| 5-يىللىقلار ئۈچۈن 1- مەۋسۇملۇق ئىمتىھان سوئالى تىل- ئەدەبىيات 1- سوئال : بوش ئۇرۇننى تولدۇرۇڭ. (16=2× 8) 1) ئىبنىسىنا ھەقىقەتەنمۇ نامى جاھاننى بىر ئالغان ( ). 2) «ياغاچنى رەندە تۈزەيدۇ ، ( ) » 3) چاڭ- توزاننىڭ كۆپىنچىسى ( ) سۈمۈرۈش ( ) ئىگە. 4) ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق سانلارنىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلگەن سان ( ) دەپ ئاتىلىدۇ. 5) قاراڭغۇ تۈننىڭ ( ) بولغىنىدەك ھاياتمۇ بىرخىل ئۆتۈۋەرمەيدۇ.
2- سوئال: توغرا- خاتاسىغا ھۆكۈم قىلىڭ. (16=2×8) 1) چۈشەندۈرۈش ماقالىسى بىلەن بايان ماقالىسىنىڭ يېزىلىشى ئوخشاش ( ) 2) ئون ئىچىدىكى سانلار تېكىست ئىچىدە كەلگەندە رىم رەقىمىدە يېزىلىدۇ. ( ) 3) «يۇرتۇمنى كۆرگەندە » دېگەن شېئىرنىڭ ئاپتۇرى تېيىپجان ئېليۇف .( ) 4) كىت دېڭىز- ئوكياندا ياشايدۇ، بەدەن شەكلى بېلىقنىڭكىگە ئوخشايدۇ، ئۇ بېلىق تۈرىگە تەۋە. ( ) 5) نەۋائىي مەدىكارچىلىق بىلەن كۈن ئۆتكۈزىدىغان بالىنى ياخشى كۆرمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭغا سالام بەرمەيدۇ. ( ) 6) ئادەم ۋە نەرسىلەرنىڭ سانىنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەر مىقدار سۆزلەر دەپ ئاتىلىدۇ. ( ) 7 ) تۇمارس باتۇر، قەيسەر، دانا ئوبراز. ( ) 8) ئاق ئۈجمىنىڭ ئۈچ قېتىم پىشىدىغانلىقى «بىزنىڭ مەھەللە» دېگەن تېكىستتە تىلغا ئېلىنغان. ( )
3- سوئال: توغرا جاۋابنى تاللاڭ. (10=2× 5) 1) گوركىينىڭ كىتابقا بولغان قىزىقىشى ( ) .A باشقىلارنىڭ توسقۇنلۇق قىلىشى بىلەن توختاپ قالغان. B .كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق ئىش قىلماسلىقنى مەقسەت قىلغان. C . قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش ئارقىلىق دۇنياغا داڭلىق ئەدىب بولغان. 2) «غېرىب ئانا» دېگەن تېكىستتە ئاساسلىقى ( ) يېزىلغان .A ئانىنىڭ جاپالىق كۈندە ئىكەنلىكى B . بالىلىرىنىڭ ئىنتايىن كۆيۈمسىز ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ، ئۇلارغا بولغان غەزەپ- نەپرىتى C . بالىلىرىنىڭ ئانىسىنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقى 3) «بىر ئېغىز ئۆي»دە ئېغىز دېگەن سۆز ( ) .A خاس مىقدار B . كۆچمە مىقدار C . سان 4) «تۇمارس» دېگەن تېكىست خاراكتېرىدىن ئالغاندا ( ) .A رىۋايەت B .مەسەل C . چۆچەك 5) «قالتىس بوپتۇ»، « قاملاشماپتۇ» دېگەن ماۋزۇدا بېرىلگەن ئىككى سۆز ( ) .A مەنىداش سۆز B .شەكىلداش سۆز C. قارىمۇقارشى مەنىلىك سۆز
4- سوئال: ئۇنىۋېرسال ماھارەت سىناش سوئاللىرى (44نومۇر) 1) تۆۋەندىكى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى يېزىڭ. (21=6×2) (1) بەھەيۋەت ( ) (2) ئەسىر قىلىش- ( ) (3) خاسىەتلىك - ( ) (4) قىسمەت- ( ) (5) خىلۋەت- ( ) (6) ئالىمادىس- ( ) ) 2) سۆز بىرىكمىسى تۈزۈڭ . (8=4× 2) (1) تەسۋىرى ----------------
(2) ------------------------ ئىرادىسى 3) جۈملە تۈزۈڭ . (12=3× 4) (1) نەزەر دائىرىسى- (2) مەنئىي قىلىش- (3) ئىتراز بىلدۈرۈش- (4) ۋاستە - 4) تۆۋەندىكى سانلارنىڭ ھەربىر تۈرىگە ئىككىدىن مىسال كەلتۈرۈڭ . (12=6× 2) كىشىلىك سان تەقسىم سان ئالماش سان (1)( ) (1)( ) (1) ( ) (2)( ) (2)( ) (2) (
5- سوئال : يېزىقچىلىق سوئالى (14نومۇر) ئەتراپىڭىزدىكى مەلۇم شەيئىنى كۆزىتىپ، ئالاھىدىلىكىنى تەسۋىرلەپ، بىر پارچە چۈشەندۈرۈش ماقالىسى يېزىڭ . تەلەپ : (1) سىزگە ئەڭ تونۇشلۇق شەيئىنى تاللاڭ. (2) مۇۋاپىق ماۋزۇ قويۇڭ. (3) ئىملايىڭىز توغرا، خېتىڭىز چىرايلىق بولسۇن. (4) ئاددىي تىنىش بەلگىلىرىنى جايىدا قويۇڭ.
|
|