| كۈلۈمسىرەپ دەرس ئۆتۈشنى قانداق ئۆگەندىم
ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئەۋلاد تەربىيەلەشتىن ئىبارەت مۇقەددەس بۇرچنى زىممەمگە ئالغاندا ھاياجانلىنىپ، نەچچە كېچە ئۇخلىماي دېگۈدەك تاڭنى ئاتقۇزغىنىم ھېلىمۇ ئېسىمدە. تۇنجى سائەتلىك دەرس ئۆتۈش تەييارلىقىنى قىلىۋاتقىنىمدا بىر نەچچە خىزمەتدىشىم ‹‹ئوقۇغۇچى دېگەن بەك تومۇرچى كېلىدۇ، چىشىڭىزنىڭ ئېقىنى چىقىرىپلا قويدىڭىزمۇ بولدى، بۆكىڭىزگە جىگدە سالغىلى ئارانلا تۇرىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنى قاتتىق باشقۇرىمەن دەيدىكەنسىز، ئەڭ ياخشىسى ئۇلارغا ئوچۇق چىراي ئاچماڭ›› دېگەنىدى. بۇنداق ‹‹نەسىھەت››لەر قۇلىقىمغا سىڭىش بولۇپ كەتكەچكىمۇ، ئىشقىلىپ مەنمۇ يېڭىدىن خىزمەتكە چۈشكەن نۇرغۇن ياش ئوقۇتقۇچىغا ئوخشاش سىنىپتا قوشۇمامنى تۈرۈۋېلىشقا، ئوقۇغۇچىلارغا چىراي ئاچماسلىققا مەجبۇر بولغانىدىم. بەزىدە ئەپسۇسلانغان چاغلىرىممۇ بولدى، بىراق ئوقۇغۇچىلىرىمغا ‹‹قۇيرۇق تۇتقۇزۇپ›› قويسام، گېپىمنى ئاڭلىتالماسلىقىدىن ئەنسىرەپ، ئامالسىز ‹‹مۇز چىراي ›› بولىۋەردىم. كېيىن قىزىمنى ھەر قېتىم يەسلىگە ئېلىپ بارغىنىمدا، يىراقتىنلا بىر ئايال تەربىيەچىنىڭ بالىلارغا ۋارقىراۋاتقان بوغۇق ئاۋازىنى ئاڭلايدىغان بولدۇم. يەسلى مۇدىرىنىڭ چىرايىمۇ مۇزدەك سوغۇق ئىدىكى، ھە دېسىلا ئاتا – ئانىلارغا بالىلارنىڭ بىر كۈنلۈك قىلمىش – ئەتمىشلىرى ئۈستىدىن داتلايتتى. شۇ سەۋەبتىنمۇ ئەيتاۋۇر دەسلەپتە ‹‹يەسلىگە بارىمەن›› دەپ ئالدىراپ تۇرىدىغان قىزىم يەسلىگە بارماس بولۇۋالدى. بۇ ئىش تۈپەيلىدىن بىر كۈنى ئوقۇغۇچىلىرىمغا ئوقۇتقۇچىلاردىن كۈتىدىغان ئارزۇ – ئۈمىدلىرى توغرىلىق ئويلىغانلىرىنى يېزىپ كېلىش تاپشۇرۇقى بەردىم. تاپشۇرۇقنى يىغىۋېلىپ ئوقۇپ چىقىپ ھەيران قالدىم، ئوقۇغۇچىلىرىمدىن ئۈچ – تۆتىسى ‹‹مۇئەللىم سىز بەكلا چىرايلىق، بەكلا مېھرىبان، ئەگەر بىزگە كۈلۈمسىرەپ مۇئامىلە قىلغان بولسىڭىز، يەنىمۇ گۈزەللىشىپ كېتەتتىڭىز››، ‹‹مۇئەللىم، قاپىقىڭىزنى تۈرمەي دەرس ئۆتكەن بولسىڭىز، بىزمۇ سىزدىن قورقمىغان بولاتتۇق...›› دەپ يېزىپتۇ. تاپشۇرۇق دەپتەرنى تۇتقان قولۇم تىترەپ، ئىچىم ئاچچىق بولۇپ كەتتى، شۇندىلا ئۆزۈمنىڭ بالىلارنى قورقۇتۇش ئۈچۈن ئەتەي ‹‹مۇز چىراي›› بولۇۋېلىپ خاتا قىلغانلىقىمنى ھېس قىلدىم. ئاشۇ سۆرۈن تەلەتىم بىلەن ئوقۇغۇچىلىرىمغا يېتەرلىك خۇشاللىق بەخش ئېتەلمەپتىمەن، ئۇلارغا شەيئىيگە، تۇرمۇشقا كۈلۈمسىرەپ يۈزلىنىشتەك ئەقەللىي ھاياتلىق پىرىنسىپىنىمۇ ئۆگىتەلمەپتىمەن، پەقەت دەرسلىكتىكى بىلىملەرنى تولۇق سىڭدۈرۈشنىلا ئويلاپتىمەن – يۇ، ئانىلارغا خاس مېھرىم بىلەن قارا كۆزلەرنىڭ قەلبىگە مېھىر – مۇھەببەت ئۇرۇقى تېرىشنى خىيالىمغا كەلتۈرمەپتىمەن، كۈلۈمسىرەشنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئەڭ گۈزەل تىل، ئەڭ ياخشى ئىپادە، ئەڭ كېرەكلىك شىپالىق مەلھەم ئىكەنلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىپتىمەن... شۇ ئىشتىن كېيىن دالى كارنىگنىڭ: ‹‹كۈلكە پارلاپ تۇرغان چېھىر ئۇنىڭغا قارىغان بارلىق كىشىلەرنىڭ قەلبىنى ئىللىتىدۇ، بۇلۇتلار ئارىسىدىن يېرىپ چىققان قۇياش نۇرىدەك ئىنسانلارنىڭ قەلبىنى ئىللىتىدۇ›› دېگەن سۆزىنى ئۆزۈمگە قىبلىنەما قىلدىم. ئوقۇغۇچىلىرىمغا كۈلۈمسىرەشتىن ئىبارەت بۇ شىپالىق مەلھەمنى كۈندە تەقدىم قىلىش ئۈچۈن كۈلۈمسىرەشنى ئۆگەندىم، ئەينەككە قاراپ خۇشال بولغاندىمۇ، قايغۇرغاندىمۇ كۈلۈمسىرەشنى مەشىق قىلدىم. كۈلكەم تەبىئىي چىققاندىلا ئاندىن دەرسخانىغا قەدەم ئالدىم. كۈلكە پارلاپ تۇرغان چېھرىم بىلەن سەبىيلەرنىڭ قەلبىگە بىلىم ۋە ئىللىقلىق ئۇرۇقى تېرىشقا باشلىدىم. دەرسخانىدا كۈلۈمسىرەشنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرۈۋاتقان كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە، مەكتىپىمىزگە يېڭى كەلگەن بىر ياش ئوقۇتقۇچى مەندىن: <<يېڭىدىن دەرس مۇنبىرىگە قەدەم باسقان ئوقۇتقۇچى ئۈچۈن نېمە ئەڭ مۇھىم؟>> دەپ سورىدى. مەن ئاۋۋال ئوقۇتقۇچىنىڭ چېھرى، ئۇنىڭدىن قالسا ئوقۇتقۇچىنىڭ تەلەپپۇزى، دەپ جاۋاب بەردىم. << كەسپىي سەۋىيەچۇ؟ >>دېدى ئۇ، كەسپىي سەۋىيەمۇ مۇھىم، بىراق كەسپىي سەۋىيە ئوقۇتقۇچىنىڭ چېھرىگە يېزىلغان، كەسپىي سەۋىيە ئوقۇتقۇچىنىڭ تىلىدىن نامايان بولىدۇ، دېدىم. مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى |
باھالاشباھا خاتىرىسى
|