| جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى››غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى (2012 – يىل 10 – ئاينىڭ 26 – كۈنى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 29 – يىغىنىدا ماقۇللاندى) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى (67 – نومۇرلۇق) ‹‹مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى›› 2012 – يىل 10 – ئاينىڭ 26 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 29 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2013 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ 2012 – يىل 10 – ئاينىڭ 26 – كۈنى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 29 – يىغىنى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى››غا تۆۋەندىكىچە تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى: 60 – ماددىنىڭ 4 – تارماقچىسى مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹رېجىم جازاسى، سىياسىي ھوقۇقتىن مەھرۇم قىلىش جازاسى قانۇن بويىچە ئىجرا قىلىنىۋاتقان ياكى جازاسى كېچىكتۈرۈلگەن، جازاسى ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىنىۋاتقان جىنايەتچىلەر ياكى جىنايى ئىشلار بويىچە مەجبۇرلاش تەدبىرى قانۇن بويىچە قوللىنىلغانلاردىن قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە خىلاپ قىلمىشى بولغانلىرى››. بۇ قارار 2013 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى›› مۇشۇ قارارغا ئاساسەن مۇناسىپ تۈزىتىلگەندىن كېيىن قايتا ئېلان قىلىنىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى (2005 – يىل 8 – ئاينىڭ 28 – كۈنى 10 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 17 – يىغىنىدا ماقۇللاندى، 2012 – يىل 10 – ئاينىڭ 26 – كۈنى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى29 – يىغىنىنىڭ ‹‹<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار››ىغا ئاساسەن تۈزىتىلدى) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى (38 – نومۇرلۇق) ‹‹مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى›› 2012 – يىل 10 – ئاينىڭ 26 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 26 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2013 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ 2012 – يىل 0 1– ئاينىڭ 26 – كۈنى مۇندەرىجە 1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ 2 – باب جازانىڭ تۈرى ۋە بېرىلىشى 3 – باب ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش ۋە بېرىلىدىغان جازا 1 – پاراگراف جامائەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش قىلمىشى ۋە بېرىلىدىغان جازا 2 – پاراگراف جامائەت خەۋپسىزلىكىگە دەخلى يەتكۈزۈش قىلمىشى ۋە بېرىلىدىغان جازا 3 – پاراگراف جىسمانىي ھوقۇققا، مال – مۈلۈك ھوقۇقىغا چېقىلىش قىلمىشى ۋە بېرىلىدىغان جازا 4 – پاراگراف جەمئىيەت باشقۇرۇشقا دەخلى يەتكۈزۈش قىلمىشى ۋە بېرىلىدىغان جازا 4 – باب جازا تەرتىپى 1 – پاراگراف تەكشۈرۈش 2 – پاراگراف قارار قىلىش 3 – پاراگراف ئىجرا قىلىش 5 – باب قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش 6 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ 1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ 1 – ماددا بۇ قانۇن جەمئىيەت ئامانلىقى تەرتىپىنى ساقلاش، جامائەت خەۋپسىزلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋە ئۇنىڭ خەلق ساقچىلىرىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە چىقىرىلدى. 2 – ماددا جامائەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغان، جامائەت خەۋپسىزلىكىگە دەخلى يەتكۈزگەن، جىسمانىي ھوقۇق، مال – مۈلۈك ھوقۇقىغا چېقىلغان، جەمئىيەت باشقۇرۇشقا دەخلى يەتكۈزگەنلەردىن ئىجتىمائىي خەۋپى بولغان، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى››دىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەتكە توشىدىغانلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايى جازا بەرگىلى بولمايدىغانلىرىغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى مۇشۇ قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىدۇ. 3 – ماددا ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىش تەرتىپى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ؛ مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنمىگەنلىرى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرىي جازا قانۇنى›› دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ. 4– ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە سادىر بولغان ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىشلاردىن قانۇندا ئالاھىدە بەلگىلەنگەنلىرىدىن باشقىلىرىغا مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كېمە – پاراخوتلىرى ۋە ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىلىرىدە سادىر بولغان ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىشلاردىن قانۇندا ئالاھىدە بەلگىلەنگەنلىرىدىن باشقىلىرىغا مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ. 5 – ماددا ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىشتە، پاكىتنى ئاساس قىلىش، بېرىلىدىغان جازا ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىشنىڭ خاراكتېرى، ئېغىر – يېنىكلىكى ۋە ئىجتىمائىي خەۋپىنىڭ دەرىجىسىگە لايىق بولۇشى شەرت. ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىشتە، ئاشكارا، ئادىل بولۇش، ئىنسانىي ھوقۇقنى ھۆرمەتلەش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش، پۇقرالارنىڭ ئىنسانىي ئىززىتىنى قوغداش كېرەك. ئامانلىق دېلوسى بېجىرىشتە، تەربىيە بىلەن جازانى بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. 6 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەرتەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەيتىپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئىجتىمائىي زىددىيەتنى پەسەيتىشى، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلىشى كېرەك. 7 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ئامانلىق دېلوسىنى باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى بەلگىلەيدۇ. 8 – ماددا ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش باشقىلارغا زىيان سالسا، قىلمىشچى ياكى ئۇنىڭ ۋەسىيسى قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 9 – ماددا ئەل ئىچىدىكى ماجىرا تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ئۇرۇشۇش ياكى باشقىلارنىڭ پۇل – مېلىغا زىيان سېلىش قاتارلىق ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىشلاردىن يېنىكرەكلىرىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى مۇرەسسە يولى بىلەن بىرتەرەپ قىلسا بولىدۇ. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ مۇرەسسەسى بىلەن، ئالاقىدارلار كېلىشىم ھاسىل قىلسا، جازا بېرىلمەيدۇ. مۇرەسسەدە كېلىشىم ھاسىل قىلالمىسا ياكى ھاسىل قىلغان كېلىشىمنى ئادا قىلمىسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغۇچىغا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىشى ھەمدە ئالاقىدارلارغا ھەق تەلەپ تالاش – تارتىشى ئۈستىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ دەۋاسى قىلسا بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك. 2 – باب جازانىڭ تۈرى ۋە بېرىلىشى 10 – ماددا ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسىنىڭ تۈرى: (1) ئاگاھلاندۇرۇش؛ (2) جەرىمانە قويۇش؛ (3) مەمۇرىي توختىتىپ قويۇش؛ (4) جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بەرگەن ئىجازەتنامىنى بىكار قىلىش. ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغان چەت ئەللىكلەرگە سۈرۈك ئىچىدە چېگرادىن چىقىپ كېتىش ياكى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش جازاسى قوشۇمچە بېرىلسە بولىدۇ. 11 – ماددا ئامانلىق دېلوسىنى بېجىرىشتە قولغا چۈشكەن زەھەر، شەھۋانىي بۇيۇم قاتارلىق مەنئى قىلىنغان بۇيۇم، قىمار سايمىنى، قىمار دەسمايىسى، زەھەرنى چېكىش، ئوكۇل قىلىپ سېلىش سايمىنىنى شۇنىڭدەك شۇ كىشىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلىشقا بىۋاسىتە ئىشلەتكەن بارلىق سايمىنىنى يىغىۋېلىپ، بەلگىلىمە بويىچە بىرتەرەپ قىلىش كېرەك. ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلىپ ئېرىشكەن مال – دۇنيا زىيانغا ئۇچرىغۇچىغا قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ؛ زىيانغا ئۇچرىغۇچى بولمىسا، مال – دۇنيا تىزىمغا ئېلىنىپ، ئاشكارا كىمئارتۇق قىلىپ سېتىۋېتىلىدۇ ياكى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بىرتەرەپ قىلىنىدۇ، تاپاۋەت دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلىدۇ. 12 – ماددا يېشى 14 كە توشۇپ، 18 گە توشمىغانلاردىن ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغانلىرىغا يېنىك ياكى يېنىكلىتىپ جازا بېرىلىدۇ؛ يېشى 14 كە توشمىغانلاردىن ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغانلىرىغا جازا بېرىلمەيدۇ، لېكىن ئۇلار ۋەسىيسىنىڭ قاتتىق باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇلىدۇ. 13 – ماددا روھىي كېسەللەردىن ئۆز ھەرىكىتىنى ئاڭقىرالمايدىغان ياكى كونترول قىلالمايدىغان بولۇپ قالغاندا، ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغانلىرىغا جازا بېرىلمەيدۇ، لېكىن ئۇلار ۋەسىيلىرىنىڭ قاتتىق باشقۇرۇشى ۋە داۋالىتىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىشى كېرەك. ئارىلاپ تۇتۇپ قالىدىغان روھىي كېسەللەردىن روھىي ھالىتى نورمال چاغدا ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغانلىرىغا جازا بېرىش كېرەك. 14 – ماددا ئەمالار ياكى ھەم گاس، ھەم گاچىلاردىن ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغانلىرىغا يېنىك، يېنىكلىتىپ جازا بېرىلسە ياكى جازا بېرىلمىسە بولىدۇ. 15 – ماددا مەستلەردىن ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغانلىرىغا جازا بېرىلىشى كېرەك. مەستلەردىن مەستلىكىدە ئۆزىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ياكى باشقىلارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى، مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ياكى جامائەت خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت سالغانلىرىنى مەستلىكى يېشىلگىچە قوغداش تەدبىرى قوللىنىپ، چەكلەپ تۇرۇش كېرەك. 16 – ماددا ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ ئىككى خىلدىن ئارتۇق قىلمىشى بارلارغا ئايرىم – ئايرىم قارار چىقىرىلىپ، جازا قوشۇپ ئىجرا قىلىنىدۇ. مەمۇرىي توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلگەنلىرىنىڭ قوشۇپ ئىجرا قىلىنىدىغان جازا مۇددىتى ئۇزاق بولغاندا 20 كۈندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. 17 – ماددا ئامانلىق باشقۇرۇشقا بىرلىكتە خىلاپلىق قىلغانلارغا، ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىشتا ئوينىغان رولىغا قاراپ، ئايرىم – ئايرىم جازا بېرىلىدۇ. باشقىلارنى ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلىشقا كۈشكۈرتكەن، زورلىغان، ئازدۇرغانلارغا كۈشكۈرتۈش، زورلاش، ئازدۇرۇش قىلمىشىغا قاراپ جازا بېرىلىدۇ. 18 – ماددا ئورۇنلاردىن ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. باشقا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئوخشاش قىلمىش ئۈچۈن ئورۇنغا جازا بېرىش بەلگىلەنگەن بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. 19 – ماددا ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغانلاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرىغا يېنىكلىتىپ جازا بېرىلىدۇ ياكى جازا بېرىلمەيدۇ: (1) قىلمىشى ئالاھىدە يېنىك بولغانلار؛ (2) قانۇنغا خىلاپ ئاقىۋەتنى ئۆزلۈكىدىن تۈگەتكەن ياكى يېنىكلەتكەن ھەمدە زىيانغا ئۇچرىغۇچى تەرىپىدىن ئەپۇ قىلىنغانلار؛ (3) باشقىلار تەرىپىدىن زورلانغان ياكى ئازدۇرۇلغانلار؛ (4) ئۆزلۈكىدىن دېلو مەلۇم قىلىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ئۆزىنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى ئەينەن ئېيتقانلار؛ (5) خىزمەت كۆرسىتىش ئىپادىسى بولغانلار. 20 – ماددا ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغانلاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرىغا ئېغىر جازا بېرىلىدۇ: (1) ئېغىرراق ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغانلار؛ (2) باشقىلارنى ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلىشقا كۈشكۈرتكەن، زورلىغان، ئازدۇرغانلار؛ (3) دېلو مەلۇم قىلغۇچى، شىكايەت قىلغۇچى، پاش قىلغۇچى ۋە گۇۋاھچىلاردىن ئۆچ ئالغانلار؛ (4) ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلگىنىگە ئالتە ئاي بولمىغانلار. 21 – ماددا ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلاردىن مۇشۇ قانۇن بويىچە مەمۇرىي توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدىغانلىرىنىڭ مەمۇرىي توختىتىپ قويۇش جازاسى ئىجرا قىلىنمايدۇ: (1) يېشى 14 كە توشۇپ، 16 گە توشمىغانلار؛ (2) يېشى 16 گە توشۇپ، 18 گە توشمىغانلاردىن ئامانلىق باشقۇرۇشقا تۇنجى قېتىم خىلاپلىق قىلغانلار؛ (3) يېشى 70 تىن ئاشقانلار؛ (4) ھامىلىدارلار ياكى ئەمچەكتىكى بالىسى بىر ياشقا توشمىغانلار. 22 – ماددا ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىشىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئالتە ئايغىچە سەزمىگەنلەرگە جازا بېرىلمەيدۇ. ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش سادىر بولغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ؛ ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش ئۈزۈلمىگەن ياكى داۋاملىشىۋاتقان بولسا، قىلمىش ئاخىرلاشقان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. 3 – باب ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش ۋە بېرىلىدىغان جازا 1 – پاراگراف جامائەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش قىلمىشى ۋە بېرىلىدىغان جازا 23 – ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرراقلىرىغا بەش كۈندىن يۇقىرى، ئون كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ: (1) ئورگان، تەشكىلات، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، خىزمەت، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت، داۋالاش، ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات ئىشلىرىنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە تەسىر يەتكۈزگەن بولسىمۇ، ئېغىر زىيان سالمىغانلار؛ (2) بېكەت – ۋوگزال، پورت، پىرىستان، ئايرودۇرۇم، ماگىزىن، باغچە، كۆرگەزمىخانا ياكى باشقا جامائەت سورۇنلىرىنىڭ تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغانلار؛ (3) ئاپتوبۇس، تىراللىبۇس، پويىز، كېمە – پاراخوت، ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىلىرى ياكى باشقا ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغانلار؛ (4) موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى، كېمە – پاراخوت، ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىلىرى ۋە باشقا قاتناش ۋاسىتىلىرىنى قانۇنسىز توسۇۋالغانلار ياكى ئۇلارغا مەجبۇرىي چىقىۋېلىپ، ئېسىلىۋېلىپ، قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ نورمال يۈرۈشىگە تەسىر يەتكۈزگەنلەر؛ (5) قانۇن بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن سايلام تەرتىپىنى بۇزغانلار. ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان قىلمىشلارنى توپلىشىپ سادىر قىلغانلارنىڭ باشچىلىرىغا ئون كۈندىن يۇقىرى، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ. 24 – ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە پائالىيىتى قاتارلىق چوڭ ئاممىۋى پائالىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا بەش كۈندىن يۇقىرى، ئون كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ: (1) مەيدانغا باستۇرۇپ كىرگەنلەر؛ (2) بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، مەيداندا پوجاڭزا ئاتقانلار ياكى باشقا بۇيۇملارنى كۆيدۈرگەنلەر؛ (3) ھاقارەت تۈسىنى ئالغان لوزۇنكا، پىلاكات قاتارلىق بۇيۇملارنى ئاسقانلار؛ (4) رېپىر، تەنھەرىكەتچى ياكى باشقا خادىملارنى قورشاپ ھۇجۇم قىلغانلار؛ (5) توسقانغا قارىماي، مەيدانغا نەرسە – كېرەك ئاتقانلار؛ (6) چوڭ ئاممىۋى پائالىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان باشقا قىلمىش سادىر قىلغانلار. تەنتەربىيە مۇسابىقىسى تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغانلىقتىن، توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلگەنلەر 12 ئاي ئىچىدە شۇ تۈردىكى مۇسابىقىنى كۆرۈش ئۈچۈن تەنتەربىيە مەيدان – سارىيىغا كىرگۈزۈلمىسە بولىدۇ؛ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ تەنتەربىيە مەيدان – سارىيىغا كىرگەنلىرى مەيداندىن چىقىرىۋېتىلىدۇ. 25 – ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا 5 كۈندىن يۇقىرى، ئون كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەكلىرىگە بەش كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ: (1) ئىغۋا تارقاتقان، خەتەر ئەھۋالى، يۇقۇم ئەھۋالى ۋە ئاگاھ ئەھۋالىنى يالغان مەلۇم قىلغان ياكى جامائەت تەرتىپىنى باشقا ئۇسۇللار بىلەن قەستەن قالايمىقانلاشتۇرغانلار؛ (2) پارتلايدىغان، زەھەرلىك، رادىيوئاكتىپلىق، چىرىتكۈچى ماددىلارنى ياكى يۇقۇملۇق كېسەل قوزغاتقۇچى ماددا قاتارلىق خەتەرلىك ماددىلارنىڭ ساختىسىنى قويۇپ قويۇپ، جامائەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغانلار؛ (3) ئوت قويىمەن، پارتلىتىمەن، خەتەرلىك بۇيۇملارنى قويۇپ قويىمەن، دەپ داۋراڭ سېلىپ، جامائەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغانلار. 26 – ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا بەش كۈندىن يۇقىرى، ئون كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرراقلىرىغا ئون كۈندىن يۇقىرى، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ: (1) توپلىشىپ ئۇرۇشقانلار؛ (2) باشقىلارنى قوغلىغان، توسىۋالغانلار؛ (3) جامائەتنىڭ ۋە شەخسنىڭ پۇل – مېلىنى زورلۇق بىلەن ئېلىۋالغان ياكى ئۆز مەيلىچە بۇزۇۋەتكەن، ئىگىلىۋالغانلار؛ (4) ئۆكتەملىك قىلىپ باشقا چاتاق چىقارغانلار. 27 – ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا ئون كۈندىن يۇقىرى، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەكلىرىگە بەش كۈندىن يۇقىرى، ئون كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ: (1) باشقىلارنى بىدئەتچىلىك، خۇيداۋمېن پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا تەشكىللىگەن، كۈشكۈرتكەن، زورلىغان، ئازدۇرغان، قۇتراتقان ياكى بىدئەتچىلىك، خۇيداۋمېن پائالىيىتى، خۇراپاتلىقتىن پايدىلىنىپ، ئىجتىمائىي تەرتىپنى قالايمىقانلاشتۇرغان ۋە باشقىلارنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزگەنلەر؛ (2) دىن، يەل گۇمپىسىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، ئىجتىمائىي تەرتىپنى قالايمىقانلاشتۇرغان، باشقىلارنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزگەنلەر. 28 – ماددا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، سىمسىز رادىيو كەسپىنىڭ نورمال ھەرىكىتىگە قەستەن كاشىلا قىلغان ياكى نورمال ئىشلەۋاتقان سىمسىز رادىيو ئىستانسىسى (ئۇزېلى)غا زىيانلىق كاشىلا پەيدا قىلىپ، ئالاقىدار مەسئۇل تارماق كۆرسىتىپ بەرگەن بولسىمۇ، كاشىلىنى ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ تۈگەتمىگەنلەرگە بەش كۈندىن يۇقىرى، ئون كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا ئون كۈندىن يۇقىرى، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ. 29 – ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا بەش كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرراقلىرىغا بەش كۈندىن يۇقىرى، ئون كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ: (1) دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، كومپيۇتېر ئۇچۇر سىستېمىسىغا كىرىپ خەۋپ پەيدا قىلغانلار؛ (2) دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، كومپيۇتېر ئۇچۇر سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى يوقىتىۋېتىپ، ئۆزگەرتىپ، كۆپەيتىپ، كاشىلىغا ئۇچرىتىپ، كومپيۇتېر ئۇچۇر سىستېمىسىنى نورمال ئىشلىيەلمەيدىغان قىلىپ قويغانلار؛ (3) دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، كومپيۇتېر ئۇچۇر سىستېمىسىدا ساقلىنىۋاتقان، بىرتەرەپ قىلىنىدىغان، يەتكۈزۈلىدىغان مەلۇمات ۋە ئەمەلىي پىروگراممىنى يوقىتىۋەتكەن، ئۆزگەرتكەن، كۆپەيتكەنلەر؛ (4) كومپيۇتېر ۋىرۇسى قاتارلىق بۇزغۇنچى پىروگراممىنى قەستەن تۈزۈپ ۋە تارقىتىپ، كومپيۇتېر ئۇچۇر سىستېمىسىنىڭ نورمال ئىشلىشىگە تەسىر يەتكۈزگەنلەر. 2 – پاراگراف جامائەت خەۋپسىزلىكىگە دەخلى يەتكۈزۈش قىلمىشى ۋە بېرىلىدىغان جازا 30 – ماددا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، پارتلايدىغان، زەھەرلىك، رادىيوئاكتىپلىق، چىرىتكۈچى ماددىلارنى ياكى يۇقۇملۇق كېسەل قوزغاتقۇچى قاتارلىق خەتەرلىك ماددىلارنى ياسىغان، ئېلىپ – ساتقان، ساقلىغان، توشۇغان، پوچتىدىن ئەۋەتكەن، ئېلىپ يۈرگەن، ئىشلەتكەن، بەرگەن، بىرتەرەپ قىلغانلارغا ئون كۈندىن يۇقىرى، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەكلىرىگە بەش كۈندىن يۇقىرى، ئون كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ. 31 – ماددا پارتلايدىغان، زەھەرلىك، رادىيوئاكتىپلىق، چىرىتكۈچى ماددىلار ياكى يۇقۇملۇق كېسەل قوزغاتقۇچى قاتارلىق خەتەرلىك ماددىلار ئوغرىلانغان، بۇلانغاندا ياكى يۈتۈپ كەتكەندە، بەلگىلىمە بويىچە دوكلات قىلمىغانلارغا بەش كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قەستەن يوشۇرۇپ مەلۇم قىلمىغانلارغا بەش كۈندىن يۇقىرى، ئون كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ. 32 – ماددا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تىزگىنلىنىدىغان قورال – ياراغ، ئوق – دورا ياكى قونداقلىق ئوقيا، خەنجەر قاتارلىقلارنى قانۇنسىز ئېلىپ يۈرگەنلەرگە بەش كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەكلىرىگە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تىزگىنلىنىدىغان قورال – ياراغ، ئوق – دورا ياكى قونداقلىق ئوقيا، خەنجەر قاتارلىقلارنى جامائەت سورۇنىغا ئېلىپ كىرگەن ياكى ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىگە ئېلىپ چىققانلارغا بەش كۈندىن يۇقىرى، ئون كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ. 33 – ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا ئون كۈندىن يۇقىرى، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ: (1) نېفىت – گاز تۇرۇبىسى ئەسلىھەلىرى، ئېلېكتىر – تېلېگراف ئەسلىھەلىرى، رادىيو – تېلېۋىزىيە ئەسلىھەلىرى، سۇچىلىق – كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشى ئەسلىھەلىرىنى ياكى ھىدرولوگىيەلىك كۆزىتىش، ئۆلچەش، مېتېئورولوگىيەلىك ئۆلچەش – مەلۇم قىلىش، مۇھىت كۆزىتىش، گېئولوگىيەلىك كۆزىتىش، يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئەسلىھەسى قاتارلىق جامائەت ئەسلىھەلىرىنى ئوغرىلىغان، بۇزۇۋەتكەنلەر؛ (2) دۆلەت چېگراسىدىكى چېگرا تاختىسى، چېگرا قوزۇقى، شۇنىڭدەك باشقا چېگرا بەلگىسى، چېگرا ئەسلىھەسى ياكى زېمىن ۋە دېڭىز تەۋەلىكى بەلگىسى ئەسلىھەسىنى يۆتكىۋەتكەن، بۇزۇۋەتكەنلەر؛ (3) دۆلەت چېگراسى (چېگرا) لىنىيەسى بويىدا قانۇنسىز ھەرىكەت قىلغان ياكى دۆلەت چېگراسى (چېگرا) باشقۇرۇشقا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئەسلىھەلەرنى قانۇنسىز ياسىغانلار. 34 – ماددا ئىشلىتىلىۋاتقان ئاۋىياتسىيە ئەسلىھەسىنى ئوغرىلىغان، بۇزۇۋەتكەن، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن يۆتكىگەن ياكى ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىسىنىڭ ھەيدەش بۆلۈمىگە باستۇرۇپ كىرگەنلەرگە ئون كۈندىن يۇقىرى، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ. ئىشلىتىلىۋاتقان ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىلىرىدە يول باشلاش سىستېمىسىنىڭ نورمال ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان ئەسۋاب، سايماننى ئىشلەتكەنلەردىن، نەسىھەتكە قۇلاق سالمىغانلىرىغابەش كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. 35 – ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا بەش كۈندىن يۇقىرى، ئون كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەكلىرىگە بەش كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ: (1) تۆمۈريول ئەسلىھەلىرى، ئۈسكۈنىلىرى، پاراۋۇز – ۋاگون زاپچاسلىرى ياكى بىخەتەرلىك بەلگىلىرىنى ئوغرىلىغان، بۇزۇۋەتكەن، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن يۆتكىۋەتكەنلەر؛ (2) تۆمۈريولغا توساق قويغان ياكى پويىزغا قەستەن نەرسە ئاتقانلار؛ (3) تۆمۈريول، كۆۋرۈك، تونېلدا ئورەك كولىغانلار، قۇم – تاش ئالغانلار؛ (4) تۆمۈريولدا ئۆز مەيلىچە ئاچال قۇرۇۋالغان ياكى كەسمە يول ياسىۋالغانلار. 36 – ماددا تۆمۈريول مۇداپىئە تورىغا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن كىرگەن ياكى پويىز كېلىۋاتقاندا، تۆمۈريولدا مېڭىپ، ئولتۇرۇۋېلىپ، يېتىۋېلىپ، كېسىپ ئۆتۈپ، پويىزنىڭ يۈرۈش بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزگەنلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. 37 – ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا بەش كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا بەش كۈندىن يۇقىرى، ئون كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ: (1) ئېلېكتىر تورىنى تەستىقلاتماي ئورناتقانلار، ئىشلەتكەنلەر ياكى بىخەتەرلىك بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كەلمىگەن ئېلېكتىر تورىنى ئورناتقان، ئىشلەتكەنلەر؛ (2) قاتناش ۋاسىتىسى، پىيادىلەر ماڭىدىغان جايدا قۇرۇلۇش قىلىپ، كولىغان قۇدۇققا، ئورەككە قاپقاق ياپمىغان، ئۇنى چىتلاپ قويمىغان ۋە ئۇنىڭغا ئاگاھ بەلگىسى قويمىغان ياكى قاپقاق، چىتلارنى ۋە ئاگاھ بەلگىسىنى قەستەن بۇزۇۋەتكەن، يۆتكىۋەتكەنلەر؛ (3) يولدىكى قۇدۇق قاپقىقى، يورۇتۇش ئەسلىھەسى قاتارلىق جامائەت ئەسلىھەلىرىنى ئوغرىلىغان، بۇزۇۋەتكەنلەر. 38 – ماددا مەدەنىيەت، تەنتەربىيە پائالىيىتى قاتارلىق چوڭ ئاممىۋى پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشتە، ئالاقىدار بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، بىخەتەرلىك ھادىسىسى خەۋپى پەيدا قىلغانلار پائالىيىتىنى توختىتىپ، دەرھال تارقىتىۋېتىشكە بۇيرۇلىدۇ؛ تەشكىللىگۈچىگە بەش كۈندىن يۇقىرى، ئون كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 200 يۈەندىن يۇقىرى، 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەكلىرىگە بەش كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. 39 – ماددا مېھمانخانا، كىنو – تىياتىرخانا، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى، تەنتەربىيە مەيدانى، كۆرگەزمىخانا ياكى باشقا جامائەت سورۇنىنى باشقۇرغۇچىلاردىن بىخەتەرلىك بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، شۇ سورۇندا بىخەتەرلىك ھادىسىسى خەۋپى پەيدا قىلغانلىرىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، تۈزەتمەي تۇرۇۋالغانلىرىغا بەش كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىدۇ. 3 – پاراگراف جىسمانىي ھوقۇققا، مال – مۈلۈك ھوقۇقىغا چېقىلىش قىلمىشى ۋە بېرىلىدىغان جازا 40 – ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا ئون كۈندىن يۇقىرى، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 500 يۈەندىن يۇقىرى، 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەكلىرىگە بەش كۈندىن يۇقىرى، ئون كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 200 يۈەندىن يۇقىرى، 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ: (1) 16 ياشقا توشمىغانلارنى ياكى مېيىپلەرنى ۋەھىمىلىك، ئېچىنىشلىق ئويۇنلارنى قويۇشقا تەشكىللىگەن، زورلىغان، ئازدۇرغانلار؛ (2) زورلۇق، تەھدىت ۋاسىتىسى ياكى باشقا ۋاسىتىلەر بىلەن باشقىلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغانلار؛ (3) باشقىلارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىنى قانۇنسىز چەكلىگەن، باشقىلارنىڭ تۇرالغۇسىغا قانۇنسىز بېسىپ كىرگەن ياكى باشقىلارنىڭ يېنىنى قانۇنسىز ئاختۇرغانلار. 41 – ماددا باشقىلارنى تىلەمچىلىك قىلىشقا زورلىغان، ئازدۇرغان ياكى تىلەمچىلىك قىلدۇرغانلارغا ئون كۈندىن يۇقىرى، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ. يېپىشىۋېلىپ، ئۆكتەملىك قىلىپ تىلەمچىلىك قىلغان ياكى پاراكەندە قىلىدىغان باشقا قىلىقلار بىلەن تىلەمچىلىك قىلغانلارغا بەش كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى ياكى ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ. 42 – ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا بەش كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرراقلىرىغا بەش كۈندىن يۇقىرى، ئون كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ: (1) تەھدىت خېتى يېزىپ ياكى باشقا ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، باشقىلارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالغانلار؛ (2) باشقىلارنى ئوچۇقتىن ئوچۇق ھاقارەتلىگەن ياكى پاكىت ئويدۇرۇپ، باشقىلارغا تۆھمەت قىلغانلار؛ (3) پاكىت ئويدۇرۇپ، قارا چاپلاپ زىيانكەشلىك قىلىپ، باشقىلارنى جىنايى جاۋابكارلىققا تارتقۇزماقچى ياكى ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالاتماقچى بولغانلار؛ (4) گۇۋاھچى ۋە ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىغا تەھدىت سېلىپ، ئۇلارنى ھاقارەتلىگەن، ئۇرغان ياكى ئۇلاردىن ئۆچ ئالغانلار؛ (5) شەھۋانىي ئۇچۇر، ھاقارەتلەيدىغان، تەھدىت سالىدىغان ئۇچۇرلارنى ياكى باشقا ئۇچۇرلارنى كۆپ قېتىم يوللاپ، باشقىلارنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا كاشىلا قىلغانلار؛ (6) باشقىلارنىڭ شەخسىيىتىنى كۆرۈۋالغان، سۈرەتكە تارتىۋالغان، ئاڭلىۋالغان، تارقاتقانلار. 43 – ماددا باشقىلارنى ئۇرغان ياكى قەستەن زەخىملەندۈرگەنلەرگە بەش كۈندىن يۇقىرى، ئون كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 200 يۈەندىن يۇقىرى، 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەكلىرىگە بەش كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا ئون كۈندىن يۇقىرى، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 500 يۈەندىن يۇقىرى، 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ: (1) توپلىشىپ ئۇرۇشقان، باشقىلارنى زەخىملەندۈرگەنلەر؛ (2) مېيىپلەر، ھامىلىدارلار، يېشى 14كە تولمىغانلارنى ياكى يېشى 60تىن ئاشقانلارنى ئۇرغان، زەخىملەندۈرگەنلەر؛ (3) باشقىلارنى كۆپ قېتىم ئۇرغان، زەخىملەندۈرگەن ياكى بىر قېتىمدا كۆپ ئادەمنى ئۇرغان، زەخىملەندۈرگەنلەر. 44 – ماددا باشقىلارغا پەسكەشلىك قىلغان ياكى جامائەت سورۇنىدا قەستەن قىپيالىڭاچ بولۇۋالغانلاردىن قىلمىشى قەبىھ بولغانلىرىغا بەش كۈندىن يۇقىرى، ئون كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئەقلىي مېيىپلەر، روھىي كېسەللەر، يېشى 14كە تولمىغانلارغا پەسكەشلىك قىلغانلار ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلارغا ئون كۈندىن يۇقىرى، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ. 45 – ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، بەش كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى ياكى ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ: (1) ئائىلىسىدىكىلەر خورلانغاندا، خورلانغۇچى بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلسا؛ (2) مۇستەقىل تۇرمۇش ئىقتىدارى يوق بېقىلغۇچى تاشلىۋېتىلگەن بولسا. 46 – ماددا تاۋارنى زورلۇق بىلەن ئالغان – ساتقان، باشقىلارنى مۇلازىمەت قىلىشقا زورلىغان ياكى مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلىشقا زورلىغانلارغا بەش كۈندىن يۇقىرى، ئون كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 200 يۈەندىن يۇقىرى، 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەكلىرىگە بەش كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. 47 – ماددا مىللىي ئۆچمەنلىكنى، مىللىي كەمسىتىشنى قۇتراتقان ياكى نەشىر بۇيۇمى، كومپيۇتېر ئۇچۇر تورىدا مىللەتلەرنى كەمسىتىدىغان، ھاقارەتلەيدىغان مەزمۇنلارنى ئېلان قىلغانلارغا بەش كۈندىن يۇقىرى، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ. 48 – ماددا باشقىلارنىڭ پوچتا يوللانمىسىنى ئېلىۋالغان، تىقىۋالغان، تاشلىۋەتكەن، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئاچقان ياكى قانۇنسىز تەكشۈرگەنلەرگە بەش كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. 49 – ماددا جامائەتنىڭ ياكى شەخسنىڭ پۇل – مېلىنى ئوغرىلىغان، ئالداپ ئېلىۋالغان، تالاپ كەتكەن، تارتىۋالغان، قاقتى – سوقتى قىلغان ياكى قەستەن زىيان سالغانلارغا بەش كۈندىن يۇقىرى، ئون كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرراقلىرىغا ئون كۈندىن يۇقىرى، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ. 4 – پاراگراف جەمئىيەت باشقۇرۇشقا دەخلى يەتكۈزۈش قىلمىشى ۋە بېرىلىدىغان جازا 50 – ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا بەش كۈندىن يۇقىرى، ئون كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ: (1) خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جىددىي ھالەت كۆرۈلگەن ئەھۋالدا قانۇن بويىچە ئېلان قىلغان قارار، بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغانلار؛ (2) دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغانلار؛ (3) جىددىي ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى، قۇرۇلۇشتا خەتەردىن قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى، ساقچى ئاپتوموبىلى قاتارلىق ئاپتوموبىللارنىڭ يۈرۈشىگە توسقۇنلۇق قىلغانلار؛ (4) جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بەلگىلىگەن ئاگاھ دائىرىسى، ئاگاھ رايونىغا بېسىپ كىرگەنلەر. خەلق ساقچىسىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغانلارغا ئېغىر جازا بېرىلىدۇ. 51 – ماددا دۆلەت ئورگىنى خادىملىرى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ ئالدامچىلىق قىلغان ياكى باشقا يالغان سالاھىيەت بىلەن ئالدامچىلىق قىلغانلارغا بەش كۈندىن يۇقىرى، ئون كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەكلىرىگە بەش كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. ھەربىي، ساقچى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ ئالدامچىلىق قىلغانلارغا ئېغىر جازا بېرىلىدۇ. 52 – ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا ئون كۈندىن يۇقىرى، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەكلىرىگە بەش كۈندىن يۇقىرى، ئون كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ: (1) دۆلەت ئورگىنى، خەلق تەشكىلاتلىرى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ھۆججەت – ئالاقىسى، گۇۋاھنامىسى، ئىسپات ھۆججىتى ۋە تامغىسىنى ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىۋالغان ياكى ئېلىپ ساتقانلار؛ (2) دۆلەت ئورگىنى، خەلق تەشكىلاتلىرى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ياسىۋېلىنغان، ئۆزگەرتىۋېلىنغان ھۆججەت – ئالاقىسى، گۇۋاھنامىسى، ئىسپات ھۆججىتىنى ئېلىپ ساتقان ياكى ئىشلەتكەنلەر؛ (3) ئاپتوموبىل – پويىز بېلىتى، پاراخوت بېلىتى، ئايرۇپىلان بېلىتى، ئويۇن بېلىتى، تەنتەربىيە مۇسابىقە بېلىتى ياكى باشقا باھالىق تالون – ئىسپات، دوكۇمېنتلارنى ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىۋالغان ۋە ھايىنىغا ساتقانلار؛ (4) كېمە – پاراخوت نام تاختىسىنى ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىۋالغانلار، ياسىۋېلىنغان، ئۆزگەرتىۋېلىنغان كېمە – پاراخوت نام تاختىسىنى ئېلىپ ساتقان ياكى ئىشلەتكەنلەر ۋە ياكى كېمە – پاراخوت موتور نومۇرىنى ئۆزگەرتكەنلەر. 53 – ماددا كېمە – پاراخوتنى دۆلەت كىرىشنى مەنئى قىلغان، چەكلىگەن سۇ دائىرىسى ياكى ئارالغا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ھەيدەپ كىرگەن، توختاتقانلارنىڭ كېمە – پاراخوت مەسئۇلى ۋە ئالاقىدار جاۋابكارلىرىغا 500 يۈەندىن يۇقىرى، 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا بەش كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 500 يۈەندىن يۇقىرى، 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. 54 – ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا ئون كۈندىن يۇقىرى، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 500 يۈەندىن يۇقىرى، 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەكلىرىگە بەش كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ: (1) دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، رويخەتكە ئالدۇرماي تۇرۇپ، ئىجتىمائىي تەشكىلات نامىدا پائالىيەت قىلغان، بىكار قىلىنغاندىن كېيىنمۇ پائالىيەتنى داۋاملاشتۇرىۋەرگەنلەر؛ (2) قانۇن بويىچە تىزىمدىن ئۆچۈرۈلگەن ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردىن شۇ ئىجتىمائىي تەشكىلات نامىدا پائالىيەت قىلىۋەرگەنلەر؛ (3) ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئىجازەت بېرىدىغان كەسىپ بىلەن ئۆز مەيلىچە شۇغۇللانغانلار. ئالدىنقى تارماقنىڭ (3) تارماقچىسىدىكى قىلمىشنى سادىر قىلغانلار بىكار قىلىنىدۇ. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئىجازىتىنى ئالغان تىجارەتچىلەردىن دۆلەتنىڭ باشقۇرۇشقا ئائىت بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغان، قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنىڭ ئىجازەتنامىسىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بىكار قىلسا بولىدۇ. 55 – ماددا قانۇنسىز يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىشنى قۇتراتقان ۋە پىلانلىغانلاردىن نەسىھەتكە قۇلاق سالمىغانلىرىغا ئون كۈندىن يۇقىرى، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ. 56 – ماددا مېھمانخانا خادىملىرىدىن يولۇچىلارنىڭ ئىسىم – فامىلىسىنى، سالاھىيەت ئىسپاتىنىڭ تۈرى ۋە نومۇرىنى بەلگىلىمە بويىچە تىزىملىمىغانلىرى ياكى مېھمانلارنىڭ خەتەرلىك بۇيۇمنى مېھمانخانىغا ئېلىپ كىرگەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ توسمىغانلىرىغا 200 يۈەندىن يۇقىرى، 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. مېھمانخانا خادىملىرىدىن مېھمانلارنىڭ جىنايەت گۇماندارى ياكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان كىشى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا مەلۇم قىلمىغانلىرىغا 200 يۈەندىن يۇقىرى، 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا بەش كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ. 57 – ماددا ئۆي ئىجارە بەرگۈچىلەردىن ئۆيىنى سالاھىيەت ئىسپاتى بولمىغانلارنىڭ ئولتۇرۇشىغا بەرگەنلىرى ياكى ئىجارە ئالغۇچىنىڭ ئىسىم – فامىلىسىنى، سالاھىيەت ئىسپاتىنىڭ تۈرى ۋە نومۇرىنى بەلگىلىمە بويىچە تىزىملاتمىغانلىرىغا 200 يۈەندىن يۇقىرى، 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. ئۆي ئىجارە بەرگۈچىلەردىن ئىجارە ئالغۇچىنىڭ شۇ ئۆيدە جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا مەلۇم قىلمىغانلىرىغا 200 يۈەندىن يۇقىرى، 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا بەش كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ. 58 – ماددا ئىجتىمائىي تۇرمۇش شاۋقۇنىدىن پەيدا بولغان بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە ئائىت قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، شاۋقۇن پەيدا قىلىپ، باشقىلارنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزگەنلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلگەندىن كېيىنمۇ تۈزەتمىگەنلەرگە 200 يۈەندىن يۇقىرى، 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. 59 – ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا 500 يۈەندىن يۇقىرى، 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا بەش كۈندىن يۇقىرى، ئون كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 500 يۈەندىن يۇقىرى 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ: (1) گۆرۈخانا خادىملىرىدىن گۆرۈ بۇيۇمىنى ئالغاندا، ئالاقىدار ئىسپاتنى تەكشۈرمىگەن، تىزىملىمىغانلىرى ياكى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان جىنايەت گۇماندارى ۋە ھارام مال ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا مەلۇم قىلمىغانلىرى؛ (2) دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆمۈر يول، نېفىتلىك، ئېلېكتىر، تېلېگراف، كان، سۇچىلىق، ئۆلچەش ئەسلىھەسى ۋە شەھەر جامائەت ئەسلىھەسىنىڭ كاردىن چىققان سايمانلىرىنى سېتىۋالغانلار؛ (3) ج خ ئورگىنى ئىزدەش ئېلانى چىقارغان ھارام مال ياكى ھارام مال دەپ گۇمان قىلىنغان نەرسىلەرنى سېتىۋالغانلار؛ (4) دۆلەت سېتىۋېلىشنى مەنئى قىلغان باشقا نەرسىلەرنى سېتىۋالغانلار. 60 – ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا بەش كۈندىن يۇقىرى ئون كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 200 يۈەندىن يۇقىرى 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ: (1) مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئورگان قانۇن بويىچە تۇتۇپ قالغان، پېچەتلىگەن، توڭلىتىپ قويغان پۇل – مالنى يوشۇرۇپ قويغان، يۆتكىۋەتكەن، ساتقان ياكى بۇزۇۋەتكەنلەر؛ (2) دەلىل – ئىسپاتنى ياسىۋېلىپ، يوشۇرۇپ قويۇپ، يوقىتىۋېتىپ ياكى يالغان گۇۋاھلىق بېرىپ، دېلو ئەھۋالىنى يالغان مەلۇم قىلىپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئورگاننىڭ قانۇن بويىچە دېلو بېجىرىشىگە تەسىر يەتكۈزگەنلەر؛ (3) ھارام مال ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ يوشۇرۇپ قويغان، يۆتكىۋەتكەن ياكى سېتىشىپ بەرگەنلەر؛ (4) رېجىم جازاسى، سىياسىي ھوقۇقتىن مەھرۇم قىلىش جازاسى قانۇن بويىچە ئىجرا قىلىنىۋاتقان ياكى جازاسى كېچىكتۈرۈلگەن، جازاسى ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىنىۋاتقان جىنايەتچىلەر ۋە ياكى جىنايى ئىشلار بويىچە مەجبۇرلاش تەدبىرى قانۇن بويىچە قوللىنىلغانلاردىن قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە خىلاپ قىلمىشى بولغانلىرى. 61 – ماددا باشقىلارنى دۆلەت چېگراسى (چېگرا)دىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈشكە تەشكىللەشكە ياكى ئۆتكۈزۈپ قويۇشقا ياردەملەشكەنلەرگە ئون كۈندىن يۇقىرى 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 1000 يۈەندىن يۇقىرى 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. 62 – ماددا دۆلەت چېگراسى (چېگرا)دىن ئوغرىلىقچە ئۆتكەنلەرگە شارائىت يارىتىپ بەرگەنلەرگە بەش كۈندىن يۇقىرى ئون كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 500 يۈەندىن يۇقىرى 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. دۆلەت چېگراسى (چېگرا)دىن ئوغرىلىقچە ئۆتكەنلەرگە بەش كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. 63 – ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرراقلىرىغا بەش كۈندىن يۇقىرى، ئون كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 200 يۈەندىن يۇقىرى 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ: (1) دۆلەت قوغدايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى، مەشھۇر ئاسار ئەتىقىلەرنى جىجىغان، مەينەت قىلىۋەتكەن ياكى باشقا ئۇسۇل بىلەن قەستەن بۇزۇۋەتكەنلەر؛ (2) دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى ئەتراپىدا پارتلىتىش، قېزىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەنلەر. 64 – ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا 500 يۈەندىن يۇقىرى، 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا ئون كۈندىن يۇقىرى، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 500 يۈەندىن يۇقىرى 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ: (1) باشقىلارنىڭ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئوغرىلىقچە ھەيدىگەنلەر؛ (2) باشقىلارنىڭ ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىسىنى، موتورلۇق كېمىسىنى پىراۋىسىز ھەيدىگەن ياكى ئوغرىلىقچە ھەيدىگەنلەر. 65 – ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا بەش كۈندىن يۇقىرى ئون كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلارغا ئون كۈندىن يۇقىرى 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ: (1) باشقىلارنىڭ قەبرىسىنى بۇزۇۋەتكەن، مەينەت قىلىۋەتكەن ياكى باشقىلارنىڭ جەسىتى، جەسەت كۈلىنى بۇزۇۋەتكەن، تاشلىۋەتكەنلەر؛ (2) نەسىھەتكە قۇلاق سالماي جامائەت سورۇنىدا جەسەت قويغان ياكى جەسەت قويۇپ باشقىلارنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا، خىزمەت تەرتىپىگە تەسىر يەتكۈزگەنلەر. 66 – ماددا ئىپپەت – نومۇسىنى ساتقان، پاھىشىۋازلىق قىلغانلارغا ئون كۈندىن يۇقىرى 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەكلىرىگە بەش كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. جامائەت سورۇنىدا زىناغا چاقىرغانلارغا بەش كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. 67 – ماددا باشقىلارنى ئىپپەت – نومۇسىنى سېتىشقا قىزىقتۇرغان، سولاپ بەرگەن، تونۇشتۇرغانلارغا ئون كۈندىن يۇقىرى 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەكلىرىگە بەش كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. 68 – ماددا شەھۋانىي كىتاب – ژۇرنال، سۈرەت، فىلىم، ئۈن – سىن ھاسىلاتى قاتارلىق شەھۋانىي بۇيۇمنى ئىشلىگەن، توشۇغان، كۆپەيتكەن، ساتقان، ئىجارە بەرگەنلەر ياكى كومپيۇتېر ئۇچۇر تورى، تېلېفون ۋە باشقا خەۋەرلىشىش قورالىدىن پايدىلىنىپ، شەھۋانىي ئۇچۇر تارقاتقانلارغا ئون كۈندىن يۇقىرى 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 3000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەكلىرىگە بەش كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. 69 – ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا ئون كۈندىن يۇقىرى 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 500 يۈەندىن يۇقىرى، 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ: (1) شەھۋانىي ئۈن – سىن فىلىمى قويۇشقا تەشكىللىگەنلەر؛ (2) شەھۋانىي ئويۇن قويۇشقا تەشكىللىگەنلەر ياكى شەھۋانىي ئويۇن قويغانلار؛ (3) توپلىشىپ بۇزۇقچىلىق قىلغانلار. باشقىلارنىڭ ئالدىنقى تارماقتىكى ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، شارائىت يارىتىپ بەرگەنلەرگە ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. 70 – ماددا پايدا تېپىش مەقسىتىدە قىمار ئويناشقا شارائىت يارىتىپ بەرگەنلەر ياكى كۆپرەك دەسمايە بىلەن قىمار ئوينىغانلارغا بەش كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا ئون كۈندىن يۇقىرى 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 500 يۈەندىن يۇقىرى 3000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. 71 – ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا ئون كۈندىن يۇقىرى 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 3000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەكلىرىگە بەش كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ: (1) 500 تۈپتىن ئاز ئەپيۈنگۈلنى ياكى ئاز مىقداردىكى باشقا زەھەر ئۆسۈملۈكىنى قانۇنسىز تېرىغانلار؛ (2) بىخ تارتىش كۈچىدىن قالمىغان ئەپيۈنگۈلى قاتارلىق زەھەر ئۆسۈملۈكىنىڭ ئۇرۇقى ياكى مايسىسىدىن ئازراقنى قانۇنسىز ئېلىپ ساتقان، توشۇغان، ئېلىپ يۈرگەن، ئىلكىدە ساقلىغانلار؛ (3) ئازراق كۆكنار غوزىسىنى قانۇنسىز توشۇغان، ئېلىپ – ساتقان، ساقلىغان، ئىشلەتكەنلەر. ئالدىنقى تارماقنىڭ (1) تارماقچىسىدىكى قىلمىشنى سادىر قىلغانلاردىن تېرىغىنى پىشقىچە ئۆزى يۇلۇۋەتكەنلىرىگە جازا بېرىلمەيدۇ. 72 – ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا ئون كۈندىن يۇقىرى 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ. قىلمىشى يېنىكرەكلىرىگە بەش كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ: (1) 200 گىرامدىن ئاز ئەپيۈن، ئون گىرامدىن ئاز خىروئىن ياكى مېتىلامفېتامىن ۋە ياكى ئاز مىقداردىكى باشقا زەھەرنى ئىلكىدە قانۇنسىز ساقلىغانلار؛ (2) باشقىلارغا زەھەر بەرگەنلەر؛ (3) زەھەرنى چەككەن، ئوكۇل قىلىپ سالغانلار؛ (4) تېببىي خادىملارنى مەجبۇرلاپ، ئالداپ ناركوز دورىسى، روھىي دورىلارنى ئېلىۋالغانلار. 73 – ماددا باشقىلارنى زەھەرنى چېكىشكە، ئوكۇل قىلىپ سېلىشقا كۈشكۈرتكەن، ئازدۇرغان، ئالدىغانلارغا ئون كۈندىن يۇقىرى 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 500 يۈەندىن يۇقىرى، 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. 74 – ماددا مېھمانخانا، يېمەك – ئىچمەك مۇلازىمەت ئورنى، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش ئورنى، ئاپتوموبىل كىراكەشلىك ئورنى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى خادىملاردىن ج خ ئورگىنى زەھەر چېكىش، قىمار ئويناش، ئىپپەت – نومۇسىنى سېتىش، پاھىشىۋازلىق قىلىش ھەرىكەتلىرىنى بىرتەرەپ قىلىۋاتقاندا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرگە خەۋەر يەتكۈزۈپ قويغانلىرىغا ئون كۈندىن يۇقىرى، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ. 75 – ماددا ھايۋانات بېقىپ، باشقىلارنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزگەنلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرگە ياكى ھايۋانلارنى قويۇپ بېرىپ باشقىلارنى قورقۇتقانلارغا 200 يۈەندىن يۇقىرى 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. ھايۋانلارنى كۈشكۈرتۈپ، باشقىلارنى زەخىملەندۈرگەنلەرگە مۇشۇ قانۇننىڭ 43 – ماددىسىنىڭ 1 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. 76 – ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 67 –، 68 –، 70 – ماددىلىرىدىكى قىلمىشلارنى سادىر قىلىپ، قايتا – قايتا تەربىيە بېرىلسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرگە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەجبۇرىي تەربىيە بېرىش تەدبىرى قوللىنىلسا بولىدۇ. 4 – باب جازا تەرتىپى 1 – پاراگراف تەكشۈرۈش 77 – ماددا ج خ ئورگىنى مەلۇم قىلىنغان دېلو، ئەرز – شىكايەتنى ياكى ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغۇچى ئۆزلۈكىدىن مەلۇم قىلغان دېلونى شۇنىڭدەك باشقا مەمۇرىي مەسئۇل تارماق، قانۇن يۈرگۈزگۈچى ئورگان ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ دېلولارنى ۋاقتىدا قوبۇل قىلىشى ھەم تىزىملىشى كېرەك. 78 – ماددا ج خ ئورگىنى مەلۇم قىلىنغان دېلو، ئەرز – شىكايەت ۋە ئۆزىنى مەلۇم قىلغان دېلونى قوبۇل قىلىپ، ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش دەپ قارىغانلىرىنى دەرھال تەكشۈرۈشى؛ ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش ئەمەس دەپ قارىغانلىرىنى دېلو مەلۇم قىلغۇچى، ئەرز قىلغۇچى، پاش قىلغۇچى، ئۆزىنى مەلۇم قىلغۇچىغا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى ھەم ئۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك. 79 – ماددا ج خ ئورگىنى ۋە ئۇنىڭ خەلق ساقچىلىرى ئامانلىق دېلوسىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈشى كېرەك. قىيناپ ئىقرار قىلدۇرۇش ياكى تەھدىت سېلىش، ئازدۇرۇش، ئالداش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ دەلىل – ئىسپات توپلاش مەنئى قىلىنىدۇ. قانۇنسىز ۋاسىتىلەر بىلەن توپلىغان دەلىل – ئىسپاتلارنى جازا ئاساسى قىلىشقا بولمايدۇ. 80 – ماددا ج خ ئورگىنى ۋە ئۇنىڭ خەلق ساقچىلىرى ئامانلىق باشقۇرۇش دېلوسىنى بېجىرىشتە، دۆلەت مەخپىيىتى، سودا مەخپىيىتى ياكى كىشىلەرنىڭ شەخسىيىتىگە چېتىلىدىغانلىرىنىڭ مەخپىيىتىنى ساقلىشى كېرەك. 81 – ماددا خەلق ساقچىلىرى ئامانلىق دېلوسىنى بېجىرىشتە، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، چەتلەپ تۇرۇشى كېرەك؛ ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغۇچى، زىيانغا ئۇچرىغۇچى ياكى ئۇنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىسىمۇ ئۇلارنىڭ چەتلەپ تۇرۇشىنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق: (1) شۇ دېلودىكى ئالاقىدارلارنىڭ ئۆزى يېقىن تۇغقىنى بولسا؛ (2) ئۆزى ياكى يېقىن تۇغقىنىنىڭ شۇ دېلو بىلەن مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولسا؛ (3) شۇ دېلودىكى ئالاقىدارلار بىلەن باشقا مۇناسىۋىتى بولۇپ، دېلونىڭ ئادىل بىرتەرەپ قىلىنىشىغا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولسا. خەلق ساقچىسىنىڭ چەتلەپ تۇرۇشىنى ئۆزى قاراشلىق ج خ ئورگىنى قارار قىلىدۇ؛ ج خ ئورگىنى مەسئۇلىنىڭ چەتلەپ تۇرۇشىنى بىر دەرىجە يۇقىرى ج خ ئورگىنى قارار قىلىدۇ. 82 – ماددا ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغۇچىلاردىن چاقىرتىپ كېلىپ تەكشۈرۈشكە توغرا كېلىدىغانلىرى ج خ ئورگىنى دېلو بېجىرىش تارمىقى مەسئۇلىنىڭ تەستىقىنى ئېلىپ، چاقىرتىش قەغىزى بىلەن چاقىرتىلىدۇ. نەق مەيداندا بايقالغان ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغۇچىنى خەلق ساقچىسى خىزمەت كىنىشكىسىنى كۆرسىتىپ، ئاغزاكى چاقىرسا بولىدۇ، لېكىن، سوراق خاتىرىسىدە ئەسكەرتىپ قويۇشى كېرەك. ج خ ئورگىنى چاقىرتىش سەۋەبىنى ۋە ئاساسىنى چاقىرتىلغۇچىغا ئېيتىپ قويۇشى كېرەك. چاقىرتقاندا، يوللۇق سەۋەبى يوق تۇرۇپ كەلمىگەن ياكى باش تارتقانلار مەجبۇرىي چاقىرتىلسا بولىدۇ. 83 – ماددا ج خ ئورگىنى ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغۇچىنى چاقىرتقاندىن كېيىن، ۋاقتىدا سوراپ ئېنىقلىشى، سوراپ ئېنىقلاش ۋاقتىنى سەككىز سائەتتىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىكى كېرەك؛ ئەھۋال مۇرەككەپ بولۇپ، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە مەمۇرىي توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىش ئېھتىمالى بولغانلىرىنىڭ سوراپ ئېنىقلاش ۋاقتىنى 24 سائەتتىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىكى كېرەك. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى چاقىرتىش سەۋەبى ۋە چاقىرتىلغان جاينى چاقىرتىلغۇچىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك. 84 – ماددا سوراق خاتىرىسىنى سوراق قىلىنغۇچىغا كۆرسىتىش؛ ئوقۇيالمايدىغانلىرىغا ئوقۇپ بېرىش كېرەك. خاتىرىنىڭ چالا قالغان ياكى خاتا بولۇپ قالغان يەرلىرىنى سوراق قىلىنغۇچى تولۇقلاش ياكى تۈزىتىشنى دېسە بولىدۇ. سوراق قىلىنغۇچى سوراق خاتىرىسىدە خاتالىق يوقلۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن كېيىن، ئىمزا قويۇشى ياكى تامغا بېسىشى، سوراق قىلغان خەلق ساقچىسىمۇ سوراق خاتىرىسىگە ئىمزا قويۇشى كېرەك. سوراق قىلىنغۇچى سوراق قىلىنىدىغان ئىشقا دائىر يازما ماتېرىيالنى ئۆزى بېرىشنى تەلەپ قىلسا، رۇخسەت قىلىش كېرەك؛ زۆرۈر تېپىلغاندا، خەلق ساقچىسى سوراق قىلىنغۇچىدىن ئۆزى يېزىپ بېرىشنى تەلەپ قىلسىمۇ بولىدۇ. ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغۇچىلاردىن يېشى 16 گە تولمىغانلىرىنى سوراق قىلىشتا، ئاتا – ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرىگە تۆپىدە تۇرۇشنى ئۇقتۇرۇش كېرەك. 85 – ماددا خەلق ساقچىسى زىيانغا ئۇچرىغۇچى ياكى باشقا گۇۋاھچىدىن ئىشلەيدىغان ئورنى ياكى تۇرار جايىغا بېرىپ گەپ سورىسا بولىدۇ؛ زۆرۈر تېپىلغاندا، ئۇلارغا ج خ ئورگىنىغا كېلىپ گۇۋاھلىق بېرىشنى ئۇقتۇرسىمۇ بولىدۇ. خەلق ساقچىسى ج خ ئورگىنىنىڭ سىرتىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ياكى باشقا گۇۋاھچىدىن گەپ سورىغاندا، خىزمەت كىنىشكىسىنى كۆرسىتىشى كېرەك. زىيانغا ئۇچرىغۇچى ياكى باشقا گۇۋاھچىدىن گەپ سوراشتا، مۇشۇ قانۇننىڭ 84 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىمۇ تەتبىقلىنىدۇ. 86 – ماددا ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغۇچى، زىيانغا ئۇچرىغۇچى ياكى باشقا گۇۋاھچىلارنىڭ گاس – گاچىلىرىدىن گەپ سوراشتا، بارماق تىلىنى بىلىدىغانلار ياردەم بېرىشى ھەم سوراق خاتىرىسىگە ئەسكەرتىپ قويۇلۇشى كېرەك. ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغۇچى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ياكى باشقا گۇۋاھچىلارنىڭ شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان تىل – يېزىقنى بىلمەيدىغانلىرىدىن گەپ سوراشتا، تەرجىمان ئىشلىتىش ھەم خاتىرىگە ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەك. 87 – ماددا ج خ ئورگىنى ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىشقا ئالاقىدار سورۇن، بۇيۇم ۋە ئادەمنى تەكشۈرسە بولىدۇ. تەكشۈرگەن چاغدا، خەلق ساقچىسى ئىككىدىن كەم بولماسلىقى ھەم خىزمەت كىنىشكىسى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ج خ ئورگىنى بەرگەن تەكشۈرۈش ئىسپات ھۆججىتىنى كۆرسىتىشى كېرەك. دەرھال تەكشۈرۈش ھەقىقەتەن زۆرۈر بولسا، خەلق ساقچىسى خىزمەت كىنىشكىسىنى كۆرسىتىپ نەق مەيداندا تەكشۈرسە بولىدۇ، لېكىن، پۇقرالارنىڭ ئۆيىنى تەكشۈرۈشتە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ج خ ئورگىنى يېزىپ بەرگەن تەكشۈرۈش ئىسپات ھۆججىتىنى كۆرسىتىشى كېرەك. ئاياللارنىڭ بەدىنىنى ئايال خادىملار تەكشۈرۈشى كېرەك. 88 – ماددا تەكشۈرۈش ئەھۋالىدىن خاتىرە قالدۇرۇش، ئۇنىڭغا تەكشۈرگۈچى، تەكشۈرۈلگۈچى ۋە گۇۋاھچى ئىمزا قويۇش ياكى تامغا بېسىش كېرەك؛ تەكشۈرۈلگۈچى ئىمزا قويۇشنى رەت قىلسا، خەلق ساقچىسى خاتىرىگە ئەسكەرتىپ قويۇشى كېرەك. 89 – ماددا ج خ ئورگىنى ئامانلىق دېلوسىنى بېجىرىشتە، دېلوغا مۇناسىۋەتلىك بولغان، دەلىل – ئىسپات قىلىنىدىغان بۇيۇمنى تۇتۇپ قالسا بولىدۇ؛ زىيانغا ئۇچرىغۇچى ياكى ياخشى نىيەتلىك 3 – كىشىنىڭ قانۇنلۇق ئىگىلىگەن مال – مۈلكىنى تۇتۇپ قالماي، تىزىملىشى كېرەك. دېلوغا مۇناسىۋەتسىز بۇيۇملارنى تۇتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ. تۇتۇپ قېلىنغان بۇيۇمنى گۇۋاھچى ۋە تۇتۇپ قېلىنغان بۇيۇمنى ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرغۇچى بىلەن بىرلىكتە شۇ جايدا ئېدىتلاپ، شۇ جايدا ئوخشاش ئىككى نۇسخا تىزىملىك يېزىپ، تەكشۈرگۈچى، گۇۋاھچى ۋە بۇيۇمنى ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرغۇچى ئىمزا قويغان ياكى تامغىسىنى باسقاندىن كېيىن، بىر نۇسخىسىنى بۇيۇمنى ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرغۇچىغا بېرىش، يەنە بىر نۇسخىسىنى دېلوغا سېلىپ قويۇش كېرەك. تۇتۇپ قېلىنغان بۇيۇمنى ياخشى ساقلاش، ئىشلىتىۋالماسلىق كېرەك؛ ئۇزاق ساقلىغىلى بولمايدىغان بۇيۇمنى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە بىرتەرەپ قىلىش كېرەك. دېلوغا مۇناسىۋەتسىز بولۇپ چىققانلىرىنى ۋاقتىدا قايتۇرۇپ بېرىش؛ باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق مال – مۈلكى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغانلىرىنى تىزىملىغاندىن كېيىن، دەرھال قايتۇرۇپ بېرىش؛ ئالتە ئاي توشقىچە، مال – مۈلۈكنىڭ ئىگىسى چىقمىسا ياكى تېپىلمىسا، ئاشكارا كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ياكى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بىر تەرەپ قىلىپ، تاپاۋەتنى دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇش كېرەك. 90 – ماددا دېلو ئەھۋالىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، دېلودىكى تالاش – تارتىشتا قالغان مەخسۇس مەسىلىنى ھەل قىلىشقا توغرا كەلسە، كەسىپ ئەھلىلىرىنى باھالاپ بېرىشكە ئەۋەتىش ياكى تەكلىپ قىلىش كېرەك؛ باھالىغۇچى باھالىغاندىن كېيىن، باھالاش پىكرى يېزىشى ھەم ئىمزا قويۇشى كېرەك. 2 – پاراگراف قارار قىلىش 91 – ماددا ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىشنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ج خ ئورگىنى قارار قىلىدۇ؛ بۇنىڭ ئىچىدىكى ئاگاھلاندۇرۇش، 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇش جازاسىنى ساقچىخانا قارار قىلسا بولىدۇ. 92 – ماددا مەمۇرىي توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىش قارار قىلىنغانلارنىڭ جازا بېرىلىشتىن ئىلگىرىكى مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىپ جىسمانىي ئەركىنلىكى چەكلەنگەن ۋاقتىنى جازا مۇددىتىگە سۇندۇرۇپ ھېسابلاش كېرەك. جىسمانىي ئەركىنلىكى چەكلەنگەن بىر كۈن، مەمۇرىي توختىتىپ قويۇلغان بىر كۈنگە سۇندۇرۇپ ھېسابلىنىدۇ. 93 – ماددا ج خ ئورگىنى ئامانلىق دېلوسىنى تەكشۈرگەندە، شۇ كىشىنىڭ بايانى بولمىسىمۇ، باشقا دەلىل – ئىسپاتلار دېلو پاكىتىنى ئىسپاتلىيالىسا، ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىشنى قارار قىلسا بولۇۋېرىدۇ. لېكىن، شۇ كىشىنىڭ بايانىلا بولۇپ، باشقا دەلىل – ئىسپات بولمىسا، ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قارارىنى چىقىرىشقا بولمايدۇ. 94 – ماددا ج خ ئورگىنى ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قارارى چىقىرىشتىن بۇرۇن ھەم ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغۇچىغا ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىش پاكىتى، سەۋەبى ۋە ئاساسىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغۇچىنىڭ قانۇن بويىچە ئىگە بولىدىغان ھوقۇقىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك. ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغۇچى پىكرىنى بايان قىلىشقا ۋە ئاقلىنىشقا ھوقۇقلۇق. ج خ ئورگىنى ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغۇچىنىڭ پىكرىگە ئوبدان قۇلاق سېلىشى شەرت، ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغۇچى ئوتتۇرىغا قويغان پاكىت، سەۋەب ۋە دەلىل – ئىسپاتنى قايتا قاراپ چىقىشى؛ ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغۇچى ئوتتۇرىغا قويغان پاكىت، سەۋەب ۋە دەلىل – ئىسپات پۇت تىرەپ تۇرالىسا، ج خ ئورگىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. ج خ ئورگىنى ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغۇچىنى پىكرىنى بايان قىلدى، ئۆزىنى ئاقلىدى دەپ جازانى ئېغىرلىتىۋەتسە بولمايدۇ. 95 – ماددا ئامانلىق دېلوسىنى تەكشۈرۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ج خ ئورگىنى ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالغا قاراپ، مۇنداق بىرتەرەپ قىلىشى كېرەك: (1) قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدىغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى بارلارغا قىلمىشىنىڭ ئېغىر – يېنىكلىكىگە ۋە كونكرېت ئەھۋالغا قاراپ جازا قارارى چىقىرىش؛ (2) قانۇن بويىچە جازا بېرىلمەيدىغانلىرى ياكى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىق پاكىتى پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىرى ئۈستىدە جازالىماسلىق قارارى چىقىرىش؛ (3) قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى جىنايەتكە چېتىلسا، مەسئۇل ئورگاننىڭ قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش؛ (4) ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغۇچىنىڭ قانۇنغا خىلاپ باشقا قىلمىشى بايقالسا، ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىشى ئۈستىدە جازا قارارى چىقىرىش بىلەن بللە، ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماققا بىرتەرەپ قىلىشنى ئۇقتۇرۇش. 96 – ماددا ج خ ئورگىنى ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىشنى قارار قىلغاندا، ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قارارى تەييارلىشى كېرەك. قاراردا تۆۋەندىكى مەزمۇنلار بولۇشى كېرەك: (1) جازالانغۇچىنىڭ ئىسىم – فامىلىسى، جىنسى، يېشى، سالاھىيەت ئىسپاتىنىڭ نامى ۋە نومۇرى، ئادرېسى؛ (2) قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىق پاكىتى ۋە دەلىل – ئىسپاتى؛ (3) جازا تۈرى ۋە ئاساسى؛ (4) جازا ئىجرا قىلىش ئۇسۇلى ۋە مۆھلىتى؛ (5) جازا قارارىغا قايىل بولماي مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلىش، مەمۇرىي دەۋا قىلىشنىڭ يولى ۋە مۆھلىتى؛ (6) جازا قارارى چىقارغان جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ نامى ۋە قارار چىقارغان ۋاقتى. قارارغا جازا قارارى چىقارغان جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تامغا بېسىشى كېرەك. 97 – ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى جازالانغۇچىغا ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قارارىنى ئېلان قىلىشى ھەمدە جازالانغۇچىغا شۇ جايدا بېرىشى؛ جازالانغۇچىغا شۇ جايدا ئېلان قىلغىلى بولمىسا، ئىككى كۈن ئىچىدە يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك. مەمۇرىي توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىش قارار قىلىنغان بولسا، جازالانغۇچىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش كېرەك. زىيانغا ئۇچرىغۇچى بولسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى زىيانغا ئۇچرىغۇچىغا قارارنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسىنى بېرىشى كېرەك. 98 – ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئىجازەتنامىنى بىكار قىلىدىغان ۋە 2000 يۈەندىن يۇقىرى جەرىمانە قويىدىغان ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قارارى چىقىرىشتىن بۇرۇن، ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغۇچىغا ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئېچىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك؛ ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغۇچى ئىسپات ئاڭلاشنى تەلەپ قىلسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىنى ۋاقتىدا قانۇن بويىچە ئېچىشى كېرەك. 99 – ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش دېلوسىنى بېجىرىش مۆھلىتى دېلو قوبۇل قىلىنغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈندىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ؛ دېلو چوڭ، ئەھۋال مۇرەككەپ بولسا، بىر دەرىجە يۇقىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ تەستىقى بىلەن، مۆھلەتنى 30 كۈن ئۇزارتىشقا بولىدۇ. دېلو ئەھۋالىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن كەتكەن باھالاش ۋاقتى ئامانلىق دېلوسىنى بىرتەرەپ قىلىش مۆھلىتىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ. 100 – ماددا ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىشنىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل – ئىسپاتى تولۇق بولۇپ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدىغان ياكى 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدىغان بولسا، ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قارارى شۇ جايدا چىقىرىلسا بولىدۇ. 101 – ماددا ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قارارى شۇ جايدا چىقىرىلىدىغان بولسا، خەلق ساقچىسى ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغۇچىغا خىزمەت كىنىشكىسىنى كۆرسىتىشى ھەمدە جازا قارارىنى تولدۇرۇشى كېرەك. جازا قارارىنى شۇ جايدا جازالانغۇچىغا بېرىشى؛ زىيانغا ئۇچرىغۇچى بولسا، قارارنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسىنى زىيانغا ئۇچرىغۇچىغا بېرىشى كېرەك. ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن جازا قارارىغا جازالانغۇچىنىڭ ئىسىم – فامىلىسى، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى، جازا ئاساسى، جەرىمانە سوممىسى، ۋاقتى، ئورنى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ نامى يېزىلىشى ھەمدە دېلو بېجىرگۈچى خەلق ساقچىسى ئىمزا قويۇشى ياكى تامغا بېسىشى كېرەك. ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قارارى شۇ جايدا چىقىرىلغان بولسا، دېلو بېجىرگۈچى خەلق ساقچىسى ئۆزى قاراشلىق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا 24 سائەت ئىچىدە ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك. 102 – ماددا جازالانغۇچىلاردىن ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قارارىغا قايىل بولمىغانلىرى قانۇن بويىچە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى مەمۇرىي دەۋا قىلسا بولىدۇ. 3 – پاراگراف ئىجرا قىلىش 103 – ماددا مەمۇرىي توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلگۈچىگە بېرىلىدىغان جازانى قارار چىقارغان جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى توختىتىپ قويۇش ئورنىدا ئىجرا قىلىدۇ. 104 – ماددا جەرىمانە جازاسى بېرىلگۈچى جازا قارارىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە، بەلگىلەنگەن بانكىغا بېرىپ جەرىمانە تاپشۇرۇشى كېرەك. لېكىن، تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرى بولسا، خەلق ساقچىسى نەق مەيداندا جەرىمانە ئالسا بولىدۇ: (1) 50 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلغاندا، جازالانغۇچىنىڭ جەرىمانىگە باشقىچە پىكرى بولمىسا؛ (2) چەت – ياقا جايلاردا، سۇ ئۈستىدە، قاتناش قولايسىز جايلاردا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋە ئۇنىڭ خەلق ساقچىلىرى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە جەرىمانە قارارى چىقارغاندىن كېيىن، جازالانغۇچى بەلگىلەنگەن بانكىغا جەرىمانە تاپشۇرۇشتا قىينىلىدىغانلىقىنى ئېيتسا؛ (3) جازالانغۇچىنىڭ شۇ جايدا مۇقىم تۇرالغۇسى بولمىغانلىقتىن، نەق مەيداندا ئالمىغاندا كېيىن ئالغىلى بولمايدىغان بولسا. 105 – ماددا خەلق ساقچىسى نەق مەيداندا ئالغان جەرىمانىنى جەرىمانە ئالغان كۈندىن باشلاپ ئىككى كۈن ئىچىدە، ئۆزى قاراشلىق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا تاپشۇرۇشى؛ سۇ ئۈستىدە، يولۇچىلار پويىزىدا ئالغان جەرىمانىنى قىرغاققا ياكى ۋوگزالغا يېتىپ بارغان كۈندىن باشلاپ ئىككى كۈن ئىچىدە، ئۆزى قاراشلىق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا تاپشۇرۇشى؛ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى جەرىمانىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ ئىككى كۈن ئىچىدە بەلگىلەنگەن بانكىغا تاپشۇرۇشى كېرەك. 106 – ماددا خەلق ساقچىسى نەق مەيداندا جەرىمانە ئالغاندا، جازالانغۇچىغا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە تارمىقى بىرتۇتاش تەييارلىغان جەرىمانە تالونى بېرىشى كېرەك؛ بىر تۇتاش تەييارلىغان جەرىمانە تالونى بەرمىگەن بولسا، جازالانغۇچى جەرىمانىنى تاپشۇرماسلىققا ھوقۇقلۇق. 107 – ماددا جازالانغۇچىلاردىن مەمۇرىي توختىتىپ قويۇش جازا قارارىغا قايىل بولماي، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلغان، مەمۇرىي دەۋا قىلىدىغانلىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا مەمۇرىي توختىتىپ قويۇشنى ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى مەمۇرىي توختىتىپ قويۇش ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈلسە جەمئىيەتكە خەۋپ يەتمەيدۇ، دەپ قارىسا، جازالانغۇچى ياكى ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى مۇشۇ قانۇننىڭ 108 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان كېپىل تاپسا ياكى مەمۇرىي توختىتىپ قويۇلىدىغان ھەر كۈنىگە 200 يۈەنلىك ئۆلچەم بويىچە كاپالەت پۇلى تاپشۇرسا، مەمۇرىي توختىتىپ قويۇش جازا قارارى ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدۇ. 108 – ماددا كېپىل تۆۋەندىكى شەرتلەرگە توشۇشى كېرەك: (1) بۇ دېلو بىلەن چېتىشلىقى بولماسلىق؛ (2) سىياسىي ھوقۇقى بولۇش، جىسمانىي ئەركىنلىكى چەكلەنمىگەن بولۇش؛ (3) شۇ جايدا دائىملىق نوپۇسى ۋە مۇقىم تۇرالغۇسى بولۇش؛ (4) كېپىللىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلالايدىغان بولۇش. 109 – ماددا كېپىل كېپىل بولغۇچىسىنىڭ مەمۇرىي توختىتىپ قويۇش جازاسىنىڭ ئىجراسىدىن باش تارتماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. كېپىللەردىن كېپىللىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي، كېپىل بولغۇچىسىنىڭ مەمۇرىي توختىتىپ قويۇش جازاسىنى ئىجرا قىلىشتىن باش تارتىشىغا سەۋەبچى بولغانلىرىغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى 3000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. 110 – ماددا مەمۇرىي توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىش قارار قىلىنغانلاردىن كاپالەت پۇلى تاپشۇرۇپ، مەمۇرىي توختىتىپ قويۇش ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈلگەندىن كېيىن، مەمۇرىي توختىتىپ قويۇشنىڭ ئىجراسىدىن باش تارتقانلىرىنىڭ كاپالەت پۇلى مۇسادىرە قىلىنىدۇ ھەمدە دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلىدۇ، مەمۇرىي توختىتىپ قويۇش قارارى ئىجرا قىلىنىۋېرىدۇ. 111 – ماددا مەمۇرىي توختىتىپ قويۇش جازا قارارى بىكار قىلىنغان ياكى مەمۇرىي توختىتىپ قويۇش جازاسىنىڭ ئىجراسى باشلانغان بولسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئالغان كاپالەت پۇلىنى پۇل تاپشۇرغۇچىغا ۋاقتىدا قايتۇرۇشى كېرەك. 5 – باب قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش 112 – ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋە ئۇنىڭ خەلق ساقچىلىرى ئامانلىق دېلولىرىنى قانۇن بويىچە، ئادىل، پۇختا، ئۈنۈملۈك بېجىرىشى، قانۇننى مەدەنىي ئىجرا قىلىشى، نەپسانىيەتچىلىك قىلماسلىقى كېرەك. 113 – ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋە ئۇنىڭ خەلق ساقچىلىرىنىڭ ئامانلىق دېلولىرىنى بېجىرىشتە، ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى ئۇرۇشى، تىللىشى، خورلىشى ياكى ھاقارەتلىشى مەنئى قىلىنىدۇ. 114 – ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋە ئۇنىڭ خەلق ساقچىلىرى ئامانلىق دېلولىرىنى بېجىرىشتە، جەمئىيەت ۋە پۇقرالارنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى كېرەك. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋە ئۇنىڭ خەلق ساقچىلىرىدىن ئامانلىق دېلولىرىنى بېجىرىشتە قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلمىغان ياكى قانۇن – ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلىرى ئۈستىدىن ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخس جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ياكى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە، مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنىغا ئەرز – شىكايەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛ ئەرز – شىكايەتنى تاپشۇرۇۋالغان ئورگان مەسئۇلىيىتى بويىچە ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. 115 – ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە جەرىمانە جازاسى بېرىشتە، ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىپ، جەرىمانە قارارى چىقىرىش بىلەن جەرىمانە ئېلىشنى ئايرىۋېتىشى؛ ئالغان جەرىمانىنى دۆلەت خەزىنىسىگە تولۇق تاپشۇرۇشى كېرەك. 116 – ماددا خەلق ساقچىلىرىدىن ئامانلىق دېلولىرىنى بېجىرىشتە تۆۋەندىكى قىلمىشلاردىن بىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ: (1) باشقىلارنى قىيناپ ئىقرار قىلدۇرغان، تەن جازاسى بەرگەن، خورلىغان، ھاقارەتلىگەنلەر؛ (2) سوراق قىلىپ ئېنىقلايمەن دەپ، جىسمانىي ئەركىنلىكىنى چەكلەش ۋاقتىنى ئۇزارتىۋەتكەنلەر؛ (3) جەرىمانە قارارى چىقىرىش بىلەن جەرىمانە ئېلىشنى ئايرىۋېتىش تۈزۈمىنى ئىجرا قىلمىغان ياكى جەرىمانە، مۇسادىرە پۇل – مالنى بەلگىلىمە بويىچە دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرمىغان ياكى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلمىغانلار؛ (4) ئالغان، تۇتۇپ تۇرغان پۇل – مالنى ئاستىرتىن بۆلۈشۈۋالغان، ئىگىلىۋالغان، ئىشلىتىۋالغان، قەستەن بۇزۇۋەتكەنلەر؛ (5) زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ پۇل – مېلىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئىشلەتكەن ياكى ۋاقتىدا قايتۇرمىغانلار؛ (6) بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، كاپالەت پۇلىنى ۋاقتىدا قايتۇرمىغانلار؛ (7) ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، باشقىلاردىن پۇل – مال ئالغان ياكى باشقا نەپ ئالغانلار؛ (8) نەق مەيداندا جەرىمانىگە تالون كېسىپ بەرمىگەنلەر ياكى جەرىمانە سوممىسىنى ئەينەن يازمىغانلار؛ (9) ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىشنى توسۇش تەلىپىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ، ۋاقتىدا بارمىغانلار؛ (10) ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ ھەرىكەتنى بىر تەرەپ قىلىشتا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، جىنايەت ئۆتكۈزگۈچىگە خەۋەر يەتكۈزگەنلەر؛ (11) نەپسانىيەتچىلىك قىلىش، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە – كەلمەس پايدىلىنىش، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلماسلىقتەك باشقا ئەھۋالى بولغانلار. ئامانلىق دېلوسىنى بېجىرگۈچى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىدىن ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا مۇناسىپ مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ. 117 – ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋە ئۇنىڭ خەلق ساقچىلىرىدىن خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا يۈرگۈزۈپ، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىگە چېقىلغانلىرى ناماقۇل بولۇشى؛ زىيان سالغانلىرى قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 6 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ 118 – ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ‹‹...دىن يۇقىرى، ...دىن تۆۋەن، ... ئىچىدە›› دېيىلگەنلەر شۇ ساننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 119 – ماددا بۇ قانۇن 2006 – يىل 3 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 1986 – يىل 9 – ئاينىڭ 5 – كۈنى ئېلان قىلىنغان، 1994 – يىل 5 – ئاينىڭ 12 – كۈنى ئۆزگەرتىپ ئېلان قىلىنغان ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالاش نىزامى›› بىكار قىلىنىدۇ. |
|