| باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان ئوقۇغۇچىلارغا تىل ئەدەبىياتتىن پايدىلىنىش ماتىرىيالى لازىم بۇ يىلدىن باشلاپ باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن قارىماي تۇلۇقسىز ئوتتۇرا قاتارلىق رايۇن ئىچى تۇلۇقسىز سىنىپلىرىغا خەنزۇتىلى ، ماتىماتىكا پەنلىرى بىلەن بىر قاتاردا ئانا تىل ئەدەبىياتىدىنمۇ ئىمتىھان ئېلىنىدىغان ياخشى سىياسەتنىڭ يولغا قۇيۇلىشى ھەممىمىزنى ناھايىتى سۈيۈندۈرگەن ئىدى .بىراق تىل ئەدەبىيات دەرسلىكىدىن دەرسلىك كىتاپتىن باشقا تازا دىگۈدەك سېستىمىلىق تەكرار ماتىريالى يوقلىقى مىنى بەكمۇ ئەپسۇسلاندۇرىۋاتىدۇ . شۇڭا كەڭ كەسىپداشلارنىڭ مۇشۇ جەھەتتە توپلىغان ئەمىلى تەجىربىسى ياكى پايدىلىنىش ماتىيالى بولسا ياردەم بىرىشىنى سەمىمىي ئۈمىت قىلىمەن .
|
|