاقىتنى خارلاپ، كورت ئويۇنى، دوقمۇش پارىڭىغا تىگىشمەكتە. كىملەرنىدۇ كىملەرگە چېقىپ، كىملەردىندۇر شەپقەت تىلىمەكتە. غۇرۇرنى پايغان قىلىپ، ئېشەك ھاڭرىغان، داپ داراڭلىغان يەرلەردە چار پاقىدەك ئۆمۈلىمەكتە...
ئاھ، تاڭرىم، ئۇ راستىنلا مەنمۇ؟ نېمە دېگەن يىرگىنىشلىك-ھە؟!
بىلمىدىم، قەلبىمنى ئىللىتقۇدەك ئوت-ئۇچقۇنمۇ يوق. نە ھەسرىتىمنى تۆكۈدەك ئادەم. نېمىشقىدۇر كىچىككىنە دەرىزىدىن سىرتقا قارايمەن. ھەممە يەرنى جىمجىتلىق قاپلىغان. ئاي مېنى توغرا يول تېپىۋالسۇن دېگەندەك شۈمشۈيۈپ قالغان ياپراقسىز دەرەخ شاخلىرى ئارىسىدا سۈتتەك بىغۇبار نۇرلىرىنى تۆكۈپ تۇرىدۇ. يۇلتۇرلار كۆكتە شوخ جىمىرلاپ، مېنى ھاياتنى سۈيۈشكە دەۋەت قىلىدۇ. مەن چەكسىز خىيلللار قاينىمىدا تاڭنى كۈتىمەن...
مانا خورازلارنىڭ زىل ئاۋازدا چىللىشى بىلەن جىمجىتلىق قەلبىمدەك بۇزۇلدى. مەن بېلىق كۆكسىدەك ئاقىرىشقا باشلىغان تاڭدىن يېڭى بىر ھاياتلىقنى كۆرگەندەك بولدۇم-دە، تۆنۈگۈننىڭ ئالتۇن بارماقلىرىنى كېسىۋېتىپ، نادانلىق سايىسىدىن ئۈزۈل - كېسىل قۇتۇلدۇم.
رەزىللىك گۈلى مەن ھەممە يەردە ئاندا-مۇندا ئېچىلىدىغان زەھەرلىك گۈل. ۋىجدان ئالدىدا ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدىغان سېسىق پېتەك. ناكەسلەرنىڭ قۇلىدا ئالتۇن ھالقا. شۇڭلاشقا خۇمسىلار مېنى خوتۇنىدىنمۇ ئەتىۋارلاپ، يۈرىكىدىن ئورۇن بېرىشىدۇ. گويا ئوۋنى كۆرگەن يولۋاس شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىپ تۇرغاندەك مېنى ئۆزىگە ھەمرا قىلىۋالغانلارگۈزەللىكنىڭ ئېتىزىنى نابۇت قىلىشىدۇ.
مەن- ئازاپ دېڭىزى، ھەسرەت ۋە نادامەتنىڭ بالىلىرىنى ئەللەيلەيدىغان بۆشۈك، مېنىڭ دىلىم قارا، قولۇم قارا. ماڭا يولۇققانلار قاباھەتلىك قىسمەتنىڭ ئوچاقلىرىدا مىڭ بىر ئۆلۈپ، مىڭ بىر تىرىلىپ، ۋاي دات بىلەن جېنىنى ئىكەكلەيدۇ. قىزلار ماڭا ئىگە بولدىمۇ ئەرلەر ئوتقا چۈشكەن قىلدەك تولغۇنۇپ ئۈنسىز نالە قىلىشىدۇ. ئەرلەر ماڭا ئىگە بولدىمۇ، ئاياللار سەرسانلىشىپ، بالىلار يېتىمغا ئايلىنىدۇ. دۇنيا مېھىرسىزلىك پاتقىقىدا چەيلىنىدۇ. دەل شۇ چاغدا ئۆلگەن يىلانلار تىرىلىپ، قىيامەت دەھشىتى باستۇرۇپ كېلىدۇ.
مەن، شائىرلارنىڭ قامچىسى تېگىپ تۇرسىمۇ ئۆلمەيدىغان روھ. تارىخچىلارنىڭ نەزىرىدە، تەگسىز ھاڭ. مەن ئانىلارنىڭ كۆز يېشى، بالىلارنىڭ قەبرىگاھى. مەن-دەرەخنىڭ يىلتىزىغا چۈشكەن قۇرۇت. مەن-ئاشلىق ئامبىرىغا چۈشكەن مىتە. مەن- قاغا ئاغزىدىكى يەمنىى ئېلىپ قاچقان تۈلكە. مەن- قۇشلارنىڭ بېسىپ ياتقان تۇخۇمىغا ئۇرۇلغان تاش. مەن- ياخشىلىقنىڭ ئورمىسىنى خام ئورىغۇچى بەندە. مەن- يۇلۇچىلارنىڭ يۇلىغا تاشلانغان تىكەن. مەن-مېھرى-مۇھەببەت مايسىسىنى يۇلۇپ تاشلىغۇچى جادىگەر. مەن-مەنپەئەت ئۈچۈن ۋاستە تاللىمايدىغان يەتتە باشلىق تالماۋۇز..
لېكىن، دوسلىرىم ئازمۇ ئەمەس. ئۇلار ماڭا ھەر كۈنى يېڭى ئەزالىرىنى تۇنۇشتۇرۇپ قۇيىدۇ. مەن ئۇلارغا رەزىللىك ناخشىسىنى ئۈگۈتىمەن. ئەمما ئىچىمدە«ئاھ، رەزىللىك گۈلى، سەن ھەرقانچە باراقلىساڭمۇ مەڭگۈ سۈيۈلىشكە ئېرشەلمەيسەن» دەيمەن.
كۈلدان كۈلدانىم ئاچ قالغان ئەرۋاھتەك ئېغزىنى يوغان ئاچقىنىچە ماڭا قاراپ تۇراتتى، ئۇنىڭدىكى كۈيۈندىلەر خۇددى مېنىڭ قەدىرسىز، مەنىسىز ئۆتكەن ئۆمرۈمنىڭ ئىسپاتىدەك سولغۇن ۋە پەرىشان ئىدى. بار بىلەن يوقنىڭ ئارلىقىدىكى ھاياتلىق دەرىخىم تۇپا باسقان كۈلداندەك ھەسرەت ناخشىسىنى ئېيتماقتا. كۈيەندىلەرنىڭ ئىزىپ، ئىزىپ تاشلانغان تۇرقىدا ئۆتمۈشۈم بىلەن بۈگۈنۈمنىڭ پىغان ئىچىدىكى ئاجىز ئىڭرىشى يېڭىلا ئۆچەكتىن چىققان قۇرت - قۇڭغۇزلاردەك مىدىرلىماقتا. تۈتۈق دەرىزەمدە ئاي گويا كەپتەردەك بۇقۇلداپ يىغلىماقتا ئىدى.
مەن نادانلىقىم بىلەن خوشلۇشۇپ، ئىت كۈنىدەك تۇرمۇشۇمدىن يىڭنە تۆشۈكىدىكى يىپتەك سوغۇرلۇپ چىقتىم. شۇ دەقىقىدىكى خوشاللىقىم ئۇچۇرما بولغان قۇش بالىسىدەك چەكسىزلىككە كىرىپ كەتتى. قەلبىم ئاسمىنىدا نۇر شولىلىرى چاراقلايتتى. مەن خوشال بولدۇم ھەم قىرغاقتىكى بىمار يىلاندەك ئاچچىق تولغۇنۇپ:
− ئاھ، بىھۇدە ئۆتكەن ئالتۇندەك ۋاقىتلىرىم -دېدىم ئۆزۈمگە ۋە ئەلەم بىلەن تاماكا قالدۇقلىرىدەك قەدىرسىز كۈنلۈرۈمنى ئەسلىدىم.
ئۇ يەردە بۇلغانغان تېنىم، ئىپلاسلىقىم، ئاQ چە پىكرىم ۋە زەئىپ تۇيغۇم كۈلدان ئىچىدىكى كۈيەندىلەردەك مۇڭلۇنۇپ تۇراتتى.
قولۇقۇمغا كىمدۇر بىرى پىچىرلىدى:
ئۆز-ئۆزىنى بىلسە ھەركىم ھاياتتا،
ئۇنىڭ ئۆمرى مەنىسىنى تاپىدۇ.
ئەل- ۋەتەنگە خىزمەت قىلغان ئۆلسىمۇ،
قەبرىسىگە ئەۋلات يوپۇق ياپىدۇ.
روھىمدا چاقماق چېقىلدى. ئاچچىق قسمىتىم ۋە تەقدىرىم ماڭا مېنىڭ «كىم» لىكىمنى ۋە نېمە قىلىشىمنى كۆرسىتىپ بەردى. مەن شۇندىلا مېنى مەسخىرە قىلىۋاتقان «كۈلدان» نىمنى ئىككىلەنمەي چېقىۋەتتىم-دە، ھەقىقىي ئادەملىكىمنى ئىزدەپ، ھاياتقا يېڭىدىن قەدەم باستىم.
بارماققا قارا!... بەش بارمىقىڭ بىردەك ئەمەس ئايان بۇ، بىرسى ئالتۇن، بىرسى بۇغداي، سامان بۇ. ھايات شېرىن، گاھى زەھەر، چايان بۇ،
ئەزەلدىنلا تەڭشەلمىگەن جاھان بۇ.
شۇنداق بالام، شۇنداق. بۇ جاھان ئەزەلدىنلا تەڭشەلمىگەن. مۇنۇ بارماققا قارا، خۇددى تەكشى ئۆسمىگەن قوناق تۈپلىرىدەك ئېگىز- پەس، ئۇزۇن- قىسقا. مانا بۇ ھاياتلىق ئالىمى بالام، مانا بۇ تەكشىسىز دۇنيا، مانا بۇ تۇرمۇش. لېكىن بالام، ھەر بىر بارماققا سەل قارىما! ئۇ ئايرىم تۇرغاندا قىلنى قىرىق يارالمىغىنى بىلەن جۈپلەشسە چۆلنى بوستان، تاغنى تالقان قىلالايدۇ. ھاياتلىقنىڭ ھەربىر دەملىرىنى بۇلۇق مېۋىلىككە ئايلاندۇرالايدۇ. ئۇنىڭ بىرلىكىدە كۈچمۇ، ئېتىقادمۇ، ئېشەنچمۇ بار. ئۇ قاچانكى ئۇيۇلتاشتەك بىر گەۋدىگە ئايلىنالىسا، ياۋاشقا يانتاياق، رەقىبكە توقماق بولۇپ، ھەقىقەتنىڭ قوڭغۇرىقىنى جىرىڭلىتالايدۇ. ئۇ ئۆزىدىكى شۇ خىل روھ بىلەن نۇر يىپلىرىدەك جاي - جايغا تاراپ، مۇزلىغان قەلىبلەرنى ئىللىتالايدۇ.
بىلگىن بالام، ئۇ تېرىقتەك چېچىلمىسىلا، تەڭرىتېغىدەك بەردەملىكى بىلەن بورانلارنىڭ زەربىسىنى يەر بىلەن يەكسان قىلالايدۇ. بىراق بالام، ماۋۇ ئۇنداقكەن، ئاۋۇ مۇنداقكەن دەپ، بىىرىنى سۇزۇپ تاشلىساق، بىرىنى كېسىپ تاشلىساق ئۇنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولار؟ ئېيىتقىنا بالام، ئۇ چاغدا ئۇ ئوق يىلتىزى كېسىلگەن دەرەخكە، قانىتى سۇنغان قۇشقا ئوخشاپ قالمامدۇ؟ بىلسەڭ بالام، مانا بۇ پاجىئە. شۇڭا دەيمەن بالام، ھېلىغۇ بىر بارماقكەن بىرتال تىرناق چىقىپ كەتسە قانداق بولۇپ قالىمىز؟
ئويلان بالام، تېرەن ئويلان! سەن بىر بارماق، ئاكاڭ بىر بارماق، ھەدەڭ بىر بارماڭ، ئىنىڭ بىر بارماق، سىڭلىڭ بىر بارماق. سىلەر بەشىڭلار بەش بارماق. سىلەرنىڭ يىلتىزىڭلار بىر، دىلىڭلار بىر. ئەمما بالام، چۈجە - خورازلاردەك كۈن بويى چوقۇشۇپ، ئاغىزى - بۇرنىڭلارنى قان ئېتىشسەڭلار قانداقمۇ تۈن قوينىدىكى گۈلخاندەك نۇر چاچالايسىلەر؟ قانداقمۇ بەخت يولىغا قەدەم قويالايسىلەر؟
ئېسىڭدە تۇت بالام، ئانا تۇپراق خۇددى پاكىز بىر يۆگەك. ئۇ سېنىمۇ، مېنىمۇ، ئۇنىمۇ چوڭ قىلغان. ئۇ بىزنىڭ پاناھگاھىمىز، ئۇ بىزنىڭ تاۋاپگاھىمىز. بىز ئۇنىڭ بەش بارمىقى. گەرچە تۇرمۇش بارماقلىرىمىزدەك تەكشىسىز بولسىمۇ، بىز بىر-بىرىمىزنىڭ ئېغىرىنى كۆتۈرۈپ، ھەممە ئىشتا ھەمكارلاشساق، ئۇيۇشساق، ئىتتىپاقلاشساق ئانا ۋەتەننى ھەقىقىي گۈللەندۈرەلەيمىز. شۇڭا ئىلتىجايىم بولسۇن بالام، سەن ئاناڭ ئەتكەن پولۇنى قوشۇقتا ئەمەس، قولۇڭدا تويغۇچە يە، يەپلا قالماي بارمىقىڭغا قارا! ئۇ جۈپلەشمىسە قانداق بولىدىكىن؟
ئۆتۈنەي بالام، يۈرۈكۈمدىن چىقىپ كەتمە. بولمىسا ۋەتەنگە يۈز كېلەلمەيمىز.
ھەي ئىسىت، بالىلىرىم...
ھەي ئېسىت بالىلىرىم، سىلەرگە قاراپ ئىچىم ئوغا ئىچكەندەك ئاچچىق بولىۋاتىدۇ. قەلبىم ئېيىتقۇسىز ئىزتىراپ ئىچىدە ئوتقا چۈشكەن قىلدەك تولغىنىۋاتىدۇ. شۇڭىمۇ ئىچ-ئىچىمدىن ئېچىنىۋاتىمەن... يىغلاۋاتىمەن... ئۇزاق، بەك ئۇزاق يىغلاۋاتىمەن...
بىلىمەن بالىلىرىم، بىز كىچىكىڭلاردىن تارتىپ نېمە دېسەڭلار خۇددى خاننىڭ يارلىقىنى ئاڭلىغان قۇلدەك ھەممىنى تەل قىلىپ بەردۇق. تاماق يېگىلى ئۇنىمىساڭلار ھازىرلا ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك ئالدىڭلاردا تىزلىنىپ يالۋۇردۇق. يىغاڭلارنى توختىتىش ئۈچۈن بوينىمىزغا مىندۈرپ ئېشەك بولدۇق. شاھانە كىيىملەرنى ئېلىپ بېرىپ، گويا قورچاقتەك ياساپ قويدۇق. تېخى بەزىلىرىمىز يېڭى ئۆسكەن مايسىدەك يۇمران چاچلىرڭلارنى رەڭگارەڭ بۇياپ، بۈدرە قىلدۇق دەپ پۈرلەپ، پۈرلىۋەتتۇق. گىرىمنى بولىشىغا قىلىپ، سۈتتەك ئاق، نازۇك تېرەڭلارنى ئالا - بۇلىماچلىدۇق. ناھايىتى ئازلىرىمىز شان - شەرەپ تاماسىدا كىندىكىڭلارنى ئوچۇق قويۇپ، سەھنىگە ئىتتىردۇق. يەنە بەزىلىرىمىز رىستۇرانلارغىچە سۆرەپ ئاپىرىشتۇق. راست گەپ، كۆپىمىز ئۆرۈپ ئادەتلىرىمىزگە يات ھەر قىسما ئىشلارنى قىلىشتۇق. شۇنداق ئىكەن، سىلەر ئەركە - نايناق، ياسانچۇق، تەييارتاپ،باش - باشتاق بولماي، كىم بولسۇن؟ ئېيتىڭلار بالىلىرىم، سىلەردىكى ھاكاۋۇرلۇق، مەنمەنچىلىك نەدىن كەلگەن؟ كىچىك تۇرۇپ دېمىقىڭلارنىڭ ئۈستۈنلىكىچۇ تېخى؟ شۇڭىمۇ ئىچ-ئىچىمدىن ئېچىنىۋاتىمەن، يىغلاۋاتىمەن... ئۇزاق، بەك ئۇزاق ئويلاۋاتىمەن...
بىلىمەن بالىلىرىم، بىز سىلەرنى ئۆزىمىزگە خان قىلىۋالدۇق. شۇڭىمۇ مۇنداقلا يىقىلىپ چۈشسەڭلار، ئورنۇڭدىن دەس تۇر! دېيىشنىڭ ئورنىغا: «ئالتۇن بالام، جان بالام، يۈرەك پارەم، خان بالام»... دەپ ئايىغىڭلاردا قۇرۇتتەك مىدىرلاپ، پەپىلىدۇق، يۆلىدۇق. خۇددى قوپالمايدىغاندەك، ياكى مېيىپتەك...
مۇبادا سىرتلارغا چىقىپ، قىزىق، قىزىق ئوينىماقچى بولساڭلار: «كىيمىڭلار مەينەت بولىدۇ، خەتەر چىقىدۇ، ئۆيدە ئۆگىنىش قىلىڭلار» دەپ روھىڭلارنى كۆرۈنمەس يىپ بىلەن بوغۇپ، نۇرغۇن، نۇرغۇن ئارمانلىرىڭلارنى يوق قىلدۇق. خۇددى سىلەر ئۆي ئىچىدىلا ياشاشقا يارالغاندەك ياكى ھەممىنى كىتابتىن ئۆگىنىدىغاندەك...
بالىلىرىم، ئەمدى ئويلاپ باقسام، سىلەرگە كىتابىي بىلىمدىن باشقا ھېچنىمە ئۆگەتمەپتۇق. بىرەر ئىش قىلماقچى بولساڭلار چۇۋۇپ قۇيىشىڭلاردىن ئەنسىرەپ، ھېچ ئىش قىلغۇزماپتۇق. خۇددى سىلەر چوڭ بولمايدىغاندەك. بىر ئۆمۈر ئىش قىلماي ئۆتۈپ كېتىدىغاندەك ياكى رەھىمسىز تۇرمۇش قاينىمىغا چۆكمەيدىغاندەك...
ئېچىنىشلىقى شۇكى بالىلىرىم، قاراڭغۇدىن قورقۇپ تالاغا چىقالمىساڭلار، سايەڭلەردىن ئۈركۈپ ئىشتانغا چىقىرىۋەتسەڭلار، كوكات بىلەن بۇغداي مايسىنى ئايرىيالمىساڭلار ياكى بىرەر ئىشنى ئەپلەشتۈرۈپ قىلالمىساڭلار، ئۆلگۈچە قاھشاپتۇق. لېكىن ئۆگەتمەپتۇق. شۇنداق ئىكەن سىلەر چولاق، مىشچان بولماي كىم بولىدۇ؟
بىلىمەن بالىلىرىم، بىز كېچە - كېچىلەپ رېستۇرانغا بەيگىدىكى ئاتتەك چېپىشتۇق. بولىشىچە ئىچىپ، ئويناپ قۇسۇققا مىلىنىپ ياتتۇق. تاماكىنى دەم تارتىپ، گاھى بىرلىرىمىز ھوشۇقنى «دەتتىكام»غا ئاتتۇق. سىلەرنى بار - يوق دېمەي كالتە ئىشتان بىلەنلا ئالدىڭلاردىلا لىكىلداشتۇق، جىدەللەشتۇق، خۇددى بوكسىيۇرچىلاردەك... سىلەر ھېچقاچان بىزنى دورىمايدىغاندەك، شۇنداق ئىكەن، سىلەردىن قانداقمۇ ھايا، ئەخلاق تەلەپ قىلغىلى بولسۇن؟شۇنداق ئىكەن سىلەر چەكمەي كىم چېكىدۇ، شۇنداق ئىكەن سىلەر ئىچمەي كىم ئىچىدۇ ؟...
بىلىمەن بالىلىرىم، بىز سىلەرنى سەرەڭگە قېپىچىلىك ئۆيىمىزگە سۇلاپ قۇيۇپ، دوستۇڭلارنىڭ ئۆيىگە چىققىلى قويمىدۇق ياكى دوستۇڭلارنىڭ كىرىشىنى چەكلىدۇق، ئۇلاردىن قىزغاندۇق، خەۋپسىردۇق. شۇڭا ئىشىكلەرنى تۈرمە دەرۋازىسىدەك مەھكەم تاقاپ، ئۆزىمىز تېپىپ، ئۆزىمىزلا يېدۇق. ياتلارغا سالام قىلما دەپ ھەممىنى يات كۆردۇق. ئاش - تائام سۇنمىدۇق ياكى بىزگە سۇنسا گۇمانسىراپ يېمىدۇق. خۇددى بىز تەنھا ياشايدىغاندەك. شۇڭىمۇ سىلەر ئۆيگە مېھمان كەلسە قاپاق تۈرىيدىغان، قىزغانچۇق، سالام - سائەتسىز، بىغەم ھالدا چوڭ بولدۇڭلار. قېرىنداشلار ئارا مېھرى - مۇھەببەتنى قايرىپ قويۇپ، پۇلنى جاندىن ئەزىز كۆردىڭلار. شۇنداق ئىكەن، سىلەر ئاچكۆز، كۆيۈمسىز، قائىدىسىز بولماي كىم بولسۇن؟ شۇڭىمۇ ئىچ-ئىچىمدىن ئېچىنىۋاتىمەن... يىغلاۋاتىمەن... ئۇزاق، بەك ئۇزاق ئويلاۋاتىمەن...
بىلىمەن بالىلىرىم، بىر قىسىملىرىمىز سىلەرگە نايناقلىقنى، ھورۇنلۇقنى، ئويۇن-تاماشانى... ھەممىنى ئۆگەتتۇق. يەنە بىر قىسىملىرىمىز سىلەرنى قاپسىدۇق، چەكلىدۇق. قىلچىلىك ئەركىنلىك بەرمىدۇق. خۇددى بىزنىڭ بالىلىقىمىز بولمىغاندەك... ياكى بىز سىلەرگە مەڭگۈ باقىۋەندە بولىدىغاندەك...
شۇنداق بالىلىرىم، بىز ئويلانمىساق، ئويغانمىساق، مۇشۇ ھالىمىز بىلەن سىلەرنى قانداقمۇ ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيەلەپ چىقالايمىز، قانداقمۇ ئەجداتلىرىمىزغا يۈز كېلەلەيمىز؟
بالىلىرىم، ئېتىقاد، ئەقىدە بار يەردە يۇپۇرماقلار قۇرۇپ قالمايدۇ. ئاتا-ئاناڭلارغا تەۋپىق، ھىدايەت تىلاڭلار! كېمە نىشاندىن ئاداشمىسىلا، ئەۋلاتلار ھامان توغرا يولنى تاپىدۇ.
ئاھ بالىلىرىم...؟
يېڭىلىق قەسىدىسى يېڭىلىق ھاياتلىقنىڭ بەخت بۇلىقى. ئۇ- ئانىنىڭ قورسىقىدىكى تىپچەكلەپ تۇرغان بوۋاق، ئۇ نەم تۇپراقنى يېرىپ چىققان مايسىنىڭ خۇش تەبەسسۇمى، ئۇ ئىنتىلگۈچىلەر قەلبىدىكى بۈيۈك ئارمان، ئۇ يېڭى روھ ۋە يېڭى قان.
ھالبۇكى، يېڭىلىق يارىتىش كىچىك بالىلارنىڭ ساماۋىي چۆچىكى ئەمەس، بەلكى، ئاۋال شەخسنىڭ ئۆزىنى يارىتىشىدۇر. ئۇ مەڭگۈ تىلەمچىنىڭ تىلەپ يۈرۈپ تاپقان بىر بۇردا نېنىغا ياكى پاقىلارنىڭ ئەۋرەز كاتىڭىدا ئولتۇرۇپ ئېيىتقان ناخشىسىغا ئوخشىمايدۇ. چۈنكى، ئۇ- ئىزدىنىشلەر بېغىدا پىشقان شېرىن مېۋە. چۈنكى، ئۇ- دېڭىزنىڭ دەھشەتلىك چايقىلىشىدىن ھاسىل بولغان مەرۋايىت.
ئەپسۇس، يېڭىلىق يارىتىش ئۇنچىۋالا ئوڭاي ئىش ئەمەس، ئۇ خۇددى قان بىلەن يېزىلغان جەڭگىۋار شېئىرغا، يىڭنە بىلەن كولىغان قۇدۇققا ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئۇ ھەرگزمۇ خام خىيال قىلغۇچىلارغا كۈلۈپ باقىدىغان ئەخمەق قىز ئەمەس. چۈنكى، ئۇ-تەۋرەنمەس ئىرادىسى بىلەن مېھنەت قىلغۇچىلارغا ئىللىق باغرىدىن ئورۇن بېرىدىغان ئېسىل سايىپخان. چۈنكى، ئۇ- ئادەملەرنى يامان ئىشلاردىن توسۇيدىغان، روھىي زەئىپلىكتىن، پەسكەشلىكتىن قۇتىلدۇرىدىغان ئېسىل دورا. چۈنكى، ئۇ-سۈبھىنىڭ گىرۋەكلىرىدىن تۆكۈلۈپ توزغان قۇياش نۇرى.
لېكىن بىز كۈنۈپ قالغان ئادەت دەپلا، ھەمىشە كونىلىققا سالجىدەك يېپىشىۋالىمىز. يېڭى شەئىيلەرگە ھىيرانۇ-ھەس بولىمىزيۇ، خۇددى چاقىرىلمىغان مېھماندەك ئانچە قىزغىن قارشى ئالمايمىز. ئەمەلىيەتتە كونا بىلەن يېڭى ئالمىشىپ تۇرىدۇ. شەئىيلەر ۋاقىتقا قاراپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، تەرەققىي قىلىدۇ. مۇبادا ئىنسان يېڭىلىق يارىتىپ، دەۋىرگە ماسلاشمىسا ھامان ھالاك بولىدۇ.چۈنكى، ۋاقىت- كونا شەئىيلەرنى چىرىتكۈچى، چۈنكى ۋاقىت -ئەڭ رەھىمسىز ئىسلاھاتچى.
دەرھەقىقەت، تەرەققىيات چاقى بىر ئىزدا توختاپ قالمايدۇ. ئەگەر بىز ئۆزىمىزنى يېڭىلاپ، تەرەققىياتنى قۇبۇل قىلمىساق، دەۋىر بىزنى شاللىۋېتىدۇ. چۈنكى، بۈگۈن ئۆتمۈشنىڭ قولىدا ئەمەس، بەلكى، يېڭىلىق ياراتقۇچى ئەزىمەتلەرنىڭ قولىدا. چۈنكى، بۈگۈن مىشچانلارنىڭ قولىدا ئەمەس، ئىجاتكانلارنىڭ قولىدا.
بىلىش كېرەككى، پالىقىدىن ئايرىلغان سالچى نىشانىغا يېتەلمىگەندەك، يېڭىلىق يارىتىش مەيدانىدا يۈگۈرمىگەن تەنھەرىكەتچى ھامان مەغلۇپ بولىدۇ. چۈنكى، يېڭىلىق- بىچارىلىكنىڭ خامىنىدا ئۇخلاپ ياتقانلارنىڭ قېشىدا ئەمەس، بەلكى رىقابەتكە تولغان دۇنياغا جەڭ ئېلان قىلىپ، توختاۋسىز ئىزدەنگەن، ئۆگەنگەن ۋە ئىجات قىلغانلارنىڭ بېشىدا. چۈنكى، ئۇ- ئىرادىسى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان جۇشقۇن كىشىلەرگە مەنسۇپ.
راست، يېڭىلىق-تەپەككۈرگە باي، ئىزدىنىشچان كىشىلەرنىڭ سەبدىشى. ئۇ- ھەربىر قەدىمىدىن گۈل ئۈندۈرىدىغانلارنىڭ سەمىمىي دوستى. ئۇ ئالدىغانغا ئالدانمايدۇ. خۇشامەت قىلغانغا قولغا كەلمەيدۇ. يىغلاپ قاھشىغانغا مىت قىلىپمۇ قويمايدۇ. ئۇ پەقەت بۈركۈتنىڭ پەرۋازىدا ئۆزىنى يۈكسەكلىككە كۆتىرىدۇ. چۈنكى، ئۇ- كۈرەشچان ھايات، چۈنكى، ئۇ -دولقۇنلۇق دەريا.
ئېھ، يېڭىلىق ياراتقۇچى ئىنسان! مەن توختام سۇنىڭ باغرىدا ياشاۋاتقان سۇ قۇرتلىرى بىلەن پاقا قۇمچاقلىرىنى مەڭگۈ كۆرمىسەم دەيمەن. ئىزاھات:مەن تورغا يېڭىدىن كىرۋاتقانىدىم. دوستۇم ئابدۇل ھىمىت بۇ تورنى ماڭا تۇنۇشتۇردى. ئېچىپلا مۇكاپاتلىق سەھىپىنى كۆردۇم. ۋاقتى بۈگۈنكەن. شۇڭا تۇنجى يوللانمامنى مۇكاپاتلىق ئەسەردىن باشلاپ قالدىم.بولامدۇ-يوق بىلمىدىم. نەسىرلىرىمنى ئوقۇرمەنلەر كۈرۈپ باقسۇن دېگەن ئويدامەن. |