| ئۇيغۇر تېبابىتىدە بەل ئومۇرتقىسى ئۆسۈپ قېلىشنى داۋالاش
1. يېڭى پەيدا بولغان سۆڭەك ئۆسۈپ قېلىشقا غولپىيازنى توغراپ، سۇدا ئېزىپ چاپسا، ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. 2. ئاغرىغان ئورۇننى ئىككى كۈندە بىر قېتىم چۆپچىن بىلەن ئىسلاپ، ئاندىن چۆپچىن يېغى بىلەن ئاغرىغان ئورۇننى مايلاپ بەرسە، ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ. 3. راسەن ياپرىقىنى ئاغرىغان ئورۇنغا قىزىق پېتى چېپىپ تېڭىلسا، ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ. 4. پۇرچاق ئۇنى بىلەن لوبىيا ئۇنىنى سىركەنجىۋىل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، ئاغرىغان ئورۇنغا چاپسا، ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ. 5. بىنەپشە يېغى، ئۆردەك يېغى، توخۇ يېغى، شۇمشا لۇئابى ، ئاق لەيلى ئۇرۇقى لۇئابلىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ، ئاغرىغان ئورۇنغا سۈركەپ بەرسە، ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ. 6. كۈنجۈت، مۇقەل، بابۇنە يېغىنى مەززەنجۇش سۈيى بىلەن سالايە قىلىپ مەلھەم تەييارلاپ، ئاغرىغان ئورۇنغا سۈركەپ بەرسە، ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ .
|
|