| 31-قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن
ھۆرمەتلىك مھىنەتكەش باغۋەنلەر، جاپاكەش ئۇستازلار، بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!! بۈگۈن ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى،يەنى مائارىپ سېپىدە جاپالىق خىزمەت قىلىۋاتقان باغۋەنلەرنىڭ چوڭ بايرىمى. 1985-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى چاقىرىلغان 6-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتېيى دائىمى كومىتېتىنىڭ 9-قېتىملىق يىغىنىدا گوۋۇيۈەننىڭ ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى بەلگىلەش توغرىسىدىكى لاھىيىسى ماقۇللاندى ھەمدە ھەر يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى قىلىپ بەلگىلەندى.بۇنىڭغا مانا بۇ يىل 31 يىل بولدى. دۆلىتىمىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى بەلگىلەشتىكى مەقسىتى-يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا خەلق ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سىياسى ئورنى ۋە ئىجتىمائى ئورنىنى يۇقۇرى كۆتىرىش،ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىنى جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئەڭ ھۆرمەيلەيدىغان،ئەڭ قىزىقىدىغان ،ئالىجاناپ كەسپلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرۇش،ئوقۇتقۇچىلارغا ھۆرمەت قىلىدىغان،مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىدىغان، بىلىمگە ئىقتىساسلىقلارغا ھۆرمەت قىلىدىغان ئىجتىمائى كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈشتىن ئىبارەت. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى ،پەن-مائارىپنىڭ تەرەققى قىلىشى ،ئومۇملىشىشى ۋە چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قەلبىدىكى ئورنى بارغانسېرى چوڭ بولماقتا.قىلچە مۇبالىغا قىلمىغان ھالدا شۇنداق دېيەلەيمىزكى،جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ كەلگۈسىدە گۈللەپ ياشنىشى ياكى زاۋاللىققا يۈز تۇتۇشىدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوينايدىغان رولى ئىنتايىن موھىمدۇر. بىز خەلق ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۆز ئۈستىمىزگە ئالغان تارىخىي بۇرچىمىز ناھايىتى چوڭ، بىز بۇ تارىخىي بۇرچىمىزنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ كەسپكە ھۆرمەت قىلىدىغان قۇربان بېرىش روھى بىلەن تۈركۈم-تۈركۈملەپ يۇقۇرى ساپالىق،يېڭى ئەسىر روھىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىلەيدىغان ئىقتىساسلىق خادىملارنى تەربىيەلەپ ،ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ ياشنىشى ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپىمىزنى قوشىمىز. ئۆتكەن بىر يىل مەكتىپىمىز يۇقۇرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە ، مەكتەپ باشقۇرۇش ، ئوقۇ-ئوقۇتۇش،بىخەتەرلىك جەھەتلەردە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن شانلىق بىريىل بولدى. بۇ نەتىجىلەر مەكتىپىمىزدىكى كەڭ ئوقۇتقۇچى –ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىقى ، ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ، ئىزدىنىش،ئۆزىنى بېغىشلاش روھىدىن كەلگەن. مەن بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن ئۈزلۈكسىز تىرىشىۋاتقان، جاپا چېكىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارغا، بىر ئۆمۈر مائارىپ ئۈچۈن قان-تەرىنى تۆككەن ،ياشلىقىنى ياش-ئەۋلادلارنى تەربىيىلەشكە ئاتا قىلغان، دەم ئېلىشقا چىققان ئوقۇتقۇچىلىرىمىزدىن سەمىمىي ھال سورايمەن ھەم ئۇلارغا چوڭقۇر رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.رەھمەت سىلەرگە! تۈۋەندىكى شېئىرنى سىلەرگە سۇندۇم. مۇئەللىم، دىللارغا چىراغ ياققۇچى. مۇئەللىم، بىلىمنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچى. مۇئەللىم، جاھانغا ئىلىم يايغۇچى. مۇئەللىم، چۆللەردە يولنى تاپقۇچى. ئۇلارسىز بىلىمنىڭ كانى قېزىلماس، ئۇلارسىز تىلسىمنىڭ سىرى ئېچىلماس. ئۇلارسىز ئالەمنىڭ سېھرى تېپىلماس، ئۇلارسىز تارىخقا داستان يېزىلماس. مۇئەللىم دۇنيانىڭ لىمى-تۈۋرۈكى، پىلسىرات يولىنىڭ ياخشى كۆۋرۈكى. سوقىدۇ ئەۋلاد دەپ ئۇنىڭ يۈرىكى، ئەۋلادنىڭ بەختىدۇر ئارمان-تىلىكى. ئۇ بولغاچ سەبىينىڭ كەلگۈسى پارلاق، ئۇ بولغاچ بىلىمنىڭ بازىرى قايناق. ئۇ بولغاچ دۇر بولار ھەردەم ئاق ۋاراق. ئۇ بولغاچ مۈشكۈلگە ئېتىلدى ياراق. مۇئەللىم ئەجرىدەك ئۇلۇغ ئەجىر يوق، ئىنسانغا ئۇنىڭدىن ئارتۇق بەھىر يوق. مەيلى سەن شاھ بولغىن ۋە ياكى ئالىم، جەننەتتەك ئۇ ئاچقان ياخشى قەسىر يوق. ھۆرمەتلىك ئوقۇتقۇچىلار،ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا بىلىم كۆكىدە پەرۋاز قىلىدىغان گاڭ قانات بەرگۈچى ، ۋەتەننىڭ ئەتىسى ئۈچۈن ئۈمىد چىرىقىنى ياققۇچى ، ئاددىي بور ئارقىلىق ھاياتلىق سمفونىيىسى ياڭراتقۇچى ، ۋەتەننىڭ كەلگۈسىنى ياراتقۇچى . ئوقۇتقۇچىلار كىچىككىنە مۇنبەر ئارقىلىق پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئالىمىگە مەدەنىيەت ئۇرۇقى چاچىمىز ، قان-تەرىمىز ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ رەڭدار ھايات كارتىنىسىنى سىزىپ چىقىمىز ،ئاقارغان چېچىمىز ،پۈكۈلگەن قەددىمىز ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ كەلگۈسىنى يارىتىمىز.شۇڭا ئۇقۇتقۇچىلار ‹‹ئىنسان قەلبىنىڭ ئىنژىنىرى››دېگەن شەرەپلىك نامغا نائىلمىز. ئىنسانىيەت تەرەققىيات تارىخىغا قارايدىغان بولساق ، جەمئىيەتنىڭ ،مىللەتنىڭ ،دۆلەتنىڭ روناق تېپىشى ،گۈللىنىشى ئوقۇتقۇچى ئەجرىدىن ئايرىلالمايدۇ. شۇڭا تارىخ بىز ئوقۇتقۇچىلارغا ئېغىر مەسئۇلىيەتنى يۈكلىگەن.شۇڭا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جەمئىيەت تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئىدىيىمىزنى ئازاد قىلىپ، بىلىم قۇرۇلمىمىزنى يېڭىلاپ، بىر نىيەت – بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ياراملىق ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيىلەش ئۈچۈن تىرىشىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. شۇڭا مەن ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ يوقىرى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ،يېڭىلىق يارىتىش روھى بىلەن مائارىپ ئىشلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن . ئاخىرىدا مەن بارلىق ئۇقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېنىنىڭ سالامەت ، خىزمەت،ئۆگىنىشىنىڭ ئۇتۇقلۇق، كۈنلىرىنىڭ خۇشال-خۇرام ئۆتۈشىنى تىلەپ سۆزۇمنى ئاخىرلاشتۇرىمەن. |
باھالاشباھا خاتىرىسى
|