كۆرۈش: 1747|ئىنكاس: 5

«تۆتتە ياخشى ئوقۇتقۇچى»لاردىن بولۇشقا ھەممەيلەن ئورتاق تىرىشايلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

«تۆتتە ياخشى ئوقۇتقۇچى»لاردىن بولۇشقا ھەممەيلەن
ئورتاق تىرىشايلى


ئوقۇتقۇچىلار  ئوقۇغۇچىلارغا بىلىم كۆكىدە پەرۋاز قىلىدىغان گاڭ قانات بەرگۈچى ، ۋەتەننىڭ ئەتىسى ئۈچۈن ئۈمىد چىرىقىنى ياققۇچى ، ئاددى بور ئارقىلىق ھاياتلىق سمفونىيىسى ياڭراتقۇچى ، ۋەتەننىڭ كەلگۈسىنى ياراتقۇچى.  شوڭا شائىرلار تۈۋەندىكىدەك شىئېرنى قەلبىدىن يېزىپ چىققان.
   مۇئەللىم، دىللارغا چىراغ ياققۇچى.                          ئۇلارسىز بىلىمنىڭ كانى قېزىلماس،
   مۇئەللىم، بىلىمنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچى.                       ئۇلارسىز تىلسىمنىڭ سىرى ئېچىلماس.
   مۇئەللىم، جاھانغا ئىلىم يايغۇچى.                          ئۇلارسىز ئالەمنىڭ سېھرى تېپىلماس،
   مۇئەللىم، چۆللەردە يولنى تاپقۇچى.                         ئۇلارسىز تارىخقا داستان يېزىلماس.
                                                              
  مۇئەللىم دۇنيانىڭ لىمى-تۈۋرۈكى،                           ئۇ بولغاچ سەبىينىڭ كەلگۈسى پارلاق،
  پىلسىرات يولىنىڭ ياخشى كۆۋرۈكى.                          ئۇ بولغاچ بىلىمنىڭ بازىرى قايناق.
  سوقىدۇ ئەۋلاد دەپ ئۇنىڭ يۈرىكى،                          ئۇ بولغاچ دۇر بولار ھەردەم ئاق ۋاراق.
  ئەۋلادنىڭ بەختىدۇر ئارمان-تىلىكى.                        ئۇ بولغاچ مۈشكۈلگە ئېتىلدى ياراق.
                                          
  مۇئەللىم ئەجرىدەك ئۇلۇغ ئەجىر يوق،                        مەيلى سەن شاھ بولغىن ۋە ياكى ئالىم،
ئىنسانغا ئۇنىڭدىن ئارتۇق بەھىر يوق.                        جەننەتتەك ئۇ ئاچقان ياخشى قەسىر يوق.
        يۇقاردا دېيىلگەندەك ئوقۇتقۇچىلار كىچىككىنە مۇنبەر ئارقىلىق پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئالىمىگە مەدەنىيەت ئۇرۇقى چاچىمىز ، قان-تەرىمىز ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ رەڭدار ھايات كارتىنىسىنى سىزىپ چىقىمىز ،ئاقارغان چېچىمىز ،پۈكۈلگەن قەددىمىز ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ كەلگۈسىنى يارىتىمىز.شۇڭا ئۇقۇتقۇچىلار «ئىنسان قەلبىنىڭ ئىنژىنىرى» دېگەن شەرەپلىك نامغا نائىلمىز.
       ئىنسانىيەت تەرەققىيات  تارىخىغا قارايدىغان بولساق ، جەمئىيەتنىڭ ،مىللەتنىڭ ،دۆلەتنىڭ روناق تېپىشى ، گۈللىنىشى ياكى خاراب بولۇشى مائارىپقا باغلىق، ئوقۇتقۇچىلار مائارىپنىڭ ئاساسى؛ 2-ئەۋلاد رەھبەرلىك يادۇرۇسىنىڭ رەھبىرى، ئىسلاھات ئىشىكنى ئېچىۋېتىش خىزمىتىنىڭ لايىھەلىگۈچىسى يولداش دېڭ شىياۋپىڭمۇ     « 100 يىللىق تەرەققىياتنىڭ ئاساسى مائارىپتا، يەنە دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۈمىدى-مائارىپتا، مائارىپنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۈمىدى –ئوقۇتقۇچىلاردا» دەپ ئېنىق ئوتتۇرغا قويغان. شۇجى جاڭ جۈنشىيەنمۇ «مائارىپ ھەم خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى، ھەم تەرەققىىياتنىڭ ئاساسى، شىنجاڭدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ماھىيەتتىن تۈزەش تەدبىرى» دەپ يەكۈنلىگەن. شۇڭا تارىخ، دۆلەت، مىللەت بىز ئوقۇتقۇچىلارغا ئېغىر مەسئۇلىيەتنى يۈكلىگەن.
ئۇقۇتقۇچىلار مائارىپ ئىشلىرىدىكى 1-بايلىق ۋە يادرولۇق ئامىل، ياخشى ئوقۇتقۇچى بولمىسا، ياخشى مائارىپ بولمايدۇ. ئۇنداقتا ياخشى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆلچىمى نېمە؟ ئوقۇتقۇچى ئالدى بىلەن دۆلەت خىزمەتچىسى بولۇپ، ئەنئەنىۋى مەنىدىن ئېيىتقاندا، دۆلەت كادىر ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا ئۆزىنى ئاڭلىق ھالدا ياخشى كادىرلارنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئۆلچەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ تەلەپ قىلغاندەك « چوڭ ھەق-چوڭ ناھەقنى ئايرىشتا مەيدانى ئىنتايىن روشەن بولۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتا ھەرىكىتى ئىنتايىن قەتئىي بولۇش، ھەرمىللەت ئاممىسىنى قىزغىن سۆيۈستە ئىنتايىن سەمىمىي بولۇش»ى كېرەك؛ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەسلى سالاھىيتى مائارىپ خىزمەتچىسى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ياخشى ئوقۇتقۇچى غايىلىك- ئىتقادلىق، ئەخلاقلىق –پەزىلەتلىك، مول بىلىملىك-مىھرىبان بولۇشى كېرەك دەپ كۆرسەتتى. شۇڭا بىز ئوقۇتقۇچىلار ئالدى بىلەن تارىخى مەسئۇلىيەتچانلىققا ئىگە ئوقۇتقۇچىلاردىن بولىشىمىز، باشتىن-ئاخىر پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئومۇملىقىنى كۆڭلىمىزگە پۈكۈپ، غايىلىك، ساپالىق ۋە پەزىلەتلىك كىشىلەردىن بولۇپ، ئاڭلىق ھالدا پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ غېمىنى يەپ، بارلىغىمىزنى مائارىپ ئشىلىرىغا ئاتىشىمىزلازىم. نۆۋەتتە چىگرا ئىچى، سىرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ» نىڭ بىزدىن مائارىپ بازىسىنى ، ئەۋلادلارنى تالىشىش كۈرىشى كەسكىن بولىۋاتىدۇ، دىني ئەسەبىي ئىدىيە ۋە «پانتۈركىزم»، «پانئىسلامىزم» ئىدىيسىنىڭ چىرىتىشى، سىڭىپ كىرىشى بۇنىڭ گەۋدىلىك ئىپادىسى.بەزى ئوقۇغۇچىلار دىنى ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئەخمىقانە، ئەسەبىي ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان ئىشلارنى قىلىپ، ئۆزىنى ، ئائىلىسدىكىلەرنى زىيانغا ئۇچرىتىپلا قالماستىن، ئوقۇتقۇچىلارنىمۇ زىيانغا ئۇچرىتىۋاتىدۇ. تۈرلۈك خەۋپ خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تارىخي يوسۇندا بىز بۇ بىرئەۋلاد ئوقۇتقۇچىلارنىڭ زىممىسىگە يۈكلەندى. شۇڭا بىز ھەققانىيەت يولىدىكى بۇ تارىخى كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە ئۆز رولىمىزنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. شۇنىڭدەك يەنە ئوقۇتقۇچى مائارىپ خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن روھ يېتىلدۈرۈش، ھاياتىنى جۇلالاندۇرۇش، ئادەمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئىشلىشىمىز؛ دۆلەت خىزمەتچىسى بولۇش سۈپتىمىز بىلەن پارتىيەنىڭ فاڭجىن، سىياسەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ھەرمىللەت خەلقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، جەمئىيەتتىكى ئاكتىپ كۈچىنى ئەۋج ئالدۇرۇشتەك مۇقەددەس مەسئۇلىيەتنى زىممىزگە ئېلىشىمىز؛ زىيالىي بولۇش سۈپتىمىز بىلەن ئىجتىمائىي كەيپىياتنى يىتەكلەش، زامانىۋى مەدەنىيەتنى تارقىتىش، ئاساسى قاتلامدىكى ئاممىنى ئويغىتىشتەك ئالاھىدە ئالاھىدە بۇرۇچنى زىممىزگە ئېلىشىمىز لازىم.
        ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىدە ئوقۇتقۇچى بىلىمنىڭ، ئەقىل-پاراسەتنىڭ، كۈچ-قۇدرەتنىڭ سىمۇۋۇلى، ئوقۇتقۇچىنىڭ بىر نەچچە ئېغىز سۆزى ئوقۇغۇچىلارغا بىر ئۆمۈر تەسىر كۆرسىتىدۇ.شۇڭا بىز ئوقۇتقۇچىلار باشقىلارغا ئۆلگە بولىدىغان ياخشى ئوقۇتقۇچىلاردىن بولىشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن سىياسى جەھەتتە كۈچلۈك بولۇشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇپ، باشتىن-ئاخىر پارتىيە ۋە خەلق بىلەن بىرسەپتە تۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا جوڭگۇچە سوتسىيالىزمغا قەتئىي ئىتىقاد قىلغۇچىلار ۋە ئۇنى سادىقلىق بىلەن ئەمىلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلەردىن بولۇپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مائارىپ ئشىلىرىغا سادىق بولۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئى كۈرەش قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئالىي مەنپەئەتى ۋە ھەرمىللەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ھەق –چوڭ ناھەق مەسىللىرىدە دادىللىق بىلەن پوزىتسىيەمىزنى ئېنىق بىلدۈرۈشىمىز، مەيدانىمىزنى ئېنىق ئىپادىلىشىمىز، ھەرگىز «ئىككى يۈزلىمىچى»لىك قىلماي، «ياخشىچاق» بولماي، ھەربىر سۆز ۋە ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى تەسىرلەندۈرۈپ، يىتەكلەپ ۋە ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتىپ، تەربىيلەش، يىتەكلەش ۋە ئۆلگە كۆرسىتىش، باشلامچى بولۇش رولىمىزنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشىمىز لازىم. يەنە بىز ئوقۇتقۇچىلار شىنجاڭ تارىخى، مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات تارىخى ۋە دىني ئىتقادنىڭ ئۆزگىرىش تارىخىنى چوڭقۇر ئۈگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، جوڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پوختا تۇرغۇزۇپ، دۆلەتنىڭ ئالىي مەنپەتىنى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ۋە ئىجتىمائى مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ نەمۇنچىلىرىدىن بولىشىمىز كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئالىيجاناپ ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇشىمىز كېرەك. مائارىپ قەلب ئارقىلىق قەلبنى تۇتاشتۇرىدىغان، روھ ئارقىلىق روھقا تەسىر كۆرسىتىدىغان، پەزىلەت ئارقىلىق پەزىلەت يېتىلدۈرىدىغان خىزمەت. ئوقۇتقۇچى ئالىيجاناپ پەزىلەتكە ئىگە بولغاندىلا، ئاندىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبى پاك بولىدۇ. شوڭا بىز ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقتا ئۆلگە بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھايات سەپىرىدىكى تۈنجى قەدىمىنى ياخشى بېسىپ، ھاياتلىق يۆنىلىشىنى ياخشى ئىگەللىشىگە يىتەكچىلىك قىلىشىمىز ۋە ياردەم بىرىشىمىز لازىم.
       بىز ئوقۇتقۇچىلارغا يۈكلەنگەن ئاساسى مەسئۇلىيەت- ئەخلاق يېتىلدۈرۈش، كەسپنى قەدىرلەش، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، بۇنىڭ ئىچىدە ئەخلاق يېتىلدۈرۈش 1-ئورۇندا تۇرىدۇ. ياش –ئۆسمۈرلەر دۆلتىمىزنىڭ كېلەچىكى ۋە ئۈمىدى، ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرى ھەرمىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يول باشلىغۇچىلىرى ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا بىلىم ئۈگىتپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇلارغا ئادەم بولۇشنى ئۈگىىتىپ، ھايات يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بىرىشتەك مۇقەددەس بۇرچىمىزنى ياخشى ئادا قىلىشىمىز لازىم. باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ: «ياش-ئۆسمۈرلۈك مەزگىلى قىممەت قارىشى، كىشلىك تۇرمۇش قارىشى، ۋەتەن قارىشى ۋە مىللەت قارىشى شەكىللىنىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل. تەربىيە قانغا سىڭىدۇ، روھقا ئورنايدۇ، شوڭا، ئۇنى كىچىكىدىن، بالىلار باغچىسىدىن باشلاپ تۇرۇش كېرەك. ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى دەرىسىنى ياخشى ئۆتۈپ، جوڭخۇانى سۆيۈش ئورۇقىنى ھەربىر بالىنىڭ قەلب ئېتىزىغا تېرىپ، ۋەتىنىمىز ئەۋلادلىرىنىڭ قەلىب ئېتىزىدا سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يىلتىز تارتقۇزۇش كېرەك. ھەرقايسى مىللەتلەر بالىلاردا جوڭخۇا مىللىتىنىڭ بىر ئەزاسى دېگەن ئاڭنى يېتىلدۈرۈپ، ئۇلارغا ئۆزىنىڭ قايسى مىللەتتىن ئىكەنلىكىنىلا ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ ئالدى بىلەن جوڭخۇا مىللىتىنىڭ بىر ئەزاسى ئىكەنلىكىنى، بۇ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ئاي بىلەن يولتۇزنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئوخشايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى كېرەك دەپ ئېنىق كۆرسەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئوقۇتقۇچىلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈش تەربىيەسىنى ياخشى تۇتۇپ، ئەخلاق تەربىيەسىنى ئېلىپ بىرىشنى دائىملىق خىزمەتكە ئايلاندۇرۇپ، مەكتەپ تەربىيەسى، ئائىلە تەربىيسى ۋە جەمئىيەت تەربىيەسىدىن ئىبارەت «ئۈچ تەربىيە، بىر گەۋدە» نى ياخشى ئىزچىللاشتۇرىشىمىز لازىم.
        ئوقۇتقۇچىنىڭ بىلىمى ۋە كەسپىي سەۋىيەسى مائارىپنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى بەلگىلەيدۇ، شۇڭا بىز ئوقۇتقۇچىلار كەسىپتە كامالەتكە يەتكەن ياخشى ئوقۇتقۇچىلاردىن بولىشىمىز لازىم. سۈپەت-مائارىپنىڭ جېنى، مائارىپ بولسا بىر پەن، شۇنداقلا بىر سەنئەت. پىداگوگلار «دۇنيادا قابىلىيەتسىز ئادەم بولمايدۇ، گەپ تەربىيەلىگۈچىنىڭ ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ تەبىئى تالانتى، قىزىقىشى، ھەۋىسى ۋە ئالاھىدىلىكىنى تولۇق ئىشقا سېلىپ، ئۇلارنىڭ قابىلىيتىنى نامايەن قىلىشى ۋە تەرەققى قىلىشىغا تولۇق شارائىت ھازىرلاپ بىرىشى ۋە ئۇلارنى توغرا يىتەكلىشىدە » دەپ قارايدۇ. بىز ئوقۇتقۇچىلار تەپەككۇر قىلالايدىغان ھەرخىل مىجەزدىكى سەبىي بالىلار بىلەن كۈندە بىر ئۇچرىشىپ تۇرىمىز. بالىلارنىڭ خاراكتىرى، ئويى ئوخشاش بولمايدۇ، بۇ ھال بىز ئوقۇتقۇچىلاردىن دەرسنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ، تۈرگە ئايرىپ ئۆتۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈگىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغاشقا ماھىر بولۇپ، سۇبىيكىتلىقى ۋە ئىجادىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇلاردا يىڭىلىق يارىتىش روھىنى يېتىلدۈرۈشىنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا بىز ئوقۇتقۇچىلار ئىلغار مائارىپ ئىدىيەسىنى ئۈگىنىپ، ئوقۇتۇش مېتۇدى ۋە ۋاستىسىنى ياخشىلاپ، ئوقۇتۇش جەريانىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، ئوقۇ-ئوقۇتۇش سەۋىيەسىنى ئۆزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋە خەلق بىزدىن كۈتكەن ئۈمىدلىرىنى ئاقلاپ، شۇجى جاڭ جۈنشىيەننىڭ «تۆتتە ياخشى ئوقۇتقۇچى» لاردىن بولۇش چاقىرىقىنى ئۆز ئەملىيتىمىزدە كۆرسىتىپ دۆلەت، مىللەت ۋە تارىخ بىزگە يۈكلىگەن مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى تېنىمىزنىڭ ئاخىرلىرىغىچە ئادا قىلىشمىز لازىم.



baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-10-18 11:40:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان لىكسىيە كەن قەلەم قۇۋىتىڭىزگە بارىكاللا. تېخىمۇ تىرشىڭ
ۋاقتى: 2015-10-19 23:01:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
22:55:28
【教师】艾克热木(物理 2015/10/19 22:55:28
4تە ياخشى ئوقۇتقۇچىلاردىن بۇلۇش توغۇرسىدىكى  ئۆزىنى ئۆلچەش ماتىريالى بولسا  بىر  ياردەم  قىلغان  بولسىڭىز   قېرىندىشىم
ۋاقتى: 2015-10-20 23:15:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى تەييارلىنىپتۇ ، ساقلىۋالدىم،
ۋاقتى: 2015-10-20 23:16:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىنخان815 يوللىغان ۋاقتى  2015-10-19 23:01
22:55:28
【教师】艾克热木(物理 2015/10/19 22:55:28
4تە ياخشى ئوقۇتقۇچىلاردىن  ...

مەندە 17-بەتكىچە رەسىم ھالەتتە ئۆزىمىز يازغىنى  بار، لىكىن تورغا يوللاشنى قۇلاي تاپمىدىم،
ۋاقتى: 2015-11-6 12:30:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تأتتە ياخشئ ظذقذتقذچئ بذلذش ظألچئمئنئ ياخشئ شەرەئلەپسئز،ظەجرئڭئزگە كأپتئن-كأپ رەەمەت
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش