| ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋەكىللەر يىغىنى تۈزۈم ىخىزمەتچىلەر ئۇيۇشمىسى ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى يىغىنى تۈزۈمى، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئۇيۇشمىسى ۋەكىللەر يىغىنىنى گەۋدە قىلىپ قۇرۇلغان. دېموگىراتىك سىياسىي قۇرۇلۇشنىڭ ئاساسى تۈزۈمىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇرىدىغان موھىم شەكىل، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ دېموگىراتىك باشقۇرۇشىغا قاتنىشىدىغان ھوقوقلۇق ئاپىراتى. مەكتەپ مەمۇرىيىتىنىڭ ئاشكارا موھىم يولى. ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئىشىچلار ئۇيۇشمىسى يىغىنىنى تەشكىللەش خىزمىتى مائارىپ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ بىر تۈرلۈك موھىم خىزمىتى. «ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قانۇنىنىڭ» بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قانۇنى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئىشچى- خىزمەتچى ۋەكىللەر يىغىنى ياكى باشقا شەكىللەر ئارقىلىق ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ شۇ ئورۇننىڭ دېموگىراتىك قارارلىرىغا،، دېموگىراتىك باشقۇرۇش ۋە دېموگىراتىك نازارەت قىلىشقا قاتنىشىشنى تەشكىللەيدۇ. مائارىپ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئىناق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا تىگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئۇيۇشمىسى ۋەكىللەر يىغىنى خىزمىتىنى كۇچايتىش كىرەك. 1. ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئۇيۇشمىسى ۋەكىللىرىنىڭ ھوقوقى: ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئۇيۇشمىسى مەكتەپ پەن- تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ دېموگىراتىك باشقۇرۇشنىڭ بىر خىل ئاساسى تەشكىلىي شەكلى. ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ مەكتەپنى، پەن- تەتقىقات ئورۇنلىرىنى دېموگىراتىك باشقۇرۇش ھوقوقىنى ئەمىلىيلەشتۈرۈشتە، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ ھوقوقىنى چوقۇم ئەستايىدىل ئەمىلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ تۆۋەندىكىدەك 4 تۈرلۈك ئاساسى ھوقوقى بار. (1) مۇزاكىرە قىلىش، تەكلىپ بىرىش ھوقوقى: مۇزاكىرە قىلىش، تەكلىپ بىرىش ھوقوقى دىگىنىمىز، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئۇيۇشمىسى مەكتەپنىڭ، پەن- تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ قۇرۇلۇش ۋە تەرەققىي قىلىشتىكى موھىم مەسىللەرنى مۇزاكىرە قىلىش ھەم ئۇنىڭغا تەكلىپ بىرىش ھوقوقىدۇر. بۇنىڭ دائىرىسى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەكتەپ مۇدىرىنىڭ خىزمەت دوكىلاتىنى ئاڭلاش، مەكتەپ، پەن- تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ مەكتەپ قۇرۇش فاڭجىنى، تەرەققىيات قانۇنىيىتى، يىللىق خىزمەت پىلانى، ئۆزگەرتىش لايىھىسى، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەر قوشۇن قۇرۇلۇشى ھەم مەكتەپكە، پەن- تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى موھىم مەسىللەرنى مۇزاكىرە قىلىش پىكىرىنى ۋە تەكلىپىنى ئوتتۇرغا قويۇش. (2) مۇزاكىرىنى قاراردىن ئۆتكۈزۈش ھوقوقى: بۇ ھوقوق دائىرىسى ۋە ئۇسۇلى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇزاكىرىنى قاراردىن ئۆتكۈزۈش مەكتەپ، پەن- تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ ئوتتۇرغا قويغان مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى تەكلىپ قىلىش، سىناپ تەكشۈرۈش ئۇسۇلى، مۇكاپاتلاش، جازالاش بەلگىلىمىسى، تەقسىملەش پىرىنسىپى ۋە ئۇسۇلى ھەم ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ھوقوق مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك ئۆزگەرتىش لاھىيىسى، موھىم قائىدە- تۈزۈم، تەدبىر- چارىلار قاتارلىقلار. ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇزاكىرىنى قاراردىن ئۆتكۈزۈش ھوقوقىغا چېتىشلىق دائىرىسىنى يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ مەكتەپ، پەن- تەتقىقات ئورۇنلىرىدىكى ئەمگەك ھوقوق- مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىللەردۇر. ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئۇيۇشمىسى مۇزاكىرىنى قاراردىن ئۆتكۈزۈش ھوقوقىنى يۈرگۈزۈشتە، بىرىنجىدىن مەكتەپ مەمۇرىيەت رەھبەرلىرى ئالدى بىلەن لاھىيىنى ئوتتۇرغا قويۇش، چۈشەنچە بىرىش كېرەك. ئىككىنجىدىن، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇزاكىرىسى ئاساسىدا قاراردىن ئۆتكۈزۈش كېرەك. ئۈچىنجىدىن، مەكتەپ مۇدىرى ئىلان قىلىپ ئىجرا قىلىدۇ. بۇ جەريان ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇزاكىرىنى قاراردىن ئۆتكۈزۈش ھوقوقىنى يۈرگۈزۈش، مەكتەپ مەمۇرىيىتى بىلەن «ئۆز- ئارا باراۋەر كىلىشىم قىلىش، مەسىللەرگە ئورتاق قارار چىقىرىش» ئالاھىدىلىگىگە ئىگە ئىكەنلىگىنىڭ رۇشەن ئىنكاسى. (3) مۇزاكىرىنى قارار قىلىش ھوقوقى: بۇ ھوقوقنىڭ دائىرىسى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: مۇزاكىرىنى قاراردىن ئۆتكۈزۈش، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئولتۇراق ئۆي ئىسلاھات لاھىيىسىنى ئەمىلىيلەشتۈرۈش چارىسى، پاراۋانلىق ھەققىنى باشقۇرۇش، ئىشلىتىش پىرىنسىپى ۋە چارىسى ھەم ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ پاراۋانلىق ئىشلىرى قاتارلىقلار. بۇ دائىرىدە قارار قىلىش ھوقوقىنى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئۇيۇشمىسىغا پۈتۈنلەي تاپشۇرۇپ بىرىش سەۋەبى، بۇ تەرەپتىكى ئىشلار ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ ھوقوق- مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن بەلكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ كونكىرىتنى ھوقوق- مەنپەئەتىنىڭ مەركەزلەشكەن ئىپادىلىنىشى. ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك فاڭجىن- سىياسەتلىرىگە ئاساسەن، مەكتەپنىڭ ئەمىلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن دېموگىراتىك قارار چىقىرىشىغا پۈتۈنلەي تاپشۇرۇشى كىرەك. (4) باھا بىرىش، نازارەت قىلىش ھوقوقى: باھا بىرىش، نازارەت قىلىش ھوقوقى ۋە ئۇسۇلى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەكتەپ رەھبەرلىرىگە باھا بىرىش ۋە نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش ئاپىراتىغا، تەقدىرلەش، تەنقىدلەش، مۇكاپاتلاش، جازالاش، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش تەكلىپلىرىنى بىرىش، باشقۇرۇش ئاپىراتىنىڭ تارماقلىرىغا ئاساسەن، مەكتەپ رەھبەرلىرى نامزاتىنى دېموگىراتىك سايلاشقا قاتنىشىدۇ. 2. ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى موھىم قارارلارنى مۇزاكىرە قىلىش تەرتىۋى ۋە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: 1) ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ موھىم قارارلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش تەرتىۋى. موھىم قارارلارنى مۇزاكىرە قىلىش دىگىنىمىز: ۋەكىللەرنىڭ مەكتەپنىڭ يىللىق خىزمەت پىلانى، تەرەققىيات پىلانى، ئىسلاھات لاھىيىسى، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەر قوشۇن قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارغا پىكىر بىرىش، تەكلىپ بىرىشدۇر. بۇ ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيىنىڭ ئاساسلىق ھوقوقىنىڭ بىرىدۇر. مەكتەپنىڭ موھىم قارارلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش ئادەتتە تۆۋەندىكى تەرتىپلەر بويىچە ئىلىپ بىرىلىدۇ. (1) ئادەتتە مەكتەپ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ئۇيۇشما ۋەكىللەر يىغىنىنى ئىچىشتىن بىر ھەپتە بۇرۇن، مەكتەپ مەمۇرىيىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى تۈزۈپ چىققان موھىم قارارلار لاھىيىسىنى ۋەكىللەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىشىغا تارقىتىپ بىرىپ، مۇۋاپىق تەكلىپ پىكىرىنى ئالىدۇ. (2) ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ ھەر قايسى كىچىك گوروپپىلىرى موھىم قارارلارغا نىسبەتەن مۇزاكىرە ئىلىپ بىرىپ قاراتمىلىقى بار تەكلىپ پىكىرلەرنى بىرىدۇ. (3) ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ يىغىنىنى ياخشى ئىچىشتا، مەكتەپ مەمۇرىيىتىنىڭ مەسئۇل ئادىمىنىڭ خىزمەت دوكىلاتى ۋە تۈرلۈك موھىم قارارلار لاھىيىسىنى ئاڭلاپ ۋە مۇزاكىرە قىلىپ، ئۆزگەرتىش لاھىيىسى ۋە تەكلىپ- پىكىرلەرنى بىرىش كېرەك. (4) مەكتەپ مۇدىرىنىڭ قارار لاھىيىسىنى ئۆزگەرتىش ۋە مۇناسىۋەتلىك مەسىللەرنى چۈشەندۈرۈش دوكىلاتىنى ئاڭلاپ بولۇپ ئاندىن گوروپپىلارغا بۆلۈنۈپ مۇزاكىرە قىلىش، ۋەكىللەرنى يىغىندا تەكلىپ – پىكىرلەرنى بىرىشكە تەشكىللەش، زۆرۈر بولغاندا دېموگىراتىك كىڭىشىشكە تەشكىللەش. (5) مەكتەپ مەمۇرىيىتى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋەكىللىرىنىڭ پىكىرى ئاساسەن بىردەك بولغان ئاساستا ئىپادە بىلدۈرۈش ئارقىلىق قاراردىن ئۆتكۈزۈش ھەم چوڭ يىغىندا قارار چىقىرىش، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى قارار نىشانلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆرەش قىلىشقا سەپەرۋەرلىك قىلىش كىرەك. 2) ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇزاكىرىسىنى قاراردىن ئۆتكۈزۈش مەكتەپنىڭ ئاساسى قائىدە- تۈزۈملىرى تەرتىۋى: مۇزاكىرىنى قاراردىن ئۆتكۈزۈش، مەكتەپنىڭ ئاساسى قائىدە- تۈزۈملىرى دىگىنىمىز، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ نىزامى ھەم مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىنى ئەمىلىيلەشتۈرۈشكە ئاساسەن، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى يىغىنىنى ئىچىشنىڭ ئالدى، ئوتتۇرىسى ۋە ئاخىرىدا مەكتەپنىڭ ئىش تۈزۈمى لاھىيىسى، ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىش تۈزۈمى، مۇكاپاتلاش، جازالاش چارىسى قاتارلىق ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەرگە مۇناسىۋەتلىك تۈزۈملەرنى مۇزاكىرە قىلىش، ئىپادە بىلدۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش. ئادەتتە تۆۋەندىكى جەريان ۋە تەرتىپلەرنى باشتىن ئۆتكۈزىدۇ. (1) مەكتەپ مۇدىرى ئاساسى قائىدە- تۈزۈملەرنى ئوتتۇرغا قويغاندىن كىيىن، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى مەخسۇس كىچىك گوروپپىلار مەكتەپ مەمۇرىيىتىنىڭ دەسلەپكى لاھىيسىى ۋە تەدبىر- تۈزۈملىرىنى تۈزۈپ چىقىشقا قاتنىشىدۇ. (2) ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋەكىللىرىنى لاھىيىنى مۇزاكىرە قىلىشقا، تەكلىپ بىرىشكە، مۇۋاپىق پىكىرلەرنى رەتلەپ مەمۇرىيەتكە تاپشۇرۇش، لاھيىگە تۈزۈتۈش كىرگۈزۈشكە تەشكىللەيدۇ. (3) ئۇيۇشما ۋەكىللىرى رەسمىي يىغىندا مۇزاكىرە ئىلىپ بىرىپ ئاندىن قارار چىقىرىدۇ. (4) ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى ئاساسى قائىدە- تۈزۈملەرنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلشىقا سەپەرۋەرلىك قىلىش، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ۋەكىللىرىنى ئاساسى قائىدە- تۈزۈملەرنى ئەمىلىيلەشتۈرۈپ ۋە ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشقا تەشكىللەش. (5) ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى يىغىنى تۈگىگەندىن كىيىن مەكتەپنىڭ باشقۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك باشقا قائىدە- تۈزۈملەر چوقۇم ئىلان قىلىندىغان ۋاقىتتا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋەكىللەر باشلىقى بىلەن مەخسۇس كىچىك گوروپپىلار مەسئۇل كىشىلەر بىرلىكتە مۇزاكىرە ئىلىپ بىرىشى ھەم كېلەر قىتىملىق ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى يىغىنىدا مۇزاكىرە ئەھۋالىنى دوكلات قىلىشى، ماس ھالدىكى دېموگىراتىك تەرتىپنى ئىجرا قىلىش كېرەك. (6) ئومومەن ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەرگە مۇناسىۋەتلىك قائىدە- تۈزۈملەر چوقۇم پارتىينىڭ لۇشىيەن، فاڭجىن- سىياسەتلىرىگە ئۇيغۇن كىلىشى، بۇ تۈزۈملەرنى مۇزاكىرە قىلىپ قاراردىن ئۆتكۈزگەندە ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يىتىشتىن، پارتىينىڭ سىياسىتىگە خىلاپ خاھىشلاردىن ساقلىنىش كىرەك. بولمىسا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قاراردىن ئۆتكۈزمەسىلىككە ھوقوقلۇق، مۇشۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇزاكىرىنى قاراردىن ئۆتكۈزۈشتەك تۈزۈملەردە چوقۇم دېموگىراتىينى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق ئىتراپ قىلىشىغا، ئورتاق رۇئايە قىلىشىغا ئىرىشىشى كېرەك. 3. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ كوللىكتىپنىڭ پاراۋانلىق ئىشلىرىنى مۇزاكىرە قىلىپ قاراردىن ئۆتكۈزۈش تەرتىۋى: كوللىكتىپنىڭ پاراۋانلىق ئىشلىرىنى مۇزاكىرە قىلىپ، قاراردىن ئۆتكۈزۈش دېگىنىمىز، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى نىزامنامىسىدىكى ھوقوقىغا ئاساسەن، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرالغۇ ئۆيلەرنى تەقسىملەش، پاراۋانلىق خىراجىتىنى باشقۇرۇش، ئىشلىتىش پىرىنسىپى ۋە چارىسى ھەم ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ داۋالىنىش، كۆڭۈل ئىچىش سورۇنى، ئاشخانا قاتارلىق پاراۋانلىق تۈزۈملىرىنى مۇزاكىرە قىلىش، قارار چىقىرىش خىزمەتلىرى ئادەتتە تۆۋەندىكى تەرتىپلەر بويىچە ئىلىپ بىرىلىدۇ. (1) مەكتەپ رەھبەرلىرى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا تەكلىپ قارارلارنى مۇزاكىرە قىلىشقا تاپشۇرغاندىن كىيىن، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تۇرمۇش پاراۋانلىق كىچىك گوروپپىلار ئوخشاش بولمىغان تۈر، قاتلامدىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەر سۆھبەت يىغىنى، تەكشۈرۈش يىغىنى ئاچىدۇ. ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ پىكىرلىرىنى ئاڭلاپ، پىكىرلەرنى رەتلەپ مەكتەپ مەمۇرىيىتىگە ئىنكاس قىلىدۇ ھەم مەكتەپ مەمۇرىيىتىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلەردىكى پىكىرلىرىنى ئاڭلايدۇ. (2) ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تۇرمۇش پاراۋانلىق كىچىك گوروپپىىسىلاھىيسى، مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر توغرىسدا مۇزاكىرە قىلىش ۋە پىكىر ئىلىش ئارقىلىق شەكىللەنگەن قارالما دوكلاتنى ئوقۇتقۇچى-ئىشچى خىزمەتچىلەر ۋەكىللەر ئويۇشمىسىغا تاپشۇرۇش. (3) ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى يىغىنى رەسمى ئىچىلىشىتىن 15كۈن بۇرۇن لاھىيىنى ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمىكى (گۇرۇپپىسى) غا تارقىتىپ ياكى بىرلەشمە يىغىن چاقىرىپ پىكىر ئىلىپ ھەرقايسى تەرەپلەر ئوتتۇرغا قويغان پىكىر تەكلىپگە ئاساسەن تۇزىتىش ئىلىپ بىرىپ تۇزىتىلگەن نۇسخىسىنى تەييارلايدۇ. (4) ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋەكىللەر ئويۇشمىسى رەسمى يىغىنغا تاپشۇرغاندا پۇتۇن ۋەكىللەرنىڭ تۇلۇق مۇزاكىرە قىلىشى ئاساسىدا ئاۋازغا قويۇپ قارار ماقۇللايدۇ. ھەمدە قارار ۋە لاھىيەنى مەمۇرىي فۇنكىسيەلىك تارماقلارنىڭ كونكىرىت ئىجرا قىلىشى ۋە يولغا قويىشىغا تاپشۇرىدۇ. (5) ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋەكىللەر يىغىنى يىپىلىش مەزگىلىدە ئوقۇتقۇچى(خىزمەتچى) ۋەكىللەر ئويۇشمىسى ۋاكالىتەن تۇرلۇك پاراۋانلىق تەمىنات تۇزۇملىرىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىغا نىسبەتەن قەرەللىك نازارەت ئىلىپ بارىدۇ. مەسلە بايقالسا دىمكۇراتىك ئۇسۇلدا سۇرۇشتە قىلىنىدۇ. مۇزاكىرە ئارقىلىق مەكتەپ پەن-تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ پاراۋانلىق تەمىنات ئىشلىرىنى قارار قىلغاندا چۇقۇم پارتىينىڭ تۇرلۇك پاراۋانلىق تەمىنات سىياسىتى ۋا زىيالىيلار سىياسىتىنى ئەستايدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەكتەپ ۋە پەن-تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە مۇمكىنچىلىكىنى تولۇق نەزەرگە ئىلىش، ئورۇنغا قاراپ مۇۋاپىق تۇزۇم تۇزۇپ كۈچكە لايىق ئىش كۆرۇش، پىلانلىق، نوقتىلىق ھالدا تەمىنات تۇزۇمىنى تۇزۇش، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچى ئاممىغا ئىددىيۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، ئۇلارنى دۆلەت، ئورۇن، شەخسى دىن ئىبارەت 3 تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىرتەرەپ قىلىشقا يىتەكلەش، ئاددى-ساددا، ئىقتىساتچىل، جاپاغا چىداپ كۆرەش قىلىدىغان روھىنى جارى قىلدۇرۇشقا يىتەكلەش. ئۈچۈنچى: ئىشچىلار ئويۇشمىسى ئوقۇتقۇچى (خىزمەتچى) ۋەكىللەر يىغىنى خىزمەت ئورگىنىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. مەكتەپ، پەن-تەتقىقات ئورۇنلىرىدا ئىشچىلار ئويۇشمىسى، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاممىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ ۋە قوغدايدۇ.شۇنداقلا مەكتەپ پەن-تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ دىمكۇراتىك باشقۇرۇشنىڭ مۇھىم تەشكىللىگۇچىسى،مەكتەپ پەن-تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋەكىللەر يىغىنىنىڭ خىزمەت ئورگىنى بولۇپ، مەكتەپ پەن-تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ دىمكۇراتىك باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىشچىلار ئويۇشمىسى خىزمىتىنىڭ مۇھىم نوقتىسى. ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچى ۋەكىللىرى يىغىنى بولسا مەكتەپ پەن-تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ دىمكۇراتىك باشقۇرۇشنىڭ ئاساسى شەكىلى، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ دىمكۇراتىك باشقۇرۇش يۇرگۇزۇشنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن تەشكىلاتى، ئوقۇتقۇچى (خىزمەتچىلەر) ۋەكىللەر يىغىنى ياخشى باشقۇرۇش بولسا مەكتەپ ۋە كۆڭۇل بۆلىدىغان مۇھىم خىزمەت.ئوقۇتقۇچى (خىزمەتچىلەر) ۋەكىللەر ئويۇشما يىغىنى ئارقىلىق ئوقۇتقۇچى، ئىشىچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسى پىرسۇناژلىق ئىڭىنى ئۈنۈملۇك يۇقىرى كۆتۇرۇپ مائارىپ فۇنكىسىيسىنى كۇچەيتكىلى بولىدۇ. مەكتەپ پەن-تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ تەرەققىيات پىلانى، مۇھىم چوڭ ئىسلاھات لاھىيسى قاتارلىق مەسلىلەرگە قاراپ چىقىش ئارقىلىق ئامما تەڭ پىلانلاپ تەڭ كۈچ چىقىرىپ مەكتەپ پەن-تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ خىزمىتى ۋە مائارىپ پەن-تىخنىكا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلىگىرى سۇرۇپ، ئىشىچىلار ئۇيۇشمىسنىڭ قاتنىشىشىنى ۋە قۇرۇلۇش فۇنكىسىيسىنى گەۋدىلەندۇرىدۇ.ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ھوقۇق مەنپەتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم قائىدە-تۇزۇم ۋە ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرمۇش تەمىنات ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئىشلاردا قارار ماقۇللاش ياكى قارار قىلىش ھوقۇقىنى يۇرگۇزۇپ ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كونكىرىت مەنپەتىنى قوغدايدۇ. مەكتەپ پەن-تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ رەھبەرلىرىنى باھالاش، نازارەت قىلىش ئارقىلىق ۋەزىپىسىدىن ئىلىپ تاشلاش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتىيە ئىسىتىلىنىڭ پاك-دىيانەتلىك قۇرۇلىشىنى ئىلگىرى سۇرۇپ ئامما كادىرلارمۇناسىۋىتىنى يىقىنلاشتۇرۇپ مەكتەپ، پەن-تەتقىقات ئورۇنلىرىدىكى زىددىيەتلەرنى تەڭشەپ ياكى ھەل قىلىپ تۇرلۇك خىزمەتلەرنىڭ قانات يىيىشىنى ئىلگىرى سۇرۇش، مەكتەپ پەن-تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ پۇتۇن خىزمەتلىرىنى جانلاندۇرۇپ ئاساس تۇتۇلۇپ ھەممە ئىشلارغا يول ئىچىلغان. تولۇق ئۈنۈمگە ئىگە قىلىش كىرەك.شۇڭا ئوقۇتقۇچى-ئىشىچى-خىزمەتچىلەر ۋەكىللەر ئويۇشما يىغىنى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ئىشچىلار ئويۇشما خىزمىتىنىڭ مۇھىم نوقتىسى ئورۇنغا قويۇشى كىرەك.ئىشچىلار ئويۇشمىسىنىڭ ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋەكىللەر ئويۇشمىسى خىزمەت ئورگىنى بولىشىنى ئىشچىلار ئويۇشمىسىنىڭ خاراكتىرى بەلگىلىگەن.شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنى دىمكۇراتىك باشقۇرۇشنىڭ ئىسل ئەنئەنىسى. شۇنىڭ ئۈچۈن مەكتەپ پەن-تەتقىقات ئورۇنلىرىدىكى ئىشىچىلار ئويۇشمىسى پەقەت يىغىن ئىچىلىش مەزگىلىدىكى كۈندىلىك ئىشلارنى ياخشى ئىشلەپ قۇرۇلتاي تاپشۇرغان ئىشلارنى تۇگۇتۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە يىغىن يىپىلىش مەزگىلىكىدىكى باشقا دىمكۇراتىك باشقۇرۇش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، ئوقۇتقۇچى، ئىشىچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مەكتەپ ۋەن پەن-تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ باشقۇرۇشىغا قاتنىشىشغا تەشكىللەپ، ۋەكىللىك قىلىشىنى ئومۇميۇزلۇك ئورۇنلايدۇ. كونكىرىت ئىيىتىقاندا : پارتىينىڭ ئامما سىياسىتى (لۇشىيەنى) ۋە ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە تايىنىپ ئىش بىجىرىش فاڭجىنىنى سىياسىتى ۋە ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيىنىڭ خاراكىتىرى، رولى،ۋەزىپىسىنى تەشۋىق قىلىش. (2) ئوقۇتقۇچى،ئىشىچى-خىزمەتچىلەرنى ئۇتقۇچى، ئىشىچى-خىزمەتچىلەر ۋەكىلى سايلاشقا تەشكىللەش. پارتىيە مەركىزى كومتىتىنىڭ سوتسىيالىسىتك دىمكۇراتىك سىياسىتى قۇرۇلىشىنىڭ فاڭجىن سىياسەتلىرىنى ئۈگىنىپ تەشۋىق قىلىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ،ئوقۇتقۇچى،ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە دىمكۇراتىك قانۇن باشقۇرۇش تەربىيسى ئىلىپ بىرىپ ئوقۇتقۇچى، ئىشىچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسى پىرسۇناژلىق مەسئولىيەت تۇيغۇسىنى كۇچەيىتپ،ئۇلارنى مەكتەپ پەن-تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ باشقۇرۇشىغا قاتنىشىشىقا سەپەرۋەر قىلىپ ئۆزنىڭ دىمكۇراتىك ھوقۇقىنى توغرا يۇرگۇزۇش ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاش، بولۇپمۇ ئىشىچلار ئويۇشمىسىنىڭ تەشۋىقات بازىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئوقۇتقۇچى،ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيىنىڭ خاراكتىرى ئورنى، ۋەزىپىسى ۋە ھوقۇقى كەڭ كۆلەملىك تەشۋىق قىلىش. ئوقۇتقۇچى،ئىشىچى-خىزمەتچىلەر ۋەكىللەر ئويۇشمىسىنىڭ تۇرلۇك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەش. دەسلەپكى لاھىيىسىنى يىزىپ چىقىش، مەكتەپ پەن-تەتقىقات ئورنىغا ماسلىشىپ قۇرۇلتايدا مۇزاكىرە قىلىنىدىغان مەسلىلەرنى ۋە ماتىرىياللارنى تەقلىدى يۇسۇندا تەييارلاپ چىقىش ۋە يۇللاش.ئوقۇتقۇچى،ئىشىچى-خىزمەتىچلەر ئاممىسىنى ۋەكىل سايلاپ چىقىشقا تەشكىللەش.لاھىيە يىغىش ۋە ئەستايدىل رەتلەش، كۆپ تەرەپ ھەمكارلىشىش ۋە كەڭ كۆلەملىك پىكىر ئىلش ئاساسىدا ئىشىچى-خىزمەتىچىلەر ئويۇشما يىغىنى مۇزاكىرە تىمىسى ۋە جەريانىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ.قۇرۇلتاي رەئىس ئۆمىكى، مەخسۇس ۋەكىللەر گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرۇلما لاھىيسى ۋە ئەزا قوبۇل قىلىش (ياكى ئەزالار تەركىبى) توغرىسىدا تەكىلىپ بىرىدۇ ۋە ئوقۇتقۇچى،ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى تەييارلىق يىغىنى ئىچىش ۋە رىياسەتچىلىك قىلشىقا مەسئول بولىدۇ.ئومۇمى مۇلۇكچىلىك بولىمىغان ئورۇنلارنىڭ مۇدىر (رەئىس) نازارەتچى نامزاتىنى كۆرسىتىدۇ. ئوقۇتقۇچى،ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشكىللەش خىزمىتىگە رىياسەتچىلىك قىلىپ، قۇرۇلتاي رەئىس ئۆمىكىگە ماسلىشىپ قۇرۇلتاي رەسمى يىغىن ئىچىلىش مەزگىلىدىكى تۇرلۇك يىغىن خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەيدۇ. قۇرۇلتاي رەئىس ئۆمىكى مەخسۇس ھەيئەت گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرۇلۇش،تەسىس قىلىش لاھىيسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەخسۇس ۋەكىللەر ئۆمىكى كومتىتى (گۇرۇپپىسى) ۋە ئىشىچى-خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرىنى كۈزىتىپ،تەتقىق قىلىپ،تەكشۇرۇپ نازارەت قىلىشىقا تەشكىللەپ،قۇرۇلتايغا تەكلىپ-پىكىر بىرىدۇ. مەزكۇر ئورۇننىڭ ئىشىچى-خىزمەتچىلەر ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ قارارى، قارالىمىسى ۋە لاھىيسىنى يۇرگۇزۇش ئەمىلىلەشتۇرۇش ئەھۋالىنى تەكشۇرۇپ نازارەت قىلىدۇ.ئوقۇتقۇچى-ئىشىچى-خىزمەتچىلەرنى قۇرۇلتاي قارالىمىسى ۋە قارارىنى ئەمىلىلەشتۇرۇشكە تەشكىللەيدۇ. ئوقۇتقۇچى،ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋەكىللەر ئويۇشما قۇرۇلتىيى روھىنى يەتكۇزۇشكە تەشكىللەيدۇ. ئوقۇتقۇچى،ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيىنىڭ قارارىنىڭ ئەمىلىيلەشتۇرىلىشى،لاھىيسىنى تەكشۇرۇپ نازارەت قىلىدۇ. ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمىكى گۇرۇپپىسى ۋە مەخسۇس ھەيئەتلەر گۇرۇپپىسى كومتىتىنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەيدۇ ۋە يىتەكچىلىك قىلىدۇ. ئەمىلى ئىھتىياجغا ئاساسەن ۋەكىللەر ئۆمىكى (گۇرۇپپىسى) مەخسۇس ھەيئەتلەر كومتىتى (گۇرۇپپىسى) مەسئۇللىرىنىڭ بىرلەشمە يىغىن ئىچىش ۋە رىياسەتچىلىك قىلىشقا مەسئۇل بولۇپ مۇھىم مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئىلىپ بىرىپ پىكىر-تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ھەرخىل شەكىللەرنى قوللۇنۇپ ھەرقاقيسى ۋەكىللەر ئۆمىكى (گۇرۇپپىسى) مەخسۇس ھەيئەتلەر كومتىتى (گۇرۇپپىسى) نىڭ مەسئوللىرىغا، ئوقۇتقۇچى،ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىگە تۇركۇمگە بۆلۇپ، پىلانلىق ھالدا قانۇن-تۇزۇم، سىياسەت ۋە دىمكۇراتىك باشقۇرۇش قاتارلىق مەزمۇنلاردىكى تەشىۋىقات تەربىيسى ۋە تەربىيلەش ئىلىپ بىرىپ ئوقۇتقۇچى،ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرىنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۇرۇش. ئوقۇتقۇچى،ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى بىلەن مۇناسىۋەت ئالاقە تۇزۇمى ئورنۇتۇپ، قانۇن بويىچە ئوقۇتقۇچى،ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋەكىللىىرىنىڭ دىمكۇراتىك ھوقۇقىنى قوغداش. ئوقۇتقۇچى،ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاممىسىنىڭ ئەرز-شىكايەتلىرىگە ئاكتىپ قاتىنىشپ ۋە بىر تەرەپ قىلىپ ئوقۇتقۇچى،ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرىنىڭ ئەرز-شىكايەتلىرىنى ۋە پىكىر-تەكلىپىلىرىنى توغرا بىر تەرەپ قىلدۇرۇپ، ئوقۇتقۇچى،ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەتىنى قوغدايدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ (تارماقلارنىڭ ) ئۆچ ئىلىش قاتارلىق ناچار قىلىمشلارغا زەربە بىرىش ۋە بىر تەرەپ قىلىشىنى نازارەت قىلىدۇ. مەكتەپ پەن-تەتقىقات ئورنى پارتيە تەشكىلى ۋە يۇقىرى دەرجىلىك ئىشچىلار ئويۇشمىسىغا مەكتەپ پەن-تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ مەمۇرىيىتىگە ئوقۇتقۇچى،ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەت ئەھۋالىنى دوكلات قىلىدۇ. (10) ئۆز ئورنىنىڭ دىمكۇراتىك باشقۇرۇشنىڭ باشقا خىزمەتلىرىنى تەشكىللەيدۇ.دىمكۇراتىك باشقۇرۇشنىڭ تەجرىبىلىرىنى يەكۇنلەپ، دىمكۇراتىك باشقۇرۇشنىڭ يىڭى ئۇسۇل ئىچىقلىرى ھەققىدە ئىزدىنىپ ، دىموگراتىك باشقۇرۇش نەزەرىيسى تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇپ، دېموگراتىك باشقۇرۇش سەۋىيسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيىنى تاپشۇرغان باشقا خىزمەتلىرتنى بىر تەرەپ قىلىدۇ. تۆتىنجى: يۇقىرى (ئالىي) دەرىجىلىك مەكتەپلەر، پەن-تەتقىقات ئورۇنلىرى، ئىنىستىتوت، فاكۇلتىت، تارماق (باشقارما، بۆلۈم، زاۋۇت) 2-دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋەكىللەر ئۇيۇشمىسى 1. ئىنىستىتوت، فاكۇلتىت، تارماق (باشقارما، بۆلۈم، زاۋۇت) 2-دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋەكىللەر ئۇيۇشمىسى قۇرۇشنىڭ ئەھمىيتى. (1). ئىنىستىتوت، فاكۇلتىت، تارماق (باشقارما، بۆلۈم، زاۋۇت)، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋەكىللەر ئۇيۇشمىسى يۇقىرى (ئالىي) دەرىجىلىك مەكتەپ، پەن-تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ ئىچكى باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ توختىماي چۇڭقۇر تەرەقققىي قىلشىغا ئەگىشىپ، پەن-تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە يۇقىرى (ئالىي) دەرىجىلىك مەكتەپلەر قارمىقىدىكى (فاكۇلتىت، تارماق) ئىنىستىتىوتلارنىڭ تەشكىلىي باشقۇرۇش جەھەتتىكى ھوقۇق چەكلىمىسى پەيدىنپەي كىڭىيىپ باردى. ئادەتتە ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى ئادەم، مالىيە، ماددى ۋە مەكتەپ باشقۇرۇش جەھەتلەردە ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقى بار بولغاچقا، شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا دىموگراتىك باشقۇرۇش تۈزىمىگە مۇھتاج. ئىنىستىتوت (فاكۇلتىت، تارماق)، 2-دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋەكىللەر ئۇيۇشمىسى بولسا مەكتەپ ۋە پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋەكىللەر ئۇيۇشمىسىنىڭ ئۇزارتىلشى ۋە كېڭەيتىلمىسى. مەكتەپ پەن-تەتقىقات ئورۇنلىرىدا كۆپ دەرىجىلىك دىموگرەتىك باشقۇرۇش سىسىتىمىسى قۇرۇشتىكى مۇھىم ھالقا بولۇپ، مەكتەپ پەن-تەتقىقات ئورۇنلىرى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى (ئۇيۇشمىسى) نىڭ تۈرلۈك خىزمەت ھوقۇققىنىڭ ئەمەلىيلىششىنىڭ ياخشى كاپالەتلىك قىلىپ، مەكتەپ، پەن-تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ دىموگراتىيە سىياسىتى قۇرۇلشىنىڭ چۇڭقۇر تەرەققىي قىلشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. (2) ئۆز ئورنىنىڭ (مەزكۇر ئورۇننىڭ) پارتىيە تەشكىلى، مەمۇرىيتى ۋە ئامما ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق بولۇپ، پارتىيە ھۆكۇمەت رەھبەرلىرىنىڭ دىمكۇراتىيە ئىڭى ۋە ئوقۇتقۇچى،ئىشىچى-خىزمەتچىلەرنىڭ دىمكۇراتىيگە قاتنىشىش ئىڭىنى كۇچەيتىدۇ. ئىنستىتۇت (فاكۇلتىت،تارماق) رەھبەرلىرى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاممىسىغا بىۋاستە يۇزلىنىدۇ. يەنە كىلىپ ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكىلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كەسپى خىزمىتى بولۇپ، كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە كەسىپ ئالماشتۇرۇش مۇناسىۋىتىدە ئوقۇتقۇچى، ئىشىچى-خىزمەتچى ئاممىسى بىلەن بىرقەدەر يىقىن، بىر تەرەپتىن رەھبەر ۋە رەھبەرلىك قىلىنغۇچى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت بىر قەدەر يىقىن، رەھبەر ئاممىسىنىڭ پىكىر-تەلەپلەرنى بىر قەدەر ئاسان تىز ئاڭلايدۇ. بولۇپمۇ ھەرقايسى پەنلەردىكى نۇپۇزلۇق كىشىلەرنىڭ پىكىرنى ئوبدان ئاڭلايدۇ.يەنە بىر تەرەپتىن ئىنىستىتۇت (فاكۇلتىت، تارماق) تەشكىلى ئاپپاراتلىرى ئوقۇتقۇچى،ئىشىچى-خىزمەتچىلەرگە بىۋاستە رەھبەرلىك ۋە مۇلازىمەت قىلىدىغان بولۇپ ئۇلارنىڭ خىزمەت ئىسىتىلى، مۇلازىمەت سۇپىىتى ۋە خىزمەت پىلانى ۋە خىزمەت ئۇنۈمىنىڭ قانداقلىقىنى ئامما ئەڭ ئىنىق كۆرەلەيدۇ.شۇڭا ھەممىدىن بەك ئاممىنىڭ پىكىر قىلش،سۆزلەش ھوقۇقى بولىدۇ.ئىنىستىتۇت (فاكۇلتىت،تارماق) قۇرۇلۇش تەرەققىياتنىڭ قانداق بولىشى ئوقۇتقۇچى،ئىشىچى-خىزمەتچىلەرنىڭ شەخىسى تەرەققىيات ئىستىقبالى ۋە بىۋاستە مەنپەتىگە چىتىلىدىغان بولغاچقا ئامما،فاكۇلتىت ۋە تارماقلارنىڭ قۇرۇلىشى ۋە تەرەققىياتىغا مكتەپ ۋە پەن-تەتقىقات ئورۇنلىرىدىن بەكرەك كۆڭۇل بۆلىدۇ. (3) تارماقلار ئىشچىلار ئۇيۇشمىسنىڭ رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇشقا، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ دېموگىراتىك باشقۇرۇش، دېموگىراتىك نازارەت قىلىش رولىغا پايدىلىق. ئىنىستىتوت (فاكۇلتىت، مەكتەپ) نىڭ ئىككىنجى دەرىجىلىك ئىشچى- خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنى مۇكەمەللەشتۈرۈش كەڭ ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ خوجايىنلىق روھىنى زور دەرىجىدە قوزغۇتۇپ، كەڭ ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ دېموگىراتىك باشقۇرۇش ئېڭىنى كۇچايتىپ، كەڭ ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت ئاكتىپچانلىقىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تارماقلار ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رولىنى يەنىمۇ جار قىلدۇرۇش ئارقىلىق رەھبەرلەرنىڭ دېموگىراتىك ئېڭى ئەمىلىيەت جەريانىدا تەدرىجى كۇچايتىلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەرنىڭ دېموگىراتىك ئېڭى كۇچايتىلسە مەكتەپ رەھبەرلەرنىڭ دېموگىراتىك ئېڭىنى كۇچايتىشكە پايدىلىق بولۇپ، كەڭ ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ دېموگىراتىك قاتنىشىش ئاكتىپچانلىقىنى قوزغىتىدۇ. بۇ خىل ياخشى بولغان ئۆزگۈرۈش مەكتەپنىڭ دېموگىراتىك قۇرۇلۇشىنى ساغلاملاشتۇرۇپ ئۆزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. 2. ھەر قايسى 2- دەرىجىلىك ئىشچى- خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيىنىڭ قۇرۇلۇشى ئالىي مەكتەپلەر، تەتقىقات ئورۇنلىرىغا قاراشلىق ئىنىستىتوت (فاكولتىت، تارماقلار) ئالىي مەكتەپلەر تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ ئىشچى- خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيىنىڭ بەلگىلىمىلىرىنىڭ روھىغا ئاساسەن ئەمىلىيەتنى چىقىش قىلىپ ئوخشىمىغان شەكىلدىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى دىموگىراتىك باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىنىستىتوت (فاكولتىت، تارماقلار) ئىشچى- خىزمەتچىلەر ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنى يولغا قويۇش پىرىنسىپىنى تۈزۈپ چىقىپ ئىشچى- خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيىدىن ئۆتكۈزۈپ ئۆلچەم ۋە ئاساس قىلىنىدۇ. (1) ئىنىستىتوت (فاكولتىت، تارماقلار) ئىشچى- خىزمەتچىلەر ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى، نىسبەتەن مۇستەقىل شۇنداقلا ئىشچى- خىزمەتچىلەر سانى بىر قەدەر كۆپ بولغان ئىنىستىتوت (فاكولتىت، تارماقلار) مەكتەپ، تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ بىرىنجى دەرىجىلىك ئىشچى- خىزمەتچىلەر ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنى تەسىس قىلىدۇ. (2) ئىنىستىتوت (فاكولتىت، تارماقلار) ئىشچى- خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى، ئىشچى- خىزمەتچىلەر سانى 50 دىن تۆۋەن بولغان ئىنىستىتوت (فاكولتىت، تارماقلار) پۈتۈن ئىشچى- خىزمەتچىلەر قاتناشقان ئىشچى- خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنى تەسىس قىلىدۇ. (3) ئىنىستىتوت (فاكولتىت، تارماقلار) ئىشچى- خىزمەتچىلەر ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ۋەكىللەر يىغىنى، ئىشچى- خىزمەتچلەر ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنى تەسىس قىلغان مەكتەپلەر، تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ ھەر بىر ئىنىستىتوت (فاكولتىت، تارماقلار) دا ئىشچى- خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى تەشكىلى بولىدۇ. ئىشچى- خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى ۋەكىلى مەكتەپلەرنىڭ بىرىنجى دەرىجىلىك ئىشچى- خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيىغا قاتناشقاندىن سىرت يەنە ئىنىستىتوتنىڭ دېموگىراتىك باشقۇرۇشىغا قاتناشسا بولىدۇ. ئىنىستىتوت (فاكولتىت، تارماقلار) ئىشچى- خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى ۋەكىللەر يىغىنىنى، ئىنىستىتوت (فاكولتىت، تارماقلار)نىڭ باشقۇرۇش تۈزۈمى قىلىپ، دېموگىراتىك باشقۇرۇش ھوقوقىنى يۈرگۈزىدۇ. ئەگەر ۋەكىللەر ئۆمىگىنىڭ سانى بىر قەدەرئاز بولسا يەنە ۋەكىللەرنى كۆپەيتىشكە بولىدۇ. قوشۇلغان ئەزا پەقەت ئىنىستىتوت (فاكولتىت، تارماقلار) ۋەكىللەر يىغىننىڭ ئەزاسىلا بولالايدۇ. ئىنىستىتوت (فاكولتىت، تارماقلار) ئىشچى- خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى، ئىشچى- خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى ۋەكىللەر يىغىنى ۋاقىت بەلگىلەپ، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئالمىشىدۇ. ھەمدە «قارا» ۋە «قىتىم» سانى مۇئەييەنلەشتۈرۈش كىرەك. ئىشچى- خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى ئالمىشىش مەسىلىسى بولمايدۇ. پەقەت «قىتىم سانى» خاتىرلىنىدۇ. قۇرۇلتايدا چوقۇم مۇراسىم بولىشى، تۈزۈم خاراكتىرلىك چوڭ مەسىللەرنىڭ نەتىجىسى يازمىچە قارارى بولۇپ موقۇملىقى ۋە ئىناۋىتى گەۋدىلەندۈرۈلىشى كىرەك. يىغىننىڭ ئاساسلىق يازمىچە ماتىرىيالى ئارخىپ قىلىپ ساقلىنىدۇ. 3. ئىنىستىتوت (فاكولتىت، تارماقلار) ئىشچى- خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيىنىڭ ئاساسلىق ھوقوقى. بۇلارنىڭ ئاساسلىق ھوقوقلىرى بىرىنجىدىن مەزكۇر ئورۇننىڭ مەمۇرىيەت رەھبەرلىرىنىڭ خىزمەت دوكىلاتىنى ئاڭلاش، ئۇزاق مۇددەتلىك پىلانلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش، تەدبىرلەرنى ئىسلاھ قىلىش، ئىشچى- خىزمەتچىلەر قوشۇن قۇرۇلىشى لاھىيەسى قاتارلىق چوڭ مەسىللەرگە پىكىر ۋە تەلەپلەرنى بىرىش. ئىككىنجىدىن مەزكۇر ئورۇن يولغا قويىدىغان مەكتەپلەرنى باشقۇرۇش چارىسى ۋە ئۇسۇلىنى مۇزاكىرە قىلىش ۋە بىكىتىش ، ئىشچى- خىزمەتچىلەرگە مۇناسىۋەتلىك موقۇم تۈزۈملەرنى مۇزاكىرە قىلىش ۋە قارار قىلىش. ئۈچىنجىدىن ئۆز ھوقوق دائىرىسى ئىچىدە مۇكاپاتلاش- جازالاش چارىسى، مۇسابىقە ئامالى، كوللىكتىپ پاراۋانلىق مەبلىغىنىڭ باشقۇرۇلىشى ۋە ئىشلىتىلىشى قاتالرىق ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ بىۋاستە مەنپەئەتىگە چىتىلدىغان مەسىللەرنى مۇزاكىرە قىلىش ۋە قارار قىلىش. تۆتىنجىدىن دېموگىراتىك باھالاش ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ خىزمىتىگە نازارەتچىلىك قىلىش. بەشىنجى، ئىشچى- خىزمەتچىلەر ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ياكى ئىشچى- خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيىنىڭ تەييارلىغى 1. قۇرۇلتاينىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى (1) ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى مەكتەپكە، تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ پارتىيە ياچىيكىسىغا ئىشچى- خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى ياكى ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى چاقىرىشىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ. تەستىقلانغاندىن كىيىن مەكتەپ، تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ پارتىيە ياچىيكىسى، ئىشچى- خىزمەتچىلەر ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ياكى ئىشچى- خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى چاقىرىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى تارقىتىدۇ. (2) باشتىن – ئاخىرى مەكتەپ، تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ پارتىيە تەشكىلىنىڭ رەھبەرلىگىدە تەشۋىقات قوزغۇتۇش خىزمىتى ۋە تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلەر ياخشى ئىشلىنىدۇ. ئىشچى- خىزمەتچىلەر ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان چوڭ مەسىللەرنى پارتىيە تەشكىلىدىن يوليورۇق سوراش ۋە تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈش كىرەك. (3) ئىشچى- خىزمەتچىلەر ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ياكى (ئىشچى- خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى) تەييارلىق گوروپپىسى قۇرۇلۇپ ھەمدە تەييارلىق گوروپپىسى ئاستىدا تەشكىلىي گوروپپا، تەشۋىقات گوروپپىسى، لاھىيە گوروپپىسى، ھۆججەت گوروپپىسى، يىغىن گوروپپىسى تەسىس قىلىنىپ يىغىننىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىگە كونكىرىتنى مەسئۇل بولىدۇ. تەييارلىق گوروپىسىدا بىر گوروپپا باشلىقى بولۇپ، مەكتەپ، تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ پارتىيە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى بۇ ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئىككى مۇئاۋىن گوروپپا باشلىقى بولۇپ مەكتەپ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇل خادىمى مۇئاۋىن گوروپ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. مەكتەپ، تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ پارتىيە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە ئىتتىپاق كومىتتى مەسئۇل خادىملىرىدىن تەشكىل تاپقان بىرقانچە ئەزا تەسىس قىلىنىدۇ. (4) بەلگىلىمە تەرتىپلەرگە ئاساسەن قۇرۇلتايغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەر سايلاپ چىقىلىدۇ. (ئىشچى- خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيىدا بۇ خىزمەت ئىلىپ بىرىلمايدۇ). (5) ئىشچى- خىزمەتچىلەر ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا مۇزاكىرە قىلىندىغان ئاساسلىق تىما بىكتىلىدۇ. ئىشچى- خىزمەتچىلەر ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا مۇزاكىرە قىلىندىغان ئاساسلىق تىمىنى توغرا بىكىتىش، ئىشچى- خىزمەتچىلەر ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنى چاقىرىشتىكى بىر تۈرلۈك ئىنتايىن موھىم بولغان خىزمەت بولۇپ قۇرۇلتاينىڭ غەلبىلىك چاقىرىلىشىنىڭ موھىم ئاساسى. ئاساسلىق ئۇسۇلى: بىرىنجىدىن توغرا بولغان يىتەكچى ئىدىيەنى تۇرغۇزۇپ، ئوقۇتۇش تەتقىقات، ئىسلاھات، تەرەققىيات، ئىدىيىۋى – سىياسىي خىزمەتنى شۇنداقلا ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئوموميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىللەرنى چۆرىدىگەن ھالدا موھىم مۇزاكىرە تىمىسى بىكتىلىدۇ. بۇنىڭ سانى كۆپ بولماسلىقى ئەڭ ياخشىسى بىر ياكى ئىككى بولىشى كىرەك. ئىككىنجىدىن، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئاممىدىن پىكىر ئىلىپ، رەتلەش ۋە تۈزۈتۈش كىرگۈزۈش. ئۈچىنجىدىن، مەكتەپكە، تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ پارتىيە تەشكىلىگە دوكلات قىلىش.شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ پىكىرىنى ئىلىش ھەمدە قايتا تۈزۈتۈش كىرگۈزۈش. تۆتىنجىدىن، يىغىن رەئىسىگە يىغىن ۋە تەييارلىق يىغىنىغا تەكشۈرۈپ تۈزۈتۈشكە تاپشۇرۇلىدۇ. بەشىنجىدىن، رەسمىي يىغىننىڭ مۇزاكىرە قارارى تاپشۇرۇلىدۇ. (6) ئىشچى- خىزمەتچىلەر ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ كۈنتەرتىۋىنى بىكتىش. ئاتالمىش تەرتىپ تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تۈزۈتۈشنىڭ تەرتىۋى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلىشىدۇر. ئىشچى- خىزمەتچىلەر ۋەكىللەر يىغىنى تەرتىۋىنى بىكىتىش ھەم ئىشچى- خىزمەتچىلەر ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ تەييارلىق باسقۇچىدىكى موھىم خىزمەت. شۇنداقلا بۇ قۇرۇلتاي ئىچىلىش مەزگىلىدىكى بىر تۈرلۈك موھىم تەرتىپ. ئىشچى- خىزمەتچىلەر ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ تەرتىۋىنى بىكىتىشتە تۆۋەندىكى بىر نەچچە تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كىرەك. بىرىنجىدىن، ئىشچى- خىزمەتچىلەر ۋەكىلىنىڭ ۋە كۆپ قاتلام ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ پىكىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاش، مەكتەپ، تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ ئوقۇ- ئوقۇتۇش، تەتقىقات، ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا شۇنداقلا ئىشچى- خىزمەتچىلەرگە ھەل قىلىپ بىرىش زۆرۈر بولغان چوڭ مەسىللەرنى تىپىپ چىقىش. ئىككىنجىدىن، مەكتەپ، تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە توپلانغان پىكىر ۋە مۇناسىۋەتلىك مەسىللەرگە ئونۋىرسال تەھلىل قىلىپ مەكتەپنىڭ، تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ تەربىيلەش نىشانى، ئىسلاھات تەرەققىيات قاتارلىق مەركىزى ۋەزىپىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئوموميۈزلۈك تەلىپى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ كونكىرىتنى قاراتمىلىق پىكىرلەرنى ئوتتۇرغا قويۇش. ئۈچىنجىدىن، كونكىرىتنى تىما قاراتمىلىق پىكىرلەرنى ھەر قايسى تارماق ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى (گوروپپا) ۋەكىللەر ئۆمىگى (گوروپپىسى) باشلىقىغا تاپشۇرۇپ، يىغىن مۇزاكىرىسىدىن ئۆتكەنلەرنى مەكتەپ، تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ پارتىيە تەشكىلىگە تاپشۇرۇشى ھەمدە تەكشۈرۈش پىكىرىنى يازدۇرۇش كىرەك. تۆتىنجىدىن، مەكتەپ، تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ پارتىيە تەشكىلىنىڭ تەكشۈرۈپ تۈزۈتۈش پىكىرى بىلەن يىغىن قارارىنى بىرلەشتۈرۈپ قايتا تۈزۈتۈش كىرگۈزۈش. بەشىنجىدىن، تۈزۈتۈلگەن ئارگىنالنى مەمۇرىي تارماقلارغا تاپشۇرۇپ بىرىش، مەكتەپ، تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ مەمۇرىي رەھبەرلىرى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە يىغىننىڭ موھىم تىمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ھۆججەت، لاھىيە ۋە سوراش تەييارلىق لاھىيەسىنى تۈزۈش. ئالتىنجىدىن، شۇ قىتىملىق قۇرۇلتاي رەئىسلەر (ئىجرائىيە كومىتىتى) ئۆمىگى تۇرغۇزۇلغاندىن كىيىن ئاساسلىق مۇزاكىرە تىمىسى رەئىسلەر ئۆمىكى (ئىجرائىيە كومىتىتى)غا تاپشۇرلۇپ تەكشۈرۈپ تۈزۈتىلىدۇ. قارار چىقىرىلىدۇ. يەتتىنجىدىن، ئىشچى- خىزمەتچىلەر ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى (ئىشچى- خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى) تەييارلىق يىغىنىغا سۇنۇلۇپ يىغىندىن ئۆتكۈزۈلىدۇ. (7) لاھىيەگە ئاساسەن تەرتىپ بەلگىلىمىلەر تۇرغۇزۇلۇپ، لاھىيە يىغىلىپ رەتلىنىپ، قۇرۇلتاينىڭ موھىم مۇزاكىرە تىمىسى بەلگىلىنىدۇ. قۇرۇلتايدا سايلىنىدىغان رەئىسلەر كومىتىتى نامزاتىنىڭ تىزىملىگى ئوتتۇرغا قويۇلىدۇ. (8) تەييارلىق يىغىننىى ياخشى ئىچىپ، ئىدىيىنى يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ۋەزىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش. يىغىننىڭ تۈرلۈك لاھىيىسى، ھۆججىتى، دوكىلاتى ئادەتتە تەييارلىق يىغىنى چاقىرلىشتىن بۇرۇن مۇزاكىرە قىلىپ تۈزۈتۈلۈپ ئاندىن رەسمىي يىغىندىن ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئاتالمىش ئىشچى- خىزمەتچىلەر ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى مەكتەپ، تەتقىقات ئورۇنلىرى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى رىياسەتچىلىك قىلغان، ۋەكىللەرنىڭ ئىدىيىۋى تونۇشىنى بىرلىككە كەلتۈرىدىغان شۇنداقلا ئىشچى- خىزمەتچىلەر ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى رەسمىي ئېچىلىشتىن بۇرۇن چاقىرىلىدىغان يىغىننى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يىغىننىڭ موھىم تىمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ھۆججەت- ماتىرىياللارنى تەييارلاش. تەييارلىق يىغىن ئىچىلىشتىن 10 كۈن بۇرۇن مەكتەپ، تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بۇ ماتېرىياللارنى ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمىكى (گوروپپىسى) گە تارقىتىپ بىرىلىدۇ. ھەمدە ۋەكىللەردىن پىكىر ئىلىش جەدىۋىلىنى تارقىتىدۇ. مەكتەپ، تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى چۈشكەن پىكىرلەرنى رەتلەپ يىزىقچە ياكى ئاغزاكى ئالقىدار مەمۇرىي رەھبەرلەرگە ۋە فونىكىسىيەلىك تارماقلارغا يەتكۈزىدۇ. تەييارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەيد
|
|