كۆرۈش: 177|ئىنكاس: 0

تىل-يېزىقلىرىمىزدىكى ۋەتەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋەتەن-بۈگۈنىمىز، ئۆتمۈشىمىز ھەم كەلگۈسىمىز
تىل-يېزىقلىرىمىزدىكى ۋەتەن

    ساۋاقداشلار، بىز باشلانغۇچ مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگەندىن باشلاپ ھازىرغىچە بولغان توققۇز يىل جەريانىدا دەرسخانىدا ئەڭ كۆپ تىلغا ئالىدىغان سۆز‹‹ۋەتەن››سۆزىمىكىن دەيمەن. قايسىڭلار‹‹ۋەتەن دېگەن نېمە؟›› دېگەن سۇئالغا تەپسىلىي جاۋاب بېرىپ باقىسىلەر؟
- ۋەتەن دېگىنىمىز دۆلەتنى كۆرسىتىدۇ.
- بېرىلگەن جاۋاب توغرىمۇ؟
- توغرا!!
- جاھاندا ئۆز ۋەتىنىگە قارشى تۇرىدىغان ئادەملەر بولامدۇ؟
- بولمايدۇ!!!
- ئەمىسە، جۇڭگو خەلقىنىڭ چىڭ سۇلالىسىگە، جۇڭخۇا مىنگوغا قارشى كۈرەش قىلغانلىقىنى، لىۋىيە خەلقىنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرۇشىنى نېمە دەيمىز؟
- …
- دېمەك، ۋەتەن سۆزىنى پەقەت دۆلەت مەنىسىدىلا چۈشەنسەك پۈتۈنلەي توغرا بولامدىكەن؟
- بولمايدىكەن.
- ئەمىسە ۋەتەن دېگەن نېمە؟
- ۋەتەن بىر دۆلەتنىڭ زېمىنى.
- ئىگىلىك ھوقۇق يۈرگۈزگۈچى بىر دۆلەت بولمىسا، بىر دۆلەتنىڭ زېمىنى بولامدۇ؟
- بولمايدۇ!
- ئۇنداقتا ۋەتەن دېگىنىمىز ھازىرچە نېمە-نېمە بولدى؟
- ۋەتەن دېگىنىمىز زېمىن ۋە ئۇنىڭغا ئىگىلىك ھوقۇق يۈرگۈزگۈچى دۆلەت.
- يەنىچۇ؟
- ….
- ۋەتەننى پەقەت زېمىن  بىلەن دۆلەت دەپلا قارىساق، ئۇنداقتا ۋەتەن ئىگىسى يوق مازار غوجام بولۇپ قالامدۇ قانداق؟
- ۋەتەن دېگىنىمىز بىر دۆلەتنىڭ زېمىنى، شۇ زېمىننى قوغدىغۇچى دۆلەت ۋە خەلقنى كۆرسىتىدۇ.
- ياخشى، يوقاردا ساۋاقداشلار ۋەتەننىڭ نېمىلىكى ھەققىدە قەدەممۇ-قەدەم  خېلى چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزدى. ئەمدى مەن يوقارقى ساۋاقداشلارنىڭ پىكىرىنى تېخىمۇ تولۇقلاپ ئۆتەي: دۆلەتنى بۈگۈنىمىز دەپ چۈشەنسەك، ۋەتەننى بۈگۈنمىز، ئۆتمۈشمىز ھەم كەلگۈسىمىز دەپ چۈشىنىپ تۇرايلى .   
    دۆلەت بولسا ھۆكۈمەت، خانلىق، سۇلالە، ھاكىمىيەت ۋە جۇمھۇرىيەت دېگەن سۆزلەرگە ئوخشاش زامان، ماكان چەكلمىسىگە ئىگە بولغان ھېسسىز سىياسىي سۆز. ۋەتەن بولسا ‹‹ئانا›› ،‹‹يار›› دېگەن سۆزلەرگە ئوخشاش زامان، ماكان چەكلىمىسىگە ئىگە بولمىغان قۇيۇق ھېسسىي تۈسكە ئىگە ئەدەبىي سۆز .
    تار، تېيىز مەنىدىكى ۋەتەن دېگىنىمىز بايا ساۋاقداشلار دېگەندەك بىر دۆلەتنىڭ زېمىنى، شۇ زېمىننى قوغدىغۇچى دۆلەت ۋە خەلقنى كۆرسىتىدۇ.
    كەڭ،چوڭقۇر مەنىدىكى ۋەتەن دېگىنىمىز خەلق ۋە شۇ خەلقنىڭ ئەجدادلىرى ھەم ئۆزلىرى ياشاپ كەلگەن كەڭ زېمىننى، ئەجدادلىرى ھەم ئۆزلىرىنىڭ ئېتىقادى،قىممەت قارىشى،مائارىپى،تىل-يېزىقى، تارىخى، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئۆرۈپ-ئادىتى، ھۆنەر-سەنئىتى، ئەدەبىياتى،سەنئىتى، ئىلىم-پەن، مەدەنىي پائالىيىتى ۋە مىللىي روھى…ۋاھاكازالار.
    كەڭ مەنىدىكى ۋەتەننىڭ نېمىلىكىنى ئوبدان بىلىۋالساق، ۋەتەننى قانداق سۆيۈشنى ئاسانلا بىلىۋالالىشىمىز مۇمكىن.
يەر زېمىننى قەدىرلىمەي، موھىتنى ئاسرىماي تۇرۇپ ۋەتەننى سۆيۈشتىن ئېغىز ئاچقىلى بولامدىكەن؟
- بولمايدىكەن.
- دۆلەتنى ۋە دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغدىمىسا، ۋەتەننى سۆيگەنلىك بولامدىكەن؟
- ۋەتەننى سۆيگەنلىك بولمايدىكەن.
- خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلمىسا، ۋەتەننى سۆيگەنلىك بولامدىكەن؟
- ۋەتەننى سۆيگەنلىك بولمايدىكەن.
- تارىختا ئۆتكەن ئەجدادلىرىنى بىلمەسلىك، ئۇلۇغلىماسلىق، ئەجدادلىرىنىڭ تارىخنى بىلمەسلىك ۋە قىزىقماسلىق ۋەتەننى سۆيگەنلىك بولامدىكەن؟
- بولمايدىكەن.
- ئەجدادلىرى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئېتىقادقا، قىممەت قاراشقا، ئېسىل ئەنئەنىگە، ئەجدادلىرىنىڭ مىللىي روھىغا ۋارسلىق قىلماسلىق، ۋەتەننى سۆيگەنلىك بولامدىكەن؟
- بولمايدىكەن.
- ئەجدادلىرى ئىشلەتكەن ۋە ئۆزلىرى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان تىل-يېزىقنى بىلمەسلىك ۋە ياخشى بىلمەسلىك ۋەتەننى سۆيگەنلىك بولامدىكەن؟
-  بولمايدىكەن.
- ئەجدادلىرىنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئۆرۈپ-ئادىتى، ھۆنەر-سەنئىتى، ئەدەبىياتى، سەنئىتى، ئىلىم-پەن، مەدەنىي پائالىيىتى…قاتارلىقلارنى بىلمەسلىك، تەرققىي قىلدۇرۇشقا تىرىشماسلىق ۋە ھەسسە قوشماسلىق ۋەتەننى سۆيگەنلىك بولامدىكەن؟
- بولمايدىكەن.
- ياخشى، بىز باشلانغۇچ مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگەندىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر ۋەتەننى پەقەت زېمىن، خەلق ياكى دۆلەت دەپ يۈزەكى بىلىپ كەلدۇق. مېنىڭ بۈگۈن يوقارقى نۇقتىلارنى ئالاھىدە تەكىتلىشىم بىر ئوقۇغۇچىغا نىسبەتەن ئۆز مىللىتىنىڭ تىلدا توغرا،راۋان، چۈشنىشلىك، چىرايلىق سۆزلەش، ئۆز مىللىتىنىڭ يېزىقىنى توغرا، راۋان، چۈشنىشلىك ۋە خۇش ئاۋازدا ئوقۇش ۋە ئۆز مىللىتىنىڭ يېزىقىدا توغرا، رەتلىك، چىرايلىق يېزىشنىڭ ئۆزى ۋەتەننى قالتىس سۆيگەنلىك بولىدىغانلىقىنى، ئەكسىچە سۆزلىيەلمەسلىك، ئوقۇيالماسلىق، يازالماسلىق ۋە قىزىقماسلىقنىڭ نېمە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش، بىلدىڭلارمۇ؟
- بىلدۇق.
- ئۇنداق بولسا، كىتابخانا، موزىيخانلاردا، خاتىرە سارايلىرىدا، سىنىپىمىزدا، ئۆيىمىزدە، مەھەللىمىزدە، مەكتىبىمىزدە، ئەتىراپمىزدا ۋەتەن بارمىكەن؟
- باركەن.
- قەبىرىستانلىقلاردا، مازارلاردا، بازارلاردا، ۋەتەن بارمىكەن؟
- باركەن.
- تارتمىمىزدا، بۇخچىمىزدا، كىتابىمىزدا ۋەتەن بارمىكەن؟
- يۈرىكىمىزدە، تومۇرىمىزدا، قولىمىزدا، تىلىمىزدا، دىلىمىزدا، قەلبىمىزدە ۋە ئېڭىمىزدا ۋەتەن بارمۇ؟
- بار!!!
- بۇنىڭدىن كېيىنمۇ  بولامدۇ؟
- بولىدۇ!!!
- بۈگۈنكى دەرسىمىز مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى. دەرسىمىزنىڭ تېمىسى ‹‹ۋەتەن-بۈگۈنىمىز، ئۆتمۈشمىز ھەم كەلگۈسىمىز، تىل-يېزىقلىرىمىزدىكى ۋەتەن››.
    كېلەر سائەتتىن باشلاپ ئۈچ سائەت ‹‹ئۇيغۇر يېزىقلىرى›› دېگەن مەخسۇس تېما ئۆتۈلىدۇ. كېلەر سائەتتە بارلىق ساۋاقداشلاردىن سورايدىغان تاپشۇرۇق: ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان قوللانغان بەش خىل يېزىقنىڭ نامىنى پۇختا يادىلاپ كېلىش.
مەنبە:  ئۆز قەلەم

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش