كۆرۈش: 337|ئىنكاس: 4

باشلانغۇچ مەكتەپ تىل - ئەدەبىياتىدىن پايدىلىنىش ماتېرىيالى لازىم...

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
            باشلانغۇچ مەكتەپ  تىل - ئەدەبىياتىدىن پايدىلىنىش ماتېرىيالى لازىممۇ؟
     ئوزۇندىن بۇيان  باشلانغۇچ مەكتەپ تىل - ئەدەبىياتىغا دائىر مۇكەممەل بولغان ماتېريال تاپالماي بەك ئاۋارە بولۇپ كەتكەچكە ئۆزۈم بىر قوللۇق تەكرار ماتېريالى تەييارلىدىم. تورداشلارنىڭ لازىم بۇلار دەپ قارىسا مەن بىلەن ئالاقىلىشىشىنى سۇرايمەن .
     بۇ ماتېرىيال باشلانغۇچ مەكتەپ  « تىل – ئەدەبىيات » دەرسلىكى  ئاساسىدا تەييارلاندى .  
      باشلانغۇچ مەكتەپ تىل- ئەدەبىيات دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئانا تىل – ئەدەبىياتى ئوقۇتۇشىدا  ئۇيغۇر تىلى ئاساسىي بىلىملىرى ، ئەدەبىيات نەزىريىسى بىلىملىرى  ، خەت- چەككە دائىر ئاساسىي بىلىملەر، مەشھۇر شەخىسلەرۋە بىر قىسىم يازغۇچىلار ھەققىدە چۈشەنچە بېرىش، ، باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكىدىكى بىر قىسىم مۇھىم مەزمۇنلارنى ئىگەللىتىش، شۇنداقلا باشلانغۇچ مەكتەپ تىل – ئەدەبىيات  دەرسلىكىدىكى يىڭى سۆزلەرگە  ئىزاھات بېرىشتە « ئېلىپبە » دەرسلىك كىتابىدىن باشلاپ 6- يىللىقنىڭ 2- ماۋسۇملۇق دەرسلىك كىتابىغىچە ھەتتا ،بۇرۇنقى «ئۇيغۇر تىلى »  دەرسلىك كىتابى ،« ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لوغىتى » ، ئەدىبىيات نەزىريىسىگە دائىر باشقا كىتابلارنى بىرمۇ – بىر ئاختۇرۇش ئاۋارىچىلىقىدىن قوتۇلدۇرۇش . ئاساسلىقى 6- يىللىقنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەكرار ماتىرىيالى قىلىش ،بولۇپمۇ شىنجاڭ رايۇن ئىچى تۇلۇقسىزغا ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەكرارنى سېستىمىلىق پۇختا ، ئەتراپلىق قىلىپ ،ئىمتىھاننى ياخشى بېرىشىگە ئاساس تۇرغۇزۇش مەقسىسىدە تەييارلاندى .
   بۇ ماتېرىيال باشلانغۇچ مەكتەپ تىل – ئەدەبىيات دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى ، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 3- يىللىقىدىن يۇقىرى بولغان ئوقۇغۇچىلار ، بولۇپمۇ 6- يىللىقتىكى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ،قارىماي تولۇقسىزغا ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشىغا ماس كېلىدۇ .
  بۇ ماتېرىيالنى تۆزۈشتە « باشلانغۇچ مەكتەپ « ئېلىپبە » دەرسلىك كىتابىدىن باشلاپ 6- يىللىقنىڭ 2- ماۋسۇملۇق « تىل –ئەدەبىيات » دەرسلىك كىتابىغىچە بولغان 12  قىسىم كىتابتىكى بارلىق ئاساسىي مەزمۇنلار، بۇرۇنقى «ئۇيغۇر تىلى » تۆت قىسىم   دەرسلىك كىتابى، « ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لوغىتى » « تىل – ئەدەبىيات كەسپى بىلىملىرىدىن ئاساسلار» قاتارلىق كىتابلاردىن  ۋە ئاز بىر قىسىم مەزمۇنلار ئىنتېرنېت تورىدىن پايدىلىنىلدى .
  ئالاقىلىشىش نومۇرۇم : 13999437320
   

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-11-18 00:23:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ماتىريالكەن بىراق مەن ئالاي دىگەنتىم . بىراق ماڭا يەتكۈزۈپ بىرەرسىزمۇ ؟ ئالدى بىلەن كۈرۈش كىرەكتە

باھا سۆز

ئالىمەن دىسىڭىز چوقۇم يەتكۈزۈپ بېرىدۇ ، ماڭىمۇ كېرەكتى بۇ ماتىريال . تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2015-11-18 12:05
ۋاقتى: 2015-11-18 12:05:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زەپەر يوللىغان ۋاقتى  2015-11-18 00:23
ياخشى ماتىريالكەن بىراق مەن ئالاي دىگەنتىم . بىراق ماڭ ...

ئالىمەن دىسىڭىز چوقۇم يەتكۈزۈپ بېرىدۇ ،
ماڭىمۇ كېرەكتى بۇ ماتىريال .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-20 00:04:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لازىم دىگۈچىلەر بولسا ، ماتىرىيالنى ناھايىتى تىز ۋاقىتنىڭ ئىچىدە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تىز يوللانما ،قاتناش قاتالىقلار ئارقىلىق يەتكۈزۈپ بىرىشكە كاپالەتلىك قىلىمەن .  لازىم دىگۈچىلەر ئاۋۋال تېلېفۇن قىلىڭلار
ۋاقتى: 2015-11-24 15:28:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ياخشى تۈزۈلگەن ماتىريال ئىكەن رەھمەت جاپا تارتىپسىز
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش