| ئوقۇتقۇچىلار ھەركەت ئۆلچىمىدىكى ‹‹ئونغا يول قويماسلىق››
1)مەدەنىيەتسىز سۆزلەرنى ئىشلىتىشكە يول قويماسلىق. 2)مەكتەپ ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چىكىش، خىزمەت ۋاختىدا ھاراق ئىچىشكە يول قويماسلىق. 3)بەك قېنىق گىرىم قىلىش، غەلىتە كىيىنىپ مەكتەپ ۋە دەرىسخانىغا كىرىشكە يول قويماسلىق. 4)سەۋەپسىز خىزمەت، دەرىس قالدۇرۇشقا، كىچىكىشكە، بالدۇر قايتىشقا، ئۆزبېشىمچىلىق بىلەن دەرىس ئالماشتۇرۇش ۋە تەييارلىقسىز، دەرىس تەييارلىقىنى ئالماي دەرىسكە كىرىشكە يول قويماسلىق. 5)ئۆزىنىڭ ناچار روھى ھالىتىنى دەرىسكە ئېلىپ كىرىشكە يول قويماسلىق. 6)دەرىس ۋاختىدا تىلىفۇن ئېلىشقا، ئۇچۇر يوللاش قۇبۇل قىلىشقا يول قويماسلىق. 7)ئۇقۇغۇچىلارغا ياكى سىنىپ كادىرلىرىغا تاپشۇرۇق بىرىپ ئۆزگەرتىش ۋە باھا سۆزى يېزىشقا يول قويماسلىق. 8)نۇمۇر ۋە دەرىجىسى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى رەتكە تىزىشقا، بۇنى ئوقۇغۇچىغا باھا بىرىشنىڭ بىردىنبىر ئۆلچىمى قىلىۋېلىشقا يول قويماسلىق. 9)ئوقۇغۇچىلاردا كۆرۈلگەن ئۆگۈنۈش، تۇرمۇش، پىسخىكا، ھىسيات قاتارلىق مەسىلىلەرگە سەل قاراشقا يول قويماسلىق. 10)ئوقۇغۇچىلارنى تىجارەت خارەكتىرلىك تەبىرىكلەش ۋە كۈتىۋېلىش ئۇزۇتۇش پائالىيەتلىرىگە تەشكىللەشكە يول قويماسلىق.
|
|