كۆرۈش: 680|ئىنكاس: 1

دىننىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەت پىلانى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                                               دول يېزا باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2015-يىللىق دىننىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشىنىڭ
                                                                                                           ئالدىنى ئېلىش خىزمەت پىلانى

دىننى ئەسەبىي ئىدىيە نۆۋەتتە شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقۇملۇقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان يامان سۈپەتلىك ئۆسمە بۇلۇپ دىننى ئەسەبىيلىكىنى تۈگىتىش ھەركىتى نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ ئۇبىكتىپ تەلىپى، بۇنى چۇقۇم ئېلىپ بېرىش كېرەك. ناھىيلىك پارتىكۇم،ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا ئاساسەن «دىننى ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»تەشۋىقى تەربىيسىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق پارتىينىڭ مىللەت دىن سىياسىتىنى ئەمىللەشتۇرۇپ دىننىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىش خىزمىتى زور كۈچ بىلەن چەكلەپ، مۇستەھكەم ئىدىيۋى ھالەت ئاساسىنى تۇرغۇزۇپ دىن بىلەن سوتسىيالىزىمنى ئۆز-ئارا ماسلاشتۇرۇپ مائارىپ سىستىمىسىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقۇملۇقىنى ئۆزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ مەكتەپنى بۆلگۈنچىلەرگە، سىڭىپ كىرىشكە قارشى تۇرۇش بازىسىغا ئايلاندۇرۇپ  دىندىن خالىي مەكتەپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك خىزمەت لاھىيسى تۈزۈپ چىقىلدى.
   1.يىتەكچى ئىدىيە
ناھىينىڭ مۇقۇملۇق، تەرەققىيات ئاساسىنى چۆرىدەپ زور كۈچ بىلەن پارتىينىڭ مىللەت دىن سىياسىتىنى ۋە ئېتبار سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىپ دىننى ئىشلارنى باشقۇرۇشنى قانۇن بۇيىچە كۈچەيتىپ دىن بىلەن سوتسىيالىزىمىنىڭ ئاكتىپ ماسلىشىشىنى قولغا كەلتۇرۇپ بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش،ئاڭلىقلىق بىلەن قانۇن-نىزاملارغا رىئايە قىلىپ، ئىش ئورننى سۆيۈپ، كەسىپنى قەدىرلەپ دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملارنى ئەستايدىل ئەمىللەشتۇرۇپ خەلق رازى بولغان مائارىپ بەرپا قىلىپ لوپنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تىگىشلىك تۆھپە قۇشۇش .
  2.خىزمەت نىشانى
ناھىيلىك پارتىكۇم، ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇشىغا ئاساسەن مەكتىپىمىز ھەر قايسى تارماق مەكتەپلەرگە ماركىسىزىملىق دىن قارىشى،پارتىينىڭ دىن سىياسىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك قانۇن-تۈزۈملەر ھەمدە ئاتئېزىم تەربىيسى ئارقىلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا دىنغا توغرا مۇئامىلە قىلىش تەربىيسىنى كۈچەيتىپ، مەكتەپ مۇھىتىنى ھەقىقى ساپلاشتۇرۇپ، سەپسەتىلەرنى تازىلاپ كەڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىللەت بۆلگۈنچلىرىگە قارشى تۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىگىنى قوغداش ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ  مەكتەپلەرگە دىننىڭ سىڭىپ كىرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش ئۇزاق مۇددەتلىك خىزمەت مىخانىزىمىنى قۇرۇپ،يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا مەكتەپ مۇھىتىنى ساپلاشتۇرۇپ ساغلام، ياخشى بولغان ئوقۇتۇش كەيپىياتىنى يارىتىش.
3.تەشكىلى رەھبەرلىك
پائالىيەتنىڭ ئۇڭۇشلۇق، ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىلىشىنى ھەقىقى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن مەكتىۋىمىزدە مەخسۇس ئۈگۈنۈش پائالىيتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپىسى قۇرۇپ چىقىلدى.
گۇرۇپپا باشلىقى:             پەن شۆسۇڭ               مەكتەپ پارتىيە ياچايكا شۇجىسى
مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى:     سەيدىمەمەت نۇرمەمەت    مەكتەپ مۇدىرى
ئەزالىرى:         تۇرسۇنجان ياسىن     مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى
                 مەمەتئېلى مەتنۇرى    ئەخلاق تەربىيە مۇدىرى
                 ئابدۇۋېلى ئىگەمبەدى   ئىلمى مۇدىر
                 ئىمىنىياز قۇرباننىياز     خۇجۇلۇق مۇدىرى
  رۇزمەمەت ئابدۇللا       ئەخلاق تەربىيە بۈلۈم كادىرى
ھەرقايسى تارماق مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ مەسئۇللىىرى  رەھبەرلىك گۇرۇپا قارمىقىدا مەخسۇس ئىشخانا تەسىس قىلىندى، ئىشخانا ئورنى ئەخلاق تەربىيە بۈلۈمىدە بولىدۇ، ئىشخانا مۇدىرلىقىنى مەكتەپ ئەخلاق تەربىيە مۇدىرى مەمەتئېلى مەتنۇرى ئۆتەيدۇ.
4.خىزمەت ۋەزىيپىسى
1.        رەھبەرلىك كۈچەيتىلىپ خىزمەتلەر ئەستايدىل ئورۇنلاشتۇرلىدۇ. بۇ خىزمەتكە مەخسۇس رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ ئەزالارنىڭ ئىش-تەقسىماتى بىكىتىلىپ خىزمەت پىلانى تۈزۈلۈپ خىزمەتلەر شۇ بۇيىچە ئەمىللەشتۇرۇلىدۇ.
2.        ۋەزىيپىنى ئېنىق تۇنۇپ قاتلاممۇ-قاتلام ئەمىللەشتۇرىمىز. مەسئۇلىيەتنى كىشى بېشىغىچە بىكىتىپ تۆتنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنىڭ تەلىپى بۇيىچە مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلارغا مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالاپ ھەقىقى ئەمىللشىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ دىننىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىرىكمە كۈچى ھاسىل قىلىپ مەكتەپتىكى دىننى كەيىپىياتى قۇيۇق ئائىلە پەرزەنىتلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى ئىنىقلاپ ئۇلارغا بولغان باشقۇرۇشنى تېخمۇ كۈچەيتىپ ئۇبىكىتىلارغا قارىتا باشقۇرۇش پىرىنسىپلىرىنى بىكىتىپ قاتلاممۇ-قاتلام ئەمىللەشتۇرۇشنى ھەقىقى ئىشقا ئاشۇرىمىز.
3.        ئۆگىنىش تەربىيە تۈزىمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىمىز. مەكتىپىمىز مۇناسىۋەتلىك دىننى سىياسەت، قانۇن-تۈزۈم، ھۆججەتلەرنىڭ روھى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆگىنىش مەزمۇنى قىلىپ مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلارغا دىننىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشىنى چەكلەش ئۆگىنىش پىلانى تۈزۈپ ھەر ئايدا 1قېتىم نەزىرىيە ئۆگىىشى قىلىش، خاتىرە قالدۇرۇش، يوقلىما قىلىش، كىتاب ئوقۇش خاتىرىسى ۋە تەسىرات يېزىشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.
4.        سىردىشىش تۈزۈمىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرىمىز. قاتلاممۇ-قاتلام مەسئۇل بۇلۇش تۈزىمىنى ئىجرا قىلىپ ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇتقۇچىلارغا ھۆددىگە بىرىش، ھەر 10ئوقۇغۇچىنى بىر گۇرۇپپا قىلىپ بىر-بىرىگە مەسئۇل قىلىش، نازارەت قىلىشنى ھەقىقى ئىشقا ئاشۇرىمىز.
5.        مەكتىپىمىزنىڭ تەتىل مەزگىلىدىكى ھەر جۈمە كۈنى مەكتەپكە قايتىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمىللەشتۇرىمىز. كەڭ ئوقۇتقۇچى، ئىشىچى-خىزمەتچىلەر، پىنسىيگە چىققان ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە قايتىىش تۈزىمىنى ھەقىقى ئىزچىللاشتۇرىمىز. ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە قايتىش نىسبىتىنى %95دىن يۇقىرى بۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.
6.         نوقتىلىق ئائىلە پەرزەنىتلىرىنى باشقۇرۇشنى ھەقىقى كۈچەيتىمىز. بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئاساسى ئەھۋالىنى ئىنىقلاپ نوقتىلىق ئائىلە پەرزەنىتلىرىنى ئوقۇتقۇچىلارغا ھۆددىگە بىرىپ تەربىيە بىرىشنى ھەم باشقۇرۇشنى كۈچەيتىمىز.
7.         «ئۈچنى تۇتۇش، تۆت زىيارەت، بەش ئىنق بۇلۇش»خىزمەت مىخانىزىمىنى ئىزچىل ئەمىللەشتۈرىمىز.
8.         «ناچار ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىپ يېڭى ئىستىل تىكلەش»پائالىيتىنى داۋاملىق پۇختا قانات يايدۇرىمىز. بۇ جەرياندا نۇتۇق سۆزلەش، ھىكايە ئوقۇش ماۇسابىقىسى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا مەكتەپ يېڭى ئىستىلىنى ئائىللەرگە كىرگۈزۈش پائالىيتىنى موللاشتۇرۇپ ئېلىپ بېرىپ بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا قانۇنسىز دىننى پائالىيەت بىلەن قانۇنلۇق دىننى پائالىيەتنى ئايرىىش ئېڭىنى تېخمۇ يۇقىرى كۆتۈرىمىز.
9.         قاتلاممۇ-قاتلام تەشۋىقى تەربىيەنى كۈچايتىمىز. زىھىن سىناش، سۆھبەت، ئەدەبىيات-سەنئەت، قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق ماركىسىزملىق بەش قاراش، تۆتنى تۇنۇش، ئۈچ ئايرىلالماسلىق ئىدىيسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرىمىز.
10.        سىنىپ مۇدىرى تەتىل مەزگىللىرىدە نوقتىلىق ئائىلە پەرزەنتلىرى ھەم نوقتىلىق ئائىلىلەرگە قارىتا ئارىلاپ قەرەلسىز تەكشۈرۈش، ئەستايىدىل خاتىرە قالدۇرۇشنى يولغا قويىمىز.
11.         مەكتەپنىڭ جىبەرلىك تۈزۈمىنى كۈچەيتىمىز. مەكتەپلەرنىڭ 24سائەتلىك جىبەرلىك تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمىللەشتۇرىمىز.
12.         قانۇن تۈزۈم تەربىيسىنى كۈچەيتىمىز. قانۇن-تۈزۈم مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرىنىڭ رولىدىن تۇلۇق پايدىلىنىپ سىياسى يىتەكچى، قاتارلىقلارنىڭ رولىدىن تۇلۇق پايدىلىنىپ  لىكسىيە شەكلى ئارقىلىق بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا قانۇن-تۈزۈم لىكسىيسى سۆزلەپ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇن-تۈزۈم ئېڭىنى كۈچەيتىمىز.
13.         ھەرخىل پائالىيەتلەر ئارقىلىق ھەقىقى ئۈنۈم ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.  ھەرخىل سەھنە، قارادوسكا، سەھنە، رەسىم سەھنىسى، ئەدەبىيات-سەنئەت، قىزىل كىنو كۇرۇش قاتارلىق ئەمەلىي پائالىيەتلەرنى كۆپلەپ ئۆتكۈزۈپ ھەقىقى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۇرىمىز.
14.         پىنسىيگە چىققان ئوقۇتقۇچىلارنى باشقۇرۇشنى ھەقىقى كۈچەيتىمىز. پىنسىيگە چىققان ئوقۇتقۇچىلارنى ھەقىقى باشقۇرۇش ئۈچۈن ھەر ۋاقىت ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرۇپ ھەر ئايدا يەنى ھەر ئاينىڭ 3-ھەپتىسدىكى جۈمە كۈنى مەكتەپكە يىغىلىپ ئۇلارغا ۋەزىيەت تەربىيسى ۋە ئۆگىنىش قىلدۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.
15.        مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيسى ھەقىقى كۈچايتىلىدۇ.

دول باشلانغۇچ مەكتەپ
2015-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-5-26 09:55:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىرىڭىزگە كۆپ تەشەككۇر، جاپا تارتىپىسز.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش